باشبەت » ئىلىم-پەن

غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە (1) What is Dark Energy

27 ئۆكتەبىر 2008 556 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس


غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە

تەييارلىغۇچى: Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئابدۇرازاق  سىدىق.
( شىئەن ئىلىكتىرون پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتى ئوقۇغۇچىسى)

بۇ تىمىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن   ئالدى بىلەن جىك ئەپەندىمنىڭ <چوڭ پارتلاش، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى>ناملىق  تىمىنى كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن .   خۇددى جىك ئەپەندىم ئۇ تىمىنىڭ  2-چىسدىكى <ئالەم شەكلى  ۋە تەقدىرى>ماۋزۇلۇق ئابزاستا ئىيتىپ ئۆتكەندەك ئالەم تەقدىرى ھەققىدە سۆز ئىچىشقا توغرا كەلسەسۆزنى  غۇۋا ئىنىرگيىدىن باشلاشقا توغرا كىلىدۇ . ئۇنداقتا غۇۋا ئىنىرگيە دىگەن نىمە ؟

غۇۋا ئىنىرگيە  ئالەم بوشلۇقىغا كەڭ تارقالغان شۇنداقلامەنپى ناپور( بىسىم) Negative Pressure غا ئىگە بولغان ئىنىرگيە بولۇپ نىسبىلىك نەزەرىيسىگە ئاساسلانغاندا  بۇ خىل مەنپى ناپورنى ئۇزۇن مۇساپە ئىچىدىكى <قارىمۇ قارشى تارتىشىش كۇچى>ياكى  <مەنپى تارتىشىش كۈچى>گە تەڭداش كىلىدۇ .دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ.قارىمۇقارشى تارتىشىش كۈچى دىگەن نىمە ؟

بۇھەقتە سۆزلەش ئۈچۈن ئاۋۋال كۈچ ۋە مەيدان  ھەققىدە نەچچە ئىغىز سۆزلەپ ئۆتەي .
كۈچلۈكلىكى ئارىلىقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرەيدىغان  مەيدان ئىككى خىل 1.ئىلىكتىر ماگنىت مەيدانى.  2. تارتىشىشش كۈچى مەيدانى (ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى ئەسلەڭ). ھەمىمىزگە مەلۇم زەرەتلەر مەنپى زەرەت ۋە مۇسبەت زەرەتتىن ئىبارەت  ئىككى خىل.ھەمدە ئۇلار ئارىسىدا تارتىشىش كۈچى ۋە تىپىشىش كۈچىدىن ئىبارەت ئىككى خىل كۈچ تەسىرى بولىدۇ-دە مۇشۇ خىل كۈچ تەسىرى ئاستىدا ئۇلار مەلۇم ئارىلىق ياكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ. بىراق تارتشىشى كۈچى مەيدانى ئوخشاشمايدۇ. ئۇنىڭدا پەقەتلا تارتىشىش كۈچىدىن ئىبارەت بىرخىللا كۈچ تەسىرى بولىدۇ.مەلۇم ماسسىغا ئىگە جىسىم يەنە بىر جىسىم بىلەن  تارتىشىدۇ.شۇنداقلا ماسسا ئاشسا بۇ خىل كۈچ زورىيىپ بارىدۇ.شۇڭا  ئەگەر مەلۇم ماسسىغا ئىگە بولغان بىر جىسىم يەنە بىر جىسىم بىلەن تىپىشەلىسە ئاددى قىلىپ ئىيتقاندا تىپىشىش كۈچى ھاسىل قىلسا ھەمدە كۈچلۈكلۈك دەرىجسى ۋە تىپىشىش شەكلى دەل ئۇلار  ئۆزئارا تارتىشقاندا(ئالەملىك تارتىشىش كۈچىنى ئەسلەڭ) ئوخشاشلىققا ئىگە بولسا ئۇنداقتا بىز<قارىمۇ قارشى  تارتىشىش كۈچى>گە ئىگە بولدۇق دەپ ئىيتىمىز. .بىراق بۇ خىل كۈچ تىخى بايقالغىنى يوق .ئاساسلىق سەۋەب تارتىشىش كۈچى مەيدانىنىڭ بەكلا ئاجىز بولغانلىقىدىندۇر .بۇ توغرۇلۇق بەك چوڭقۇرلىمىدىم قىزىقىدىغانلار توردىن ئىزدەپ باقساڭلار بولىدۇ .  شۇنداقلائۇ ئالەمنىڭ يۇقرى سۇرئەتتە كىڭىيىشىگە تۇرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئىنىرگيەدىن  ئىبارەت بولۇپ نۆۋەتتە ئۇ <قىزىلغا يۆتكىلىش ھادىسسى > <ئالەمنىڭ  كىڭىيىشى ۋە كىڭىيىش سۇرئىتىنىڭ مەلۇم   تىزلىنىشقا ئىگە بولۇشى>قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان چۈشەندۇرۇش ۋە يىشىلىش ئۇسۇلى بولۇپ قالدى.

غۇۋا ئىنىرگيەنىڭ ئالەمنى ھەركەتلەندۈرۈشتەك بۇنداق غايەت زور كۈچگە ئىگە بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇ  ئۆلچەملىك ئالەم مودىلىنىڭ 74٪ نى ئىگەللەيدىغان بولۇپ مۇتلەق ئۇستۇن ئورۇندا تۇرىدۇ. غۇۋا ئىنىرگيەنىڭ ئالەم تۇراقلىقى(بوشلۇققا تەكشى  تارقالغان  ئىنىرگىيە تۇراقلىق زىچلىقى)ۋە quintessence(ئىنىرگىيە زىچلىقى بوشلۇق ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغان  ھەرىكەتچلەندۈرگۈچ كۈچ مەيدانى)دىن ئىبارەت  ئىككى خىل شەكىلى بولىدۇ .بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۇرۈش ئۇچۇن ئالەمنىڭ كىڭىيىشى ھەققىدىكى يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ئۆلچەشلەرگە ۋە كىڭىيىش سۇرئىتىنىڭ ۋاقىت -بوشلۇققا بىقىپ ئۆزگىرىشى ھەققىدىكى تىخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. ئالەمنىڭ كىڭىيىش سۇرئىتى ئالەم فىزىكىسىدىكى ماددا-ھالەت تەڭلىمىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ بۇگۈنكى  كۈندە  غۇۋا ماددىنىڭ ماددا-ھالەت تەڭلىمىسىنى بىكىتىپ چىقىش  ئالەم فىزىكىسى ئىلمىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى.

غۇۋا ئىنىرگىيە ھەققىدىكى ئىسپاتلار :
(1.1).1998-يىلى يىڭى چوڭ يۇلتۇز(supernovae )ئالەم تەتقىقات تۇرىنى ئىشلەۋاتقان لاۋرىنىس بىركىللي  دۆلەتلىك تەجىرىبىخانىسى ۋە يۇقىرى_z يىڭى چوڭ يۇلتۇز تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى Iaتىپىدىكى يىڭى  چوڭ يۇلتۇز  (”one-A“)  كۆزىتىش ئىلىپ بارغاندىن كىيىن  كىيىن ئالەمنىڭ يۇقرى  تىزلىنىشتە كىڭىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇندىن كىيىن ئالەم مىكرودلقۇن تەگلىك رادىئاتسىيە تەجىرىبىسى،ئىغىرلىق كۈچى لىنزا ئىففىكتى  تەجىرىبىسى ،قاتارلىق مۇستەققىل تەجىرىبىلەر تەرىپىدىن مۇئەييەنلشتۈرۈلدى. ھەمدە يىڭى چوڭ يۇلتۇزلار ئۆزگىرىشى ئۇستىدىكى كۆزىتىش نەتىجىلىرى Lambda-CDM model  غا ئۇيغۇن كەلدى .

2.1.بىزدىن تولىمۇ يىراق بولغان  يىڭى چوڭ يۇلتۇز ئۇستىدە ئىلىپ بىرىلغان كۆزىتىش نەتىجىسى ئالەمنىڭ يۇقرى سۇرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. [جىك ئەپەندىمنىڭ چوڭ پارتلاش، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى(1) گە قارالسۇن]  ئىينىشتىيىننىڭ تارتىش كۈچى مەيدان تەڭلىمىسىگە ئاساسلانغاندا ئالەمنىڭ يۇقرى تىزلىنىشتە كىڭىيىش ھادىسسسىدىن ئالەمدە ھەقىقەتەنمۇ مەنپى ناپورلۇق  غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ  مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ.

3.1 . ئالەم مىكرو دولقۇن تەگلىك رادىئاتسىيىسى ھەققىدىكى تەتىقىقاتلاردا ئىنىق ھالدا ئالەمدىكى ماددىلارنىڭ ئومۇمى زىچلىقىنى ئۆلچەپ چىقىلدى. لىكىن بىز بىلىدىغان ئادەتتىكى ماددا ۋە غۇۋا  ماددىلارنىڭ زىچلىقىنى قوشۇپ ھىسابلىغاندا ئومۇمى زىچلىقنىڭ ئاران 3/1نى ئىگەللىگەن .دىمەك يەنە 3/2سى كەم چىققان . ئالىملار دەل مۇشۇ كەم قىسىمدىكى ماددىلارنى غۇۋا ئىنىرگىيە دەپ ئاتىغان.ئۇنىڭ  ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى مەنپى ناپورغا ئىگەبولۇپ ئالەم  بوشلۇققا ئاساسەن تولۇق تەقسىملەنگەن. .يىقىنداWMAPتەمىنلىگەن  سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا  غۇۋا ئىنىرگيە ئالەمدىكى ئومۇمى ماددىلارنىڭ 74٪نى ئىگەللەيدىكەن.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان: ئىنىرگىيە، ،بارىئون ،سوغۇق غۇۋا ماددىلارغا نىسبەتەن ئىيتقاندا  بىسىم مەنپى ئەمەس بولۇپ شۇڭا مۇقەررەر ھالدا مەنپى ناپورلۇق مەلۇم  ماددا مەۋجۈد بولۇپ بۇگۈنكى ئالەمنى ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ. ئادەتتە ئالەمنىڭ ھەرىكىتى قاينام شەكلىدە بولۇپ  غۇۋا ئىنىرگىيە دائىم بىر خىل قاينامسىمان ھەرىكەت شەكلىدە كۆرىنىدۇ.شۇڭا غۇۋا ئىنىرگيەنىڭ ئايلىنىش دائىرىسى ئىچىدە بىرخىل قاينامسىمان مەيدان ھاسىل بولىدۇ.ۋە قىسقىچە غۇۋا ئىنىرگيە قاينام مەيدانى ياكى قاينام مەيدانى دەپ ئاتىلىدۇ.ئادەتتە بىز En ئارقىلىق قۇياش سىسىتىمىسىنىڭ غۇۋا ئىنىرگىيسىسنى،Ep بىلەن ماددىلارنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىش ئومۇمى ئىنىرگيسىنى ئىپادىلەيمىز. En=Ep بۇ ئىپادە قۇرۇلغاندا قۇياش سىسىتىمىسى قاينام مەيدانى تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ كىڭەيمەيدۇ ۋە تارايمايدۇ. Enئاجىزلاشقان ۋاقىتتا قۇياش سىسىتىمىسى قاينام مەيدانى تارىيىدۇ-دە قۇياش سىسىتىمىسىدىكى  پىلانىت يۇلتۇزلار قۇياشقا يىقىنلىشىشقا قاراپ ھەرىكەتلىنىدۇ.

غۇۋا ئىنىرگيە ئۇستىدە تىخىمۇ ئەتراپلىق مەلۇماتلارغا  ئىگە بولىمىز دەيدىكەنمىز ئۇنداقتا ئۇنىڭ  بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يەنە بىر ئۇقۇم -<غۇۋا ماددا >ئۇستىدە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭ ماددا دىيىلمەستىن غۇۋا ماددا دەپ ئاتىلىشىغا ،باشقا ئادەتتكى ماددىلار بىلەن تۇپتىن پەرقلىنىدىغانلىقى  سەۋەب بولغان.ئادەتتكى ماددىلار نورمال ئەھۋال ئاستىدا كۆزبىلەن ياكى ئەسۋابلار ياردىمى بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ،تۇتقىلى بولىدىغان نەرسىلەردۇر مەسىلەن كىچىكى ئاتۇمدىن تارتىپ چوڭى ئالەمدىكى پىلانىتا ،ئاسمان جىسىملىرىگىچە.بۇ خىل ماددىلار دائىم نۇر ياكى مەلۇم بىرقىسىم دولقۇنلار بىلەن مەلۇم تەسىرلىشىشىدۇ ياكى بەلگىلىك شەرت ئاستىدا ئۆزى نۇر چىقىرىدۇ. ياكى نۇر قايتۇرىدۇ،ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ياكى ھەرخىل ئەسۋابلار تەرىپىدىن كۆزىتىشكە بولىدۇ.

غۇۋا ماددا دەل ئەكسىنچە بولۇپ ئۇ نۇر بىلەن ھىچقانداق تەسىرلىشىشى مۇناسىۋىتىدە بولمايدۇ.شۇنداقلا نۇرمۇ چىقارمايدۇ.نۇر قايتۇرۇش ،نۇرسۇندۇرۇش قاتارلىق ھادىسىلەرنى  تىخىمۇ ھاسىل قىلمايدىغان  بولۇپ ئۇ ھەرخىل نۇر ۋە دولقۇنلارغا نىسبەتەن تولۇق  ئۆتكۈزۈشچانلىققائىگە.شۇڭا ئاستىرونۇمىيە ساھاسىدە نۇرغا مۇناسىۋەتلىكلا بولغان ھەرقانداق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ غۇۋا ماددىنى كۆزىتىش مۇمكىن ئەمەس .مەيلى ئۇ ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى ،ياكى سىمسىز رادىئو دولقۇنى ،ئىنفىرا قزىل نۇرى ،ۋەياكى Xنۇرى بولىشىدىن قەتئىنەزەر .مۇشۇ ئالاھىدە سەۋەب تۈپەيلى ئۇنى ياكى  تىلىسكوپ ياكى باشقا ئالاھىدە ئەسۋابلار بىلەن كۆزىتىپ بايقىغىلى بولمايدۇ. مۇشۇنداق غەلىتە  ئالاھىدىلىكلەر ئۇنىڭ غۇۋا ماددا دەپ ئىسىم بىرىلىشىگە سەۋەبچى بولغان . سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر كاللىسىدا بەلكىم  غۇۋا ئىنىرگيە ئالەم  مودىلىنىڭ 74٪نى ئىگەللەيدىكەن .ئۇ يەنە ماددا ئەمەسكەن .(چۇنكى بىز غۇۋا ماددا ئۇقۇمىنى ئوقۇپ ئۆتتۈق) ئۇنداقتا ئۇ زادى نىمە ؟ نىمە ئۈچۈن غۇۋا ئىنىرگىيە دەپ ئاتىلىدۇ.؟ دىگەندەك سوئاللار تۇغۇلۇشى مۇقەررەر . غۇۋا ئىنىرگىيىنىڭ  غۇۋا ماددىدىنمۇ غەلىتە بولغان يىرى دەل مۇشۇ ،چۇنكى ئۇ ماددىنىڭ تەسىرلىشىش ئىففىكتىگە ئىگەيۇ لىكىن ماددىنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيەتلىرىگە ئىگە  ئەمەس .شۇڭا ئۇنىڭغا ماددا تۈرىدىكى ئىسىملارنى بىرىش مۇۋاپىق بولمىغاچ غۇۋا ئىنىرگىيە دەپ نام بىرىلگەن . گەرچە غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ مەۋجۈدلىقىنى بىز سىزەلمىسەكمۇ ياكى ھازىرقى ئىلغار ئەسۋابلار تەرىپىدىن ئۆلچەپ بايقىيالمىساقمۇ لىكىن  ئالىملار ئەقلى تەپەككۈر ۋە مەنتىقىلىق يەكۈن چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەۋجۈدلىقىنى بىلەلەيدۇ . بولۇپمۇ يىقىنقى نەچچە يىللار مابەينىدە مىكرودولقۇن تەگلىك رادىئاتسىيىسى ئۇستىدىكى ئىنچىكە كۆزىتىپ ئۆلچەشلەر(WMAPنىڭ ئىنچىكە سانلىق مەلۇماتلىرى ، Iatتىپلىق يىڭى چوڭ يۇلتۇز سانلىق مەلۇماتلىرى ) ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئۆلچەش نەتجسى ۋە سانلىق  مەلۇماتلىرىنى تەمىن ئەتتى.
1.ئالەمنىڭ يىشى13.7±0.02 مىلىيارت يىل
2.ھاببىل تۇراقلىق سانى 0.71±كىلومىتىر/سىكۇنىت/Mp c
3.قىسقىچە( ئالەم ماسسا تەڭلىمىسى) دەپ ئاتىدىم
ئالەمنىڭ ئومۇمى ماسسىسى ≌ بارىئون+ لېپتون (4.4%) + ئىسسىق غۇۋاماددا(≤2%) + سوغۇق غۇۋا ماددا(≈20%)+غۇۋا ئىنىرگىيە (74%),ئومۇمى زىچلىقى بولسا Ω0=1.02±0.02 بۇ دەل تەكشى ئالەم [جىك ئەپەندىمنىڭ ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى،چوڭ پارتىلاش(2) تىمىسىغا قاراڭ ] تەلەپ قىلىدىغان كرىتىك زىچلىققا تەقرىبى يىقىنلىشىدۇ. بۇ ئىپادىدىن شۇنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەسكى بىز نۆۋەتتە بىلىدىغان يۇلتۇزلار  سىسىتىمى ئالەمنىڭ پەقەت 4٪نى ئىگەللەيدۇ ،قالغان 96٪قىسىمدىكى ماددىلار بىز كۆرەلمەيدىغان ياكى بىلمەيدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت .

4. غۇۋا ئىنىرگىينىڭ ئەزەلدىن بايقىلىپ باقمىغان بىر قىسىم خۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكى بايقالدى ماددا-ھالەت تەڭلىمىسى P = Wρn(بۇنىڭدا P بىسىمنى ،ρزىچلىقنى w تۇراقلىق ساننى ،n مەلۇم سانلىق قىممەتىنى ئىپادىلەيدۇ.)دە ئادەتتىكى ماددىلارغا نىسبەتەن W≥0,P≥0,ρ≥0 بولۇپ تەڭلىمىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ئادەتتىكى ماددىلار ھاسىل قىلغان بىسىم مۇسبەت قىممەت ئالىدۇ . بىراق غۇۋا ئىنىرگىينىڭ ماددا ھالەت  تەڭلىمىسىدىكى بىر پارامىتىر مەنپى قىممەت ئالىدۇ يەنى W = -1بولىدۇ بۇ شۇنى ئىپادىلەيدۇكى غۇۋا ئىنىرگىيە
ھاسىل قىلغان بىسىم مەنپى قىممەت ئالىدۇ .ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا كاللمىزغا بىسىممۇ مەنپى بولامدۇ ؟ دىگەن سوئال دەرھال كىلىدۇ .شۇنداق، بىسىم مۇسبەت بولغاندا ماددا زىچلىقى ئاشسا بىسىممۇ ئارتىدۇ بۇنى ھەممىمىز ئاسانلا چۈشىنىمىز .بىراق ئۇ مەنپى بولغاندا يەنى مەن باشتا ئىيتىپ ئۆتكەن مەنپى ناپور بولغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان بىسىم بولماستىن بەلكى كىشىلەر كۆپ ئىيتىدىغان تارتىشىش(سۈمۇرۈش)كۈچىدۇر ،ھالقىلىق بولغىنى شۇكى بۇ خىل مەنپى ناپور P مەنپى قىممەت ئالغاندىمۇ شۇنداق بىر چوڭ قىممەتنى ئالىدۇكى، ئۇ چوڭلۇقتا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە چوڭ بولىدۇ.


ئالەمشۇناسلار ئالەمنىڭ كىڭىيىشىنىڭ تىزلىنىشقا ئىگە بولۇشى  بۇنىڭدىن 50مىللىيون يىل ئىلگىرى باشلانغان دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئالەم كىڭىيىش سۈرئىتى  غۇۋا ماددا ۋە بارىئوننىڭ  تارتىشىش كۈچى تەسىرىدە ئالەم كىڭىيىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىغان(بىراق يەنىلا كىڭەيگەن) .ئالەم كىڭىيىپ ئەسلىدىكىنىڭ 2 ھەسسىگە تەڭ بولغاندا غۇۋا ماددىنىڭ زىچلىقى ئەسلىدىكىنىڭ يىرىمىغا تەڭ بولغان . بىراق غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ بولسا ئاساسەن كىمەيمىگەن . ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق قانداق ماددا نىمە ئۇچۈن بۇنداق غەلىتە خۇسۇسىيەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ ؟ ئۇ بىز ئەزەلدىن بىلمەيدىغان ۋە بايقىلىپ باقمىغان ئەڭ يىڭى ماددا ھالىتىمۇ قانداق ؟ بەزىلەر  بۇ خىل ماددا ھالىتى راستىنلا بايقالسا ياكى ئىپادىلىنىپ چىقسا ئۇنداقتا ئۇ فىزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ زور بۆسۈشكە ئايلىنىپ يىڭى بىر فىزىكا ئىنقىلابىنى قوزغايدۇ دەپ قاراشماقتا.

كۈرگىنىڭىز تىمىنىڭ بىرىنچى قىسمى، ئەمدى ئىككىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.

2 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..