Articles in the نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار Category
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
13. ئامېرىكىلىقلار باشقىلارغا باھا بەرگەننى يامان كۆرەمدۇ؟
ئەسلى مەن بۇ ھەقتە « ئامېرىكىلىقلاردىن پەرقىمىز نەدە؟» دېگەن تېمىدا ھىكايەتلىك كەچۈرمىشلىرىمنى يازماقچىدىم. بىر ئوقۇرمەن بۇ ھەقتە سورىغانلىقى ئۈچۈن ھازىر يازماي ۋە تەھلىلىرىمنى قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەي بولمىدى. ئامېرىكىقلار باشىقىلارغا باھا بەرگەننى مەنچە يامان كۆرمەيدۇ، ئەمما ئاساسسىز گەپ تاپسىڭىز بالاغا قالىسىز. ئۇلاردا پاكىتسىز، لوگىكىسىز باھا بېرىدىغانلارنىڭ سانى بىزدىكىدىن سەل ئاز. ( غەيۋەت، مەسخىرە، باتناش دېگەنلەر ئىنسانلارغا ئورتاق، ئامېرىكىدىمۇ جىق، ئەلۋەتتە) . ئۇلارنىڭ ھاياتتىكى پىرىنسىپلىرىنىڭ بىرى سەمىمىيلىك. كىشىلەرنىڭ ئىزگۈ نىيەت ۋەئەھمىيەتلىك پائالىيەتلىرىنى ئاڭلىغاندا، كۆرگەندە زوقلىنىش ۋە زوقلانغانلىقىنى ئاجايىپ نەپىس تىللار بىلەن بايان قىلىش ئۇلاردا …
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

ۇرغۇن مۇھەممەد 1973-يىلى 3-ئايدا، تېكەس ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تېكەس ناھىيەسىدە تاماملاپ، 1991-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر پەن-تېخنىكا سىنىپىدا ئوقۇغان.1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە، داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى نازۇك خېمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.1996–يىلى 9-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ئىلمى ۋە سانائىتى ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا، ئۇ يەنە 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە، داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى نازۈك خېمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.2001-يىلى 9 –ئايدا، لېكتورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. 2003-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان. 2008-يىلى 3-ئايدا، ئىنىستىتۇتئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ يىلى 6-ئايدا، ئىنىستىتۇتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچى
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، ۋەتەنپەرۋەر شائىر، ئىنقىلابىي قۇربان لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1922 – يىلى 11 – ئاينىڭ 16 – كۈنى يەتتىسۇ ۋىلايىتىنىڭ چۇنجى رايونى (ھازىرقى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالمۇتا ئوبلاستى ئۇيغۇر رايونى) چوڭ ئاقسۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1931 – يىلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئىلىغا ئۆتۈپ، نىلقا ناھىيىسىگە ئورۇنلاشقان. لۇتپۇللانىڭ دادىسى ھېزىم قوشۇمچە مەھەللە مەسچىتىنىڭ ئىماملىقى ۋە دىنىي ئوقوتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن « ھېزىم موللا » دەپ ئاتالغان. لۇتپۇللانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئەركىلەتمە ئىسمى «لۇتۇن» بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرىدا بۇ ئىسىمنى تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەن.
لۇتپۇللا دادىسىنىڭ تەربىيىسىدە …
ئۇنىۋېرسال, جەميەتكە نەزەر, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى
شىرىپ خۇشتار
1. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودىسى توغرىسىدا قىسقىچە بايان
19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى يەنى 1848-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، تىجارەت پائالىيىتىنى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتىپ، تاشكەنت، ئالمۇتا، ئەنجان، سىرۋالىسكى، زەيسەن، موسكۋا، قازان قاتارلىق شەھەرلەردە سودا سارايلىرىنى قۇردى.ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ نەزەر سېلىپ، تيەنجىن، چېڭدۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، لەنجۇ، ۋۇۋىي، جۈچۇەن قاتارلىق شەھەرلەردە ماگىزىنلار ئېچىپ، ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار سودا تىجارىتىنى تۈركىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىگە ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە يەتكۈزدى. ئەنە شۇ زامانلاردا مۇساھاجىم(كېيىنرەك مۇسابايوۋ دەپ ئاتىلىپ دۇنياغا تونۇلغان)، باھاۋۇدۇن …
خەۋەر, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىرىدىن خوش-خەۋەرلەر توختىماي كىلىۋاتىدۇ. مىرەخمەتجان دۆلەت ئۇلىمپىك كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىدا يىڭى بىر نامايەندە ياراتقانغلىنى ئوقۇپ خوش بۇلۇپ ئولتۇرسام، ئۇ ياقتىن ئۇنى گوللاندىيەدىكى ئامىستېردام پۇتبۇل كۇلۇبى ئاجاكىس ( AFC Ajax)كىلىپ سىناق مەشىقىدىن ئۆتۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ. يىڭىدىن يىتىشكەن نوتا ئۆتكۇر دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا كاپىتان بولۇپ روسىيەدە مۇسابىقە ئويناپ ئىككىنچى بولۇپ كەپتۇ. بۇنىڭدىن خوش بولۇپ تېخى ھەزىم قىلىپ بۇلالماي ئولتۇرسام تۈنۈگۈن خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى بارى يىڭىدىن باشلانغان بۇ يىللىق ئاسىيا پۇتبۇل كۇلۇبلىرى چىمپيۇنلۇق ئايلانما مۇسابىقىسىدا( Asian Champions League) «بىر پاس، بىر توپ» بىلەن ياپۇننىڭ داڭلىق J مۇسابىقە چىمپيونى ناگويا( Nagoya Grampus) كۇلۇبىنى 2 دە 0 بىلەن تولۇق مەغلۇپ قىلىپ بىر كىچىدە جۇڭگۇدا تۇنۇلۇپتۇ. جۇڭگۇدا تەنتەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تېلىۋىزىيە،تور ۋە گىزىت ژورناللاردا ھەممىسىدە بارىنىڭ گەپلىرى
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

ئسمى : مىرئەخمەت .مۇزەپپەر
ئېنگىلىزچە ئسمى:Mirahmetjan Muzepper
دۆلىتى:جوڭگۇ
تۇغۇلغان جايى:قەشقەر
يۇرتى:جوڭگۇ —–قەشقەر
تۇغۇلغان ۋاقتى:1991-1-14
ئىگىزلىكى:182
ئىغىرلىقى:73
سول پۇتىدا توپ تىپىدۇ .
