Articles tagged with: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, تۈرى يوق, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
33. ئامېرىكىدىكى ئازەرىنىڭ زارى
ئامېرىكىغا كېلىپ تۇنجى قېتىملىق ساياھېتىمدە بىر ئىرانلىق تۈرك (ئىرانغا مۇستەملىكە ئەزەربەيجانلىق) بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. دەسلەپكى پاراڭلاردىن مېنى ئېچىندۇرغىنى، يېشى50 دىن ئاشقان بۇ كىشىنىڭ بىر ئېغىز ئىنگىلىزچە بىلمەي تۇرۇپ ۋەتىنىنى، ئائىلىسىنى تەرك ئېتىپ، يات ئەلدىن پاناھلىق تىلەپ بامباشقا بىر ھاياتلىق سەپىرىگە ئاتلانغىنى بولدى. 2009-يىلى تومۇزدىكى پاجىيە سەۋەبلىك بۇ كىشىمۇ مېنىمۇ ئامېرىكىغا پاناھلىق تىلەپ كەلدىمىكىن دەپ قاپتۇ. پەرەز قىلغىنىمدەك ئۇ ئامېرىكىغا سىياسى پاناھلىق تىلەپ كەپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە پاناھلىق تىلەش دېگەنلىك ئۆز دۆلىتىدە ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان كىشىلەرنىڭ نورمال ھاياتىنى داۋام قىلىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوغۇدىشىغا، ئىلتىپاتىغا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
32. ئامېرىكىدا ئاياللار ۋە ئەرلەر
1. ئايالىمنىڭ نەزىرىدىكى ئامېرىكا ئاياللىرى ۋە ئەرلىرى
ئايالىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئامېرىكىلىق قىز-ئاياللارنىڭ ياسىنىپ تارىنىشلىرىغا باھا بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە بۇ يەردە قىز چوكانلار ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەكسىچە يۈزىگە ئانچە قېنىق گىرىم قىلمايدىكەن. ئايالىم ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىشلەش جەريانىدا ئامېرىكىلىق خانىم قىزلارنىڭ يۈز گۈزەللىكىگە ئەمەس ئۇسقىنىنىڭ گۈزەللىكىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىپتۇ. ئادىتىم بويىچە ئايالىمغا بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈزىگە كۆپرەك گىرىم قىلىشىدىكى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكىگە بەكرەك مەپتۇن بولۇشىدىكى سەۋەب نېمە؟
بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرى بۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇن ”كىم ئايىپ ئىشتۇر قۇلاق، ئاي ئۆيى ئارتۇچ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
31. ئۇيغۇرپەرۋەرلىك ۋە باشقا ئاشقۇنلۇقلار
چەتئەلدىكى ھىكايە
غەرپتىكى مەلۇم دۆلەتتە بىر قانچە ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىكەن. ئارىدىكى بىرى خىزمەت ۋاقتىدا باشقا ئىشلارنى قىلىپ خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بىرى بۇ ئىشنى باشلىققا ئىنكاس قىلىپتۇ. نەتىجىدە ئىنكاسچى ئىدارىدە يەكلىنىپ قاپتۇ. بۇ ھەقتە مەن ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ باھاسى مۇنداق بولدى. ”ھەممەيلەن ئۇيغۇر تۇرسا نېمە قىلىدۇ دوكىلات قىلىپ؟“، ”مۇئاشنى خەق بېرىۋاتسا نېمە كارى؟“، ”باشلىقى ئۇيغۇر بولسىغۇ بىر گەپ، ئۇيغۇرنى ياتقا چاقتى دېگەن نېمە ئىش؟“
ئىچكىرىدىكى ھىكايە
بىر كۈنى دۆلەتلىك ئىنگىلىزچە ئىمتىھانغا نازارەتچى بولۇپ قالدىم، مەن بىلەن بىللە نازارەتچى بولغان مۇئەللىم“ بۇ سىنىپتا بىرمۇ ئۇيغۇر …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
29. ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز
-سۆيگۈ قەپىزىدىن ئەقىل قوندىقىغا
«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىنى يېزىپ بولۇپ ئاخىرىنى داۋام قىلمىدىم. سەۋەبى بىرى ۋاقتىم چىقمىدى، يەنە بىرى نېمىلەرنى كەم نېمىلەرنى ئارتۇق، نېمىنى ئۇتۇقلۇق، نېمىنى ئۇتۇقسىز يازغانلىقىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. يازمامنى ياقتۇرغانلاردىن سورىدىم، ئەمما ئېنىق جاۋاپ چىقمىدى. ئارىدا بىر ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى. دېيىلىشىچە ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ 30 ياشقا كىرىپ قالغان، بىر بالىلىق بولغان بىر يىگىت ئۆيىنى گۆرۈكەشكە 80 مىڭ سومغا گۆرۈگە قويۇپ يوقاپ كېتىپتۇ. ئانا يىغلاپتۇ، قېرىنداشلار ئىزدىمىگەن يەر قالماپتۇ. بالا يوق. بالىنىڭ قېرىنداشلىرى نەچچە يىلدىن بېرى قىمار …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
28. قىينچىلىقنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىق
1.غەلىبە نەدىن باشلانغان؟
- ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە
بىر قانچە يىل بۇرۇن ”ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە“ دېگەن بىر تېمىدا لېكسىيە سۆزلىمەكچى بولغانلىقىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ھەقتە ئويلاشقۇچى بولمىغانىدىم. يېقىندا ئىچكىرىدىكى بىر ئالى مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ شۇ يىلى ئامېرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپنىڭ فىزىكا پاكولتىتىغا تولۇق مۇكاپات بىلەن قوبۇل قىلىنغان بىر ئىنىمىزنىڭ دوستىدىن ئالغان خوش خەۋىرى مېنى بۇ تېمىغا باشلىدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە 2009-يىلى ئۇنىڭغا مەكتەپداش ئىككى ئۇيغۇر يىگىت ئامېرىكىغا بىرئۇيغۇر قىز كورىيەگە ئوقۇشقا ماڭغانىكەن. بۇيىل ئۈچ مەكتەپداش ئۇيغۇر (ئىككى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
27. «ئىللەتلىك ئۇيغۇر» ئەپسانىسى ئامېرىكىدا
1. ئامېرىكىدا كىم “ئىللەت“ لىرىنى بوينىغا ئالىدۇ؟
ئۇيغۇردىكى ”ئىللەتلەر“ نى ئوپراتسىيە قىلىش ئەۋج ئالغان چاغلاردا “تەڭرىتاغ“ دا ئېلان قىلىنغان ياپۇنىيە توغرىسىدىكى بىر ساياھەتنامىدىن ”ياپۇنلار تولىمۇ كەمتەركەن. باشقا مىللەت كىشىلىرىنى كۆرگەندە، ‘بىزنىڭ نېمە كەمچىلىكىمىز باركەن’ دەپ سوراپ تۇرىدىكەن“ دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن شۇنچە جىق ياپۇن بىلەن مۇڭداشتىم، لېكىن بىرسىمۇ مىللىتىنىڭ كەمچىلىكىنى مەندىن سورىمىدى. ئاۋام ياپۇنلارلا ئەمەس، ئالى مەكتەپلەردە پروپېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقان ياپۇنىيەلىكلەردىنمۇ “ مىللىتىمنىڭ مۇنداق نۇقسانى بار“ دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىم. ياپۇن پروپېسسورلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ياپۇنىيەنىڭ ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ”شەرقى ئاسىيانى تەرەققى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
26. ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قونۇپ يېرىم سائەتكە بارماي ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇلدۇم. ئانامدەك بىر ئەرەب ئايال ماڭا قاراپ شۇنداق جىدىدىي بىر گەپلەرنى دەپ كەتتى. ماڭا قارىتىپ تۆكىلىۋاتقان سۆزلەر مارجانلىرىدىن ئۇنىڭ جوردان دېگەن گېپىنى ئايرىۋېلىپ، <مەن جوردان (ئىئوردانىيە) لىق ئەمەس> دەپ ئېنگىلىزچە جاۋاپ بەردىم-يۇ، بىر ئېغىز ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان بۇ ئايالنىڭ ئوكيان ئاتلىغان غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. مېنى بۇ ئايال نېمىشقا ئەرەب دەپ قالغاندۇ؟ قاراپ باقسام قولۇمدا كۆتۈرۈۋالغان سومكامدىن جەينامىزىمنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. خىيالمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشتىلىدىغانلىقى كەچتى. بۇرۇن مەن بېيجىڭدا ئەرەبكە ئوخشتىلاتتىم. 2001-يىلى لەنجۇدا …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
25. ئامېرىكىدىكى تۈرك دوستلۇرۇم
1. بازارىمىز بىر، مازارىمىز بىر
-نېمىشقا يىغىلىپ قالدۇق؟
ئامېرىكىغا كەلمەستە يازغۇچى مالىك كېۋىرنىڭ 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدە ۋاپات بولغان ئۇيغۇر قىزى ھەققىدە يازغان خاتىرىسىنى ئوقۇغان ئېدىم. بۇ قىز ئەسلى ئۆزبەكىستان ئۇيغۇرلىرىدىن بولۇپ نىيويوركتىكى قوشماق بىنانىڭ ئەتراپىدا كىرخانا ئاچىدىكەندۇق. قىز پاجىيەگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئائىلىسىگە ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى بېرىپتۇ. باغىرى قان ئاتا ئانا قىزىنىڭ جەسىدىنى نىيويوركتىكى تۈركلەر قەبرىستانلىقىغا دەپىن قىلىپتۇ. ۋەتەنسىزلىك، ئامالسىزلىق، غېرىپلىقنىڭ ئازاۋېنى بىر ئۆمۈر تارتقان ئوتتۇرا ئاسىيا كۆچمەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بۇ سەرگەردان ئەۋلادى ئانا توپراقنى قۇچاقلاپ ياتالماي يات يەرلەردە قاپتۇ. رەببىمىزگە ھەمىدلەر بولسۇنكى، …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
24. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلۇق
1. ئۇيغۇرلار ئامېرىكىلىقلاردىن نېمىلەرنى ئۆگەندى؟
ئۇيغۇردا «ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە»، «يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال» دېگەندەك ماقالىلار بار. بۇلاردا ئىنساننىڭ مۇھىتقا ماسلىشىپ ياشىشى تەكىتلەنگەن. مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا مۇھىتىغا ماسلىشىپ نېمىلەرنى قوبۇل قىلغانلىقىغا ئالدى بىلەن دىققەت قىلدىم. بىرىنچى بولۇپ ئۇچراتقىنىم بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۆزى يېقىن ئۆتىدىغان بىر پروفېسسورنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى «خەت يېزىپ ئۆزىدىن سوراڭ» دەپ ئېيتىپ بەرمەسلىكى بولدى. بۇنىڭغا ھەيران قېلىپ تۇراتتىم، بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز مېنىڭ تېلېفۇن نومۇرۇمنى مەن تونۇيدىغان بىرەيلەنگە دەپ بەرسە بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى سوراپ تېلېفۇن قىلىپتۇ. ئۇندىن …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكا، قىزىم ۋە بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىز
گۇلەن
4. قىزىمنىڭ يەسلىدىكى كۈنلىرى
بالىلار يەسلىگە ھەر كىرگەندە ئاۋۋال تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن بىلەن قول يۇيۇشقا بۇيرۇلىدىكەن. ئاندىن ھەر بىر بالىغا بىردىن رەڭلىك تاختاي ئالغۇزۇپ قايسى قانداق رەڭلىك تاختاي ئالغانلىقىنى ئۈنلۈك دېگۈزىدىكەن. بالىلارغا كۆرپىچەكلەر تەييارلانغان بولۇپ كۆرپىچەككە ھەرخىل ھايۋانلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەنىكەن. بالىلار ھەر كۈنى ئولتۇرۇپ قىلىنىدىغان پائالىيەتلەردە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھايۋانلارنىڭ رەسىمى بار كۆرپىچەكتە ئولتۇرىدىكەن، ۋە شۇ كۈنكى ئىسمى شۇ ھايۋاننىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىكەن. مەن بۇنى بالىلارغا كىچىكىدىن ھايۋانلارنى ئاسراش تەربىيىسى بەرگەنلىك بولسا كېرەك دەپ چۈشەندىم. ئەتىگەندە بالىلارنىڭ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇل …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ نەزىرىدە ئىرق، جىنىس
بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلقاناللىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق بىر ھادىسە خەۋەر قىلىندى ۋە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. رىياسەتچى تۆت بەش ياش ۋە توققۇز ئون ياشلىق ئاق تەنلىك بالىلارغا تېرىسىنىڭ ئاق قارىلىقى بويىچە رەتكە تىزىلغان قونچاق رەسىملەرنى كۆرسىتىپ “قايسى بالا ئەسكى (دۆت، ناچار، سەت) ؟ قايسى بالا ياخشى (ئېسىل، ئەقىللىق، چىرايلىق)؟“ دېگەن سۇئاللارنى سورىدى. بالىلار ھىچ ئىككىلەنمەستىن تېرىسى ئەڭ قارا بولغان بالىنى دۆت، ناچار، سەت دەپ كۆرسىتىپ سەۋەبىنى تېرىسىنىڭ قارا بولغانلىقى دېدى. تېرىسى ئەڭ ئاق بولغان بالىنى بولسا ئەقىللىق، ياخشى، چىرايلىق، ئېسىل دەپ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
22. كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ
بۇ شەھەرگە كۈز كەلدى. ياپيېشىل چاققانغىنە بۇ شەھەر ئالتۇن رەڭگە كىردى. مەن ۋەتەننىڭ كۈز ئايلىرىنى سېغىنىمەن. بىزدە كۈز تولىمۇ بەرىكەتلىك بولىدۇ. تويلار قاينايدۇ، دېھقاننىڭ قولى ئازراق بولسىمۇ پۇل كۆرىدۇ. بىزنىڭ ئۇ توپراقلاردا سودىگەرلەرنىڭ رىسقى دىھقاننىڭ يانچۇقىغا باغلانغان. كادىر خەق بىلەن قىلغان سودىنى بىزنىڭ قەدىمكى ئوردۇكەنتتە « تۈپرۈك بىلەن ئاياق مايلىغاندەك» دەپ تىلغا ئالىدۇ تىجارەتچى تۇغقانلار. يات ئەلدىكى تۇنجى كۈز ماڭا تولىمۇ سۆرۈن تەلەت بىلىنمەكتە. سارغايغان ياپراقلار، يالىڭاچلانغان دەرەخلەر، سۇلغان گۈللەر، ماڭا سارغايغان يۈزلەرنى، ئۈمىتسىز كۆزلەرنى، ماتەملىك سۆزلەرنى ئەسلەتمەكتە. تۇيۇقسىز يادىمغا ئۆتكەن كۈزدە بەيگە مەيدانىدا بىر …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ
شەرق داناسى ئەللامە زەمەخشەرى « بۇ دۇنيا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان » دەيدۇ. ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىملىق خاتالىقنىڭ كۆپىنچە چۈشىنىشكە ۋە ھىسىداشلىققا ئېرىشەلىشىدىكى ئاچقۇچى ئىبرەت ۋە ئىتىراپتۇر. بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىق خاتىرلەپ قويۇلىدۇ، ئەگەر قايتا سادىر بولسا بۇنى ئاقلاش مۇمكىن ئەمەس، جازالانغىنى جازالانغان. مەنچە رىياللىق ۋە تارىخىنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى ئىبرەتتۇر. ئەگەر رىياللىق ۋە تارىخ خاتالىق ۋە تەجرىبىلەرنى ئىتىراپ قىلغان ئاساستا سەمىميىلىك بىلەن يېزىلمايدىكەن، يەكۈنلەنمەيدىكەن، زىددىيەتنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. زىددىيەتتىن ئىبرەت ئالىدىغان، ماجرادىن تەجرىبە يەكۈنلەيدىغان كىشىلەر بىر خەلقنىڭ ئىلىمدارلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. كىيورى …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر
بىر ياۋرۇپالىقنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كىتابىدا مۇنداق گەپنى كۆرگەندەك قىلغان.« ئۇيغۇرلار ياۋرۇپادا ئۆز ئىچىدە بىر بىرىگە ئۆز يۇرتى بىلەن تونۇشتۇرۇلىدۇ، ياۋرۇپالىقلارغا ئۆزىنى ئۇيغۇر تۈرك دەپ تونۇشتۇرىدۇ، لېكىن ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئېسىدە كۆپىنچە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىلا ساقلىنىپ قالىدۇ، ئۇيغۇرلۇقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىقلا (ئەلۋەتتە بۇ كىتاب 90 -يىللارنىڭ بېشىدا چىققان، ھازىر بۇگەپلەرنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى چاك باسمايدۇ)». ئەۋەتتە، بۇ يەردە كىمنىڭ ئۆزىنى قانداق تونۇشتۇرۇش مەسىلىسى موھىم ئەمەس، موھىمى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تونۇشنىڭ پەلەمپەيسىمانلىقى ۋە مۇجىمەللىكى، شۇنداقلا ھازىر مەتبۇئاتلارنىڭ مۇشۇلارنى تارقىتىۋاتقانلىقىدۇر. ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن جوڭگۇ ۋە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ نامى مىسلىسىز تىلغا ئېلىندى.خەلقئارا مېدىيەلەر ئۇيغۇرنى مەدەنىيەت تەۋەلىكى بويىچە …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئويلانمىلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
19. چىگرىنىڭ چېكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى
ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركچىنى شۇنداق ياخشى سۆزلەيدىغان بىر پروفېسسۇر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. تۈرك دوستۇم مېنى مېھمانغا چاقىرغاندا ئۇنىمۇ بىللە چاقىرغانىكەن. ئۇ ئايال ئىسلام تەسەۋۋۇفى، كامىروندىكى بەربەر قەبىلىسىنىڭ تىلى قاتارلىق تېمىلارنى تەتقىق قىلىدىكەن. يولدىشىمۇ كامىرونلۇق بەربەركەن. ئادەتتە ئامېرىكىدا تەتقىقاتچىلار قايسى مىللەت ھەققىدە ئىزدەنمەكچى بولسا ئاۋال شۇ مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. تەتقىقات جەريانىدا تىل ئۆگنىشنىڭ تەقەززاسىدا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ ئاخىرىدا مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ ھەقدارلىرى بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ قالىدىغان ئىشلار ئامېرىكىدا ھەيرانلىق قوزغىمايدىكەن.
بىز سۆھبەت جەريانىدا ئارىمىزدا نۇرغۇن تېمىلارغا ئورتاق قىزىقىش بارلىقىنى ھېس قىلىشتۇق. گەپ تەسەۋۋۇفنىڭ …