Articles tagged with: technology
Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر »

بۇلار جاھىل، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئۈزىنىڭ قۇرۇپ چىققان سىستىما ۋە رامكىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ياكى تەجرىبە ياكى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىشى بولمايدۇ.پىكر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۈزىنى ئېينىشتىيىندىن كىين چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ چاغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى باشقىلار «چۈشىنەلمىگەن» بولسا بۇ باشقىلارنىڭ دۆتلىكى. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ مۇتەخەسسىلەرنىڭ، كەسپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمايدۇ ۋە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىغى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باسۇرۇپ قويۇلغانلىغى بىلەن ئۈزىنى كوپېرنىك، بىرونو، گالىلىيلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا جەميىتى. ئۇلار ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار»، «نۇپۇزغا قارشى چىقىشنى قوللايدىغانلار» دەپ كۆرۈپ قارشى تۇرغۇچىلارنى بولسا « كىتاۋى بىلىملەر بىلەن كاللىسى يۇغۇرۇلغان»، «جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دەپ قارايدۇ.
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن »

ەن ياسىنجان گەرچە ئاددي بىر ئادەم بىر مىللەت ياكى بىر قەۋىمنىڭ ئىلىم- پەن ،ئىجادىيەت تەرەققىياتى ھەققىدە تىرەن پىكىرگە ئىگە بولالمىساممۇ،لېكىن قۇدرەت يەتكەن دائىرىدە ئۆز قارشىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشنى شەرەپ دەپ بىلدىم. غەربىي ئاسىيا، شەرقى جەنۇبىي ئاسىياغا ئوخشاشلا،ئوتتورا ئاسىيامۇ دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بىر جاي. بۇ يەردە ياشايدىغان ئىنسانلار توپى ھەر خىل مۇھىتتا ھەر خىل روللارنى ئۆتەپ ياشاۋاتماقتىمىز. رايونىمىز تۈركى تىل سىسىتىىمىسىدىكى مىللەتلەر ياشايدىغان رايۇن. ئابدۇسالام ئۆز نۇتىقىدا ئەرەب،پارىسلار بىلەن بىر قاتاردا مانا مۇشۇ رايۇندا ياشىغۇچى تۈرك،ئافغان قوۋۇملىرىنى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
ئۇختۇرۇش »

پېقىر بلوگ ئاچقاندىن بىرى كۈڭلۈمدە ئىلىم پەن توغرىلىق دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ تۇرسام دەپ ئويلاپ بىر نەچچىنى يازدىم، مەسىلەن نوبىل مۇكاپاتى،(1) (2) (3) ، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى توغرىلىق مۇھاكىمە (1) (2) قاتارلىق. لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دائىم يېزىپ بۇلالماي قالدىم. بلوگنى قايتا ئاچقاندىن كىيىن يەنە شۇلارنى داۋاملاشتۇراي دىسەممۇ ئۈزەم يالغۇز سىجىل داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك تۇرىمەن. شۇڭا مۇشۇ توغرىلىق ماتىرىيال قىلىپ يېزىپ بۇلالمىساقمۇ لېكىن بۇلۇۋاتقان ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزسەك دىگەن خىيال بىلەن شۇنى قىلالايدىغان بالىلار بولسا تەكلىپ قىلسام دىگەن ئۈمىتتىمەن. تەلەپ:1) ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى ھەپتىلەردە بىر قېتىم تىما يوللىيالايدىغان بۇلۇشى كىرەك.