Home » Archive

Articles tagged with: Beijing

ئىلھام, خەۋەر »

[28 ئاۋغۇست 2008 | 5 Comments | 1,012 قېتىم كۆرۈلدى]
CCTV رىياسەتچىسى نىغمەت بىلەن سۆھبەتنى چۈشۈرۋېلىڭ. CCTV Program Host: Negmet

بۈگۈن قارىسام شەبنەم تورى سۈھبەت ئويۇشتۇرۇپتىكەن، چۈشۈرۈپ كۇرۇپ باقتىم. نىغمەتنىڭ تېلىۋىزوردىكى سۈزلەۋاتقان خەنزۇچىسىغا قاراپ ئۇنى مەن ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلەيدۇ دەپ قەتئى ئويلىماپتىكەنمەن. چۇنكى ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە سۈزلىگەن، جۇڭگۇ، خەنزۇ ئاساسى ئېقىم مەدىنىيـتىگە بۇنداق چوڭقۇر كىرەلىگەن ئادەم كىچىگىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە مۇھىت بولمىغان شارائىتتا چوڭ بۇلغان، شۇڭا ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ بەك ئارلىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۈگەن كۆرگەن بۇ قىسقا سۈھبەت بۇ كۆز قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۈزگەرتىۋەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى سۈزلەيدىكەن، ئۇيغۇرچە بولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن. دادىسى خەلىق نەشىرىياتنىڭ مۇھەرىرى ئىكەن

جەميەتكە نەزەر, كولتىگىن »

[25 ئاۋغۇست 2008 | 5 Comments | 889 قېتىم كۆرۈلدى]
بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھەققىدە Olympic is over

نېمىلا دېگەن بىلەن نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ كۆز يېشىنى ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئېرىشكۈچىنىڭ كۆز يېشىنى كۆرۈپ، ئۈمىد بىلەن ئۈمۈدسىزلىكنىڭ ئادەمگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز.بىزگە ئېلىپ كېلىدىغىنى بىر خىل قەيسەر روھ!شان-شەرەپ ۋە مۇۋاپىقىيەتنىڭ ئىنسان قەلبىدە قالدۇرىدىغان چوڭقۇر تەسىرى….
بىر مۇۋەپىقىيەتلىك ئېچىلغان ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننى تاماملاش ئۈچۈن،7يىل ۋاقىت،نەچچە يۈزمىڭ ئادەم،نەچچە مىليارد پۇل خەجلەشكە توغرا كېلىدۇ.خەلق-ئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ،ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىلىشى ئۆتكۈزمەكچى بولغان شەھەرگە قۇيۇلىدىغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغلىشىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باسقۇچلىرىنى

ئىنگلىس تىلى, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[7 ئاۋغۇست 2008 | 5 Comments | 793 قېتىم كۆرۈلدى]
ئولىمپىك لوزۇنكىلىرى توغرا يېزىلسۇن

ئولىمپىكنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى بېيجىڭغا ئاغدۇرۇلدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا 10مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك مۇخبىرلار جۇڭگۇغا بارىدىكەن ( بەلكىم بېرىپ بولدى).چەتئەلنىڭ مۇخبىرلىرى ئەزەلدىن ھەممە نەرسىدىن دىققەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ مۇخبىرلار بېجىڭدىكى ۋىسىكا، تاختا، چۈشەندۈرۈش قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىتىلگەن ئىنگلىسچە سۈزلەرنىڭ خاتا، جايىغا بارمىغان يىرىگىمۇ دىققەت قىپتۇ. سەل خاتا، بەك جايىغا بارمىسىمۇ مەيلى. بولۇپمۇ خەنزۇچىدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلغاندا شۇ پېتى تەرجىمە قىلسا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز بىرىلگەن رەسىمگە قاراڭ. ئۇ رەسىم بېيجىڭدىكى بىرەر رىستۇراننىڭ ئولىمپىكنى قوللاش ئۈچۈن چىقارغان لوزۇنكىسى ئوخشايدۇ. لېكىن ئىنگىلىسىچىسى تەرجىمىسى بەكلا خاتا

رەسىم »

[20 سېنتەبىر 2007 | No Comment | 1,062 قېتىم كۆرۈلدى]

بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتقاندا بـيجىڭدا چولپانىمىز ئەركىن ئابدۇللانىڭ كۈتىۋىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەركىن مىنىڭ
كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ باشقا مۇھىم ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ،ئەتىسى ئەتىگەندە cctv غا مۇھىم نۇمۇر بىرىدىغان
تۇرۇقلۇق ئاتايەن كىلىپ يۈز كۈرۈشۇپ ئەھۋاللاشتۇق. بۇرۇن ئەركىننى پەقەت تېلىۋىزوردىن ياكى چىقارغان
پىلاستىنكىلىرىدىن كۈرگەن. ئەمەلى تۇرمۇشتا كۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئەركىن ناھايتى سەمىمى، كەمتەر ئىكەن. كىيىن
سورۇندا ئادەم جىق بۇلۇپ كىتىپ ياخشىراق ئەھۋاللىشالمىغان بۇلساقمۇ لېكىن بىر-بىرىمىزنى ھىس قىلدۇق ۋە
چۈشەندۇق. ئەركىن كىچىك پېئېللىغى، جازىسى يوقلىغى، بولۇپمۇ سەمىمىلىگى مەندە چوڭقۇر تەسىر
قالدۇردى ۋە ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. ئايرىلغاندىن كىيىنمۇ ئالاقە باغلاپ تۇردۇق. مەن بۇ تىما ئارقىلىق
ئەركىننىڭ بۇندىن كىيىن ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق …