Articles Archive for ئۆكتەبىر 2006
رەسىم »
لصگو، كالتةك بصلةن مصت ئصككص ئۇنۋېرسصتصت بصرلصشصپ قۇرغان ئصغصرلصق كۈچص دولقۇنصنص تةكشۇرۈشنص مةقسةت قصلغان دۇنيادصكص ئةڭ چوڭ تةجرصبصخانا. ، ئورنص بصزنصڭ مةكتةپكة ئصككص سائةتلصك يول ، شۇنداقلا بصزنصڭ فاكولتصت بصلةن ياخشص كةسپص ئالاقصسص بار. ئۈتكةن ھةپتة شۇ يةردة بصر كۈن زصيارةتتة بۇلدۇق، بۇ رةسصملةر شۇ يةردة تارتصلغان. رةسصملةرنص باشقا ھةر قانداق ئورۇنلارغا كۈچۈرۈپ چاپلاشقا بۇلمايدۇ.
1. لصگو
2. بۇ نصمة؟
3. ئاۋۇ ئۇزۇن بۇرۇن ماڭا ھومصيۋاتصدۇ.
4. بۇ ئانتصنا قانچصلصك ئېغصردۇ؟ ۋېبېر ئۈزص ئصشلصگةن ئانتصنا جۇما بۇ.
5. مةن بصلةن رةسصمگة چۇشۈۋېلصشنص تالصشصپ بۇلار سوقۇشۇپ كةتتص ، سوقۇشماي پةيدۈيدة تۇرۇڭلار دةپ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

بۇ ئايرۇدۇرۇمدىم چىقىپ دەممۇ ئالماي يەنە بىر ئايرۇپىلانغا ئولتۇردۇم.چۇنكى مىنىڭ بارىدىغان يېرىم يەنە بۇ يەردىن 40 مىنوتلۇق ئايرۇپىلاندا بارىدىغان يەردە ئىدى. يىڭى ئايرۇپىلانغا چىققاندىن كىيىن بىر دەمدىلا نىشانغا يىتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا يەرلىك ۋاقىت چۇشتىن بۇرۇن سائەت 11 بۇلغانىدى. بۇ يەرنىڭ ئايرۇدۇرۇمى بەك كىچىككەن. ئايرۇدۇرۇمدىم چىقسام جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئالدىمغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ بلەن قىزغىن كۈرۈشكەندىن كىيىن مەن ئۈچۈن بىر نەچچە كۈنلۈك تۇرىدىغان يەر تەمىنلەپ بەرمەكچى بۇلغان يەنە بىر جۇڭگۇلۇقنىڭ ئۈيىگە ئەكىلىپ قويۇپ كىتىپ قالدى. مەن تېخى بۇ يەردە تۇرىدىغان يەرنى ئالاقىلىشپ بۇلالمىغاچقا كىلىشتىن بۇرۇن تۇرىدىغان يەر
ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئامرىكىغا ماڭىدىغان بۇلدۇم. شۇ كۈنلەردە بىر تۇرۇپ ئۈزەمگىمۇ ئشەنگۈم كەلمەيتتى. ئالى مەكتەپتە رەسمى كەسىپ ئۈگىنىشكە چۈشۈپ ئەتراپىمدىكى پۈتتۇرۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانچە مۇنچە ئامرىكىغا ماڭغانلىغىنى كۈرۈپ كۈڭلۈم بىر قىسما بوپ قالاتتى.ئو چاغلاردا تېخى ئىنتېرنېت ئىشلىتىشنى ئەمدى ئۈگىنىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. بىر يەرلەردىن شۇندا تەسلىكتە ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تور ئادىرسىنى تېپىپ ئەمدىلا ئېغىزىم چىقىشقا باشلىغان ئىنگىلىس تىلى بىلەن ھېجىلاپ ئوقۇپ قارىسام ئامرىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى بەك قىممەتكەن. تۇت يىل ئوقۇش پۇلى خەلىق پۇلىغا سۇندۇرغاندا بىر مىليۇندىن ئېشىپ كىتىدىكەن. لېكىن ئەتراپىمدىكى تونۇش كونا بالىلار يەنىلا ”ئامرىكىغا كىلەر ئايدا ماڭىمەن“ دەپ
ئامرىكدىكى ئىشلار, چەتئەلگە چىقىش »

جۇڭگۇدا تېببىي كەسىپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامېرىكىغا كېلىش يوللىرى
يازغۇچى: مەمەت ئەمىن
ئامېرىكىدىكى تېببىي مەكتەپ تۈزۈمى
ئامېرىكىدا تېببىي مەكتەپ (مەدىكال سچوئول) دا ئوقۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن 4 يىللىق ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىشى كېرەك. ئادەتتە مەلۇم كەسپنى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى ئاندىن تېببىي مەكتەپكە كىرەلەيدۇ دەيدىغان ئېنىق بەلگىلىمە بولمىسىمۇ، بىراق، تېببىي مەكتەپكە كىرمەكچى بولغان ئوقۇغۇچىلار كەم دېگەندە چوقۇم تەبىئى پەندە ئوقۇغان بولۇشى كېرەك، ئۇندىن باشقا مېدىتسىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك پەنلەردە يەنى بىئولوگىيە، خىمىيە، بىئوخىمىيە، مىكروبىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەردە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېببىي مەكتەپكە كىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولۇش كېرەك، …
ئويلانمىلار »
ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ، ﻳﯩﯖﻰ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﯞﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻳﯩﯖﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﻜﻪﻥ، ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﻮﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜﺯﻩﻣﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯜﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺋﯜﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﻛﯜﺭﻩﭘﺘﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯜﺭﯗﭖ ﺑﯘﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ.
ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺩﻩﭖ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﯕﻠﯩﺸﯩﻢ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﺋﯜﺗﻜﯜﺯﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮬﻪﭘﺘﻪ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﻥ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭ ﻛﯜﺭﻣﯩﮕﻪﭼﻜﻪ (ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻳﺎﺗﯩﻘﯩﻤﺪﺍ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﻭﺭ ﻳﻮﻕ) ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺧﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ. ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﺮﻩﭘﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﮬﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﯘﻳﯘﭖ ﻳﯜﺭﺳﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﭘﺎﺕ ﭘﺎﺕ ﺩﻩﺭﯨﺴﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ. ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ﺩﯨﺴﻪﻡ …
پارچە-پۇرات گەپلەر »

3-ئاي ۋاقىتلار، تازا ئوقۇشنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا كەچتە مەكتەپتىن يېنىپ كىلىپ تاماق قىلاي دەپ سەي توغراۋىتىپ قولۇمنى شىرتتىدە كىسىۋالدىم. بىردەم قان چىقىپلا توختاپ قالدى، مەنمۇ كارىم بۇلمايلا ئىشىمنى قىلىۋەردىم ۋە بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتتىم. لېكىن 2-3 كۈن ئۈتكەندىن كىيىن بۇ يەر قىزىرىپ چىقىپ يىرىڭداپ قالدى. مەنغۇ ئۈزى ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ يۈرۈۋەرمەكچى ئىدىم. بىللە تۇرۇدىغان ھەمراھىم بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دەپ تۇرۇۋالدى. ھەم سىنىپتا بالىلارنىڭ دەرسىگە يىتەكچىلىق قىلغان ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ قشىدا بىر خىل ئەپسىز ھىس قىلىپ قالدىم. ئۈزەم يىڭنىدەك بىر نەرسىدە تىشىپ يىرىڭنى چىقىرۋىتەي دىسەم ھەمراھىم «يەنە بۇلمايدۇ، دوختۇرغا بارايلى، شۇلار قىلسۇن» دەپ بىللە دوختۇرغا باردۇق. دوختۇر دەسلەپتە يېرىم سائەتتىن