Articles Archive for يانۋار 2009
جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »

بىز ئۈتكەن يىلى بىر قىسىم تورداشلار بىرلىكتە 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر نامىدا بىزنىڭ نەزەرىمىزدىكى 2007-يىلىدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش ۋە 2007-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەرنى ئىلان قىلغان ئىدۇق. گەرچە تەسىرى بەك چوڭ بۇلۇپ كەتمىسىمۇ، بىز ئۈزىمىز ھەم بەك كەسپى قىلىپ كىتەلمىسەقمۇ بۇ يىلمۇ يەنە قىلىشنى ئويلاشتۇق. مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەر ئۆتكەن يىلى تەپسىلى بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلمىدى. قىززىقىدىغانلار ئۆتكەن يىلدىكى تىمىنى ئوقۇپ ئۈتكەي. بۇ يەردە تەكىتلەپ قويىدىغىنىم بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىز بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.
2008-يىلدىكى شىنجاڭدىكى …
ئۇختۇرۇش, جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »
يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتى بىر نەچچە ئايلىق نامزات كۆرسىتىش، باھالاش، بىلەت تاشلاش ئارقىلىق بۇ يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ئاخىرقى خۇلاسىسىنى ئىلان قىلدى. بۇ پائالىيەت بىر قەدەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ باھالاش ئادىل بولدى. ھەم ئاخىرقى خۇلاسىسدىن قارىغاندىمۇ ئۇيغۇرلادىكى بلوگلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئاخىرقى نەتىجىدە بىر زات ئەپەندىنىڭ 80 خالتا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك بلوگى بىرىنچى دەرىجىگە، جېك تور خاتىرىسى ئىككىنچىگە، مەرىپەت بلوگى( ئەركىن سىدىق تور خاتىرىسى) ئۈچىنچىگە تىزىلغان. بۇ تىما ئارقىلىق ئاۋال بلوگى قۇرۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ لېكىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا كۈزگە كۈرۈنۇپ تورداشلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالىغان، پېقىرنىڭ بلوگىدىن …
ئىلىم-پەن, تەجرىبە, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
بۇ يىغىن San Francisco شەھىرىدىكى Moscone كۈرگەزمە زالىدا ئۈتكۈزۈلگەن بولۇپ كۈرگەزمە شىمالى ۋە جەنۇبى زال دەپ ئىككىگە ئايرىلىپتۇ، مەھسۇلاتلار ئاۋاز، سىن، يېزىق تەھرىرلەشتىن تارتىپ ماشىنا، مىدىتسىناغىچە باركەن. iPhone غا ئىشلىتىدىغان قوللانما دىتاللار ناھايتى كۆپ ساندا ئىگەللەيدىكەن. جەمئى 7 سائەتتە ئايلىنىپ بولدۇم.
ئىلىم-پەن, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

مەك دۇنياسى يىغىلشى ۋە كۈرگەزمىسى Macworld Conference & Expo ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى ئامرىكىدا ئۈتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى يىغىلىش بولۇپ بۇ يىغىلىشتا مەك كومپۇتېرىغا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دە يۇمشاق دىتال ياسايدىغان شىركەت، كارخانىلار، ئوچۇر تېخنىكا خادىملىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلار يىغىلىپ ئەڭ يىڭى مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى ئورتاقلىشىدۇ، مەھسۇلاتلارنى كۈرگەزمە قىلىدۇ، داڭلىق تېخنىكا خادىملىرى لىكىسيە سۈزلەيدۇ، تېخنىكا ساھەسىدە چولپان ئاتالغان مەشھۇرلار قاتنىشىپ كۈرىدۇ ياكى نۇتۇق سۈزلەيدۇ. شۇڭا بۇ يىغىلىش ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى مۇھىم يىغىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ بىلىتىمۇ قىممەت ھىساپلىنىدۇ.
بۇ يىللىق يىغىلىش بىرىنچى ئاينىڭ 4 -كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئامرىكىنىڭ San …
ئىنگلىس تىلى, ئۈگىنىش, تەجرىبە, چەتئەلگە چىقىش »

بۇ تىمىنى كانادادا ئوقۇۋاتقان ئابدۈشۈكۈر ئۈزىنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن مەخسۇس چەتئەلگە چىقپ ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلار ئۈچۈن يېقىندا يازغان. ئابدۈشۇكۇر بۇرۇنمۇ جېك بلوگىدا كاناداغا ئوقۇشقا چىقىىش ۋە ۋىزا ئېلىش توغرىسىدە تەپسىلى تىما يازغان ئىدى. ئابدۈشۈكۈرنىڭ بۇ قىممەتلىك ئەمگىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۈپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
ئابدۈشۈ كۈرنىڭ ئۇيغۇرچە بېسىش سۈرئىتى بەك ئاستا بولغاچقا خەنزۇچە يازغان. مۇرەككەپ بولمىغاچقا چەتئەلگە چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنى چۈشىنەلەيدۇ دەپ ئويلايمىز.