جېك دىگەن كىم؟
Jeck دىگەن كىم دىگەن بۇ سۇئال ھەر بىر بۇ تور نامىنى ( دىققەت قىلىڭ، بۇ تور نامى، ئەسلى ئىسمى ئەمەس) يىڭى ئاڭلىغان تورداش بىر قېتىم سوراپ باققان سۇئال بولسا كىرەك. بۇ ئىسىمنىڭ نىمە مەنىسى بار دىگەندە بۇ ئىسىمنىڭ ئىشلەتكۈچىسى مەنمۇ ئۇخمايمەن. بۇ ئىسىمنىڭ ھېچقانداق مەنىسى يوق، بۇ تور نامىنى تاللاپ ئىشلىتىشىمۇ ھىچقانداق مەقسەت ۋە مۇددىئا يوق. بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىش خۇددى ئۇيغۇرچە توربەتلەردە تورداشلار ئۈزىگە خىيالى، ياۋۇز دەپ تور نامى تاللىۋالغىنى بىلەن ئوخشاش ئىش. پەرق قىلىدىغان يىرى شۇكى، بۇ تور نامىنىڭ ئىشلەتكۈچىسى مەن باشقىلارغا قارىغاندا ھورۇنراق بولغاچ، ئۇزۇن يىللاردىن بويان باشقىلار ھەر قېتىم تورغا كىرسە ئۈزىگە بىر قېتىم ئىسىم تاللاپ ئىشلەتسە، مەن ھەر قېتىم يىڭى ئىسىم ئويلاپ تېپىپ بۇلالماي زىرىكىپ مۇشۇ ئىسىمنى تىزىملىتىپ، ئەگەر تىزىملىتىپ بولۇنغان بولسا ئىسىمنىڭ ئالدى كەينىگە سانلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتپ يۈرۈپ توردىن تېپىۋالغان ئىسىم. بۇنىڭدىن باشقا ھىچقانداق تارىخى ۋە مەنىسى يوق.
Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلىكىم. ئانىسىنىڭ دەپ بىرىشىگە قارىغاندا ئۇ خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيسى پۇچاقچى يېزىسى ئوتتۇرا ياغاچچى كەنتىدە زىمىستان قىشنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئانىسىنى تولغاق تۇتۇپ ۋايجان دەپ بولغۇچە تۇغۇلۇپ يەرگە چۈشۈپ بولغان. بوۋاقلىق، بالىلىق دەۋرىنى شۇ ياغاچچى كەنتىدە ئۈگزىدە يېتىپ يۇلتۇز ساناپ، ئايۋاندا يېتىپ خىيال سۈرۈپ، ئېرىقتا سۇغا چۈشۈپ، لايدا ئۈي سېلىپ، بوغدايلىقتا چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇخلاپ چوڭ بولغان. مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ئاتا ئانىسنىڭ خىزمىتى خوتەن شەھىرىگە يۈتكىلىپ خوتەنگە كۆچۈپ كىلىپ خوتەن ناھىيلىك چايخانا مەكتەپ ( بىرىنچى باشلانغۇچ مەكتەپ) تە باشلانغۇچ، خوتەن ۋىلايەتلىك بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغان. ئۆيى ئۈز ۋاختىدىكى خوتەن سىفەن مەكتەپ ئىچىدە بۇلۇپ، ئۈسمۈرلۈك ۋاختى ئات بازىرنى مەركەز، 5 كىلومىتېرنى رادىئوس قىلغان دائىرىدە مەكتەپتە ئوقۇشتىن سىرت، ئاخۇنۇمغا بېرىپ ئايەت ئوقۇشنى، ھەلقىگە بېرىپ ھۈكمەت ئاڭلاشنى، رىمونىتچىغا بېرىپ ئۈنئالغۇ چۇۋۇشنى، سەيپۇڭغا بېرىپ تۈگمە قاداشنى، ئىلىكتىرونلۇق چالغۇدا گۈللەللەگە چېلىشنى، چۇققۇ بازاردىن توپ مال ئېلىپ ئات بازىرىدا پارچە سېتىشنى ئۈگەنگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كىيىن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ پەن تېخنىكا سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرىپ بۇ يەردە ئىككى يىل ئوقۇغاندىن كىيىنن چېڭدۇىكى ئېلىكتېرون پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىدا فوتو-ئېلېكتېرون تېخنىكىسى بويىچە باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇغان. بۇ يەردە كۈندە مىفەن بىلەن موما سەي ياكى نېيۇرومەن يەپ بەك تېتىپ كىتىپ بىرمۇنچە سەمرىگەن. بىكار ۋاقىتلىرىدا تور ئويناپ Jeck دىگەن تور نامىنى شۇ يەردە تىرىۋالغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە يېنىپ كىلىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ فىزىكا فاكولتىدا بىر نەچچە يىل ئىشلەپ ئۇندىن كىيىن ئامرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن. ھازىر ئۇ ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتىدىكى ( ۋاشىڭتون شەھىرى ئەمەس) ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىدا ئاسپىرانلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.
ئەگەر يەنە قىززىڭسىز تۈۋەندىكى تىمىلارنى ئوقۇغايسىز:
جېك بىلەن قىلىشقان پاراڭلار
Jeck بىلەن سۆھبەتكە جاۋاپ: مىنىڭ ئۆسۇم يىتىلىشىم