ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(1) Detailed Steps to Apply Italian Universities
Jeck ئىلاۋىسى: بۇ يازمىنى ھازىر ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان دوستۇم مۇزەپپەر تەييارلىغان. مەن ئۈتكەن يىلى يازلىق تەتىلدە ۋەتەنگە قايتقان ۋاختىمدا مۇزەپپەر قاتارلىق تۆت ئاغىنەم بىرلىكتە مىنى مىھمان قىلىپ بىر ئاخشام تاماق يەپ مۇڭداشقان ئىدۇق. ھازىر ئۇ تۇتەيلەننىڭ ئىككىسى ئامرىكىدا ئوقۇۋاتىدۇ، بىرسى ياپۇندا. مۇزەپپەر بولسا ئىتالىيەدە. ئۇ ھازىر ئىتالىيە مىلان تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتى (Politecnico di Milano) دا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۈز ۋاختىدا مۇزەپپەر ئەگەر ئىتالىيەگە بېرىپ قالسام چوقۇم تەپسىلى قىلىپ بىر ماتىرىيال تەييارلاپ مەندىن كىيىنكىلەرنىڭ پايدىلىشنىغا سۇنىمەن دىگەن ئىدى. كىيىن ئىتالىيەگە بېرىپ ئورۇنلىشىپ، كۆنۈپ، ئەلمى-تەلىمىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن يىقىندا مۇنۇ يازمىنى تەييارلاپ تورداشلارغا سۇندى. تورداشلارغا ۋەكالىتەن مۇزەپپەرگە ئاۋال رەھمەت ئېيتىمەن.
ئىتالىيەدە ئۇقۇشنىڭ تەپسىلى قەدەم باسقۇچلىرى(1) Detailed steps to Apply Italian Universities
گەرچە چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇشنى ئىرادىلىك ياشىرىمىزنىڭ ئالدىدىكى بىردىن بىر چىقىش يۇلى دەپ قارىمىساقمۇ، لېكىن بۇ يول بىراۋنىڭ كەلگۇسى ھاياتىنى ئوزگەرتىىشىگە ياردىمى بۇلىدىغان، تېخىمۇ ئىلغار ئدىيە ۋە بىلىمىلەردىن خەۋەردار بۇلىدىغان، ئەڭ بولمىغاندىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئۇمۇمى ساپاسىنى ئوستۇرۈشكە، مىللى كىملىكىمىز ۋە مىللى مەۋجۇدلىقىمىزنى دۇنياغا بىلدۇرىشىمىزگە پايدىسى تىگىدىغان ئىش. بۇ ئىش ئچكىرى ئولكىلەردە،خەنزۇ يولداشلار ئىچىدە نەچچە ئون يىللار بۇرۇن باشلانغان بۇلۇپ،ھازىر دۇنيادىكى ھەر قانداق دۆلەت ھەر قانداق ئۇنىۋېرسىتىتتا بۇلارنىڭ سايىسىنى تاپقىلى بۇلىدۇ. ھەم يېىقىنقى ئون نەچچە يىل ئچىىدە بۇ سان كىشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئاشماقتا.( ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىدىغان جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 100مىڭغا يىتىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت خراجىتى بىلەن چىقىۋاتقانلارنىڭ سانى تەخمىنەن 10 نەچچە مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن ) بىز ئۇيغۇرلارمۇ جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇش سۇپىتىمىز بىلەن بۇ شارائىتتىن پايدىلىنىش ھوقۇقىمىز بار. 10 يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ۋاختىمدا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى قاتارلىق داڭلىق مەكتەپلەردە 4 -يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا بىر سىنپتىن يېرىمى دىگۇدەك چەتكە چىقىش پورسىتىگە ئىرىشىپ بۇلىدىغانلىغىنى،قالغان ئۇچتىن بىرىنڭ مەكتەپتە قېىلىپ داۋاملىق ئۇقۇيدىغانلىغىنى، ئالدىنقى 5 نىڭ ئىچىدە ئوقۇغانلارنىڭ ئاساسەن چەتكە چىقىشنى تاللايدىغانلىغىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بىلىشىمچە بۇ ھازىرمۇ شۇنداق داۋاملىشىپ كەلمەكتە ، بۇلۇپمۇ فىزىكا، بىئولوگىيە ساھەسىدە ئوقۇۋاتقانلار ئاساسەن شۇنداق. بۇنى بىر جەھەتتىن ، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسى تىرشچانلىغى، تاللىغان نىشان ئۈچۈن ئازماي كۈرەش قىلغانلىغىنىڭ نەتىنجىسى دەپ قارىساق ، يەنە بىر تەرەپتىن ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى چىققانلارنىڭ كىينكىلەر ئۈچۈن سالغان ئاساسى (مەكتەپ ئۇچۇرى،چىققان شۇ دۆلەت ۋە مەكتەپكە قالدۇرغان تەسىرى، يول كۆرسىتىشى) ، ئۆز ئارا رىقابەت ئېڭى ،ئاتا-ئانا ۋە قېىرىنداشلىرىنڭ ياردىمى قاتارلىقلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ئنتىرنېت تورنىڭ كەڭ كۈلەمدە ئۇمۇملىشىشى، بىزنىڭ ئۇچۇر ئگەللىشىمىزنى تارىختا مىسلى كۈرۈلمىگەن دەرىجىدە كەڭەيتتى. شۇنداق كىسىپ ئېيتىشقا بۇلۇدىكى، ھە قانداق بىر كىشى پەقەت ئۈگۈنىشنى خالىسىلا، ئنتىرنېت تورى ئارقىلىقلا دۇنيادىكى ئەڭ ئالى ئۇنىۋېرىسىتىتا ئۈتىلىدىغان دەرسلىكلەرنى چۈشۈرۇپ،ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈپ ماگىستىر ياكى دوكتۇر بۇلالايدۇ. دۇنيادىكى ھەر قانداق ئۇنىۋېرسىتىتنىڭ ئۇچۇرىنى ھەم ئلتىماس قىلىش ماتىرياللىرىنى ئويدىن چىقماي تۇرۇپلا تور ئارقىلىق ئگەللىگىلى بۇلۇدۇ. بۇنى ئەينى ۋاقىتتىا، ئەركىن سىدىق ئاكىىمىز باشلىق بىر ئەۋلات ئامېركىغا ياكى ياپۇنيىگە چققىپ ئوقۇغان قىرىنداشلرىىمىزغا سېلىشتۇرغاندا ئاسمان زىمىن پەرىق بار دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار چەتىئەلگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا نەدە بۇنداق قۇلايلىقلار دەيسىز، مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاتايىتەن پوچتا ئارقىلىق سوراپ ئالىدىغان گەپ، ھەممە ئالاقە ئۇچۇرلار شۇ پوچتا بىلەن بۇلىدىغان ئش. ئۇنڭ ئۈستىگە چەتكە پوچتا ھەققى ئۇنداق ئەرزانمۇ ئەمەس. ھەم ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا كىتاپ ماترىيال ئۈچۇن بىر مۇنچە پول خەجلەيدىغان گەپ، بىرەر ئۇقۇم ياكى فورمىلانى تېپىش ئۈچۈن ئاتايىتەن كۈتۈپخانىگە چاپىدىغان ئىش. ھازىرچۇ؟ بۇ ئشلارنىڭ بىرىگىمۇ باش قاتۇرۇش كەتمەيدۇ. ھەممە نەرسە شۇ ئنترنېت ئاتلىق“جاھان ئەينىگىش“ بىلەنلا پۈتۈدۇ. خۇددى بىراۋ ئېيتقاندەك، ناۋادا ئۇيغۇر سىتيۇدېنتلىرىمىز ھازىرقى مۇشۇنداق ئەۋزەل شارائىتتىمۇ يەنە چىقىش يۇلى يوق دەپ، كەلگۇسىدە نىمە قىلىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ، قاقشاپ يۈرسە بۇنى ھەرگىزمۇ باشىقىلاردىن ياكى جەمىيەتتىن كۆرمەي ئالدى بىلەن ئۈزىندن سوراپ كۈرۈش لازىمدۇر. چۈنكى، مانا ئۇچۇر دىسە تەييار، مەيلى ئامېرىكىدىكى، ياۋروپادىكى ، ياپۇنيەدىكى ھەر قانداق ئۇيغۇرغا خەت يېزىپ مەكتەپ توغۇرلۇق، ئىلتىماس قىلىش توغۇرلۇق مەسلىھەت سورىسىڭىز بۇلىدۇ، ياكى ئنتىرنېت تورى ئارقىلىق ئۇزىڭىز ئىزدەنسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ناۋادا خەنزۇ تىلى ئاساسىڭىز ياخشى بولسا بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ كوپ تاپالايسىز. پەقەت سىزدە كەم نەرسە تىرشچانلىق ۋە غەيرەتلا قالدى. مەن بۇ يەرگە كىلىپ ئون نەچچە پەن دەرىس تۈگەتتىم ، ھازىرغىچە بىرمۇ كىتاپ سېتىۋېىلىپ باقماپتىمەن. كۆپىنچە دەرىسلەرنى پىروفىسسورلار powerpoin) دا سۆزلەيدۇ، ئاندىن ماتىرياللارنى شۇ دەرىسنىڭ مەخسۇس تور بېتىگە چىقىرىپ قۇيۇدۇ. ئاندىن بىز ئۇلارنى توردىن چۇشۇرۇپ، گاھىلىرىنى پىرنىت قىلىپ گاھىلىرىنى كومپيوتوردا كۈرۇپ ئۈگۈنىمىز. كۆپىنچە دەرىسكە ئائىت قوللانمىلارنى بولسا توردىن ئىزدەپ شۇنىڭدىن كۈرۈمىز.(ئەمىليەتتە كىتاپ يوقمۇ ئەمەس، قىممەت،ھەم دەرىس مەزمۇنى بىر كىتاپ بىلانلا چەكلەنمەيدۇ، ئوتتۇرھال قىېلىنلىقتىكى بىر دەرىسلىك كىتاپ ئادەتتە 40-50 ياۋرو ئەتراپىدا، ھىساپتا 400-500 كوي دىگەن گەپ، يەرلىك ئوقوغۇچىلارمۇ ئادەتتە ئالدىراپ دەرىسلىك كىتاپ سېتىۋالمايدىكەن، ياكى پرىنىت قىلدىكەن ياكى كۈتۇپخاندىن ئارىيەتكە ئالدىكەن).چۇشەنمىگەن مەسلىلەر بولسا ئاتايىتەن جاپا تارتىپ پىرافىسسورنىڭ ئشخانىسىگە ېىرىپ يۈرمەيمىز. توردنىلا يوللىۋەتسەك بولدى، پىرافىسسورلىمۇ بۇنىڭغا كۈنۈك، ئۇلارمۇ توردىلا تەپسلى جاۋاپ بىرىپ ئەۋەتىپ بىرىدۇ. مەكتەپنىڭ ھەر قانداق ئۇختۇرۇشى ،پائالىيەتلەر ،دەرىسلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەممىسى تور ئاقىلىق مەلۇم قىلىنىدۇ. دىمەك ، ئنتىنېت تورى تۇرمىشىمىزنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە سىڭىپ كەتتى. يوقارقىلارنى ھىساپقا ئالغاندا، ھازىر چەتئەلدە ئوقۇش بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا جىق ئاسان بۇلۇپ كەتتى. گاھىدا،ئەركىن سىدىقكاملار ئوقىغان مەزگىللەردە تازا جاپالىق ئىكەندۇق دەپ ئويلاپ قالىمەن.
يەنە بىر ئىشنى مىسالغا ئېلىشىنى لايىق تاپتىم. قىرىنداشلار ئارا خالىس ياردەم ، كىينكىلەرنى ئويلاش، ئۇيۇشۇش روھىنى ھىساپقا ئالغاندا، مەن مۇشۇ خەنزۇ يولداشلاردىن ئۈگەنسەك ياخشى بۇلۇدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. نىمىشقا دىگەندە، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا قەغەزچە TOEFL غا تەييارلىق قىلاي دەپ يۇرگەن ۋاختىمدا ئنتىرنېت تورى ئارقىلىق خەنزوچە تور بەتلەردىن خېلى كۆپ ماتىرياللارنى تاپقان ئىدىم. قەغەزچە بۇ ئىمتىھان خېلى بۇرۇرنلا بار بولغاچقا، بۇنڭغا ئائىت ئۇچۇرلار ، ماتىرياللار توردا ساماندەك ئدى. ھەم كۆپىنچىسى ھەقسز ئىكەن . سازلىرىنى چۇشۇرۇپ خېلى ئوبدان پايدىلانغان ئىدىم.كونا نۇمۇرنىڭ ۋاختى ئۇتۇپ كەتكەن ھەم تازا رازى بولغىدەك بولمىغاچقا، لازىمى بۇلۇپ قالا دەپ يېقىندا TOEFL ibt نى بىرىپ بېقىشنى ئويلاپ، توردىن ماتريال ئزدەشكە كىرشىتىم . مىنى ھەيران قالدۇرغان يىرى شۇكى، بۇ ئىمتىھاننى جوڭگو تەۋەسىدە يولغا قويغىلى ئەمدىلا ئىككى يىل بولدى. لېكىن بۇنڭغا ئائىت خەنزوچە تور بەتلىرىدىكى ماتىرياللارنىڭ جىقلىغى مىنى ھەيران قالدۇردى.بىر قىسىم تور بەتلىرىدە بۇ ئككى يىلدىن بۇيانقى جوڭگودا ئېلىنغان 20 نەچچە يۈرۈش ئمتىھاننڭ سۇئال-جاۋاپلىرى تەپسىلى بۇلۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئامېرىكىدا، ياۋروپادا، باشقا دولەتلەردە ئېىلىنغان ئمتىھانلارنىڭمۇ ماترياللىرى ناھايتى جىق ئىكەن. مىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان يىرى ،بىر قىسم جۇڭگولۇق ئوقوغۇچىلار، چەتئەل كىتاپخانىلىرىدىكى ibt غا ئائېىت 500-600 بەتلىك كىتاپلارنى بىر ۋاراق بىر ۋاراقتىن رەسىمگە تارتىپ، ياكى نۇسخلاپ تورغا چىقىرىپ قۇيۇپتۇ. بىر قىسىملىرى ئاۋازنى ئۈنئالغۇغا ئېلىپ ئاندىن ئوڭشاپ يۇللاپ قۇيۇپتۇ، ھەتتا ، مەخسۇس بىر تور بەت بۇلۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى بۇلۇڭ پوچقاقلىىرىدا ئېلىنىدىغان ibt ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار ئختىيارى تىزىملىتىدىكەن، ئاندىن ئمتىھاندىن چىققاندىن كىيىن شۇ رايۇندىكى ، شۇ قېتىمىلىق ئىمتىھاننىڭ مەزمۇنى، تەسىراتىنى بايان قىلىدىكەن.ھەتتا چەتئەلدىكى ھەر بىر مەكتەپ ، ھەر بىر كەسىپكە قانداق ئىلتىماس قىلىش،قانداق قىلىپ پىروفىسسورلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش دىگەندەك ئۇچۇرلارنىمۇ ئىرىنمەي يوللايدىكەن. ئاندىن باشقۇرغۇچى بۇنى يىغىنچاقلاپ، توپلام قىلىپ مەخسۇس تور بىكتىدە ئىلان قىلىدىكەن. شۇ بىر قېتىملىق ئېمتىھان ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلار توپلىنىدىكەن ، بۇ كىينكىلەرگە ساۋاق ھەم ماتىريال بۇلۇپ قالىدىكەن . بۇلارنى كۈرۇپ بۇ قېرىنداشلارنىڭ نىمىشقا بۇ خىلدىكى ئىمتھانلاندا يۇقىرى نۇمۇر ئالالايدىغانلىغىنى، نىمىشقا شۇنچە كۆپلىرىنڭ چەتئەلگە چىقىشقا ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىغىنى كۈرۈپ يەتتىم. ئويلاپ باقايلى ، ناۋادا بىرسى بىزدىن 500-600 بەت كىلىدىغان بىر كىتاپنى رەسىمگە تارتىپ چىق ياكى نۇسخىلاپ چىق دىسە چۇقۇم ، ئالدى بىلەن نەچچە پۇل بىرىسەن دەپ سورايمىز. ياكى ئششىڭنى قىل دەپ پىشىمىزنى قېىقىپ چىقىپ كىتىمىز، بۇ خەنزۇ ستىيۇدېنتلىرىمىز بۇ ئىشلارنى ھىچ قانداق ھەق تەلەپ قىلماي، خالىس، كىينكى ئىنى – سىڭىللىىرى ئۈچۇن شۇ ئشلارنى قىلىۋېتىپتۇ.ھەم بۇ خىلدىكى ماتىرياللارنىڭ ھەجىمى 5G-6Gغا بارىدىكەن.