Home » Archive

Articles tagged with: University

Headline, ئىلىم-پەن, چەتئەلگە چىقىش »

[21 دېكابىر 2010 | 3 Comments | 2,970 قېتىم كۆرۈلدى]
PhD مۇ ياكى MS مۇ؟

مەنمۇ بۇرۇن ئامرىكىدا ئوقۇش ئىلتىماس قىلغاندا MS ئوقۇشقا قارىغاندا PhD ئوقۇش ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلى (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى)غا ئىرىشمەك ئاسانراق دەپ ئاڭلايتتىم. ھازىر مەن ئۇنۋېرسىتىتتا ئىشلەۋاتقان ۋاختىمدىمۇ يەنىلا PhD ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلىغا ئىرىشمەك ئاسان دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۈزەم بىلىدىغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق بۇ كۆزقاراشنى ئايدىڭلاشتۇرسام دەپ ئويلايمەن.
ئۇنۋېرسىتىتلار PhD ئىلتىماسىنى ئاۋال ئويلىشىدىغانلىغى راس.لېكىن PhD ئوقۇش ئىلتىماسىغا قويۇلغان تەلەپمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ. PhD /ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ياردەم پۇلىغا ئىرىشىش MS كە قارىغاندا ئاسان بۇلىدۇ دەپ قاراش توغرا ئەمەس. بەزى مەكتەپلەر MS دىپلومى بولمىسا PhD ئوقۇش ئىلتىماسى قۇبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سىز ئاۋال MS ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كىرەك. شۇڭلاشقا سىز ئاۋال مەكتەپلەردىكى ھەر قايسى ئوقۇش پروگراممىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىز ۋە پروفىسسورغا ئىلخەت يېزىپ ئۇنىڭ PhD ياكى MS ئوقۇغۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.

Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

[8 نويابىر 2010 | 10 Comments | 4,355 قېتىم كۆرۈلدى]
رەيھان بەكتۇر: مەكتەپنىڭ دەرىجىسى مۇھىممۇ ياكى پىروفىسسورمۇ؟ University Ranking or Professor?

كۆپىنچە ھاللاردا بىز مەكتەپ تاللىغاندا مۇنداق بىر تاللاشقا دۇچ كېلىمىز، مەكتەپتنىڭ دەرىجىسگە قاراش كېرەكمۇ، پىروفىسسورغىمۇ ياكى كەسىپكىمۇ؟ مەن بۇ توغرۇلۇق ئۆزۈمىنىڭ ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتمەكچىمەن. مەكتەپتىنىڭ دەرىجىسى مەسىلسىنى ئىككىگە بۆلۈپ سۆزلەشنى مۇۋاپىق تاپتىم

بىز بۇ مۇنبەرنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكىنىمزدەك ھەر بىر ئادەم چوقۇم ئۆزىگە مۇۋاپىق بولغان قارارنى چىقىرىشى كېرەك. چۈنكى ھەممىزنىڭ ئارقا كۆرىنىشىمىز ئوخشىمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن مېىنىڭ بۇ يەردە دەپ ئۆتمەكچى بولغانلىرىم پەقەت ئۆزۈمنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان شەخسى پىكرىم خالاس، بۇ كۆز قاراشلىرىم بەلكىم سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزغا ماس بولماسلىقىمۇ مۇمكىن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئېيتىپ ئۆتكەن ئەھۋاللارنى بىر تەرەپتىن پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىلغان ئاساستا كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن بار مەسلىھەت ئىش كۆرىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن.

ئۇختۇرۇش, چەتئەلگە چىقىش »

[8 دېكابىر 2009 | 7 Comments | 1,039 قېتىم كۆرۈلدى]
دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى، GRE تەلىۋى يوق. An open PhD position at the University of Wyoning in Comparative Structural Genomics(no GRE requirem)

بۇ ئۇچۇرنى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز تەمىنلىگەن. كەسىپكە ماس كىلىدىغانلار بىۋاستە قالدۇرۇلغان ئالاقەئادېرسى ئارقىلىق ئالاقىلاشقايسىلەر.
Here is an important information about an open phd position in  university for fall 2010. I hope you can post this imformation on your blog and any Uyghur websites. Thanks!
Ph.D. Position in Comparative Structural Genomics
A PhD student position in structural bioinformatics in the Siltberg-Liberles Research Group in the Department of Molecular Biology at University of Wyoming is available. The Siltberg-Liberles Group works in the field of comparative structural genomics, focusing on protein structure evolution. In many …

ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئۈگىنىش, تەجرىبە, چەتئەلگە چىقىش »

[8 دېكابىر 2008 | 11 Comments | 1,170 قېتىم كۆرۈلدى]
ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(1)   Detailed Steps to Apply Italian Universities

Jeck ئىلاۋىسى: بۇ يازمىنى ھازىر ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان دوستۇم مۇزەپپەر تەييارلىغان. مەن ئۈتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە ۋەتەنگە قايتقان ۋاختىمدا مۇزەپپەر قاتارلىق تۆت ئاغىنەم  بىرلىكتە مىنى مىھمان قىلىپ بىر ئاخشام تاماق يەپ مۇڭداشقان ئىدۇق. ھازىر ئۇ تۇتەيلەننىڭ ئىككىسى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ، بىرسى ياپۇندا. مۇزەپپەر بولسا ئىتالىيەدە. ئۇ ھازىر ئىتالىيە مىلان تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى (Politecnico di Milano) دا ئوقۇۋاتىدۇ.  ئۈز ۋاختىدا مۇزەپپەر ئەگەر ئىتالىيەگە بېرىپ قالسام چوقۇم تەپسىلى قىلىپ بىر ماتىرىيال تەييارلاپ مەندىن كىيىنكىلەرنىڭ پايدىلىشنىغا سۇنىمەن دىگەن ئىدى. كىيىن ئىتالىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ، كۆنۈپ، ئەلمى-تەلىمىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن يىقىندا مۇنۇ يازمىنى تەييارلاپ تورداشلارغا سۇندى. تورداشلارغا ۋەكالىتەن مۇزەپپەرگە …

ئوقۇش ئوچۇرلىرى, چەتئەلگە چىقىش »

[25 مارت 2008 | 3 Comments | 1,003 قېتىم كۆرۈلدى]
Japan ياپۇندا ئوقۇش

باشقا چىقىملار: كونا يىلنى ئۇزىتىش ئولتۇرۇشى (ياپونىيىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولتۇرۇش، 4 خادىمى بار شىركەتتىن تارتىپ چوڭ شىركەتلەرگىچە، ھەرخىل كۇلۇبلاردىن تارتىپ مەكتەپ، ئىدارە- ئورگانلارغىچە ھەممەيلەن يىل ئاخىرىدا يىغىلىپ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، بىر يىللىق ئىشلىرىدىن قىسقىچە خۇلاسە قىلىدۇ)، دوستلار بىلەن يىغىلىش، ھەرخىل تەبرىكلەش ئولتۇرۇشلىرى، يىغىن- يىغىلىشلارغا قاتنىشىش قاتارلىقلار ئۈچۈنمۇ ھەر قېتىمدا 4000- 1500 يېن ئەتراپىدا چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. (ياپونىيىدە ھەممەيلەن چىقىمنى بۆلۈشۈپ تۆلەيدۇ، ھەتتا بىرەيلەن سىزنى مېھمان قىلغان تەقدىردىمۇ ئۆز چىقىمىڭىزنى ئۆزىڭىز تۆلىشىڭىز كېرەك، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.)

ئامرىكدىكى ئىشلار »

[15 يانۋار 2008 | 11 Comments | 153,038 قېتىم كۆرۈلدى]
كانادا-ئوقۇغۇچى ۋىزىسى ئىلتىماس قىلىش

ئۈتكەن يىلى ئىچكىردىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كۈزدە كاناداغا ئوقۇشقا كەلگەن ئابدۈشۈكۈر كانادادا ئوقۇش ئىشلىرى توغرىلىق بىر ماتىرىيال تەييارلاۋاتقان بۇلۇپ تۈۋەندىكىلەر شۇلارنىڭ بىر قىسمى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ ۋاختىنى تىجەپ يەنە ئۆزىگە ئوخشاش يولدىكى بالىلار ئۈچۈن قىلغان بۇ ئەمگىكى يەنە باشقا بورۇن چەتئەلگە يىڭى چىققان باشقا دوستلارغىمۇ ئۆرنەك بۇلغۇسى. ھەممەيلەن كەينىدىكى ئىز باسارلار ئۈچۈن مەلۇم تەجرىبە يېزىپ تۇرساق باشقىلار ئەگرى يولنى ئاز باسىدۇ. ماتىرىيال ئىنگىلىس تىلىدا يېزىلغان بولۇپ مەن شۇ پېتى چاپلاپ قويدۇم.

ئوقۇش ئوچۇرلىرى »

[23 سېنتەبىر 2007 | One Comment | 1,063 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلىش: Apply Scholarships from American Universities

ئامرىكىدا ئوقۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتىنى ھەل قىلىش ئەڭ ئاساسلىق ئىش. ئامرىكىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش خىراجىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيسىگە نىسبەتەن بەك قىممەت بولغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزى ئوقۇش خىراجىتىنى چىقىرىپ ئوقۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى مىليۇنىرلىرىنىمۇ خېلى ئويلاندۇرىدۇ. ئادەتتىكى پۇقرالار بۇلسا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدۇ. شۇڭىمۇ ھەم چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئامرىكىغا كەلگىنى ئەڭ ئاز. ئۇنداقتا ئاشۇ بىر قىسىم ئوقۇشقا كەلگەن ئۇيغۇرلار قانداق كەلگەن. (ئوقۇشقا كەلمەي باشقا يوللار بىلەن كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى باشقا). ھازىرغىچە ئۇيغۇرلاردىن قانچىلىك ئادەم ئامرىكىغا پۈتۈن