Home » Archive

Articles in the Headline Category

Headline, ئۇختۇرۇش, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[11 مارت 2013 | 4 Comments | 3,696 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ Uyghur Language Will Never Die

ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ
فىرانسىيەنىڭ مۇھىم ئۇنۋىرسىتىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەسسىس قىلىنغانلىغىنى خاتىرلەش ئۈچۈن Jeck بلوگى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن يىزىلغان.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ فرانسىيەدىكى ئەڭ مۇھىم ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە رەسمى ھالدا دەرس قىلىپ بېكىتىلگەنلىك خەۋىرى ئۈندىدار، كوت-كوتقا ئوخشاش پاراڭ قۇتىلىرىدا تارقىلىپ كەتكەندىن كىيىن، بەزى ساۋاقداشلار ماڭا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تولۇقراق ئۇچۇر ۋە مېنىڭ كىملىكىم ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى سوراۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى. ماقالىلىرىمنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان جەك بلوگىمۇ مېنىڭ بۇ ھەقتە بىر تەپسىلىيرەك ماقالە يېزىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ خەۋەرنى مەن رەسمى ئۇقتۇرۇش ئالغان ھامان، خوشاللىقىمنى باسالماي، فېيسبۇكتا ئېلان قىلغاچقا ۋە تەپسىلى مەلۇماتلارنى كېچىكىپ ئالغاچقا، پەقەت ئەمدى ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ قىسقا ماقالە ئارقىلىق، تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا مانا ئەمدى جاۋاپ ئېلىپ كېلەلىدىم.
بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، يېقىندا ئۇيغۇر تىلى ئاخىرى فرانسىيە دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئىنىستىتۇتىدا رەسمى ھالدا تولۇق كۇرس دەرسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ ئۇنىۋېرسىت فرانسىيەنىڭ بىردىنبىر شەرقشۇناسلىق ئالى بىلىم يۇرتى.

Headline, ئوقۇش ئوچۇرلىرى, چەتئەلگە چىقىش »

[22 يانۋار 2013 | 13 Comments | 2,809 قېتىم كۆرۈلدى]
ئىتالىيە كامىرىنو ئۇنۋېرسىتىتىغا كومپيۇتېر، گېئولوگىيە ۋە فىزىكا كەسىپلىرىدنن ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.

كامىرىنو ئۇنىۋىرستىتى (Università degli Studi di Camerino ) ئىتاليەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋىرستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تەبئي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليدە خىلى كۈچلۈك ئۇنىۋىرستىتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىندۇ. بۇ ئۇنۋىرسىتىت يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كىلۋاتماقتا.
مۇناسىۋەتلىك پروفىسورلارنىڭ قىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋىرسىتىتنىڭ گئولوگىيە، كومپيۇتېر ۋە فىزىكا كەسىپلىرىدە ماگستىر پروگراممىسىدا ئوقۇش پۇرسىتى بىرىلگەن بولۇپ بۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۇچلۇك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ ھىساپلىندۇ. ئىقتىسادي جەھەتتىن كامىرىنو ئۇنىۋىرسىتىدا ھەر يىلى نەتىجىسى ياخشى، ئىقتىسادى قىيىنچىلى بار ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى (Borsa di Studio) بار بولۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

Headline, ئوقۇش ئوچۇرلىرى »

[28 سېنتەبىر 2012 | 4 Comments | 2,049 قېتىم كۆرۈلدى]
ئامرىكىدا ماتىماتىكا كەسپىگە ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇرى

يىقىندا بىر يىقىنىم مەن بىلەن ئالاقىلىىشپ ئۆزى تۇرۇۋاتقان مەكتەپنىڭ ماتىماتىكا فاكولتىتى كىلەر يىل ئاسپىرانىتلار سانىنى كۆپەيتىش پىلانىدا بولۇۋاتقانلىغىنى، شۇڭا كىلەر يىلغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىناپ باقسا مۇمكىنچىلىگى يۇقىرى ئىكەنلىگىنى ئېيتتى.

ئەگەر كىلەر يىللىق ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار بولسا تەييارلىقىڭلار بولسا مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار بۇلىدۇ. تەلەپ بۇرۇنقىغا ئوخشاش، تولۇق كۇرس نۇمۇرلىرى ياخشى بولۇشى، TOEFL ۋە GRE نۇمۇرى بولۇشى ياكى بۇ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن بىرىپ بۇلۇشقا تەييارلىق قىلغان بولۇشىڭىز كىرەك. مۇۋاپىق تەييارلىق قىلغانلار بولسا مەن شۇ تۇنۇشۇمغا ئۇچراشتۇرۇپ قويىمەن، ئۇ مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرىغا ياردەمدە بۇلىدۇ. TOEFL ۋە GRE نۇمۇرلىرى بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ بەلكىم ئۈمىت بۇلۇشى مۇمكىن. TOEFL نىڭ ئورنىغا IELTS بىرىپ نۇمۇر ئالغان بولسا ئۇنىمى دىيشىپ باققىلى بولۇشى مۇمكىن ( لېكىن قىلغىلى بۇلامدۇ بولمامدۇ مەكتەپ تەرەپكە باغلىق).

تەييارلىقى بارلار مەن بىلەن ئىلخەتتە jeck217@gmail.com ، چەتئەلدە بولسىڭىز facebook ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ.

Headline, خەۋەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[9 ئىيۇل 2012 | 13 Comments | 5,438 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىز-ئاخىرى (ۋېدىئو ۋە رەسىم قېتىلدى)

فرانسۇز تىلى بىلەن تۈرك تىلى دەرسىدىن باشقا، يەنە ئۇيغۇر تىلى دەرسىمۇ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇ دەرس تۈرك تىلىدىن قىممەت (ئالدىنقىسى يىلىغا ئەللىك ياۋرو، كىيىنكىسى يىلىغا يۈز ياۋرو). دەرسىنى مەن شەخسەن ئۆزۈم بېرىمەن ۋە شۇ ئان فرانسۇزلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى كىتاپچىسى تۈزۈۋاتىمەن. دەرس ھەقلىرى ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىغا ئەمەس، ئۇدۇل ئۇيۇشمىنىڭ خەزىنىسىگە بارىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بىر يىللىق بولۇپ، بۇ بىر يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر كونا يېزىقى، بىرلىككە كەلگەن لاتىنچە يېزىقى، گرامماتېكا ئاساسلىرى (ئۈچ زامان ۋە ئالتە كېلىش) ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى جۈملىلەر ئۈگىتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەنلەر ئاساسەن بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا كىرىشكەن جوڭگوشۇناسلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بۇ يىل ۋاپات بولغان فرانسىيەنىڭ نوپۇزلۇق جوڭگوشۇناسى ئېلىزابەت ئالەسمۇ بار ئىدى. ئانا تىلىدا ئوقۇيالمىغان، پۈتۈنلەي خەنزۇ مەكتەپتە يېتىشكەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئانا تىلىنى ئۈگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، شۇلارغا مەخسۇس ماس كېلىدىغان ۋاقىتتا ھەقسىز ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈپ بېرىشنى خېلى بىر مەزگىل ئېلان قىلغان بولساممۇ، ئەمما ھېچكىمدىن سادا كەلمىگىنى ئۈچۈن، پەقەت باشقىلارغىلا بەردىم.

Headline, خەۋەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[19 ئىيۇن 2012 | 14 Comments | 5,687 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىز

يېقىندىن بېرى، بارغانسېرى فرانسىيەدىكى مەيلى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى بولسۇن، ئۇيغۇرپەرۋەر ياكى يىراقتىن كۈزەتكۈچىلەر بولسۇن، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز ئوغۇزغا كېلىۋاتقان ياخشى ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ سورالغان سوئال : ”سانىڭلار شۇنچە ئاز، فرانسىيەدىكى تۇرۇش ۋاقتىڭلار شۇنچە قىسقا تۇرۇپ، نېمىدىگەن جانلىق ۋە مىللەتپەرۋەر سىلەر؟ بۇنچىلا غەيرەت ۋە ئېنىرگىيەنى نەدىن ئالىسىلەر؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ھەيران قالارلىقمۇ؟“
ئەمەلىيەتتە مىللىتىمىزنى فرانسىيەدە مۇشۇ يوسۇندا تونۇشتۇرۇپ، فرانسۇز ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ھەيران قالدۇرىۋاتقان بىز ئون نەچچە ئوقۇغۇچى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولالمايمىز. دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇ ھەر تىپ، ھەر خۇلقتىكى كىشىلەر مەۋجۇت. ئەمما ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز بىلەن فرانسىيەدە توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرى باشقىلارغا خۇددى بارلىق ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق مىللىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېرىدىغاندەك تەسىر بەرمەكتە.
دېمىسىمۇ، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تۈركىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە ۋە نورۋېگىيەلەردىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن كەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، تېز سۈرئەتتە تىل ئېگەللەپ، ئۇيۇشۇپ، تەشكىللىنىپ

Headline, ئوقۇش ئوچۇرلىرى, چەتئەلگە چىقىش »

[11 ئاپرېل 2012 | 6 Comments | 4,275 قېتىم كۆرۈلدى]
كامېرىنو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فېزىكا كەسپى ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ

ئۇنىۋېرسىتىت بىلەن بولغان كىلىشىمگە ئاساسەن يۇرتىمىز ياشلىرىغا بولغان بۇ پروگراممىنىڭ يۈرگۈزىلىنىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ،بىرىنجى قارار ئىككى ئوقۇغۇچى،ئۇنىڭدىن كىيىنكى قارارغا ئۈچ ياكى تۆت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

ئۇنىۋېرسىتىت ئىتالىيەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ،فېزىكا بۆلۈمى گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ نۇقتىلىق ساھەلەردە،مەسىلەن:قاتتىق جىسىم نەزەرىيەسى X-نۇرى سپەكتراسى،قۇئانتۇم ئوپتىكىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلار خەلقارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.ھازىرغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بەش نەپىرى ئىتالىيە،فرانسىيە،ئىرلاندىيە،شىۋىتسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.

ئوقۇش ئىككى يىللىق بولۇپ،ئەھۋالغا ئاساسەن بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ.ئوقۇش مۇكاپاتى ئوقۇش پۇلى،ياتاق،تاماقنى كۆتۈرگەندىن باشقا يەنە مەلۇم مىقداردا ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دەرسلەر ئىنگلىز تىلىدا ئۆتىلىدۇ.ئىتالىيە تىلىغا تىل تەلىپى قويۇلمايدۇ.

Headline, ئوقۇش ئوچۇرلىرى, چەتئەلگە چىقىش »

[23 مارت 2012 | 4 Comments | 2,291 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گىئولوگىيە كەسپىدە ئىتاليدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى

كامىرىنو ئۇنىۋىرستىتى (Università degli Studi di Camerino ) ئىتاليەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋىرستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ بولۇپ گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تەبىي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليدە خىلى كۈچلۈك ئۇنىۋىرستىتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىندۇ. بۇ ئۇنۋىرسىتىت يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كىلۋاتماقتا. مۇناسىۋەتلىك پروفىسورلارنىڭ قىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋىرسىتىتنىڭ گئولوگىيە ۋە كومپيۇتىر كەسىپلىرىدە ماگستىر پروگراممىسىدا ئوقۇش پۇرسىتى بىرىلگەن بولۇپ بۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۇچلۇك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ ھىساپلىندۇ. گئولوگىيە كەسپىدىكى ماگستىرلىق پروگرامىسىنىڭ نامى Geo-Environmental Resources and Risks بولۇپ ئۇنىۋەرسىتىتنىڭ پەن-تىخنىكا مەكتىپى، گئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئىلىپ بىرىلدۇ. بۇ پروگرامما گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن ئۇنىۋىرسىتىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىپ بىرىلدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتا بىر يىلدىن ئوقۇسا بولىدۇ. ھەم ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتىن ماگسترلىق ئۇنۋانى ئالالايدۇ.

Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, جەميەتكە نەزەر »

[6 مارت 2012 | 19 Comments | 6,580 قېتىم كۆرۈلدى]
قانچىلىك ئەركىن پىكىر قىلالايمىز؟ ئىسلام دىنى بىلەن ئىلىم پەننىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىز قانداق تۇنۇيمىز؟ فىزىكا پەنلىرى دوكتۇرى بىلەن ئىسلام پەنلىرى دوكتۇرى ئوتتۇرىسدا سۆھبەت.

بۇنداق پوزۇتسىيە تۇتىشىمغا قۇرئاندىن ئاساسىم بار. مەيلى نوھ ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى توپان بالاسى بولسۇن، موسا ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى تالاپەتلەر بولسۇن، مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ياردەمگە بارغان پەرىشتىلەر بولسۇن، ئەلەيھىسالاملارنىڭ دىن تارقىتىش جەريانى بولسۇن ھەممىسى ئەقىلگە مۇۋاپىق. تەبىئەت قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن. ئىنسانلارنى جازالاشقا، پەيغەمبەرلەرگە ياردەمگە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالام مۇۋاپىق ئىدى. ئىمان ئېيتمىغانلارنى، پەيغەمبەرلەرگە بويسۇنمىغانلارنى شۇ زامان ئامانەتنى ئالسا بۇلاتتى. بۇنداق قىلىنمىدى. بەلكى يەرشارىدا مەۋجۇت بولغان تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى بويىچە بولدى. يامغۇر ئەقىلگە مۇۋاپىق، پەرىشتىلەر بورانغا ئۆزگەردى ئەقىلگە مۇۋاپىق. … كىشىلىرىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۇچۈن نۇرغۇن ئەجىرلەرنى قىلدى. قۇرئاندىن نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى تاپقان بولدى… مەسىلەن سانلار… بۇلارنى مۇسۇلمان كىشىلىرىمىزگە يەتكۈزسەك ئاسان قوبۇل قىلىدۇ.

Headline, ئامرىكدىكى ئىشلار, ئوقۇش ئوچۇرلىرى, ئىلىم-پەن, ئۇختۇرۇش »

[26 دېكابىر 2011 | 6 Comments | 5,638 قېتىم كۆرۈلدى]
دوكتۇر رەيھان بەكتۇر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىدۇ، شەرتلىرى بار.

ئامرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتى ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى فاكولتىتىنىڭ پروفىىسسورى رەيھان بەكتۇر يىقىندا يەنە يىڭىدىن تەتقىقات مەبلىغى ئالغان بولۇپ شەرتلىرىگە چۈشىدىغان ئۇيغۇر بالىلاردىن بولسا يەنە بىرنى قۇبۇل قىلماقچى. رەيھان بەكتۇر ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئىككىنى ئالغان بولۇپ ئۇلاردىن بىرسى كىلەر يىلى دوكتۇرلۇق پۈتتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ. بىرسىنى 2011 -يىل كۈزگە ئوقۇش باشلايدىغانغا ئالغان بولۇپ ئۇ يىڭىدىن ئوقۇشىنى باشلىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش پىلانىنى بۇرۇن مەن ياكى باشقىلار مىكروبلوگ ۋە باشقا تورلاردا ئۇختۇرۇش بەرگەن.لېكىن شەرتلەر تازا ئىنىق يېزىلمىغان بولغاچقا باشقىلار كىم بولسا قۇبۇل قىلىۋىرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق مۇھىت ئىنژىنىرلىقىدىن تارتىپ خېمىيە ئىنژىنىرقىغىچە ياكى كەسپى، ياكى بۇرۇن ئوقۇغان دەرىسلىرى ھىچقانداق ماس كەلمەيدىغان، ئۆلچەملىك ئىمتاھانلارنى بەرمىگەن، ياكى نەتىجىسى ياخشى ئەمەس دىگەندەك ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار خەت يازغان. رەيھان بەكتۇر گەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىشنى خالىسىمۇ لېكىن ئۇيغۇركەن دەپلا كىم بۇلسا قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلارمۇ ئوخشاشلا باشقىلارغا ئوخشاش مەلۇم شەرت ۋە تەييارلىقلارنى ھازىرلىغان بۇلۇشى كىرەك، كىلىپلا ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي تۈر تەتقىقاتدىغا كىرىشىپ كىتەلىشى كىرەك. شۇڭا ئوقۇشنى خالىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋال دوكتۇر رەيھان بەكتۇرنىڭ تور بېتىگە چىقىپ ياكى گوگىلدىن ئىزدەپ ئۇنىڭ تەتقىقات دائىرىسى ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى چۈشىنىپ بېقىشىنى

Headline, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[20 دېكابىر 2011 | One Comment | 2,754 قېتىم كۆرۈلدى]
مىنىڭ مەسئۇلىيتىم، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز

ئوقۇغان كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئوقۇمىغان كىشىدىن چوڭ؛ پۇلى بارنىڭ پۇلى يوقتىن؛ ئورنى يۇقۇرنىڭ ئورنى تۆۋەندىن؛ ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن چوڭ بۇلۇشى كېرەك. ئېنېرگىيىڭىز قانچە يۇقۇرى بولسا مەسئۇلىيتىڭىز شۇنچە يۇقۇرى بۇلىدۇ. ئەگەر سىز بىر ياخشى ئادەم بۇلۇپ باشقىلارنىڭ ناچار ئىشلىرىنى كۆرگەندە تەربىيە قىلىڭ، تەربىيە قىلىشقا قۇربىڭىز يەتمىسە، ئۆزىڭىزدە ئۇنداق ئىشلارنىڭ يوقلىغىدىن پەخىرلىنىپ كىتىپ قالماڭ، تىرىشىپ ئارتۇقچىلىقلىرىڭىزنى كۆپەيتىپ تارازىنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ئىغىر قىلىشقا ھەسسە قۇشۇڭ. بۇ سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز، مىنىڭ مەسئۇلىيىتىم. ئوقۇمۇشلۇق، زىيالىي كىشىلىرىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرى، قىلغان گەپلىرى كىشىلىرىمىزنى تۇلۇق رازى قىلالمايۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ زىيالىلارغا، ئوقۇمۇشلۇقلارغا پىكرىڭىز بولسا، ئاچچىغىڭىز بولسا ئىچىڭىزدە ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن ھاقارەتلەڭ، كىشىلەر يوق يەرگە بېرىپ پۈتۈن ئاۋازىڭىز بىلەن تىللاڭ! (ئادەم بار يەردە سەت گەپ ئىشلەتمەڭ!) ئاندىنچۈ؟ ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قالامسىز؟ بۇ ياخشى ئەمەس. سىز مەسىلىلەرنى بايقىغاندىكىن، رازى بولمىغانكىن تىرىشىڭىز كېرەك. تىرىشىپ باشقىلار رازى بۇلىدىغان كىشىلەردىن بۇلۇڭ. بۇنىڭغا قۇربىڭىز يەتمىسە باشقىلارغا تەربىيە قىلىڭ، پەرزەتلىرىڭىزنى ياخشى تەربىلەڭ! باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرۇڭ! باشقىلارنى قوللاڭ! مۆجۈزە كۈتمەيلى! قانداق ئادەملەرنىڭ چىقىشىنى شۇ مىللەتنىڭ ساپاسى بەلگىلەيدۇ. ساپا يۇقۇرى بولسا نوبۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار چىقىدۇ؛ ساپا تۆۋەن بولسا ئاپپاق غۇجىدەك پاسىقلار چىقىدۇ.

Headline, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[20 دېكابىر 2011 | 3 Comments | 2,635 قېتىم كۆرۈلدى]
باشقىلاردىن ئۆزىمىزگە نەزەر

بۇ توردا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان سەۋەپ. ياپۇنلاردا ئىللەت يوق دەمسىز؟ ياۋرۇپالىقلاردا يوق دەمسىز؟ ئادەم بولغانكىن كەمچىلىك بۇلىدۇ. <ئىللەت تۈزۈلمىگىچە مىللەت تۈزۈلمەس> بۇنى كىم يازغان؟ يۇقارقى سەۋەپلەر ئىچىدە بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ زىيىنى ئەڭ چوڭ، پۈتۈن مىللەتنى خاتا يولغا باشلىدى. ئامىرىكا، ياۋرۇپا، ياپۇنىيە ئالدى بىلەن ئىللەتنى تۈگۈتۈپ ئاندىن تەرەققىي قىلغان ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات جەريانىدا ئىللەتنى تۈزەتكەن، ياكى ئارتۇقچىلىقلارنى كۆپەيتىپ، ئىللەتنىڭ تەسىرىنى سۇزلاشتۇرغان. مۇجۈزە يۈز بېرىپ بىر كىچىدە بارلىق ئىللەتلەر يوقالسۇن، ھەممە كىشىلىرىمىز ناماز ئوقۇسۇن، ھەممىسى ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولسۇن، بىزدە يەنىلا ھىچ قانچە يۈكسىلىش بولمايدۇ. يۇقارقى ھەم باشقا، مىللەتنى سۈكۈشكە ئىشلىتىلگەن، تارىخقا، باشقىلارغا دوڭگەش ھەممىسى AQ نىڭ خارەكتىرى، ئۆزىنى ئالداش. بۇ سەۋەپلەر ھەممىسى نەتىجە، ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشنىڭ سەۋەبى ئەمەس.بۇنى بىرقانچە تورداش بۇرۇن ياخشى ماقالىلەر بىلەن چۈشەندۇرگەن. پەن-مائارىپ تەرەققىيەتنىڭ ئاساسىي. بۇ پۈتۈن دۇنيا ئىسپاتلىغان ھەقىقەت. بىزگە دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە ئالىملار لازىم، دۇنياۋى تەسىرى بار يازغۇچى، ئەدىپ، سەنئەت چىلەر لازىم. ھەتتا دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە ئاشپەز، موزدوز، سەيپۇڭلارمۇ لازىم. بۇ يەردە يەنە تورداشلار تىلغا ئالمىغان مۇھىم بىر ئامىلنى قۇشۇپ قۇياي. <ياخشى قانۇن> تەرەققىيەتنىڭ كاپالىتى. مائارىپ بىلەن كىشىلەرگە تەربىيە قىلىمىز. تەربىيە ئاڭلىمىغانلارنى قانۇن بىلەن تەربىيە قىلىمىز. <ياخشى قانۇن> دىگىنىم بارلىق دۆلەت ئۈچۈن لازىم بولغان، تۈزۇم، قانۇن….. ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, جەميەتكە نەزەر »

[20 دېكابىر 2011 | 2 Comments | 2,451 قېتىم كۆرۈلدى]
بۈگۈن ئەقلىي تەپەككۈر قىلدىڭىزمۇ؟

دىمەك ھەركىم قۇرئان، ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەر ئۈستىدە دادىل، ئەركىن ئەقلىي تەپەككۇر قىلسا بۇلىدۇ، ھەم چۇقۇم قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مائارىپ تۈزۈمگە كۆپ پىكىرلىرىمىز بار، باللارنىڭ يۈكىنى ئېغىر قىلىۋەتتى، ئىنىق جاۋاپنى بېرىپ ئىجاتجانلىقنى، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى يوقاتتى دەيمىز. بىلسىڭىز كىشىلارنىڭ دىننى توغرا چۈشەنمەسلىكى ياكى بۇرمىلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاتجانلىقى، ئەركىن ئەقلىي پىكىر قىلىشى سۇزلاشتى. ئاز كىشىلەر دىننى چۈشەندۈرۈشنى مونوپول قىلىۋالدى. باشقا پىكىر قىلغانلارنى كۇپۇر دىدى. بىلىملىك كىشىلىرىمىزمۇ ئالدىغا كەلگەنلەرگە ئالدى بىلەن دىننى قانداق چۈشۈنۈش، ئاللاھ نى قانداق چۈشۈنۈش، قانداق ھىس قىلىش، قانداق پىكىر قىلىشلەرنى چۈشەندۈرمەيدۇ. بۇ ئەسلى ئىسلامدىكى مۇھىم ئىش ئىدى. ئايەت، ھەدىسلەرنى چۈشەندۇرگەندىمۇ <سەن قانداق ئويلايسەن؟ قانداق چۈشەندىڭ؟ پىكىرىڭ نىمە؟> بۇ ئاساستا بولمايدۇ. بىۋاستە جاۋاپنى بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىپ بېقىشىغا پۇرسەت بەرمەيدۇ. نۇرغۇن سۇئالغا <قۇرئان كەرىم>، ئىشەنچىلىق ھەدىس كىتاپلاردىن جاۋاپ تېپىشقا بۇلىدۇ. لىكىن كىشىلەر تەييار جاۋاپقا ئۈگۈنۈپ كەتتى. ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى تاشلىدى. كىتاپ ئوقۇمايدۇ. ئەقلىي تەپەككۇرنى تاشلاش، بۇگۈنكى ھالىتىمىزنىڭ بىر ئىپادىسى. توردا كۆرۈلگەن نۇرغۇن مەسىلىلارنى ئانالىز قىلساق، ئەقلىي تەپەككۇر نىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

Headline, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[19 ئۆكتەبىر 2011 | No Comment | 1,988 قېتىم كۆرۈلدى]
تۇردى لېتىپ: سەپەر خىياللىرى

مارالبېشىغا ئىلگىرى نەچچە رەت بارغان بولساممۇ بۇ قېتىمدىكىدەك كۈزىتىپ باقماپتىكەنمەن. كوچا- كويلىرى رەتلىك، ئاسفالىتلىشىپ، قاتناش چىراقلىرى تولۇق ئورۇنلاشقاننىڭ ئۈستىگە بىر ناھايە بازىرى دەرىجىسىدىن ھالقىغان ھالدىكى ئىگىز ئىمارەتلەر، رەتلىك بازار رەستىلەر كىشىنى بۇ يەرنى بىر شەھەرمىكىن دېگەن ئويغا كەلتۈرەتتى. كىشىلەر ناھايىتى بىخارامان ھالدا ۋېلىسپىتلىك، موتوسىكىلىتلىك ۋە پىيادە يول يۈرۈشەتتى. شەھەردىكى كىرا ماشىنىلىرىمۇ چوڭ شەھەرلەرنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. بىر قانچە يېڭىدىن ئېچىلغان تاللا بازىرىنى ئارىلاپ بۇ يەرنىڭ ھەقىقەتەن بۇرۇنقى مارال بېشى ناھىيەسى ئىكەنلىگىدىن گۇمانلانغۇدەك كەيپىياتقا كەلدىم. مارالبېشىنىڭ داڭلىق نەرسىلىرى خېلى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە مارالبېشى توغراق موگوسى ۋە مارالبېشى تونۇر كاۋىپىنىڭ خېلىلا داڭقى بار. مارالبېشىنى خەنزۇچىدا نېمە دەپ «باچۇ» دەيدىكىن دېسەم يېقىندا ئۇيغۇرچىدا «بارچۇق» دەپمۇ ئاتىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. باچۇ ئەسلى بارچۇقتىن ئۆزگىرىپ كەلگەن بولسا كېرەك. مارالبېشىنىڭ قىسقا مۇددەتتە بۇنچىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشەلىشىنى بۇ يەردە 2003-يىلى 24 –فېۋرال يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. تەبىئىي ئاپەت بەزىدە ھايات قالغۇچىلار ئۈچۈن بەخت سائادەت ئېلىپ كېلىدىغاندەكمۇ قىلاتتى. ھازىر ئۇ چاغدىكىدەك ئاسان ئۆرۈلۈپ كېتىدىغان كېسەك تاملارنىڭ ئورنىغا يەر تەۋرەشكە چىداملىق بىتونلۇق ئىمارەتلەر سېلىنىپ پۈتكۈل ناھىيە بازىرى پۈتۈنلەي يېڭىچە تۈسكە كىرگەن ئىدى.

Headline, ئۇنىۋېرسال, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[28 ئىيۇل 2011 | 25 Comments | 6,236 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى

سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى. رانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن،

Headline, ئىلىم-پەن, خەۋەر »

[28 ئىيۇن 2011 | 7 Comments | 5,679 قېتىم كۆرۈلدى]
ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى: ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئىگىزلىكىدىمۇ شەھەرلەنى قۇرغان

موڭغۇل ئىمپرىيسى دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ باي ۋە چوڭ بولغان ئىمپرىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ تىرىتورىيەسى موڭغۇلىيەنىڭ يايلاقلىرىنى مەركەز قىلىپ ۋېيتنامدىن ۋىنگىرىيەگىچە سوزۇلغان. چىڭگىزخان ھەتتا غەربى ياۋرۇپاغىمۇ تەھدىت سالغان ئىدى. شۇڭلاشقا بۇرۇن موڭغۇل پايتەختى قاراقۇرۇم (Karakorum) نى قىزىپ چىققان بون ئۇنۋېرسىتى (University of Bonn ) ئارخىلوگى جەن بېممان (Jan Bemmann) يىقىندا يىراق ئورخۇن جىلغىسىدا چوڭ كۆلەمدىكى قەدىمقى ئولتۇراقلىشىشنى بايقىغاندا ئۇ ئولتۇراقلىششىنى 13-ئەسىردىكى موڭغۇلىيەنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. لېكىن ئۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىنى، ئۇ بۇ غايەت زور ئولتۇراق رايون ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن بۇرۇن بۇ جايدا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقانلىغى مەلۇم بولمىغان مىلادى 8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى بايقىغان. «بىز ئەسلى نۇرغۇنلىغان موڭغۇل توپا دۆۋىلىرىنى بايقايمىز دەپ ئويلىغان ئىدۇق، لېكىن پۈتۈنلەي خاتالىشىپتىمىز» دەيدۇ ئارخىلوگ جەن بېممان يىغىندىكى دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا. لېكىن ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكا ئەسۋاپلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ يەرگە تىك-تۆت بولۇڭ شەكلىدە تامدا قورشالغان، يەر مەيدانى 30 كۇۋادىرەت كىلومىتېر