Home » Archive

Articles tagged with: Blog

ئۇختۇرۇش »

[4 ئىيۇل 2010 | 18 Comments | 1,066 قېتىم كۆرۈلدى]
بلوگ ئەسلىگە كەلدى Blog Resumed

بلوگ ئەسلىگە كەلدى. 
ۋاقىت دىگەن ئەجەپ تىز ئۆتىدىكەن، ھەش پەش دىگۈچە مانا بلوگ يازمىغىلى بىر يىل بۇلاپ قاپتۇ. گەرچە بلوگ بىر يىل يىڭىلانمىغان بولسىمۇ بلوگنى يۇقلاپ تۇرىدىغانلار بىر كۈنمۇ ئۈزۈلمىدى، تور ئېچىلغاندىن كىيىنلا ئەمەس تور يوق ۋاقىتلاردىمۇ  چەتئەلدىن كىرىپ، تام ئاتلاپ كىرىپ، يەنە بىر نىمىلەرنى قىلىپ كىرىپ زىيارەت مىقدارى ئاز بوپ كەتمىدى، ھەتتا كىرگەن تورداشلار ئىلاننى چىكىپ قويۇشنىمۇ ئۇنۇتمىدى. تور يوق ۋاقىتتىمۇ گۇگۇلدىن 100 دوللار ئېلىپ خوتۇنغا خەجلەپ بىرىپ خوتۇننى خوش قىپ بولدۇم،لېكىن شۇ تورداشلارنى خوش قىپ بۇلالمىدىم. تور ئېچىلسۇن دەپتىمەن، تور ئېچىلىپتى ئىمتاھانلار باشلىنىپ ئالدىراش بولۇپتىمەن، تەتىل بوپتۇ ئارام ئېلىپ …

ئۇختۇرۇش »

[16 يانۋار 2010 | 60 Comments | 3,053 قېتىم كۆرۈلدى]
جېك تور خاتىرىسى ئەسلىگە كەلدى، بۇندىن كىيىن نورمال يىڭىلىنىدۇ.  Blog Re-activated From Today

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، ئالدى بىلەن كىچىكىپ بولسىمۇ ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. ئەسلى بۇ مۇبارەكنى يىڭى يازما بىلەن يىڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدىلا بەرمەكچى ئىدىم، لېكىن يىڭى يىل ئالدى كەينىدە شەخسى ئىشلار بىلەن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ئىككى ئۈچ كۈننى ئۆتكۇزۇۋېتىپ قارىسام بۇ تور خاتىرىسىنىڭ مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۇچى چوڭ تور بەت بلوگباس تاقىلىپ قاپتۇ. جۇڭگۇدا زور كۈچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنتېرنىتنى تازىلاش ھەركىتى گۇگۇل، BTchina دىگەندەك چوڭ تور بەتلەر بىلەن ئۆتەمدىكى دىسەم بىزدەك كىچىك تور بەتلەرگىمۇ تەسىرگە ئۇچراپتۇق. بۇ تور خاتىرىسىنىمۇ ئەمدى يۈتۈرگەن ئوخشايمەن دەپ كۆڭلۇم جىق يېرىم بولدى. قايتىدىن يىڭى بىر بىلوگ …

ئۇختۇرۇش, جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »

[13 يانۋار 2009 | 20 Comments | 769 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگدا Jeck بلوگى ئىككىنچى بولدى  Top 10 Blogs of Uyghurs: Jeck Blog is No.2

يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتى بىر نەچچە ئايلىق نامزات كۆرسىتىش، باھالاش، بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بۇ يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخىرقى خۇلاسىسىنى ئىلان قىلدى. بۇ پائالىيەت بىر قەدەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ باھالاش ئادىل بولدى. ھەم ئاخىرقى خۇلاسىسدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇرلادىكى بلوگلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئاخىرقى نەتىجىدە بىر زات ئەپەندىنىڭ 80 خالتا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك بلوگى بىرىنچى دەرىجىگە، جېك تور خاتىرىسى ئىككىنچىگە، مەرىپەت بلوگى( ئەركىن سىدىق تور خاتىرىسى) ئۈچىنچىگە تىزىلغان. بۇ تىما ئارقىلىق ئاۋال بلوگى قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كۈزگە كۈرۈنۇپ تورداشلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالىغان، پېقىرنىڭ بلوگىدىن …

ئۇختۇرۇش »

[3 دېكابىر 2008 | 12 Comments | 837 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ئۈچۈن بىلەت تاشلاڭ Vote for the Jeck Blog's Ranking

 
بىر ئايدىن بويان يۈكسەل بلوگى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا نامزات كۈرسىتىش باسقۇچلىرى تۈگەپ ھازىر بىلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىردى.مىھمانلارنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۈزى ياقتۇرىدىغان بلوگ ئۈچۈن بىلەت تاشلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەلۋەتتە، جېك بلوگى ئۈچۈن بىر بىلەت تاشلاپ قويمىىساڭلار بولماس، قارىسام كەينىدە قاپتۇ.
بىلەت تاشلاش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىپ يۈكسەل بىلوگىغا كىرسىڭىز ئوڭ تەرەپتە نامزاتلىققا كۈرسىتىلگەن 24 بلوگنىڭULY دا يېزىلغان تىزىملىگى بار. شۇ يەردىن بىلەت تاشلىساڭلار بۇلىدۇ.

ئۇختۇرۇش »

[24 ئاۋغۇست 2008 | 15 Comments | 800 قېتىم كۆرۈلدى]
Blog يازغۇچىسى تەكلىپ قىلنىدۇ. Invitation to write Jeck Blog.

پېقىر بلوگ ئاچقاندىن بىرى كۈڭلۈمدە ئىلىم پەن توغرىلىق دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ تۇرسام دەپ ئويلاپ بىر نەچچىنى يازدىم، مەسىلەن نوبىل مۇكاپاتى،(1) (2) (3) ، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى توغرىلىق مۇھاكىمە (1) (2) قاتارلىق. لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دائىم يېزىپ بۇلالماي قالدىم. بلوگنى قايتا ئاچقاندىن كىيىن يەنە شۇلارنى داۋاملاشتۇراي دىسەممۇ ئۈزەم يالغۇز سىجىل داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك تۇرىمەن. شۇڭا مۇشۇ توغرىلىق ماتىرىيال قىلىپ يېزىپ بۇلالمىساقمۇ لېكىن بۇلۇۋاتقان ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزسەك دىگەن خىيال بىلەن شۇنى قىلالايدىغان بالىلار بولسا تەكلىپ قىلسام دىگەن ئۈمىتتىمەن. تەلەپ:1) ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى ھەپتىلەردە بىر قېتىم تىما يوللىيالايدىغان بۇلۇشى كىرەك.

ئۇختۇرۇش »

[6 ئاۋغۇست 2008 | 70 Comments | 3,530 قېتىم كۆرۈلدى]
Jeck تور خاتىرىسىدىن ياردەم سوراش، ئىشلىتىش ۋە Jeck بىلەن ئالاقىلىشىش

1. تور خاتىرىدىكى مەزمۇنلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىلمىسە باشقا تورلارغا كۈچۈرۈپ چاپلىسا بۇلىدۇ. لېكىن چوقۇم مەنبەسى ۋە يازغۇچىسى ئەسكەرتىلىشى كىرەك. ئەگەر ئالاھىدە چەكلىمىلەر بولۇپ قالسا ( مەسىلەن مەلۇم ۋاقىتقىچە كۈچۈرۈپ چاپلىماسلىق ياكى رەسىملەرنى تارقاتماسلىق دىگەندەك) شۇ تىمىنىڭ ئاخىرىغا يېزىلغان بۇلىدۇ. تورداشلارنىڭ چوقۇم تور ئەخلاقى بويىچە رىئايە قىلىشنى سورايمەن. 2. تور خاتىرە كۈندە يىڭىلانمايدۇ، شۇڭا ۋاختىڭلارنى تىجەش ئۈچۈن كۈندە كىرىپ يۈرمىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ، نورمال ھالەتتە ھەپتىدە بىر يىڭى تىما قوشۇلىدۇ.3. يىڭى بلوگنىڭ ئايرىم بلوگقا سۈز قالدۇرىدىغان يىرى يوقكەن. سۈزلەر ھەممىسى ئىنكاس سۈپىتىدە تىما ئاخىرىدا يېزىلىدىكەن. ئادەتتە بۇ بلوگدا ئىنكاس يازىدىغانلار كۆپ بۇلغاچ

ئۇختۇرۇش »

[6 ئاۋغۇست 2008 | 13 Comments | 1,268 قېتىم كۆرۈلدى]
Jeck تور خاتىرىسى رەسمى ئېچىۋىتىلدى.

ەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدىڭ شىنجاڭ لىنىيسى تورى (Uighur.cn) بلوگ مۇلازىمىتىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇلازىمىتىنى نەچچە ئايلار بۇرۇن ئالدىن ئۇختۇرۇش بەرمەي تۇيۇقسىز توختىتىپ قويغانلىقتىن تور خاتىرىمۇ توختاپ قالغان ئىدى. قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق تور خاتىرىسىنى بۇ يەرگە يۈتكىدۇق. ئەسلى تور خاتىرىسدە 120 دىن ئارتۇق تىما يېزىلىپ ، ئىنكاسلار 1500 دىن ئارتۇق بولۇپ زىيارەت قېتىم سانى 440 مىڭدىن ئاشقان ئىدى. كۈندىلىك زىيارەت مىقدارى 1000-2000 ئەتراپىدا ئىدى. تور خاتىرىسىنى يىڭى يەرگە ئىچىش ئاسان بولسىمۇ، تىمىلارنى يۈتكەپ كىلىش ئاسان بولسىمۇ لېكىن ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى يۈتكەپ كىلىشكە ئىمكانىيەت بولمىدى. ئەسلى بۇ ئىنكاسلار بلوگنىڭ بەكمۇ مۇھىم بىر قىسىمى ئىدى، شۇ ئىنكاسلار بولغاچقىلا

ئۇختۇرۇش »

[2 ئىيۇن 2006 | 2 Comments | 998 قېتىم كۆرۈلدى]

مەن بىرەر يىلدىن بويان ئىزدىنىشتە ئىلان قىلغان بارلىق يازمىلىرىم، بىر
قەدەر كۈپراق يېزىلغان ئىنكاسلىرىمنى بۇ يەرگە توپلاپ يالدامە سۈپىتىدە
ساقلاپ ماڭماقچى. شۇنداقلا بىر قەدەر ياخشى دەپ قارىغان باشقىلارنىڭ
يازمىسىنىمۇ ئەسلى ئاپتۇرى، ئادىرسىنى ئەسكەرتكەن ھالەتتە يېغىپ قويماقچى.
بۇندىن كىيىن مىنىڭ يازمىلىرىمنى كۈرمەكچى بۇلغانلارنىڭ بىۋاستە مۇشۇ
يەرگە كىرىپ ئوقۇشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.