باشبەت » Headline, ئۇنىۋېرسال, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى

28 ئىيۇل 2011 4,426 قېتىم كۆرۈلدى 24 ئىنكاس

فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى
تەكلىپلىك ئاپتۇر دىلنۇر رەيھان

سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى.

فرانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ يەتتە يىلدىن بېرىقى فرانسىيەدە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە روياپقا چىقارغان ئىجادىيەت دېسكىسى ”سەۋدا“ 2010-يىلى فرانسىيەدە نەشردىن چىقىپ، فرانسىيە مەدەنىيەت ئوچاقلىرىدا تارقىتىلىۋاتىدۇ. ژانى شۇ يىلى شىنجاڭغا قايتىپ، دېسكىسىنى ئۈرۈمچىدە چىقىرىشقا كۆپ تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ نەتىجىسى بولمىغان. دېسكا فرانسىيەدە ئىشلەنگىنى ئۈچۈن، ئاۋاز سۈپىتى جەھەتتىن ئالاھىدە ئەلا ۋە تەننەرخى بىر ئاز يۇقىرى. شۇڭا شۇنچە يىللىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىنى ئۈرۈمچىدىكى دېسكىخانىلارنىڭ ئەرزان باھادا كۆچۈرۈپ تارقىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، فرانسىيەدە ئەسەر ھوقۇقى بويىچە ئەنگە ئالدۇرىۋەتكەن. يېڭى ناخشىلىرىنى ئۈرۈمچىدە دېسكا شەكلىدە تارقىتىشقا كۆپ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغىنى ئۈچۈن، ئىچىدىن تاللاپ، بىر قانچىلىرىنى ئۇيغۇر تورلىرىدا تارقاتماقچىمىز.

”سەۋدا“ دېسكىسىدا جەمئىي ئون ئىجادى ناخشا بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

ئاشىق مىسراسى

ئۇنۇتالمىدىم

سەۋدا

ئەسلەرسەنمۇ مېنى

يوق-يوق

مۇھەببەت سىرى

كۆزلەر-سۆزلەر

باھاردا توزىغان چېچەك

ئېھتىمال

سەن

ژانىنىڭ تور يۈزىدىكى مۇزىكا ئامبارلىرىدىكى ئورنىدىن ئۇنىڭ كۆپەيتمە ناخشىلىرىنى ئاڭلىيالايمىز:

http://www.myspace.cn/janymusic

http://www.myspace.com/janymusique

http://www.reverbnation.com/jany

فېيىسبۇكتىكى ژانى ناخشىلىرى بېتى:

https://www.facebook.com/janymusic

ژانى ناخشا كېچىلىكىدىن ئارىيە

http://v.youku.com/v_show/id_XMjg2MDEyMTI0.html


















تۈگىدى. تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس ئاسىتغا يازساڭلار دىلنۇر كۆرۈپ جاۋاپ بىرىدۇ ھەم ژانىغا يەتكۈزىدۇ.

ژانىنىڭ ناخشىسىنى ياخشى كۆرگەنلەر  دېسكىسىنى سېتىۋېلىپ ئاڭلاڭ.
ياخشى كۆرمىگەنلەر ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەننى ئاڭلاۋىرىڭ.
باشقا بەتكە كۆچۈرگۈچىلەر يازغۇچى ۋە مەنبەنى ئەسكەرتىڭ.
ھىچنىمە قىلمىغۇچىلار ئىلان چىكىڭ.


دىكى ئىلمى مۇنازىرە يىغىنىدا ئۇيغۇر تىلى

24 ئىنكاس بار »

  • ئەنۋەر :

    چەتئەلەردە ئوقۇۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى چەتئەللەرگە تونۇتۇشنى ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس بۇرچى دەپ بىلىدىكەن، مېنىڭ ئىنىممۇ ياۋروپادا ئاشۇنداق پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلىپتىكەن، ئۇلارغا ئاپىرىن. ئەلىجان داۋاملىق تىرىشىڭ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ جەۋھەرلەرىنى ئۇلارغا تونۇشتۇرۇڭ.
    سىزگە ئالەمچە ئۇتۇق ۋې شان – شەرەپ تىلەيمەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • قۇشقاچ :

    يارايسىز ،،،، داۋاملىق تىرىشىڭ…

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئادىل :

    مەن بۇ ئۇيغۇر ناخشىچىمىزدىن پەخىرلەندىم.چۈنكى باشقا بىر دۆلەتتە باشقا مىللەتنىڭ ئارسىدا چولپان بولۇش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس، شۇڭا بۇ چولپىنىمىزغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن!لېكىن بىر تەۋسىيەم ئۇيغۇر بولغاندىكىن،ئۇيغۇرچە ئىسىم قوللانسا چەتئەللىكلەر ئارسىدا ئۇيغۇرغا ياخشى ئىسمىنى سورىسا ژانىي دىسە ئۇ ئۇيغۇرمۇ باشقا مىللەتمۇ بىلەلمەيدۇ! ئۇيغۇرنى دۇنياغا تۇنۇتۇش مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن ھەممە نەرسىمىز ئۇيغۇرچە بولسۇن،لېكىن دەۋىرگە ماسلاشسۇن!دەۋىرگە ماسلاشتى دەپ ئاشۇرۋەتمىسۇن! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! ئېلىجان

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ipek :

    非常不错的一张碟,非常喜欢!!!被称作世界艺术之都的巴黎舞台上。。。这么优美的旋律。。。这么美妙的歌声。。。来自于我们维吾尔族。。。自豪啊!!!唱的是我们长唱不衰、常听不厌的经典老歌,他的歌声又一次证明这些乐曲超强的生命力、感染力和震撼力!付出总会有回报,祝Jany: 海阔凭鱼跃,天高任鸟飞!
    不知怎么输入维文,太激动了又不想闭嘴,对不起各网友!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇسا :

    قارىغاندا بۇ بالا بۇرۇن تويلاردا دىيەنزىچىن چالىدىغان بالىلار ئوخشايدۇ.
    ناخشىلار بەك كونا، يېڭىلىق كام. يەنىمۇ تىرىشىڭ

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تورباجىن :

    بۇ بالىنىڭ ئاۋازى نىمە دىگەن يېقىملىق.مۇڭلۇق ئاۋازى ماڭا بەك ياختى. ئىلىجان سىز بىزنىڭ پەخرىمىز.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئەزمەت :

    باللا ئۇنىڭ چاغان دىپىغا ئۇسۇل ئوينىماڭلار ، بۇ توۋا دىگەن بىر نىمىنڭ بىر يىرى قىتىشپ قالغان ئوخشايدۇ ..

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئۆتكۈر :

    ‹مۇشۇمۇ تەخەللۇس بولدىما؟ نىمە باكادىن باكا ئېلان چېكىمىز؟ يا ئۇ ئېلاننى ئوقالمىساق!›

    خەپ جۇمۇ!!بەزەنبىرھىچقانداسەۋىيىسى يوق ئوبزورچىلارنى،نىمىشقاباشقىلارنى كۆرەلمەيدىغاندۇ،ئۆزى نىمىش قىلىدىغاندۇھە؟ئالدى بىلەن ئۆزى بىرئشنى باشقائەپچىقىپ بېقىپ ئاندىن بىلجىرلىساتوغراچۈشەنسەك كاشكى،باشقىلارغائامەت،تىنىچلىق،ھىدايەت تىلەش ئولارغائازاپ ئوخشايدۇ؟
    سۈيۈملۈك‹TOWA›قېرىندىشىم سىزگە قاندىقى لازىم؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نۇرلۇق :

    ناخشىلىرىڭىز بەكمۇ ئېسىلكەن. بولسا بەزى چەكلىمىلەرگە ئۇچىرىمىسا ماھىر زايىنگە ئوخشاش ئۇيغۇرچە مۇشۇنداق مۇڭلۇق ئىسلامچە ئادەمنى ھىدايەتكە باشلايدىغان ئېسىل ناخشىلارنىمۇ ئېيتقان بولسىڭىز، بىز ھازىر شۇنداق ناخشىلارغا بەكرەك مۇھتاجمىز.(پەقەت مېنىڭ كىچىىككىنە تەكلىپىم) رەھمەت.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نۇرلۇق :

    ناخشىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم، شۇنچە مۇڭلۇق، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولسۇن، ئۇيغۇر دەپ سوققان يۈرىكىڭىزگە دەرىت كەلمىسۇن
    بىز ئارقىڭىزدا مەدەتكارمىز، داۋاملىق تىرىشىڭ. بەزىلەرنىڭ ئالا-جوقا سۆزلەپ قويىشىدىن ساقلىنىش قىيىن، بىراق كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، ئۇلارمۇ يامان نىيەتتە ئەمەستۇر بەلكىم.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تۇغرۇل :

    ناخشىلىرىنى ياقتۇردۇم،مەيلى ئاھاڭ،مەيلە مۇزىكا ۋە مەيلى ئاكۇردلاشتۇرۇش-ئورۇنلاش جەھەتتە بولسۇن… مەن ياقتۇردۇم!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تۇغرۇل :

    چەتئەللەردە شۇنچىلىك زالنى ئېلىپ بىر پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇش ھەم مۇشۇنچىلىك قىلماقمۇ ئاسان ئەمەس!غەيرىتىڭىز ۋە شىجائىتىڭىز ئاپىرىن،سىزگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن! ناخشىلىرىڭىز فىرانسىيە ئارقىلىق ۋەتەننى ھەم باشقا ئەللەرنى قاپلىسۇن!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تۇغرۇل :

    يېڭى يىزىلغان ئىنكاس ئۈستىگە چىقىۋالىدىكەن،شوڭا ئىنكاس ئوقۇغۇچىلار ئاسىتىدىن ئۈستىگە قاراپ ئوقۇسا بولغۇدە!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تۇغرۇل :

    بەزى ئىنكاس يازغۇچىلارغا!:
    نىمە خەنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى،توردىكى تەخەللۇسى بىلەن قالدىڭلا.فىرانسىيەدە بولغاندىكىن سەنئەت تەخەللۇسىنى ژانىي دەپ تەخەللۇس قويغاندۇ ئەمدى،سىزگە پانىي دەپ قويسا ئوبدان بولاتتىكەندە.تۇرسۇنجاننىڭ توردىكى تەخەللۇسى جېك،بۇنىمۇ جېك دەپ قويماي بېك دەپ قويغان بولسا سىزگە بولاتتىكەندە،خەق ئۆزىگە سەنئەت تەخەللۇس قۇيامدۇ،توردا تەخەللۇس قۇيامدۇ ئۆزىنىڭ ئىشى،شۇنداق قىلىشنىڭمۇ مەلۇم سەۋەبى ۋە جەريانى بولىدۇ…كۆپ سۆزلىمەي.

    —————–
    ئەمدى تىمىغا قايتىپ كەلسەم،ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش يولى،ياشاش يولى بولىدۇ،ھەم شۇ ئادەمنىڭ مەلۇم ئىشقا نىسپەتەن مۇھەببىتى ۋەقىززىقىشى بولىدۇ،ئەلى ئىسمائىل گەرچە فىرانسىيەدە مۇساپىرچىلىقتا ياشاپ ئۆگىنىش-تۇرمۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ ئەنە شۇ سەنئەتكە بولغان مۇھەببىتى ۋە قىززىقىشى ئۇنى قىيىنچىلىقلاردىن توسۇپ قالالمىغان،ئەلى ئىسمائىلنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ھەم ناخشىلىرى توردا تارقىتىلغاندىن كيىن ئاڭلاش نىسپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇپ كەڭ تارقىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مۇزىكا :

    ژانىي ۋە ئۇنىڭ يېڭى دىسكىسىنىڭ توردىكى تەشۋىقات ئىشلىرىغا ياردەم قىلماقچى بولساق ، قانداق ئالاقىلاشساق بولىدۇ .
    ئېلخەت : arama@qq.com

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • باھادىر :

    ئەلىنىڭ يازمىسىغا :تىمىنىڭ بېشىنى ئوقىمىغان ئوخشىمامسىز ؟ تىمىنىڭ بېشىدا ‹‹ ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى›› دەپ ئىنىق ئەسكەرتىپتۇ، ئەمدى جېك دىگەنگە كەلسەك بۇمۇ شۇ كىشىنىڭ ئۆزى ياقتۇرۇپ قوللانغان ئىسمى،ھەرگىزمۇ سىز دىگەندەك ئۇلانىڭ ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمى ئەمەس .
    ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام خاپا بولماڭلا قېرىنداشلا .

    ئەلى ئىسمائىلنىڭ ئىشلىرىنىڭ كۈنسىرى روناق تېپىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابدۇللا :

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

    ئەلى ئىسمايلنىڭ كىيىنكى قەدەملىرىنىڭ تېخمۇ ئوڭۇشلۇق،ئۇتۇقلۇق بولىشىنى تىلەيمەن!

    مەيلى قەيەردە بولسۇن! مىللەت ئۇچۇن ئەجىر قىلغان، مىھنەت سىڭدۇرگەنلەرگە ئاللاھ كۆپلەپ ئەجىرلەر بەرسۇن!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئەلى :

    قايسى كۈنى ئەلكۈيىدە مۆمىنجاننىڭ ئۆزبېكىستان سەھنىدىكى ناخشىسىنى ئاڭلىغان ئىدۇق، بۈگۈن بۇ ئېلىجاننىڭ فىرانسىيە سەھنىسىكى كۈيلىرىگە قۇلاق سالدۇق. خوشھال بولدۇق. داۋاملىق تىرىشقاي!!
    ئازراق تەكلىپ: جىك، ژانىي دىگەن ئۆزىنىڭ ئىسمىمۇ ياكى تەخەللۇسى، ئەگەر ئىسمى بولسا ئۇلار ئۇيغۇر قەۋمىدىن ئەمەسمۇ سىلەر؟!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • towa :

    مۇشۇمۇ تەخەللۇس بولدىما؟ نىمە باكادىن باكا ئېلان چېكىمىز؟ يا ئۇ ئېلاننى ئوقالمىساق!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    Jeck Reply:

    @towa, ئۇقالمىسىڭىز چەكمەڭ :)

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • man :

    ئۇيغۇر چىقسا مەن چىقتىم دېگىن

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تىھران :

    ئۇيغۇرچە ئىسمى نىمە؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    Jeck Reply:

    @تىھران, تىمىنى ياخشى ئوقۇڭ. ئەلى ئىسمايىل دەپ بېشىدا بار.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

    تىھران Reply:

    @Jeck, oh god… sorry

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..