Articles Archive for ئاۋغۇست 2007
رەسىم »
بۇ قېتصم تةتصلدة ئۈيگة قايتقاندا تارتقان بصر قصسصم رةسصملةردصن ھۇزۇرلصنصڭلار. 1. ئارام ئېلصش
2. ئۇچاققا ئوتۇن سېلصپ قوياي، قازاندصكص نصمصدۇ بۇ؟
3. قازاندصكص ئةسلص ئۇماچ،ھې ھې، يۇرتقا قايتصپ ئةڭ تېتصپ يصگةن ېصر ۋاخ تاماق.
4. ئةجةپ چصرايلصق ئۈيلةركةن بۇ، قاچانمۇ مصنصڭ مۇشۇنداق ئۈيۈم بۇلار
5. قاپاققا ئويۇلغا سةنئةتلةر
6.قصزصل قاشتېشص
7. بۇ قانداق تاماق، كصم تاپالايدۇ.
8. چايخانا مةكتةپتصكص باشلانغۇچتا ئوقۇغان سصنصپصم، 15 يصلدةك ۋاقصت ئۈتۈپتۇ. بۇ سصنصپ يةنة شۇ پېتص تۇرۇپتۇ. بازارغاقارايدصغان تېمصنص ياساپ قويۇپتۇ، باشقا يصرص ئۈزگةرمةپتۇ.
رةسصملةرنص باشقا يةرگة كۈچۈرۈشكة بۇلمايدۇ. بۇ يةرگة ئۈزةمگة مۇناسصۋةتلصق بصر قصسم سۈرةتلةرلا چصقصرصلدص. قالغانسۈرةتلةرنص بصلصۋال تورصغا چصقرصلدص. شۇ …
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

1) 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا ”فامىلە“ توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش بولدى. ”بەكتۇر“ فامىلىسى ئاڭلىغۇچىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆيۈملۈك فامىلە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىنى بۇ فامىلە توغرىسىدا توختىلىشنى لايىق تاپتىم. سىزنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا ”بەكتۇر“ قانداق رول ئوينىدى؟
جاۋاب: بۇ فامىلىنى دادام تېپىپ قوللىنىشنى قارار قىلغان. مېنىڭچە، بىر ئادەم ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىسمى ئەمەس. ئەگەر، بىر ئىشنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ۋە ئاشۇ ياخشى كۆرگەن ئىشىنى نىشانلاپ توختىماي تىرىشسا، ھەرقانداق ئادام غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە ئىسمى “بوشتۇر” بولسىمۇ، غەلىبە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، مەنمۇ بۇ فامىلىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ فامىلە نامىنى مەن ئەمەس، دادام تاللىغان. مېنىڭچە بىراۋ ئۈچۈن جەزبىدارلىققا ئىگە بولغان فامىلىنى تاللاش ۋە تاللىماسلىقنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى بىراۋنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ فامىلىسىگە باغلىق بولمايدۇ. لېكىن مەن فامىلە قوللانغاننى ياخشى ئىشكەن دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ ئارقىلىق سىز ئەجدادلىرىڭىزنى يەنى يىلتىزىڭىزنى ئېنىق تونۇيسىز.