غۇۋا ئنىرگىيە دىگەن نىمە (2) What is Dark Energy
غۇۋا ئنىرگىيە دىگەن نىمە (2)
تەييارلىغۇچى: Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئابدۇرازاق سىدىق.
( شىئەن ئىلىكتىرون پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتى ئوقۇغۇچىسى)
كۈرگىنىڭىز تىمىنىڭ ئىككىنچى قىسمى. ئاۋال بىرىنچى قىسمىنى كۆرۈڭ.
غۇۋا ئىنىرگىيە ئۇقۇمى ئەڭ دەسلەپتە 1915-يىلى ئىينىشتىيىنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەرىيسىنىڭ بىر گۇرۇپپا تارتىشىش كۈچى تەڭلىمىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان .ئەينى ۋاقىتتا بۇ تەڭلىمىنىڭ نەتىجىسى ئالەمىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرىدىغانلىقىدىن دىرەك بەرگەن .بىراق بۇ ئىينىشتىيىننىڭ ئالەم تىنىچ تۇرىدۇ دىگەن نۇقتىنەزىرىگە خىلاپ ئىدى،شۇڭا بۇ تەڭلىمە نەتىجىسىنى ئالەمنىڭ تىنىچ ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن ئىينىشتىيىن تەڭلىمىگە بىر تۇراقلىقنى كىرگۈزگەن ،مانا بۇ بىز ھازىر ئىيتىپ كىلىۋاتقان ئالەم تۇراقلىقى ئىدى .
كىيىن كىشىلەر ھاببىل بوشلۇق تىلىسكوپى بىلەن كۆزىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئالەمنىڭ كىڭىيىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا بۇنىڭ<ئالەم تۇراقلىقى>ئوتتۇرىغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرىكى تارتىشىش كۈچى تەڭلىمىسىنىڭ ھىسابلاش نەتىجىسىگە ئۇيغۇن كىلىدىغانلىقىنى بايقىغان .ئىينىشتىيىن <ئالەمنىڭ كىڭيىش>تەلىماتىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئىنتايىن پۇشايمان قىلغان ھالدا <ئالەم تۇراقلىقىنى تەڭلىمىگە كىرگۈزۈش مىنىڭ بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىم >دىگەن.شۇندىن كىيىن ئالەم تۇراقلىقى ئۇنتۇلۇپ كىتىلگەن .بىراق خىلى يىللاركىيىنكى بىرقىتىملىق
ئاستىرونومىيلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئالەم تۇراقلىقىنىڭ 0گە تەڭ بولمايلا قالماستىن بەلكى يەنە چەكسىزلىككە قاراپ ئىنتىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئالەمدە يەنە مەلۇم خىل <غايەت زور نەرسە>نىڭ مەۋجۈد ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەرگەن .شۇندىن ئىتىۋارەن ئالەم تۇراقلىقى غۇۋا ئىنىرگىيە ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەردە قوللىنىشقا باشلىغان.
يىقىنقى زامان ئالىملىرىمىز قايتا-قايتا ھەرخىل ۋاستىلەرنى قوللنىپ كۆزىتىپ ئۆلچەشلەردىن كىيىن مەن ئالدىدا ئىيتىپ ئۆتكەن <ئالەم ئومۇمى ماسسىسى >ھەققىدىكى ھىلىقىنى تەڭلىمىنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئالەمدىكى 96% ماددىنىڭ تىخى بىز بىلمەيدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى مۇئەيەنلەشتۈرگەن.(57-يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن لىجىڭداۋ ئەپەندىم ھەتتا بۇ ساننى 99% تىن يۇقىرى دەپ قارىغان ئىكەن) . 1997-يىلى 12-ئايدا <چوڭ يۇلتۇزلارنىڭ قىزىلغا يۆتكىلىش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى>نىڭ ئەزاسى خارۋاد ئۇنۋېرسىتتى ئاستىرونۇمى روبىرت.جىرسىنا يىڭى چوڭ يۇلتۇزلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئالەمنىڭ كىڭىيىش سۇرئىتى ئۆزىنىڭ ئىغىرلىق كۈچ تەسىرىدە ئاستىلىمايلا قالماستىن بەلكى بىر خىل كۆرگىلى بولمايدىغان ،ھىچقانداق كىشى يىشىپ بىرەلمەيدىغان سىرلىق كۈچنىڭ كونتىرۇل قىلىشى ۋە ئىتتىرىشى ئاستىدا تىخىمۇ تىزلەشمەكتە، دەپ يەكۈن چىقارغان .مۇھىم بولغىنى ھىچقانداق ئادەم بۇ سىرلىق كۈچنىڭ نىمىلىكىنى ،ئالەمنىڭ كىڭىيىش سۈرئىتىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئاستىلىماسىتىن بەلكى تىزلەشكەنلىكىنىڭ سەۋەبى ۋە ئۇنىڭ زادى قانداق يۇز بەرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى يىشىپ بىرەلمىگەن .كىشىلەر پەقەت ھازىر بىز تۇرىۋاتقان ئالەم بىز تىخى بايقىمىغان ماددا ھالىتىدە مەۋجۈت بولغان ماددىنىڭ كونتىرۇللىقى ۋە تەسىرى ئاستىدا بولۇپ ئۇماددا باشقا ھىچقانداق بىر ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغان ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشاشمايدۇ دەپ پەرەز قىلغان .
ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان< ۋىلكىسون مىكرودولقۇن تەكشۈرۈش سۇنئى ھەمرا>سى (Wilkinson Microwave Anisotropy Probeقىسقىچە WMAPدپمۇ ئاتىلىدۇ.)تەمىنلىگەن ماتىرىياللارمۇ يىڭى چوڭ يۇلتۇزلار(Supernovae)دا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقنى ئىسپاتلىدى.بۇ ئىسپاتلار نۇرغۇن ئالىملارنى قاتتىق بىئارام قىلغان .چۇنكى ئۇ ئىينىشتىيىن ،خاۋكىڭ قاتارلىق نەزەرىيىۋى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ خاتالاشقانلىقىدىن بىشارەت بىرىپ ئالەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان كۈچنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئىغىرلىق كۈچى،ياكى تارتىشىش كۈچى بولماستىن بەلكى غۇۋا ئىنىرگىيەۋە غۇۋا ماددىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .شۇڭلاشقا بەزى كىشىلەر غۇۋا ئىنىرگىيە ئالەمدە بىرخىل تەگلىك ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچكە ئوخشايدۇدەپ قارىغان ئالەم فىزىكىسى ئىلمىدە بەزىلەر غۇۋا ئىنىرگىيە ھەقىقى بوشلۇققا بەكرەك ئوخشايدۇ دىگەندەك قاراشلاردىمۇ بولغان ۋە غۇۋا ئىنىرگىيەنى ھەقىقى بوشلۇق ئىنىرگىيىسى دەپمۇ ئاتىغان .
ھەقىقى بوشلۇق راستىنلا غۇۋا ئىنىرگىيەمۇ ؟
ئەگەردە راسىت شۇنداق بولسا ئۇنداقتا ئۇ بارلىق ئىنىرگىيەلەرنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى ئالاھىدىلىكى بولغان -كۈچگە ئىگە بولۇشى كىرەك ،مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ھەقىقى بوشلۇقنىڭ <كۈچ>نىڭ خۇسۇسسىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇش بولماسلىقى ئۇنىڭ غۇۋا ئىنىرگىيە ياكى ئەمەسلىكىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر .
يۇقرىدىكى بايانلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ھەقىقى بوشلۇقنىڭ <كۈچ>خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى بارلىق زىددىيەتلەرنىڭ فوكۇس نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى .ئەگەر ئۇنىڭ بۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى بىردىلا ئىسپاتلىنىپ قالسا بۇ خىل ھەقىقى بوشلۇق كۈچى تەبىئەت دۇنياسىدكى تەبىئى مەۋجۈت بولغان 5-خىل كۇچ بولۇپ ھىسابلىنىدۇ-دە .ئۇنداقتا ھەقىقى بوشلۇق فىزىكا تارىخىدا ئاللىبۇرۇن ۋاز كىچىلگەن ئىزېر(ether) بولىدۇ.<ئېزېر بولسا ئىلگىرى ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىڭ تارقىلىشدىكى ۋاستىچى ماددا دەپ قارالغان ،ۋە كىيىن بۇ خىل قاراش ئاغدۈرىۋىتىلگەن .ئۇ ئەمەلىيەتتە ھەقىقى بوشلۇقنىڭ مەلۇم خىل ئىففىكتىدىن ئىبارەت.>ئەگەر شۇنداقلا بولسا ئۇنداقتا ھەقىقى بوشلۇق دەل ئالەمنى كونتىرول قىلىۋاتقان غۇۋا ئىنىرگىيە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
خاتىمە :
غۇۋا ئىنىرگىيە زادى نىمە ؟ئۇنىڭ مەۋجۈدلىقى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ ئالىملار بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرگە جاۋاب تىپىشقا ئۇرۇنماقتا .كىشىلەر بارغانسىرى شۇنى ھىس قىلىشقا باشلىدىكى غۇۋا ئىنىرگىيە پۇتكۈل ئالەمگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن قارىماققا يەنە ئالەمنىڭ پۇقرالىرى ،تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى ،يۇلتۇزلار سىسستىمىسى ،يۇلتۇزلار تۇركۈمىنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىغا قوماندانلىق قىلالايدىغاندەك قىلىدۇ. غۇۋا ئىنىرگىيە ھەممىلا جايدا بولۇپ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ھىس قىلالىشى تولىمۇ تەس ،ئۇئادەتتكى ماددىغا ئوخشاش بىر يەرگە يىغىلغان بولماستىن بەلكى بوشلۇققا تەكشى تەقسىملەنگەن بولىدۇ .مەيلى سىزنىڭ ئاشخانا ئۆيىڭىز بولسۇن ياكى ئالەم بوشلۇقى بولسۇن ئۇنىڭ زىچلىقى ئوپمۇئوخشاشيەنى 10-26كىلوگىرام /كۇب مىتىر . ئامىرىكا ئاستىرونومىيە ئالىمى ھاببىلدىن تارتىپ بارلىق ئاستىرونوملار شۇنىڭغا قەتئى ئىشنىدىغان بولدىكى بىزگە يىقىن تۇرغان يۇلتۇزلارسىسىتىمىسدىن باشقا بارلىق يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇزلار سىسىتىمىسى بىزدىن يىراقلاپ ئۇچۇپ كىتىۋاتىدۇ. بۇ تىزلىك ئارلىق بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدىغان بولۇپ(بۇ ھاببىل قانۇنى چوڭ پارتىلاش،ئالەم، ئالەمنىڭ تەقدىرى ناملىق تىمىدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەن .بۇيەردە تەكرارلانمىدى.) بىزدىن قانچە يىراق پىلانىتا بولسا ئۇنىڭ تىزلىكى شۇنچە يۇقرى بولىدۇ .ئەنئەنىۋى كۆزقاراشلاردا ئالەمنىڭ چوڭ كىچىكلىكى مۇقىم ھالدائۆزگەرمەيدۇ.پەقەت يۇلتۇزلار سىسىتىمىسى بىزدىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتىدۇ خالاس دەپ قارىلاتتى .بىراق كۆزىتىش نەتىجىلىرى بۇ خىل قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى .ئەمەلىيەتتە ئۈزلۈكسىز سوزۇلۇپ كىڭىيۋاتقىنى بوشلۇقنىڭ ئۆزى بولۇپ يۇلتۇزلار پەقەتلا بوشلۇق ھەرىكىتىگە ماس ھالدا ھەرىكەتلىنىپ بىزدىن قەدەممۇ-قەدەم يىراقلىشىپ كەتكەن .
قىسقىچە ئىزاھات :
ئىينىشتىيىن تەڭلىمىسى :(ئالەم تىنچ تەلىماتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھىلىقى تەڭلىمە رەسىم شەكلىدە ئىكەن. پەستە رەسىم ھالىتىدە قېتىپ قويدۇم. ئالەم تۇراقلىقىنى گىرىك ھەرىپى Λ بىلەن ئىپادىلەيمىز .
WMAP : تولۇق ئىسمى(Wilkinson Microwave Anisotropy Probe) ۋىلكىسون مىكرودولقۇن تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئامرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئالەم مىكرودولقۇن تەگلىك رادىئاتىسىيسى ئۇستىدە يۇقرى ئىنىقلىقتا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىلىپ بارالايدىغان سۇنئى ھەمراسى بولۇپ 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇپ بىرىلگەن .
يىڭى چوڭ يۇلتۇز (Supernovae): يىڭىدىن پارتىلىغان چوڭ يۇلتۇزلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ،ئۇ ئالەم ئىلمىدە ئىنتايىن كۆپ ۋە كەڭ دائىرىدە قوللىندۇ . يىڭى چوڭ يۇلتۇز (Supernovae)نىڭ ئۆزگىرىش ھادىسە ۋە قانۇنىيەتلىرى 14 مىلىيارت يىل ئىلگىرى پارتىلىغان بۇ ئالەم ھەققىدەئىلىپ بىرىلغان تەتتقىقاتلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئوبىكتىۋى .
ئۇ قىزىلغا يۆكىلىش ھادىسسنى كۆزىتىش ئۆلچەش ئىشلىرىنى تىخىمۇ ئاسانلاشتۇرالايدۇ.
ئىغىرلىق كۈچى لىنزا ئىففىكتى (Gravitational lens): ئىينىشتىيىنىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھادىسە بولۇپ ۋاقىت-بوشلۇقنىڭ چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرى ئەتراپىدا دىفورماتسىيلىنىش سەۋەبىدىن نۇرنىڭ چوڭ ماسسىلىق ئاسمان جىسىملىرى ئەتراپىدا ئىغىش ،ئىگىلىش ھادىسىسى بولۇپ تارتىشىش كۈچى مەيدانىنىڭ بۇ خىل ئىففىكتى ئىغىرلىق كۈچى ئىففىكتى دىيىلىدۇ.
Quintessence:غۇۋا ئىنىرگىينىڭ يەنە بىرخىل مودىلى، ئالەم يۇقىرى تىزلىكتە كىڭيىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان پوتنىسىئال ئىنىرگىيىنى تەمىن ئەتكەن ھەرىكەتچان مەيدان . ئۇنىڭ ئالەم تۇراقلىقى بىلەن ئوخشاشمايدىغىنى شۇكى ئۇ ۋاقىت بوشلۇقنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ ماددىلارغا ئوخشاش ئۇيۇشۇۋالماسلىقى ئۈچۈن بۇ خىل مەيدان چوقۇم تولىمۇ ئاجىز بولۇشى كىرەك . گەرچە Quintessence ھازىرغىچە كۆرۈنەرلىك بىرەر ئىسپاتلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ لىكىن ئوخشاشلا ئۇنىڭ مەۋجۈتلىقىنى چەتكە قىقىشقا بولمايدۇ . ئەگەر ئالەمنىڭ كىڭىيىشى تىزلىنىشى بالدۇر يۈزبەرگەن بولسا ئۇنداقتا بۇ يۇلتۇزلار سىسىتىمىسى ھەرگىزمۇ شەكىللىنەلمىگەن بولاتتى . ھىچ بولمىغاندا شۇنداق دىيەلەيمىزكى ئۇنىڭ شەكىللىنىش پۇرسىتى بولمايتتى.
تۈگىدى.
ياخشىمۇسىز Jeck سىزدىن بىر ئۆتۈنىشىم بار ئىدى.
بولسا ئامىركىدا چىقىدىغان <تەبىئەت ژۇرنىلى> دىگەن ژۇرنالدىن ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان داڭلىق ياخشى ئىلمى ماقالىلەر بولسا ۋاقتىڭىزنىڭ يېتىشى ئاساسىدا ،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز Jeck سىزدىن بىر ئۆتۈنىشىم بار ئىدى.
بولسا ئامىركىدا چىقىدىغان <تەبىئەت ژۇرنىلى> دىگەن ژۇرنالدىن ئۆزىڭىزگە تەسىر قىلغان داڭلىق ياخشى ئىلمى ماقالىلەر بولسا ۋاقتىڭىزنىڭ يېتىشى ئاساسىدا ،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
@پورفىرىي,
ئىشىڭىلار تىخىمۇ بەركەتلىك بولغاي!
[...] تىما ئالدىنقى يازما-فرانسىيەدە بىز، مانا مىللى روھىمىزنىڭ داۋامى بولۇپ ئاۋال بېشىنى [...]
نىمە دىگەن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بۇ. بۇنى ئوقۇپ كۆڭلۈم باشقىچە يۇرۇپ كەتتى. سىلەرگە ئاپرىن.
man pakat kayel ams bu temen tez uqrex kerak
bak la aqqegem kal de bu temene kurup aka janekm nemex ka ...
ئىنسان ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلغاندا يۇرتنىڭ قەدرىگە يېتىد،ئاندىن ئۇنىڭدا كۆمۈلۈپ قالغان مىللىي روھلار ئويغىنىشقا باشلايدۇدە، ئۆزلۈك ۋە كېملىك ئۈستىدە ئويلىنىدۇ... ئەلۋەتتە يۇرتتىكى ...
jek apande . yahximusiz ! man awal siz neng , tenigiz ga salamtlik , ixlirgiz ga utuk yelay ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر