Home » Archive

Articles Archive for ئىيۇل 2011

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ئىيۇل 2011 | 3 Comments | 3,954 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار
چەتئەلدىكى ھىكايە
غەرپتىكى مەلۇم دۆلەتتە بىر قانچە ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىكەن. ئارىدىكى بىرى خىزمەت ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ئىشنى باشلىققا ئىنكاس قىلىپتۇ. نەتىجىدە ئىنكاسچى ئىدارىدە يەكلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مەن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باھاسى مۇنداق بولدى. ”ھەممەيلەن ئۇيغۇر تۇرسا نېمە قىلىدۇ دوكىلات قىلىپ؟“، ”مۇئاشنى خەق بېرىۋاتسا نېمە كارى؟“، ”باشلىقى ئۇيغۇر بولسىغۇ بىر گەپ، ئۇيغۇرنى ياتقا چاقتى دېگەن نېمە ئىش؟“
ئىچكىرىدىكى ھىكايە
بىر كۈنى دۆلەتلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھانغا نازارەتچى بولۇپ قالدىم، مەن بىلەن بىللە نازارەتچى بولغان مۇئەللىم“ بۇ سىنىپتا بىرمۇ ئۇيغۇر …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر »

[30 ئىيۇل 2011 | No Comment | 3,113 قېتىم كۆرۈلدى]

مەسلەك قىزغىنلىقى ۋە تاشلاندۇق مەسىلىلەر
گۇلەن
كىرىش: مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە مەسلەك (ئىدولوگىيە) قىزغىنلىقى
مىللەتنىڭ «نۇقسان» لىرىنى سازايى قىلىش ئەۋج ئالغان زامانلاردا يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر بۇ قىزغىنلىقنى ئۆيگە ئوغرى كىرسە ئوغرىنى تۇتماي ھەممەيلەننىڭ «ئوغرى كەلدى!» دەپ تۇشمۇ ـ تۇشتىن ۋارقىراشلىرىغا ئوخشاتقان ئىكەن. مەنچە 90-يىللاردا ئەۋج ئېلىپ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقان ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىدا مەسىلىنىڭ بايقالغانلىقى قىممەتلىك. ھازىرقى ئىزدىنىشلەر مەسىلىلەر بايقالغاندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك دېگەن تۇتقۇغا باغلىنىپ مېڭىۋاتىدۇ. مەن ئىللەتچىلىك ئەدەبىياتىدا مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىلەن ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنمىغاچ، بۈگۈنكى قارىغۇلارچە مەسلەك(ئىدولوگىيە) قىزغىنلىقىغا يول ئاچتى دەپ قارايمەن. دېمەكچى بولغىنىم، مەسىلە كونكرىت تەھلىل قىلىنغان بولسا ھەل قىلىش …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ئىيۇل 2011 | One Comment | 1,419 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
29. ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز
-سۆيگۈ قەپىزىدىن ئەقىل قوندىقىغا
«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىنى يېزىپ بولۇپ ئاخىرىنى داۋام قىلمىدىم. سەۋەبى بىرى ۋاقتىم چىقمىدى، يەنە بىرى نېمىلەرنى كەم نېمىلەرنى ئارتۇق، نېمىنى ئۇتۇقلۇق، نېمىنى ئۇتۇقسىز يازغانلىقىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. يازمامنى ياقتۇرغانلاردىن سورىدىم، ئەمما ئېنىق جاۋاپ چىقمىدى. ئارىدا بىر ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى. دېيىلىشىچە ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ 30 ياشقا كىرىپ قالغان، بىر بالىلىق بولغان بىر يىگىت ئۆيىنى گۆرۈكەشكە 80 مىڭ سومغا گۆرۈگە قويۇپ يوقاپ كېتىپتۇ. ئانا يىغلاپتۇ، قېرىنداشلار ئىزدىمىگەن يەر قالماپتۇ. بالا يوق. بالىنىڭ قېرىنداشلىرى نەچچە يىلدىن بېرى قىمار …

ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ئىيۇل 2011 | No Comment | 1,307 قېتىم كۆرۈلدى]

تۈركىيەدىكى نورۇزۇم
گۇلەن
تۇنجى نورۇزنى يۇرتۇمدا بۈگۈنگىچە مەۋجۇدلۇقۇمغا سەۋەپ بولغان تۇيغۇلارنىڭ تۇنجى ئەۋجىدە ئۆتكۈزگەنىدىم. نورۇزدا ھاياجانلىرىمنى ئاڭلىتارغا كىشىم بارتى، ئاڭلىتالىغۇدەك جۈرئەت، قۇدرەت يوقتى. سىرىتقا تاشالمىغان ھاياجان ئىچىمگە تىنىپ قەلىب قورغانلىرىمنى شۇ چاغدىن باشلاپ مۇستەھكەملىگەن بولۇشى مۇمكىن.نورۇزۇمىزغا مەرھۇم تارىخچىمىز كەلگەن، بىز بىلەن ساماغا چۈشكەنىدى. يۇرتۇمدىكى تۇنجى نورۇزنى قەلبىمگە يىلتىزلىغان ئازابلىرىمنى ئۇنۇتالمىغاندەكلا ئۇنۇتالمايمەن. يىگىرمە يىلدىن ئېشىپتۇ، خىيالىمدا يەنە شۇ نورۇز. شۇندىن كېيىن باشقىلارغا نورۇز يېڭى يىلنىڭ باشلانمىسى بولسا ماڭا كونا ئازاپنىڭ ئەسلەتمىسى بولۇپ كەلدى.
بېيجىڭدىكى چاغلاردا دائىم ”نورۇز تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئورتاق بايرىمى“ دەيتتۇق ۋە مەكتىپىمىزدىكى قازاق، قىرغىز باغىرلىرىمىز بىلەن بىللە بايرام قىلاتتۇق. شۇڭىمىكىن خىيالىمدا …

ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[30 ئىيۇل 2011 | 3 Comments | 1,625 قېتىم كۆرۈلدى]

ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
28. قىينچىلىقنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىق
1.غەلىبە نەدىن باشلانغان؟
- ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە
بىر قانچە يىل بۇرۇن ”ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە“ دېگەن بىر تېمىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى بولغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئويلاشقۇچى بولمىغانىدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۇ يىلى ئامېرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ فىزىكا پاكولتىتىغا تولۇق مۇكاپات بىلەن قوبۇل قىلىنغان بىر ئىنىمىزنىڭ دوستىدىن ئالغان خوش خەۋىرى مېنى بۇ تېمىغا باشلىدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 2009-يىلى ئۇنىڭغا مەكتەپداش ئىككى ئۇيغۇر يىگىت ئامېرىكىغا بىرئۇيغۇر  قىز كورىيەگە ئوقۇشقا ماڭغانىكەن. بۇيىل ئۈچ مەكتەپداش ئۇيغۇر (ئىككى …

Headline, ئۇنىۋېرسال, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[28 ئىيۇل 2011 | 25 Comments | 6,236 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى

سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى. رانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن،

ئەندىزە, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش »

[28 ئىيۇل 2011 | 2 Comments | 1,204 قېتىم كۆرۈلدى]

تەكلىپلىك يازما (guest post) ئاپتۇرى دىلنۇر رەيھان (پۇلات) 2004 -يىلنىڭ ئاخىرى فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن. بىر يىللىق فرانسۇز تىلى ئوقۇشىدىن كىيىن، ۋېرسال ئۇنىۋېرسىتىدا بىر يىل سىياسەت ئىلمى ۋە ئالاقە كەسپىدە كەسپى ماگىستىرلىق ئوقۇغان. كىيىنكى يىلى پارىژ 13-ئۇنىۋېرسىتىدا ئۇچۇر ۋە ئالاقىگە دائىر يۇقىرى تېخنىكىلىق تۈرلەرنى باشقۇرۇشتا ئىككى يىللىق كەسپى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، 2008-يىلى پارىژدا بىر يىل پۈبلىسىس ئالاقە گۇرۇھىدا تۈر باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ھەم فرانسىيەدە چىقىدىغان قوش تىللىق ھەپتىلىك گېزىت زامان نىڭ فرانسۇزچە سەھپىسى ئۈچۈن بىر مەزگىل مۇخبىر بولغان. 2008- يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن، پارىژ 7-ئۇنىۋېرسىتىتې جەمىيەتشۇناسلىق ۋە ئىنسانشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ كۆچمەنشۇناسلىق ۋە …