Articles Archive for ئاۋغۇست 2010
جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ئۇيغۇر ئۇسسۇلى سەھىنىدە ئوينالسا نەپىس، چىرايلىق ئوينىلىدىغان، ئادەتتە ئوينالسا ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ بىلگىنىچە ئۇينىغىلى بۇلىدىغان ئۇسسۇل. تويلاردا ياكى يىغىلىشلاردا بىرەر يۈز ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىر قاراپلا كىمنىڭ كەسپى ئۇسسۇلچى ياكى مەخسۇس تەربىيەلەنگەنلىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇسسۇل يوق بولسا كىرەك. ھەم ئۇسسۇل دىگەن سۈزنىڭ كاللىمىزدىكى ئەكىس ئىتىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، .ئادەتتتە نور مال ئادەملەر ئۈچۈن، ئامرىكىلىقلار ئۇسسۇل دىسە قولىنى ئىككى ياققا سېلىپ، بەدىنىنى چىڭ تۇتۇپ، كاسىسىنى لىڭشىتشش يەنى دىسكو ھەرىكەتلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل دىسە ئوغۇللارنىڭ قولىنى كۈتىرىپ چۈرۈپ، ئۇ ياققا بۇ ياققا ماڭغان ھەركەت كۆز …
Headline, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ۋورېن بافى( Warren Buffett) دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ باينىڭ بىرسى بولۇپ دۇنيا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ. پاي-چېكى، فوند، مەبلەغ سېلىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ۋورىن بافىنىڭ تارىخىنى ئوقۇپ قويمىسا كۈزى ئېچىلمايدۇ،
1949- يىلى يازلىق تەتىلدە ۋورىن يورتى ئوخاماغا يېنىپ كىلىدۇ. يېنىپ كەلگەندىن كىيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى ئىش تېپىپ ئىشلەپ پۇل تېپىش. ئۈز ۋاختىدىكى ئوماخا شەھىرىدە 200-300مىڭ نۇپۇس بار بولۇپ ۋەتەندىكى بىر ناھىيەگە توغرا كىلىدۇ. شەھەر ئىچىمۇ ئۇنچە چوڭ ئەمەس، ئىش بىرىدىغان ئورۇنلارمۇ ئاز بولۇپ ئۇ پىيادە شەھەر ئىچىدىكى شىركەتلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى بىرمۇ بىر چىكىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئاخىرى JC Penny كىيىم كىچەك مەخسۇس سېتىش دوكىنىنىڭ ئەرلەر كىيىملىرى ساتىدىغان يىرىدە مال ساتقۇچى بولۇش خىزمىتىنى تاپىدۇ، دوكان باشلىقى ئۈزى يۈز تۇرانە ئىمتاھان ئېلىپ قۇبۇل قىلىدۇ. قاراپ باقسا ئۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، تەتىلدە ئىشلەپ جان باقماقچى بولسا ئەلۋەتتە قوللاپ قويمىسا ئۈزىگىمۇ ياخشى ئەمەس.