باشبەت » Headline, خەۋەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم

فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىز-ئاخىرى (ۋېدىئو ۋە رەسىم قېتىلدى)

9 ئىيۇل 2012 5,438 قېتىم كۆرۈلدى 13 ئىنكاس

بۇ تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى كۆرۈڭ.

فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىز


قىيىنچىلىقلار

تۇنجى يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز فرانسۇز تىلى ئۇيۇشتۇردۇق. دەرسنى جەمىيەتشۇناسلىقتا بىللە ئوقۇغان فرانسۇز ساۋاقداشلىرىم ئۈستىگە ئالدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك تىلى ھەۋىسى ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلەن تۈرك تىلىنىڭ تۇققانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەقسىز دېگۈدەك تۈرك تىلى ئورۇنلاشتۇردۇق. بۇ دەرسنىمۇ ئىستانبۇلدىن كېلىپ، پارىژدا ماگىستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقان تۈرك ئوقۇغۇچىلار بەردى.

ھەر بىر ئىش باشلانغاندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار، توسقۇنلۇقلار بولىدۇ. يېڭىلىقنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنەلمىگەنلەر ۋە ئۇنىڭغا جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق قىلىدىغانلارمۇ چىقىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز قۇرۇلغاندا، بىزمۇ مۇشۇنداق توسقۇنلۇقلارغا ۋە بىپەرۋا قاراشلارغا دۇچ كەلدۇق. ئۇزۇن ۋاقىت تور يۈزىدە ۋە ئەتراپىمىزدا خەۋەر بەرگىنىمىزگە قارىماي، بىرىنچى يىلى فرانسۇز تىلىغا تىزىملاتقانلار بولمىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېلىپلا ئىش تېپىشقا كىرىشىپ كەتكىنى ئۈچۈن، نۇرغۇنلىرى نەچچە يىلدىن كىيىنمۇ فرانسۇز تىلىنى ئوڭشاپ سۆزلىيەلمەيدىغان ۋە ھەتتا بۇ سەۋەپلىك ھەيدىلىدىغان ئىشلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتاتتى. ھەقسىز فرانسۇز تىلى تەسىس قىلىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تىل شارائىتى يارىتىش ئىدى. ئەمما ھېچكىم كېلىپ تىزىملاتمىغىنى ئۈچۈن، بۇ دەرس ئېچىلمىدى. ئىككىنچى يىلى ئونغا يېقىن بالا تىزىملىتىپ، كىيىن كېلىدىغانلار ئۈچ-تۆتكە ئازايدى. شۇنداقتىمۇ داۋاملىق كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بۇ دەرسنىڭ ناھايىتى زور پايدىسى تەگدى.

دەرسلەر ھەقسىز ياكى ھەقسىز دېگۈدەك بولغىنى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار ھەقسىز دەرس بېرىدۇ. ئۇلارغا ھەق بېرەلمىگىنىمىز ئۈچۈن، مەخسۇس بىر ئوقۇتقۇچىنى تۇتۇپ، ئۇنى ھەر ھەپتە قالدۇرماي كېلىشكە زورلىيالمايمىز، ئەلۋەتتە. بىرىنچى يىلىدىكى تۈرك تىلى دەرسىمىزنىڭ ئىككىنچى مەۋسۈمىدە ئوقۇتقۇچىلار تولا ئالمىشىپ، ئوقۇغۇچىلارغا تەسىرى بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللى ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق ئۈچۈن، بۇ دەرسكە فرانسۇز ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلغان ئىدۇق. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن فرانسۇز ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ۋە ئىلگىرىلىشىدە پەرق بەك چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردا دەرستە ئالغا باسالماسلىق ۋە قايتىلىنىش تۇيغۇسىمۇ بولدى. ئىككىنچى يىلى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىدىن پەقەت بىرنىلا تۇتتۇق ۋە دەرس ئىزچىل ئېلىپ بېرىلدى. لېكىن باشتا ئوندەك بالا قىزغىنلىق بىلەن تىزىملاتقان بولسا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى-ئۈچكە چۈشۈپ قالدى. دەرسلەر شەنبە كۈنى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىشلەيدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن دەرسكە كەلگۈسى بولسىمۇ ئامالسىز كېلەلمەيدۇ. دەرسنىڭ دەسلىپىدە ئىشلىمىگەنلىكى ئۈچۈن دەرسكە تىزىملاتقانلىرىنىڭ بەزىلىرى دەرس ئوتتۇرىدا ئىش تاپقانلىقى ياكى باشقا ئىشى چىققانلىقى سەۋەبىدىن دەرس ئاقساپ قالىدۇ.

بىرىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلاردىن ئېنگلىز تىلى ئېھتىياجى ھەققىدە تەلەپلەر ئالدۇق. ئىككىنچى يىلى باشلىنىش ئالدىدا، ئىككى ئايغا يېقىن ئېنگىلىز تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدىغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش يوللىدۇق. لېكىن ئاخىرىدا تەلەپ بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن سادا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ دەرسنى تەسىس قىلمىدۇق. دەرسلەر باشلىنىپ بىر نەچچە ئايدىن كىيىن، يەنە باشقا بىر قىسىم ئوقۇچىلاردىن نېمىشقا ئېنگلىز تىلى ئاچمىغانلىقىمىز ۋە ئۆزلىرىنىڭ تىزىملاتقۇسى بارلىقىنى سوراپ ئىنكاسلار كەلدى.

فرانسۇز تىلى بىلەن تۈرك تىلى دەرسىدىن باشقا، يەنە ئۇيغۇر تىلى دەرسىمۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ دەرس تۈرك تىلىدىن قىممەت (ئالدىنقىسى يىلىغا ئەللىك ياۋرو، كىيىنكىسى يىلىغا يۈز ياۋرو). دەرسىنى مەن شەخسەن ئۆزۈم بېرىمەن ۋە شۇ ئان فرانسۇزلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى كىتاپچىسى تۈزۈۋاتىمەن. دەرس ھەقلىرى ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىغا ئەمەس، ئۇدۇل ئۇيۇشمىنىڭ خەزىنىسىگە بارىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بىر يىللىق بولۇپ، بۇ بىر يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر كونا يېزىقى، بىرلىككە كەلگەن لاتىنچە يېزىقى، گرامماتېكا ئاساسلىرى (ئۈچ زامان ۋە ئالتە كېلىش) ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى جۈملىلەر ئۈگىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەنلەر ئاساسەن بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن جوڭگوشۇناسلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ يىل ۋاپات بولغان فرانسىيەنىڭ نوپۇزلۇق جوڭگوشۇناسى ئېلىزابەت ئالەسمۇ بار ئىدى. ئانا تىلىدا ئوقۇيالمىغان، پۈتۈنلەي خەنزۇ مەكتەپتە يېتىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلىنى ئۈگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، شۇلارغا مەخسۇس ماس كېلىدىغان ۋاقىتتا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈپ بېرىشنى خېلى بىر مەزگىل ئېلان قىلغان بولساممۇ، ئەمما ھېچكىمدىن سادا كەلمىگىنى ئۈچۈن، پەقەت باشقىلارغىلا بەردىم.

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۈرك تىلى ۋە فرانسۇز تىلىغا كېلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەرقى شۇكى، ئەگەر ئوقۇغۇچىلار كېلەلمەي قالسا، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئوقۇتقۇچىغا (ماڭا) ئالدىن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېلەلمەي قالسا، ئوقۇتقۇچىلار ماڭا تېلېفون بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ سىنىپتا ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. فرانسۇز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرى ھەر ھەپتىلىك دەرستىن كىيىن، دەرس خۇلاسىسى يېزىپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەۋەتىپ، پىكىر بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. دەسلەپكى چاغلاردا، بىزنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىمىز خۇلاسىگە جاۋاپمۇ يېزىشمايتتى. فرانسۇزلار جاۋاپسىز قالغانلىقلىرىدىن ھەيران بولۇپ مەندىن سورىشاتتى. كىيىن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ۋاقتىدا ئوقۇتقۇچىلارغا خەۋەر بېرىدىغان بولۇشتى.

ئىقتىساد يەنىلا ئەڭ مۇھىم قىيىنچىلىقىمىز ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى ھەر بىر فېستىۋال ئۈچۈن كېتىدىغان چىقىم گەرچە كۆپ ھاللاردا مەكتەپتىن ھەل قىلىشقا تىرىشساقمۇ، لېكىن بۇنىڭغا تولۇق ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. فرانسىيەدە بىر پائالىيەتكە كېتىدىغان ئىقتىسادى چىقىم ئۈچۈن، ئاز دېگەندە سەككىز ئاي بۇرۇن تولۇق بىر ماتىرىيال ھازىرلاپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇنۇش كېرەك. بىز يىلدا ئىككى قېتىم فېستىۋال ئورۇنلاشتۇرغىنىمىز ئۈچۈن، پەقەت ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش ئاي بۇرۇن ماتىرىيال سۇنالايمىز. شۇنداقتا مەكتەپتىن ياكى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئىقتىسادى پاي قوشتۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. بوغدو ئۇنىۋېرسىتېدا ئۇيغۇر فېستىۋالى ئۆتكۈزگەندە، ئىقتىساد يېتىشمىگەنلىكتىن ئىئانە توپلاشقا مۇراجەت قىلدۇق. لېكىن پارىژدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن ناھايىتى ئاز قىسمىدىن چاقىرىققا ئاۋاز قوشقانلار بولدى. مۇشۇنداق چاغلاردا خۇددى بۇ مىللەت پەقەت بىزنىڭكىدەك، باشقىلارنىڭ ئاغزىدا شەھەر ئېلىپ، ئەمەلى ئىشقا كەلگەندە ”تۆگە كۆردۈڭمۇ، ياق“ دېگەندەك پوزىتسىيەلىرىدىن قاتتىق رەنجىدۇق. بەزىدە بىزمۇ بۇنداق ئىشتىن قول ئۈزۈپ، پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشاش قارارىغىمۇ كەلگەن چاغلار بولدى. بولۇپمۇ بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا شەخسەن مېنىڭ 80% ۋاقتىم كېتىدۇ ۋە ئىشلارنىڭ ياخشى ئورۇنلىشىشى ئۈچۈن، ئوتتۇرىدا فېستىۋال بولىدىغان شەھەرگە بېرىپ، ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆزدىن كەچۈرۈشۈمگە توغرا كېلىدۇ. يەنە شۇنداق ئۈمىدسىز چاغلاردا، بىللە مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، ئاچچىقنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، تەسسەللىلەر بېرىدىغان ئۇيۇشمىدىكى ۋە ئۇيۇشما ئەتراپىدىكى دوستلارنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن ھەر قېتىم فېستىۋال ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھەر قېتىملىق فېستىۋالدا ئۈچ-تۆت كۈنلۈك ۋاقتىنى مەخسۇس مۇشۇ فېستىۋالغا بېرىدىغان ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىمىز، فېستىۋال بولغان ھەر بىر شەھەردىكى بىزنى قۇچاق ئېچىپ قارشى ئالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتە، بۇ فېستىۋاللارمۇ ۋۇجۇدقا چىقمىغان بولاتتى. يەنە شۇلارنىڭ جاسارىتىگە، مىللى غورۇرىغا ۋە ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇيمەن. ”ياخشى نىيەت يېرىم دۆلەت“. بىزنىڭ ياخشى نىيىتىمىز بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر فېستىۋاللىرىمىز بارغانسېرى فرانسۇز ئالى مەكتەپلىرىدە قوللاشقا ئېرىشىپ، فرانسۇز ئاكادېمىكلىرىدە تەسىر قالدۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەرپ ئوقۇغۇچىلىرىدەكلا جاسارەتلىك، ئەقىللىق ۋە تەشكىلچانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلارنى ھاجەتمەن ۋە ئاجىز شەكىلدە ئەمەس، پارلاق مەدەنىيەت ۋە تارىخنىڭ تۈنۈگۈنكى ئىگىسى ۋە بۈگۈنكى ۋارىسى سۈپىتىدە تونۇشتۇرىۋاتىمىز. مانا بۇ بىزدىكى مىللى غورۇر.

تۈۋەندىكىسى ئۇيۇشمىمىزنىڭ ئويۇشتۇرغان ئۇيغۇر مەدىنىيەت فېستىۋاللىرى توغرىلىق ئىشلىگەن قىسقا فىلىمىمىز، ئۇيغۇرچە خەتلىك چۈشەندۈرۈشلىرى قوشۇلغان. ئۇنىڭ ئاستىدىكىسى شۇ پائالىيەتلەردىن بىر قىسىم كۈرۈنۇشلەر.


تۈگىدى.

13 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..