Home » Archive

Articles tagged with: Science

Headline, ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر »

[2 يانۋار 2011 | 27 Comments | 5,829 قېتىم كۆرۈلدى]
ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇرلاردا Cranks in Uighurs

بۇلار جاھىل، ئاساسى ئېقىمدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. ئۈزىنىڭ نەزىرىيەسىنى ئۈزىنىڭ قۇرۇپ چىققان سىستىما ۋە رامكىسى ئارقىلىقلا چۈشەندۈرگىلى بۇلىدۇ، ياكى تەجرىبە ياكى ماتىماتىكىلىق ئىسپاتلىشى بولمايدۇ.پىكر ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئۈزىنى ئېينىشتىيىندىن كىين چىققان دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم دەپ چاغلايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇنىڭ نەزىرىيەسىنى باشقىلار «چۈشىنەلمىگەن» بولسا بۇ باشقىلارنىڭ دۆتلىكى. ئۇلار ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى دۇنيادا ياشايدىغان بولۇپ مۇتەخەسسىلەرنىڭ، كەسپى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پىكرىنى ئىلىك ئالمايدۇ ۋە ئۈزىنىڭ تەتقىقاتنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىغى، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن باسۇرۇپ قويۇلغانلىغى بىلەن ئۈزىنى كوپېرنىك، بىرونو، گالىلىيلارغا سېلىشتۇرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپا جەميىتى. ئۇلار ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى «ھەقىقەتنى چۈشىنىدىغانلار»، «نۇپۇزغا قارشى چىقىشنى قوللايدىغانلار» دەپ كۆرۈپ قارشى تۇرغۇچىلارنى بولسا « كىتاۋى بىلىملەر بىلەن كاللىسى يۇغۇرۇلغان»، «جۇڭگۇچە مائارىپنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلار» دەپ قارايدۇ.

Headline, ئىلىم-پەن, چەتئەلگە چىقىش »

[21 دېكابىر 2010 | 3 Comments | 2,970 قېتىم كۆرۈلدى]
PhD مۇ ياكى MS مۇ؟

مەنمۇ بۇرۇن ئامرىكىدا ئوقۇش ئىلتىماس قىلغاندا MS ئوقۇشقا قارىغاندا PhD ئوقۇش ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلى (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى)غا ئىرىشمەك ئاسانراق دەپ ئاڭلايتتىم. ھازىر مەن ئۇنۋېرسىتىتتا ئىشلەۋاتقان ۋاختىمدىمۇ يەنىلا PhD ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلسا ياردەم پۇلىغا ئىرىشمەك ئاسان دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. شۇڭلاشقا مەن ئۈزەم بىلىدىغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق بۇ كۆزقاراشنى ئايدىڭلاشتۇرسام دەپ ئويلايمەن.
ئۇنۋېرسىتىتلار PhD ئىلتىماسىنى ئاۋال ئويلىشىدىغانلىغى راس.لېكىن PhD ئوقۇش ئىلتىماسىغا قويۇلغان تەلەپمۇ يۇقىرى بۇلىدۇ. PhD /ئوقۇشىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ياردەم پۇلىغا ئىرىشىش MS كە قارىغاندا ئاسان بۇلىدۇ دەپ قاراش توغرا ئەمەس. بەزى مەكتەپلەر MS دىپلومى بولمىسا PhD ئوقۇش ئىلتىماسى قۇبۇل قىلمايدۇ، شۇڭا سىز ئاۋال MS ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كىرەك. شۇڭلاشقا سىز ئاۋال مەكتەپلەردىكى ھەر قايسى ئوقۇش پروگراممىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشىڭىز ۋە پروفىسسورغا ئىلخەت يېزىپ ئۇنىڭ PhD ياكى MS ئوقۇغۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىڭىز كېرەك.

ئىلىم-پەن »

[27 ئۆكتەبىر 2008 | 2 Comments | 860 قېتىم كۆرۈلدى]
غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە (1)  What is Dark Energy

كۈچلۈكلىكى ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرەيدىغان مەيدان ئىككى خىل 1.ئىلىكتىر ماگنىت مەيدانى. 2. تارتىشىشش كۈچى مەيدانى (ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى ئەسلەڭ). ھەمىمىزگە مەلۇم زەرەتلەر مەنپى زەرەت ۋە مۇسبەت زەرەتتىن ئىبارەت ئىككى خىل.ھەمدە ئۇلار ئارىسىدا تارتىشىش كۈچى ۋە تىپىشىش كۈچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچ تەسىرى بولىدۇ-دە مۇشۇ خىل كۈچ تەسىرى ئاستىدا ئۇلار مەلۇم ئارىلىق ياكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. بىراق تارتشىشى كۈچى مەيدانى ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭدا پەقەتلا تارتىشىش كۈچىدىن ئىبارەت بىرخىللا كۈچ تەسىرى بولىدۇ.مەلۇم ماسسىغا ئىگە جىسىم يەنە بىر جىسىم بىلەن تارتىشىدۇ.شۇنداقلا ماسسا ئاشسا بۇ خىل كۈچ زورىيىپ بارىدۇ.شۇڭا ئەگەر مەلۇم ماسسىغا ئىگە بولغان

ئۇختۇرۇش »

[24 ئاۋغۇست 2008 | 15 Comments | 800 قېتىم كۆرۈلدى]
Blog يازغۇچىسى تەكلىپ قىلنىدۇ. Invitation to write Jeck Blog.

پېقىر بلوگ ئاچقاندىن بىرى كۈڭلۈمدە ئىلىم پەن توغرىلىق دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ تۇرسام دەپ ئويلاپ بىر نەچچىنى يازدىم، مەسىلەن نوبىل مۇكاپاتى،(1) (2) (3) ، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى توغرىلىق مۇھاكىمە (1) (2) قاتارلىق. لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دائىم يېزىپ بۇلالماي قالدىم. بلوگنى قايتا ئاچقاندىن كىيىن يەنە شۇلارنى داۋاملاشتۇراي دىسەممۇ ئۈزەم يالغۇز سىجىل داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك تۇرىمەن. شۇڭا مۇشۇ توغرىلىق ماتىرىيال قىلىپ يېزىپ بۇلالمىساقمۇ لېكىن بۇلۇۋاتقان ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزسەك دىگەن خىيال بىلەن شۇنى قىلالايدىغان بالىلار بولسا تەكلىپ قىلسام دىگەن ئۈمىتتىمەن. تەلەپ:1) ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى ھەپتىلەردە بىر قېتىم تىما يوللىيالايدىغان بۇلۇشى كىرەك.

ئىلىم-پەن, ئىلھام, خەۋەر »

[3 دېكابىر 2007 | 4 Comments | 2,523 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنى زىيارەت Interview with Uygur Scientist Shoukhrat Mitalipov

شۇنداق قىلىپ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پورتلەند ئايرۇدۇرۇمىدا قۇربانجان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئالدىن دىيشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئالدىمىزغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قىزغىنلىق بىلەن كۈرۈشتۇق. كۈرۈشكەندىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بىز قايتقىچە گىپىمىز ئۈزۈلمىدى. كىچىدىمۇ نەچچە سائەتلا ئۇخلىدۇق، كۈرۈشۈپ ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ دىيىشىپ ئىككى مىنۇت پاراڭلىشىپلا كۈپ ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭئارتۇقچە بۇلغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. ئالىم ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى قىزغىن ئىكەن. پىكرى ناھايتى ئۈتكۈر ئىكەن. گەپنى ناھايتى ئىخچام لېكىن مېغىزلىق قىلىدىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالىمنىڭ قازاقىستاننىڭ

ئىلھام »

[6 ئاۋغۇست 2006 | No Comment | 881 قېتىم كۆرۈلدى]

دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قىرغىزىستان  پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادىمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئويغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىۋنىڭ شاگىرتى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 1973–يىلى 8- ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپاندا زىيالى ئائىلىسىدە توغۇلغان ۋە شۇ يەردە چوڭ بۇلغان.ئۇ  ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۇچتۇرپاندا، ئاقسۇدا ۋە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ  تەربىيسى ئالغاندىن كىيىن 1997-يىلى قىرغىزىستان دۈلەتلىك پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇن پەنلىرى ئنىستىتوتىغا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ئوقۇشقا كىرگەن. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ يەردە ئويغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ تارىختىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى توغرىسىدا سىسىتىمىلىق ئۈگەنگەن ۋە قىرغىزىستان  پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادىمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئويغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىۋنىڭ يىتەكچىلىكىدە …