Articles Archive for ئىيۇن 2012
Headline, خەۋەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

يېقىندىن بېرى، بارغانسېرى فرانسىيەدىكى مەيلى ئوقۇغۇچى-ئوقۇتقۇچى بولسۇن، ئۇيغۇرپەرۋەر ياكى يىراقتىن كۈزەتكۈچىلەر بولسۇن، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز ئوغۇزغا كېلىۋاتقان ياخشى ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ سورالغان سوئال : ”سانىڭلار شۇنچە ئاز، فرانسىيەدىكى تۇرۇش ۋاقتىڭلار شۇنچە قىسقا تۇرۇپ، نېمىدىگەن جانلىق ۋە مىللەتپەرۋەر سىلەر؟ بۇنچىلا غەيرەت ۋە ئېنىرگىيەنى نەدىن ئالىسىلەر؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ھەيران قالارلىقمۇ؟“
ئەمەلىيەتتە مىللىتىمىزنى فرانسىيەدە مۇشۇ يوسۇندا تونۇشتۇرۇپ، فرانسۇز ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنى ھەيران قالدۇرىۋاتقان بىز ئون نەچچە ئوقۇغۇچى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولالمايمىز. دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش بىزنىڭ مىللىتىمىزدىمۇ ھەر تىپ، ھەر خۇلقتىكى كىشىلەر مەۋجۇت. ئەمما ئوغۇز ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىمىز بىلەن فرانسىيەدە توختىماي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت بايراملىرى باشقىلارغا خۇددى بارلىق ئۇيغۇرلار مۇشۇنداق مىللىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بېرىدىغاندەك تەسىر بەرمەكتە.
دېمىسىمۇ، فرانسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تۈركىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋىتسىيە ۋە نورۋېگىيەلەردىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوقۇش سەۋەبى بىلەن كەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ. سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، تېز سۈرئەتتە تىل ئېگەللەپ، ئۇيۇشۇپ، تەشكىللىنىپ