كەسپى:پۇتبول
كۇلۇپ:شەندۇڭ لۇنىڭ
كىيىم نۇمىرى:25
دۆلەت كوماندىسىدىكى نۇمىرى:16
ئورنى:سول كىراي ،سول بىك، ئارقا بەل
ھازىرقى كوماندا :خىنەن قۇرلۇش پۇتبۇل كوماندىسى
پەخىرلىك ئوغلانىمىز مىرئەخمەت مۇزەپپەر 1991- يىلى 1 -ئاينىڭ 14-كۇنى قەشقەر شەھىرىدە پۇتبول ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇنىڭ چوڭ دادىسى ئىلگىرى شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۇركۇمدىكى شىنجاڭ پۇتبۇل كوماندىسنىڭ ئەزاسى ھىسابلىندۇ .ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن .مىرئەخمەتنىڭ دادىسى مۇزەپپەر ئاكىمۇ ئىلگىرى شىنجاڭ كوماندىسغا تاللانغان ، ھەم شىنجاڭ كوماندىسغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن .مىرئەخمەت 3 ئەۋلات …
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى،تونۇلغانئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇنئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزىمەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىنباشلاپ دادىسىنىڭ دەۋىتى بىلەن مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىيساۋاتلارنى، جۈملىدىن ئەرەب-پارس تىل- يېزىقى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە نەۋائى قاتارلىقكلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1935-يىلى ئۈرۈمچىدە پەننىيمەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى چوڭ مەسچىت ( ھازىرقى خانتەڭرى مەسچىت)يېنىدا قۇرۇلغان «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1- گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرىپ، …
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويماي بولمايدۇ.ھازىرغا قەدەر مائارىپتا بىزگە ئومۇمىيۈزلۈك ئېنگىلىزتىلى ئۆتمىسىمۇ،كىچىكىدىن باشلاپ ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈپ چوڭ بولغانلار بىلەن تەڭ رىقابەتتە مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى مۇسابقىلىرىگە شان-شەرەپلەرنى كەلتۈردى.تۆۋەندە مەن ھازىرغا قەدەر مەملىكەتلىك نوپۇزغا ئىگە ئېنگىلىزچە مۇسابىقىلارغا قاتناشقان شۇنداقلىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى رەتلەپ چىقتىم.
مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئېنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى 2002-يىلى تەسىس قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغان.مۇسابىقىنى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى ساھىبخان بولۇپ ”CCTVلوڭقىسى“ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىنگىلىزتىلى نۇقۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى نامىدائۇدا 8يىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.بۇ 8يىل جەرياندا2002-يىلى ۋە2003-يىلى بىيجىڭغا بىرىپ قاتناشقانلار يوق.
2004-يىلى:
قاسىمجان ئابدىرىھىم،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 3-لىككە …
ئىلىم-پەن, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
يازغۇچىسى : ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرەھىم
ئەلمىساقتىن بېرى دىيارىمىزدا جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، خەلق ئارىسىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ ، قەلب تۆرىدە يادلىنىپ كەلگەن ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان . ئۆتمۈشتە چېلىقارلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان پۈتۈنسۈرۈك ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى گەۋدىسى ۋە ئېتنىك ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدىنمۇ پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان ئالىملار ، تۆھپىكارلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقتى ۋە چىقماقتا.
ئەنە شۇ ئالىملار ۋە تۆھپىكارلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پەخرى ، ئاساسىي زەررىچىلەر ساھەسىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئايال دوكتور ئاشتى ( پوستدوكتور ) ، …
ئىلىم-پەن, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي 1950- يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئاستانىسى بولغان قەشقەرنىڭ يۇمۇلاق شەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1966 – يىلى قەشقەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ 1972 – يىلىغىچە يېزىغا چۈشۈپ قايتا تەربىيە ئالغان ، بۇ جەرياندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىقتىساس ئىگىسىگە ئايلىنىش ئىستىكىدە ئۆگىنىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . 1972 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . 1975 – يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغانلىقتىن ، …