( يۇقارقىدەك كتاپتىن نەچچە ئون پارچە، تەسىرات ، دېسكا دىگەندەك ماتىرياللار ) مەن بۇ يەردە بىزمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك دىمەكچى ئەمەسمەن، بىزنىڭ ئادەم كۈچ ۋە ماددى كۈچىمىزمۇ بۇنىڭغا يار بەرمەيدۇ، ھەم خەنزۇ يولداشلارنىڭ ماتىرياللىرىنى بىزمۇ چۈشۈرۇپ پايدىلىنالايمىز. مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم، باشتىلا تەكتىلەپ ئۆتكەندەك، ھەر بىر چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش، ياشاش ئمكانىيىتىگە ئىرشكەن قېرىندىشىمىزنىڭ بوينىدا بېقىپ ئوستۇرگەن ئانا يۇرتنىڭ ، ھەر بىر تەشنا كۆڭۈللەرنىڭ قەرزى بار. مەيلى پەندى -نەسىھەت،تەجىربە -ساۋاق ياكى كورگەن ئاڭلىغانلار بولسۇن ، مەيلى ئۇچۇر -تور ئادرىسى بولسۇن، مەيلى شۇ تۇرۇۋاتقان جايىمىزنىڭ جۇغراپيىلك ئورنى ، ھاۋا-كىلىماتى، ئورۇپ -ئادىتى بولسۇن، ساياھەت قوللانمىسى بولسۇن قۇلىمىزدىن كىلىشىچە پارچە قەغەزگە رەسىم سىزغاندەك سىزىپ تورغا چىقىرىپ قۇيساق بۇلىدىكەن، ‹تاما تاما كۆل بۇلار ›دىگەندەك ،شۇ ئۇچۇرلىمىزدىن بىر قىرىندىشىمىز بولسىمۇ نەپ ئالالىسا ھىساپ. بۇ جەھەتتە ئامېرىكىدىكى قەيسەر مىجىت، نەبىجان تۇرسۇن، جېك، مەمەتجان ئابلا (يۇلغۇن تور بېكىتىنڭ قۇرغۇچىسى) قاتارلىق ياشلىرىمىزمۇ ئۆز تىرشچانلىغىنى كۆرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ.يەنە بىر قىسىملار مەسلەن دوكتۇر، ئنژىنىر، مۇئاۋىن پروفېسسور رەيھانگۈل بەكتۇر(ئۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋەرسىتتي) ،مۇئاۋىن پروفېسسور ھەسەنجان سابىت(ۋورسېستە تېخنىكا ئنىستىتيۇت)…دەكلەر ماگىستىر ياكى ئاسپىرانتلىققا ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىمدىن بىرسى بولسىمۇ ئۇيغۇر بولسا بۇلاتتى دەپ باش قاتۇرۇپ يۈرمەكتە) يەنە تىلغا ئالساق نۇرغۇنلىرى بار( بۇ ئارقىلىق كەڭ ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھەم كەڭ تورداشىلىرىمىزنىڭ ھورمىتىگە ھەم ئالقىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ بۇ خىزمەتلىرى ھەرگىزمۇ قىلغىلى ئىشى يوق ياكى ئاتالمىش ‹نام ئاتاققا ئىرىشىش ئۈچۈن›ئەمەس، ئىچ -ئچىدىن چىقىپ تۇرغان مىللەتكە بولغان مەسھۇلىيەت ۋە قىزغىنلىقنىڭ مەھسۇلى . قانچىلىغان ياشلىرىمىز شۇلارنىڭ ئش ئزلىرىدىن، تور يازمىلىرىدىن ئۇزۇق ئېىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخىرى مەخسەتلىرىگە يەتمىدى؟ توردا ماقالە ئىلان قىلىش گەرچە گېىزىت -ژورناللاردا ئىلان قىلغانغا قارىغاندا ئختىيارى، ھەم قۇلاي بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بىر ئەقلى ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى. كۈندىلىك ئالدىراشچىلىق تۈگەپ، يېرىم كىچىدىكى دەم ئېلش ۋاقىتنى تىجەپ ئاندىن يازىدىغان گەپ. شۇ ۋەجىدىن ئەنە شۇ تور دۇنياسىدا ھەقىقى كېرەكلىك ماقالىلارنى، ئۇچۇرلارنى ۋاختى ۋاختىدا يەتكۇۈزۇپ بېرىۋاتقانلارغا، ئەنە شۇ تور بىكەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىغا رەھمەت ئېيتساق بۇلىدۇ. چۈنكى ، ئادەتتە ئانچە بەك كىتاپ-ژورنال دىگەنلەر بىلەن خوشى يوق، ئۈگۈنۇش دىسە بېشى ئاغرىيدىغان ياشلىرىمىز ، ھىچ بولمىغاندا تور دۇنياسىدىن ماقالە ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ ئازدۇر -كۆپتۇر بىلىم ئگەللەپ تۇرىدۇ. بۇ جەھەتتىن تەھلىل قىلساق تور دۇنياسىنىڭ تەربىيۋى رولىغا سەل قارىساق بولمايدۇ.
ئىتاليەنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى كەڭ كۈلەمدە قۇبۇل قىلىشى باشقا ياۋرۇپا دۆۋلەتلىرىگە (مەسلەن فرانسىيە ، گىرمانىيە، شىۋىتسيەقاتارلىق ) قارىغاندا بىر قەدەر كىين باشلانغان. لېكىن يېقىنقى نەچچە يىل مابەينىدە سان ۋە سۈپەت جەھەتتىكى ئېشىش كۈرۈنەرلىك بولۇۋاتىدۇ.ئتالىيە ئۇنىۋېرسىتىتلىرى گەرچە ئامېىركا ۋە ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ئۇنېۋېرىستتىلىردەك كىشىلەرگە بەك تۇنۇشلۇق بولمىسىمۇ، لېىكن، غەرىپ مەدنىيىتىنىڭ بۈشۈگى بولغان بۇ دۆلەت ئۆزىگە خاسى مائارىپ ئىدىلوگىيىسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسى بۇينىچە ئۆز مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا. دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى ئۇنىۋېرسىتىت بولغان بولونىيە ئۇنىۋېرسىتىتى (Università di Bologna ) ، دۇنيا ماشىنا لايھىلەش مەركىزى، ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى پەنلەر ئاكادىمىيىسى دىگەندەك داڭلىق ئۇنىۋېرسىتىت ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى بار بولغان بۇ دۆلەت ئەمدىلكتە مائارىپتىمۇ خەلقارالىششىنڭ مۇھىملىغىنى تۇنۇپ يىتىپ، ئۇزىنىڭ نامىنى ۋە تەسىر دائىرىسىنى كەڭەييتمەكتە. بۇلۇپمۇ ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كەسىپلەرنىڭ بىرى بولغان قۇرۇلۇش لايھىلەش كەسپىدە ، ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ، پۈتۈن دۇنيادىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئئىتالىيەگە كىلىپ بىلىم ئالماقتا. بۇ بىر جەھەتتىن ئىتالىيەدىكى ئوقۇش ھەققىنىڭ ناھايتى تۈۋەنلىگى ( ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەلەردە يىلىغا 20-30 مىڭ دوللارغا بارىدۇ. ئىتالىيەدە بولسا ، ئائىلە كىرىمىگە ئاساسەن 700 نەچچە ياۋرو دىن -3000نەچچە ياۋروغىچە (يەتتە مىڭدىن ئوتتۇز نەچچە مىڭ يۇەن خەلىق پۇلى) بارىدۇ. تەرەققى قىلىۋاتقان دۆۋلەتلەردىن كەلگەنلەر ئاساسەن ئەڭ تۆۋەن ھەقنى تۆلەيدۇ. ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر بولسا 140 ياۋرۇ تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرسىلا بۇلىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، يېقىنقى 3-4يىل مابەينىدە، ئىتاليە ھۆكۈمىتى يولغا قۇيۇۋاتقان ‹ماركوپولو پىلانى ›دەيدىغان بىر پىلان بۇلۇپ، بۇ پىلانغا ئاساسەن ، ھەر يىلى ئىتالىيىدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەرگە يىلدا ئون مىڭلىغان ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىۋاتىدۇ. ئالدىنقى يىلى مەن كەلگەندە بۇ پلان ئىچىگە كىرگەن جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار مىڭغا يېقىن ئىكەندۇق. بىزلەرغۇ پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ كىلىپ قالغانلار ،نۇرغۇن جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بۇ پلان بىلەن ئوقۇشقا كىلىدۇ. لېكىن ئاڭلىسام بۇ پىلانغا شىنجاڭدىنمۇ ئادەم ئېلىشقا كىرىشىپتۇ. ئالدى بىلەن بىر يىلغا يېقىن تىل (ئىتالىيە تىلى)ئۈگۈنىدنىكەن(6ئاي دۆۋلەت ئىچىدە، 6ئاي ئېتالىيەدە)، ئاندىن ،تىلدىن ئمتىھان بىرىپ،ئوتكەندىنى كىيىن، مەلۇم بىر ئالى مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىدىكەن. بۇنىڭدا تىل ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش پۇلىنى ئۈزى چىقىرىدىكەن (8 مىڭ ياۋرو ئەتراپىدا كىتىشى مۇمكىن)، تۇلۇق كۇرۇسنىڭ ئىككنىچى يىلىدىن باشلاپ ئاندىن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلسا بۇلىدىكەن. كۆپنىچە ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ ئختىسادى كىرىمىنى ھىساپقا ئالغاندا ، بۇ يول ئارقىلق كىلىشنى بەك تەشۋىق قىلىپ كەتمەيمىز. لېكىن، ئائىلە ئختىسادى ياخشى ، قۇشۇمچە كىرىمى بار ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بۇمۇ بىر بۇلىدىغان يول. پەقەت كىينلىك كەسپى ئوقۇشنى ياخشى تاللىيالىسىلا كەلگۇسىدە خىزمەت تېپىشتىن، تۇرمۇشدىن ئەندىشە قىلمىسىمۇ بۇلىدۇ. ھەم ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان جۇڭگولۇقلار بۇنىڭغا كىرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ .بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى google ئارقىلىق‹意大利留学› ياكى ‹马可波罗计划› دىگەندەك نوختىلىق سۆزلىكلەر بىلەن ئزدىسىڭىزمۇ ياكى http://www.studyinitaly.cn/ دىن ئگەللىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. تۈۋەندىكى ئادرىستىن بولسا تېخىمۇ تەپسىلى ھەم ئەڭ يېىڭى ئۇچۇرلارغا ئىرىشەلەيسىز http://www.italianitaly.cn/ . مەن بۇ‹ماركوپولو پىلانى ›يولى بىلەن كەلمىگەچكە، ئىچىدىكى تەپسىلاتلارنى دىگەندەك ئىگەللەپ كەتمىدىم. لېكىن كىينكى ماتىرياللارنى تەييارلاشتا كۆپ پايدىسى تەگكەن. ئاڭلىسىام بۇ يىل بىر نەچچە ئۇيغۇر بالللارمۇ بۇنىڭدا ئوقۇۋېتىپتۇ. قىزىققۇچىلارنىڭ توردىن ئىزدىنىپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .
ئىتالىيەگە كىلىپ ئوقۇش ئۈچۇن ماركوپولو پىلانى دىن سىرىت يەنە بىىر يول خۇددى باشقا دۆلەتلەرگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغاندەك TOEFL ياكى IELTS ئمتىھانى بىرىش يۇلىدۇر. TOEFL، IELTS توغۇرلۇق تەپسىلى سۆزلىمىسەممۇ مەرىپەت تورىدا يىگۈزۈپ ئىچۈرىۋەتكۈدەك تەپسىلى ئۇچۇرلار بار.
بولدىلا ، قۇرۇق گەپ قۇلاققا خوش ياقمايدۇ. قىسقىسى ، ئەمدى مەن ھازىر ئوقۇۋاتقان <مىلەن تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى>غا قانداق ئىلتىماس قىلىش ، ئىلتىماس قىلىش ۋە پۇل تىجەشتىكى ھىلە مىكىر (ئۇسۇل) لەرنى ئەمىلىي تەجىربىلىرىم ئارقىلق بايان قىلىپ ئۈتىمەن.
تور ئادېرىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن..
http://alptegin.blogbus.com/
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېك ئەپەندى مېنىڭ بلوگىمنى دوستلۇققا قېتىۋالسىڭىز….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جەدىۋەلنى ئىنگىلىزچە تولدۇرساڭلارمۇ بۇلىدۇ . بولسا ئائىلە كىرىم ئىسپاتىنى "جامائەت گۇۋالىغى"دىن ئوتكۈزۇپ (ئىتالىيەچە ) شۇنىڭ كۇپيە نۇسخىسىنى قۇشۇپ ئەۋەتسەڭلار تېخى ياخشى. ياخشى يېزىپ ئەۋەتسەڭلار بۇنىڭ ئىرىشىش ئىمكانىيىتى خېلىلا يۇقىرى .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ يىل قۇبۇل قىلىنىپ كەلمەكچى بولغانلارغا خوش خەۋەر :
يېقىندا مەكتەپتىن تۈۋەندىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. ئۇنڭىدا مەكتەپنىڭ ئۈزنىڭ تەسسس قىلغان بىر قىسىم ئوقۇش ياردەم ئۇچۇرلىرى بۇلۇپ، يۇقىرىسى نەچچە مىڭ ياۋرۇدىن توۋىنى تاماق پۇلىنى كۈتۈرشىكىچە ئىكەن . بۇ يىل قۇبۇل قىلىنىپ ، لېكىن ئۇقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەنلەر ئىلتىماس قىلىپ كۈرەرسىلەر،چاتاق يىرى ئىلتىماس چۇشەندۇرۇلۇشى ھەم جەدىۋەل ئىتاليە تىلىدا ئىكەن.مىنىڭ تەرجىمە قىلىپ يوللاشقا پەقەت ۋاختىم چىقمىدى. ئۇزەڭلار ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئىلتىماس قىلىڭلار. بۇنىڭ ئىھتىماللىغى ناھايتى يۇقۇرى. ياتاقنى كۈتۈرۈپ بەرسىمۇ خېىلى چوڭ ئىش. تەپسىلاتى تۈۋەندىكى تور ئۇلىنىشىدا . خەيىر ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
Dear Students
This is to inform you that the 2009/2010 Call for Grant concerning the DSU benefits is published on Politecnico’s web site.
Please be aware that:
* The online application form will be available from July, 1st 2009 on the following web sites:
http://www.polimi.it/borse
http://www.polimi.it/residenze;
* in order to get the ISEEU/ISPEU students can go to CAAF Offices that have an agreement with Politecnico. Starting from July, 1st 2009 these CAAFs will assure (a) free assistance and (b) telematic communication of the ISEEU/ISPEU values to the Student Aid Office;
* From July 1st 2009, an up-to-date list of CAAF Offices will be available on the official website of Politecnico;
* In case students address to a CAAF that has no agreement with Politecnico, they will be charged any expenses and will have to deliver themselves the ISEEU/ISPEU to the Student Aid Office within the deadline;
* Foreign students must address to CAAF Offices that have an agreement with Politecnico;
* Deadlines to apply for scholarship and accomodation (reduced or full price accomodation) are:
* ? July 31st 2009 for students enrolling in any course of study – any year of study except the first – ;
* ? September 2nd 2009 for students enrolling in the first year of any degree course;
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىزنىڭ ۋە قېرىندىشىمىز مۇزەپپەرنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رەھمەت سىزگە.قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.ئۆگنشڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
虽然我没上过高中،我中专毕业以后考大专的،现在在西安上专科،我想问以下我们也有在外国上本科的的资格吗
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئادىشىم ئۆتكەن قېتىم بۇ ئۇسلۇبنى تەمىنلەپ ئۇغۇل بالىدەك ئىش قىلغان ئىدىڭلار….ئەمدى ماقېتىم ،،،،قانداق ھۈنەر ئىشلەتسەم يوللىغان رەسىملىرىم باش بەتتىكى تىمىدا كۆرىنىدۇ……سىزنىڭكىدە بەك چىرايلىق كۆرۈنۇپ تۇرىدىكەن ئەمما مېنىڭكىدە ھېچنىمە يوق ئاقلا تۇرۇپ بەكلا ئىچىمنى سىقتى ئەمەسما…..بىر دەپ بېرىڭلا خۇش بولۇپ كېتەي
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رەھمەت سىلەرگە !
قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!ئوقۇشۇڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلمىدىم. سىزنىڭ ۋە قېرىندىشىمىز مۇزەپپەرنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!
بالدۇر بولسىمۇ مۇبارەكلىۋالاي: قۇربان ھېيتىڭىزلارغا مۇبارەك بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel