بېيجىڭدا ئەركىن ئابدۇللا بىلەن بىللە Meeting with Arken Abulla
بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتقاندا بـيجىڭدا چولپانىمىز ئەركىن ئابدۇللانىڭ كۈتىۋىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەركىن مىنىڭ
كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ باشقا مۇھىم ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ،ئەتىسى ئەتىگەندە cctv غا مۇھىم نۇمۇر بىرىدىغان
تۇرۇقلۇق ئاتايەن كىلىپ يۈز كۈرۈشۇپ ئەھۋاللاشتۇق. بۇرۇن ئەركىننى پەقەت تېلىۋىزوردىن ياكى چىقارغان
پىلاستىنكىلىرىدىن كۈرگەن. ئەمەلى تۇرمۇشتا كۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئەركىن ناھايتى سەمىمى، كەمتەر ئىكەن. كىيىن
سورۇندا ئادەم جىق بۇلۇپ كىتىپ ياخشىراق ئەھۋاللىشالمىغان بۇلساقمۇ لېكىن بىر-بىرىمىزنى ھىس قىلدۇق ۋە
چۈشەندۇق. ئەركىن كىچىك پېئېللىغى، جازىسى يوقلىغى، بولۇپمۇ سەمىمىلىگى مەندە چوڭقۇر تەسىر
قالدۇردى ۋە ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. ئايرىلغاندىن كىيىنمۇ ئالاقە باغلاپ تۇردۇق. مەن بۇ تىما ئارقىلىق
ئەركىننىڭ بۇندىن كىيىن ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
(رەسىمنى باشقا يەرلەرگە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بۇلمايدۇ)
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!