ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار-ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ
ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەن
21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ
شەرق داناسى ئەللامە زەمەخشەرى « بۇ دۇنيا ئىبرەت ئالمىغۇچىلارنىڭ ھەسرەتلىرى ۋە كۆز ياشلىرى بىلەن تولغان » دەيدۇ. ئامېرىكىدا تۇنجى قېتىملىق خاتالىقنىڭ كۆپىنچە چۈشىنىشكە ۋە ھىسىداشلىققا ئېرىشەلىشىدىكى ئاچقۇچى ئىبرەت ۋە ئىتىراپتۇر. بىرىنچى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن خاتالىق خاتىرلەپ قويۇلىدۇ، ئەگەر قايتا سادىر بولسا بۇنى ئاقلاش مۇمكىن ئەمەس، جازالانغىنى جازالانغان. مەنچە رىياللىق ۋە تارىخىنىڭ بىزگە ئۆگىتىدىغىنى ئىبرەتتۇر. ئەگەر رىياللىق ۋە تارىخ خاتالىق ۋە تەجرىبىلەرنى ئىتىراپ قىلغان ئاساستا سەمىميىلىك بىلەن يېزىلمايدىكەن، يەكۈنلەنمەيدىكەن، زىددىيەتنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. زىددىيەتتىن ئىبرەت ئالىدىغان، ماجرادىن تەجرىبە يەكۈنلەيدىغان كىشىلەر بىر خەلقنىڭ ئىلىمدارلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىدۇر. كىيورى خانىمنىڭ تەرجىمھالىدىكى مۇنۇ قۇرلار پات-پات ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ، «سەن سۆيۈملۈك دەپ قارىغان نەرسەڭنى ماڭا مەجبۇرىي تاڭساڭ مەن پۇرسەت تاپساملا ئۇنىڭغا تۈكۈرۈپ قويۇشۇم، ھەتتا ئۇنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشىم مۇمكىن. بۇ چاغدا سېنىڭ غۇرۇرۇڭ پايخان بولىدۇ، ئارىمىزدا كېلىشتۈرگۈسىز نىزا چىقىدۇ. سېنى نەپرەتلەندۈرگىنى مېنىڭ «ياخشىلىق» قا «يامانلىق» قايتتۇرىدىغان «قالاق» لىقىم، مېنى ئەسەبىيلەشتۈرگەن نەرسە دەل سېنىڭ زورلۇقۇڭ، شەخسىيەتچىلىكىڭدۇر، سېنىڭ مىللتىڭ، مەدەنىيىتىڭ ئەمەس. سېنىڭ خاتالىقىڭ؛ ئىتىراپسىز، ئويلىنىشسىز، مۇرەسسەسىز داۋاملاشتۇرىۋاتقان مەجبۇرلاشلىرىڭ مېنى ساڭا ۋە سېنىڭ ھەممە نەرسەڭگە ئۆچ قىلدى». كىيۇرى خانىم ئەينى چاغدا پولشانى «تەرەققىي» قىلدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن رۇس گېنىرالىنىڭ ھەيكىلىگە مەكتەپكە ماڭغىچە ۋە مەكتەپتىن قايتقىچە تۈكۈرۈپ ئۆتىدىكەندۇق. مەدەنىيەت جەھەتتىن ئەسلىدە مەلۇم ئورتاقلىقلارغا ئىگە بۇ ئىككى خەلقنىڭ ئارىسىغا شۇنچە سوغۇقچىلىق سالغان نەرسە دەل ”ئىلغار“ روسلار تەرىپىدىن تېڭىلغان «تەرەققىيات»، مەجبۇرىي سىڭدۈرىلىۋاتقان «مەدەنىيلىك» ئېدى. رۇسلارنىڭ سەركىلىرى تېخىچە ئويغۇنۇپ ئىبرەت ئالغىنى، پولەكلەردىن ئەپۇ سورىغىنى يوق، شۇڭىمىكىن يىگىرمە يىلدىن بۇيان ماغدۇرىغا كېلىپ بولالمىدى. ئەمما گېرمانىيىنىڭ باش مىنىستىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قىرىلغان پولشا ئوغۇل قىزلىرىدىن تىزلىنىپ تۇرۇپ ئەپۇ سورىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە تۆلەم تۆلەۋاتىدۇ. تارىخ ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن خاسىيەت، ئالمىغۇچىلار ئۈچۈن بەدەلدۇر. رۇسلار ئىبرەت ئالمىغاننىڭ بەدەلىنى ئۆتەۋاتىدۇ ھەم تېخى ئۆتەيدىغانەدك قىلىدۇ. گېرمانلارنى ئۇرۇش خارابىلىقىدىن تەرەققىياتنىڭ ئالدىغان ئېلىپ چىققان ئامىللارنىڭ بىرى گېرمان زىيالىلىرىدىكى يۈكسەك ھەققانىيلىقتۇر، مانا بۇ ئىبرەت ئالغاننىڭ خاسىيىتى.
مەدەنىيەتتىكى پاياننى ئىتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش يۇقارقىدەك مىللەت روھىدىكى ھەققانىيلىققا مۇھتاج. بۇ كۆپىنچە تارىخى ئىبرەتتىن كېلىدۇ. بۇنداق ھەققانىيلىق ئىلىم ۋە ھەقىقەتنى ئىزدىگەن مائارىپ سىستىمىسى ۋە ھەر قانداق مىللي توپنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى ۋە ئەۋزەللىكىنى رەت قىلىدىغان قانۇن ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىياسى چىگرانى زورلۇق بىلەن تۈرلۈك مەدەنىيەتتىكى پايان ۋە پاسىللارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇش سىياسىي ئەسەبىيلىك ۋە ئاسمىلاتسىيەچىلىكتۇر. بۇنى خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئىرىقچىلىق، فاشىستلىق دەيمىز. سىياسىيدىكى ئىتىبارلىق توپ ۋە ھۆكۈمران گورۇھنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى زورمۇ زور كېڭەيتىشى، تەرغىپ قىلىشى ۋە قوبۇل قىلدۇرۇشى ئىتىبارسىز توپ ۋە كىشىلەر ئارىسىدا مىللي ئۆچمەنلىك ۋە مىللي كەمسىنىشنىڭ ئورۇغىنى تېرىيدۇ. ھۆكۈمران تايىپە ئۈچۈن مىللىي ئۆچمەنلىكمۇ، مىللي كەمسىنىشمۇ ئوخشاشلا ئاپەتنىڭ مەنبەسىدۇر. ئۆچمەنلىككە تولغان بويسۇندۇرۇلغۇچىلار ماجرانىڭ مەنبەسى، كەمسىنىشكە پاتقان بويسۇندۇرۇلغۇچىلار تۈگىمەس ئىتىبارنىڭ پارازىتلىرىدۇر. مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى باراۋەر مەۋجۇدلۇق ۋە رىقابەت تەرەققىياتنىڭ قوزغاتقۇچىسىدۇر. بۈگۈنكى تەرەققىي قىلغان ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتقا مۇكەممەل ئىكىلوگىيىلىك ۋە ئىنسانىي شارائىت ھازىرلىغان ئامېرىكا، يېڭى زىللاندىيە، كانادا، ئاۋستىرالىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلەرىنىڭ ھەممىسى مۇستەملىكىچىلىكتىن ۋاز كەچكەن، مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان ۋە ئۇنى قانۇن ئارقىلىق قوغۇداۋاتقان دۆلەتلەردۇر. مەسىلەن، ئامېرىكىدا مەن نوپۇس ئېنىقلاش جەدىۋېلىنىڭ خەنسۇچە، ئىسپانچە، ياپۇنچە، كورىيانچە تارقىتىلغانلىقىنى كۆردۈم. بۇ يەردە ھەر قانداق ھۆكۈمەت ئورگىنى بىلەن ئالاقە قىلماقچى بولغان كىشى تەرجىمان تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بىر قىسىم شەھەر ۋە شىتاتلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قوللۇنىدىغان ۋاقتى بار، ۋاشىڭتون ۋاقتىنى قوللۇنۇش مەجبۇرى ئەمەس. 60-يىللاردا ئامېرىكىدا ئىرقچىلىققا قوراللىق قارشى تۇرۇشنىڭ تەشەببۇسچىسى مەلكوم ئەكس ئامېرىكا تارىخىدا ”ئەكسىل ئىنقىلابچى“ غا چىقىرىلغان ئەمەس، ياكى تارىخ بەتلىرىگە لەنەتلىك قۇرلار بىلەن يېزىلمىغان. ئەكسىچە كوچىلارغا نامى بېرىلگەن، شەرىپىگە كىنولار ئىشلەنگەن، كىتابلار نەشىر قىلىنغان. بۇلار مىللەت، ئىرق، دىن ئايرىماسلىق، پەرق- خاسلىقنى ئىتىراپ قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىشنىڭ ئەك ئاددىي ئىپادىسى.
داۋامى: 22. كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ
بېشى: 20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر
بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق مۇندەرىجىسى: ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار
گۇلەننىڭ بارلىق يازمىلىرى
21 . ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ
[...] ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى 20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر 21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ 22. كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ 23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ [...]
[...] ۋە مەدەنىيەتنىڭ پايانى 20. مەتبۇئاتتىكى كۆلەڭگىلەر 21. ئىبرەتنىڭ كۈچى ۋە ئىتىراپ 22. كەيپىياتمۇ يۇقىدۇ 23. ئامېرىكا بالىلىرىنىڭ [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر