Articles Archive for مارت 2013
Headline, ئۇختۇرۇش, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ
فىرانسىيەنىڭ مۇھىم ئۇنۋىرسىتىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەسسىس قىلىنغانلىغىنى خاتىرلەش ئۈچۈن Jeck بلوگى تەرىپىدىن ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن يىزىلغان.
ئۇيغۇر تىلىنىڭ فرانسىيەدىكى ئەڭ مۇھىم ئالى بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە رەسمى ھالدا دەرس قىلىپ بېكىتىلگەنلىك خەۋىرى ئۈندىدار، كوت-كوتقا ئوخشاش پاراڭ قۇتىلىرىدا تارقىلىپ كەتكەندىن كىيىن، بەزى ساۋاقداشلار ماڭا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تولۇقراق ئۇچۇر ۋە مېنىڭ كىملىكىم ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى سوراۋاتقانلىقىنى ئېيتىشتى. ماقالىلىرىمنى ئېلان قىلىپ تۇرىدىغان جەك بلوگىمۇ مېنىڭ بۇ ھەقتە بىر تەپسىلىيرەك ماقالە يېزىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ خەۋەرنى مەن رەسمى ئۇقتۇرۇش ئالغان ھامان، خوشاللىقىمنى باسالماي، فېيسبۇكتا ئېلان قىلغاچقا ۋە تەپسىلى مەلۇماتلارنى كېچىكىپ ئالغاچقا، پەقەت ئەمدى ۋاقىت چىقىرىپ، بۇ قىسقا ماقالە ئارقىلىق، تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا مانا ئەمدى جاۋاپ ئېلىپ كېلەلىدىم.
بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، يېقىندا ئۇيغۇر تىلى ئاخىرى فرانسىيە دۆلەتلىك شەرق تىللىرى ۋە مەدەنىيەتلىرى ئىنىستىتۇتىدا رەسمى ھالدا تولۇق كۇرس دەرسى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇ ئۇنىۋېرسىت فرانسىيەنىڭ بىردىنبىر شەرقشۇناسلىق ئالى بىلىم يۇرتى.

Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.