Articles Archive for مارت 2007
ئويلانمىلار, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »

بۇ تىما مۇستەقىل تىما ئەمەس، بەلكى ئالدىدا يېزىلغان مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتورلىرى دىگەن تىمىنىڭ ئاخىرى ھىساپلىنىدۇ. بۇ تىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى بۇ تىمىنىڭ بېشىنى ئوقۇپ بىلىڭ.
خۇلاسە كالام، شۇنداق قىلىپ مەن بەلكىم خاتا دەپ قۇيۇش ئىھتىمالى بۇلغان 2-3 دوكتور بىلەن تورداشلار قېتىپ قويغان دوكتۇرلارنىڭ سانىنى يىيىشتۇرۋەتسەم مەن توپ توغرا 50 دوكتۇر تۇغرىلىق ئۇچۇر بەردىم. يەنە بىرەي دىسەم ، قىزىپ چىقسام يەنە 50 ئۇيغۇر دوكتۇرنىڭ ئۇچۇرىنى بىرەلشىم مۇمكىن. ئادەم بىكار قالغاندا كاللىسدا يۇرگەن نەرسىلەر يازاي دىسە ئۇيلاپ بۇلغىلى بۇلمايدىكەن. مەن ئۇچۇر بەرگەن دوكتۇرلار ئاساسەن مەن بىر قەدەر تۇنۇيدىغان ئاغىنە دوس بۇرادەرلىرىم، …
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر »

ئەسكەرتىش: بۇ تىما يىڭى بلوگقا كۆچكەندىن كىيىن ئۆز پېتى كۆچۇرۇپ كىلىندى، ئەسلى تىمىدىكى بەزى ئوچۇر خاتالىقلىرى ئۈزگەرتىلمىدى، لېېكىن رەسىم ۋە ئۇلىنىشلارقوشۇلۇپ تەھرىرلىنىپ بەت يۆزى كۆركەملەشتۈرۈلدى. . ئەسلىگە سادىق بولۇپ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مەزمۇنلىرى بۇندىن كىيىنمۇ ئۈزگەرتىلمەيدۇ. لېكىن ئاخىرىغا ياكى يىڭى تىما ئارقلىق يىڭىلاش ئېلىپ بىرىلىدۇ(2010-يىلى 25-سىنتەبىر)
ئەسكەرتىش: بۇ تىمىنى 2005-يىلى 12-ئايدا قىشلىق تەتىل مەزگىلىمدە بىر ھەپتە كۈندە كەچلىك ۋاختىمنى سەرىپ قىلىپ يېزىپ ئىزدىنىشتا ئىلان قىلغان ھەم زور تەسىر قۇزغىغان. كىيىن ئىزدىنىش يىڭى سىستىمىغا كۈچكەندىن كىيىن كونا مۇنبەر كۈپ ۋاقىتلاردا ئچىلمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ. ئەسلى نۇسخىسىنى ئۈزەممۇ ساقلىۋالماپتىكەنمەن. بۈگۈن ئىزدىنىشتىن …
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

ئۇيغۇرلاردىكى تور بەت تەرەققىياتى ناھايتى ئاستا بۇلدى ھەم كۈپ خىللىشالمىدى. ھازىرمۇ تېخى تور بەت دىسە كۈپىنچەيلەننىڭ كۈز ئالدىغا دەر ھال كىلىدىغىنى ناخشا مۇزىكا ۋە مۇنبەر. ئۇنىڭدىن نېرىسغا تېخى ئۈتۈپ بۇلالمىدۇق. ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ قىززىق تور بەتلىرى دەپ دىيارىم، سەلكىنلەرنى ئاچساقمۇ مۇنبەردىن باشقا يەرلىرى ناھايتى ئاز يىڭىلىنىدۇ. بىزگە بىرەر نەرسە لازىم بۇلسا ئىزدەپ تاپقىلى بۇلمايدۇ. ئۈتكەن ئايدا بىرسى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىكى 11 ماددىلىق بىتىمنىڭ مەزمۇنىنى توردىن تاپالىسىڭىز تېپىپ بەرسىڭىز، بىر ماقالە يېزىۋاتاتتىم دىگەنتى، پۈتۈن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى ئاختۇرۇپ تاپالمىدىم. تورلاردا بەزىدە ”ئۇيغۇر تور بەتچىلىگىنىڭ تەرەققىياتى“ “ ئۇيغۇرلاردا ئىنتېرنېت زور دەرىجىدە تەرەققى قىلدى“ دىگەن