مەڭگۇنۇر: مەن تۈركىيەدە قانداق ئوقۇدۇم How I came to study in Turkey,by Mengunur
Jeck ئىلاۋىسى: تورداش مەڭگۇنۇر ئوزۇندىن بۇيان Jeck تور خاتىرىسىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنى ۋە يازما تەھرىرلەشكە ياردەملەشكۈچىسى. ئۇ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرۈپ ئوزۇن ئۈتمەي تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇغان بولۇپ ھازىرمۇ شۇ يەردە ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇۋاتىدۇ. يېقىندا مىنىڭ تەكلىۋىم بىلەن ئۈزىنىڭ تۈركىيەگە ئوقۇشقا بېرىش ۋە ئوقۇش جەريانىدىكى كۆرگەن بىلگەنلىرىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى. تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا تەييارلىق قىلىۋاتقانلارغا ئازدۈر كۆپتۇر پايدىسى بۇلىشىغا ئىشىنىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم Jeck تور خاتىرىسىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى. بۈگۈن Jeck نىڭ تەكلىۋى بىلەن بۇ يازمىنى تورداشلار ئۈچۈن تەييارلىدىم. قاملاشمىغان جايلىرى بولسا كەچۈرگەيسىزلەر. ئاۋال ئۆزەم توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتەي.
مېنىڭ ئىسمىم مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ،قۇۋۇق ناھىيىسىدە تۇغۇلدۇم .قاراماي شەھەرلىك 2-باشلانغۇچ ۋە قاراماي شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم.تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 2001-يىلى بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىغا تاللاندىم ۋە 2001-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا 2يىل تەييارلىق ئوقۇدۇم.2003-يىلى 7-ئايدا بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدا مائارىپ ئىلمىدە ( مائارىپ پىسكولوگىيىسى ) 4يىل باكلاۋۇرلۇقتا ئوقۇدۇم،2007-يىلى بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈردۇم ۋە ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپلا تۇركىيەدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلدىم.
مەن ئۇنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەسلىدە گىرمانىيە مىيۇنخىن ئۇنۋېرسىتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇشنى ئويلىغانىدىم،شۇڭا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتىدا ئىشتىن سىرت بىر يېرىم يىل نېمىس تىلى ئۆگەندىم ۋە ئىمتىھان بەردىم ،گىرمان تىلىدىن 4-دەرىجىدىن ئۆتتۈم،ئەمما كىيىنچە ئۆيدىكىلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئۇنچە ياخشى ئەمەسلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ گىرمانىيەدە ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىم. لېكىن مىنىڭ يەنىلا چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش خىيالىدىن ۋاز كەچكۇم يوق ئىدى. شۇڭا چەتئەلدىكى دوستلىرىم ۋە Jeck تور خاتىرىسىدىكى تۈركىيەدە ئوقۇش تېمىسىدىكى يازمىلاردىن تۈركىيەدە ئوقۇش پۈرسىتى بارلىقىنى بىلدىم. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدىكى دوستلىرىمغا دەپ ئۇ يەرنىڭ چاقىرتىش قەغىزىنى ئالدىم. ئۇندىن كىيىن كېرەكلىك ماتىرياللارنى تەييارلاپ،تۈركىيە كونسۇلغا ماتىرياللىرىمنى تاپشۇردۇم. شۇنچىلىك ۋاقىتتىن بېرى نېمىس تىلى ئۆگۈنۈپ تۇيۇقسىزلا تۈركىيەدە ئوقۇش پىلانى چىقىپ قالغاچقا سەل گاڭگىراپ قالدىم. چۈنكى گىرمانىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى ۋە ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن نېمىس تىلىمۇ ئۆگۈنۈپ،بىر يەرلەرگە بارغانىدىم. شۇنداقتىمۇ ئەمىلىيەتنى قۇبۇل قىلىپ بىر ئاز تۈرك تىلى ئۆگۈنۈشكە تۇتۇشتۇم. بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىدا تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈشكە باشلىدىم .بۇ جەرياندا كۆڭلۈم ناھايىتى تەڭپۇڭسىز ئىدى. بۇ ۋاقىتلارنى ئۈز -ئۈزەمگە تەسەللى بىرىپ ئارزۇيۇمغا بىر قەدەم بىر قەدەمدىن يىتىشنى پىلانلىدىم. ئوزۇن ئۈتمەي تۈركىيەنىڭ ۋىزىسىمۇ چىقتى. شۇنىڭ بلەن تۈركىيەگە قاراپ يولغا چىقتىم.
پاسپورتنى مەن بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىجىرىپ قويغان ئىدىم. پاسپورت ھەل قىلىش ئۈچۈن 200يۈەن ،رەسىم ئۈچۈن 70يۈەن تۆلىدىم. مەن يەنە پاسپورتنىڭ ئەسكەرتىش دېگەن بېتىگە ئەسكەرتىش قىلىپ ئىسمىمنى خەنزۇچە پىنيىن يېزىقىدىن نورمال لاتىنچىگە ئۆزگەرتىشكە بىر ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇنىڭ ئۈچەن 40 يۈەن تاپشۇردۇم. پاسپورت 2 ھەپتىدە چىقتى.ئەسكەرتىش يېزىش ئۈچۈن 3كۈن كەتتى.
تۈركىيەگە ئىلتىماس قىلىش ۋىزا چىقىشتىن بۇرۇن بىر ئاز ۋاقىت بولغاچقا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كىلىپ ئۈرۈمچى ئىستىقبال چەتئەل تىلى تەربىيلەش مەركىزىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلتىماس قىلدىم ۋە بۇ يەردە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىدىم .كىچىكىمدىن تارتىپلا ئوقۇتقۇچى بۇلۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم،ئۇ كۈنلەرنى ھازىرمۇ دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن.ئۇ يەردە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن تۈركىيەگە ۋېيزا ئىلتىماس قىلغان تەلىۋىمدىن جاۋاپ كەلدى،ئۆيگە بېرىپ تەييارلىق قىلدىم-دە ،ھاياتىمدىكى يەنە بىر يېڭى مۇساپەمنى باشلاپ تۈركىيەگە يولغا چىقتىم.ئايروپىلان قوزغالغان جەرياندا،كاللامدىن نۇرغۇن ئىشلار خۇددى بىر فىلىم كۆرگەندەك بۇلۇپ ئۆتتى.ھاياتىمدا ھېچبىر ئاياغ دەسسەپ باقمىغان ناتونۇش دۆلەتكە بولغان قىزىقىش ۋە بىر خىل ئەنسىرەشلەر كاللامدىن ئۆتتى.شۇ خىياللار بىلەن قاچانلاردۇر ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ ئسىتانبۇلغا ئاز قالدۇق دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، سىتانبۇل شەھىرىگە چۈشكەندىن ئۆز يۇرتۇمدىن شۇنچە يىراق مەملىكەتتىكى كىشىلەرنىڭ تىلى ماڭا شۇنچە يېقىن ۋە يېقىملىق بىلىندى.سىتانبۇلدىكى ھاياتىم شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
تۈركىيەگە كېلىش ئۈچۈن پۇل لازىم بولدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگەن پۇلى ۋە ئۆزۈمنىڭ بۇرۇن ئوقۇش جەريانىدا مەكتەپتە ئىشلەپ يىغقان پۇلۇم بىلەن بۇلۇپ 3000دوللار توپلاندى،ئۈرۈمچىدىن تۈركىيەگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى 3000نەچچە يۈەنگە ئالدىم،تۈركىيەگە بېرىپ تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈش سىنىپى (تومار)غا ئوقۇش پۇلى تاپشۇردۇم، بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 600دوللار بولدى.ئۇ يەردە تۇرۇشقا كىنىشكە(ئىكامېت) ئېلىش ئۈچۈن بىر ئاز كەتتى. 4 ئايلىق تىل كۇرسىنى ئوقۇدۇم،( نورمال بولغاندا ، تىل كۇرسىنىڭ بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 600 دوللار بولىدىكەن) . تۈرك تىلى گەرچە ئۇيغۇر تىلىغا ئىنتايىن يېقىن بولسىمۇ ،ئەمما ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن خېلى يۇقىرى تىل سەۋىيىسى تەلەپ قىلىدىكەن،دەسلەپكى مەزگىلدە خېلى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىم،بېيجىڭدا ئازراق ئۆگەنگەن تۈركچە تىلى ئۇ يەردە ھېچبىر گەپ ئەمەس ئىكەن. ئەمما ئىمى ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىسەم جوڭگوغا قايتۇرۋېتەتتى ،شۇڭا كېچە-كۈندۈز ئۆگەندىم. يىغلىغان ۋاقتىممۇ بولدى،ئائىلەمدىكىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرىشى ماڭا ھەر ۋاقىت يار-يۆلەك بولدى.3- ئايدا (y?s)دېگەن ئىمتىھاننى بەردىم. بۇ ئىمتىھاننى ماتىماتىكا ۋە تۈرىكچىدىن بەردىم. 4- ئايدا (tcs) دېگەن ئىمتىھاننى بەردىم.كۆپ تىرىشچانلىقلار بەدىلىگە باشقا ساۋاقداشلار خېلى ئۇزاق ۋاقىتتا ئۆتىدىغان تىل ئىمتىھانىدىن 4 ئايدىن كېيىنلا ئۆتتۈم،ئەلۋەتتە بۇ جەريانلاردا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىم،يېڭى بىر دۆلەتتە دەسلەپكى ھاياتنى باشلاش ئۈچۈن ئۇزاق بىر جەريان كېرەك ئىكەن. ئىمتىھان نەتىجىسى ئاخرى چىقتى. ئسىتانبۇل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى قولغا ئالغىنىمدا تولىمۇ خوشال بولدۇم.
تۈركىيەگە بېرىپ ئۇ يەردە تۈرك قىزلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇردۇم. ئۆي ئىجارىسىنى ئايدا 100لىرادىن بەردىم. يېمەكلىرىگە پەقەت كۆنەلمىدىم. ئامالسىز ئاچ-توق يۈردۈم. كېتىش خىيالىممۇ بولدى،ئۆيدىكىلەرگە تېلىفون قىلدىم ،ئاپام بىلەن ئۇزاق باراڭلاشتىم،ئۆيدىكىلەرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن يەنە داۋاملىق تىرىشىشقا باشلىدىم،ئۆزۈم ئۆيدە ئۇ يەرچە تاماق ئېتىشكە باشلىدىم.ئۇنى تاپسام بۇ يوق،تاپقان نەرسەم تېخى ئۆيدىكىگە ئوخشىمىغان،ئۆيدىكى تۈرۈك قىزلارمۇ ماڭا كۆپ ياردەم قىلدى،مېنىڭ بۇنداق قىيىنچىلىقلىرىمنى كۆرۈپ مەن نېمە دېسەم كۈچىنىڭ بارىچە تەييارلاپ بەردى،ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خېلى ئۆزلىشىپ قالدىم،تۈرۈكلەرنىڭ تاماقلىرىنىمۇ ئېتىشنى ئۆگەندىم،مەكتەپتە تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈشكە ئەتىگەن باراتتىىم،يېرىم كۈنلۈك دەرس ئىدى،ئۆيگە قايتىپ يەنە تۈرۈكچە ئۆگۈنەتتىم،قارىماققا تۈرۈك تىلى ئاددىدەك قىلغىنى بىلەن ئەمما يەنە چوڭ پەرق بار ئىدى،گىرامماتىكا ۋە سىرتتىن قوبۇل قىلغان سۆزلىرىمۇ ئۆزگىچە ئىدى.
تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن پۇلۇم ئۇنى ،بۇنى قىلىپ تۈگەپ قالدى. بىر يەردىن ئىش تېپىپ ئىشلىشىم كېرەك ئىدى،دوسلىرىمغا ھاۋالە قىلدىم ،شۇنىڭ بىلەن تەرجىمانلىق قىلىدىغان ئىش چىقىپ قالدى،3كۈنلۈك تەرجىمانلىق قىلدىم ،خەنزۇچە ،تۈرۈكچە 3كۈنلۈك تەرجىمانلىق قىلىپ 450دوللار تاپتىم.ئۆز تۇرمۇش پۇلۇمنى تېپىش ۋە ئوقۇشۇمنى ياخشى تاماملاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشتىم،2008-يىلى 5-ئايدا تۈرۈك تىلى سىنىپىم تۈگىدى.ئىمتىھاننىمۇ بەردىم،تەتىلدە يەنە مۇشۇنداق تەرجىمانلىق ئىشلىرىنى تېپىپ ئىشلىدىم،بۇرۇن تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەن مۇشتىرلىرىم تۈركىيەگە كەلگەندە داۋاملىق مېنىڭ ئۇلارغا تەرجىمانلىق قىلىپ بېرىشىمنى دەيدىغان بولدى.ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىغا كىردىم،يېرىم يىللىق ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 144لىرا تاپشۇردۇم.،مەكتەپ ماڭا بىر يىللىق تۈركىيەدە تۇرۇش پۇرسىتىنى پۇلسىز بەردى.ئادەتتە مەكتەپتە ئۇتۇق قازانغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ پۇلسىز تۇرۇش پۇرسىتى بېرىدۇ.تاكى مەكتەپ پۈتتۈرگىچە.
تۈركىيەدە مائارىپ: تۈركىيەدە 6-14ياشقا قەدەر مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان ئىكەن. پۈتۈن دۆلەتتە 820دىن ئارتۇق ئۇنۋېرسىتىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى بار،ئومۇمىي سانى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاساسلىق ئۇنۋېرسىتىتىلار ئاساسەن ئستانبۇل ۋە ئەنقەرەگە جايلاشقان. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يېڭى قۇرۇلغاندا ،پۈتۈن دۆلەتتە %10كىمۇ يەتمىگەن كىشى خەت تونۇيدىكەندۇق. مۇستافا كامال يېتەكچىلىكىدە ،مائارىپ ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىپتۇ. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پۈتۈن دۆلەتنىڭ ساۋاتلىشىشى %76كە كۆتۈرۈلۈپتۇ. ھازىر تۈركىيەدە 85ئۇنۋېرسىتىت بار. ئاساسلىقى دۆلەت ۋە شەخسىي ئىگىدارچىلىق قىلغان. دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى تۆۋەنرەك. ئەمما شەخسىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى بەزىدە 15000دوللارغا يېقىنلىشىدۇ. ھەر يىلى مەكتەپكە دۆلەتتىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەلەيلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇنۋېرسىتىتى ھاياتىنى باشلايدۇ. تۈركىيەنىڭ ئۇنۋېرسىتىتىلىرىنىڭ تۈزۈمى بەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ. بەزى ئۇنۋېرسىتىتىلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
تۈركىيە مائارىپ سېتسىمىسىدە:
1) تۈركىيەگە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن بارغانلار yosدېگەن ئىمتىھاننى بېرىدۇ.بۇنىڭغا ئاساسلىق تۈرۈك تىلى،ماتىماتىكا ،iqدىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىن بېرىدۇ.
2) ماگىستېرلىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر alesۋەtsc دىن ئىبارەت ئىككى ئىمتىھاننى بېرىدۇ،ales تە ماتىماتىكا ۋە تۈرۈك تىلىدىن بېرىدۇ،tsc تە تۈرۈكچىدىن ئىمتىھان بېرىدۇ.
ئستانبۇل ئۇۋېرسىتىتى : تۈركىيەدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ،ئاساسلىق ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر. كۆپلىگەن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ساھالىرىدە ئاساسلىق رول ئويناۋاتىدۇ.نۇرغۇنلىغان تۈركىيەگە داڭلىق سىياسەتچى ،سودىگەرلەر ۋە باشقا نۇرغۇن ساھالەردە مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن كىشىلەر بۇ مەكتەپنى ئوقۇپ پۈتتۈرگەنلەر. مەكتەپ ستانبۇلنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا تارقالغان بۇلۇپ ئاساسلىق مەكتەپ رايونى ستانبۇلنىڭ بىيازىت مەيدانىغا جايلاشقان. ئستانبۇل ئۇۋېرسىتىتى 1846-يىلى23-ئىيۇلدا قۇرۇلغان،لېكىن تېخىمۇ ئۇزاق تەكشۈرسەك ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپ 1453يىلدىن باشلاپلا بىر مەدرىس سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. بۈگۈن پۈتۈن مەكتەپنىڭ 5 ئوقۇش رايونى،2000غا يېقىن پىروفسسورى ۋە 4000غا يېقىن ياردەمچى تەتىقىقاتچى،60000دىن ئارتۇق تولۇق كۇرۇس،8000غا يېقىن ماگىستېر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بار.ئستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتى نۇرغۇن تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ ۋە ئۈمۈدى پۈكۈلگەن مەكتەپ.ئۇ شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ پەخرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ،تۈركىيەگە شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن ساھاسىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە.
مەن ئستانبۇل ئۇۋېرسىتىتىدا يەنە بۇرۇنقى كەسپىم بولغان مائارىپ پىسخولوگىيسىدىن ماستېرلىق(ماگىستىرلىق) ئوقۇشنى قارار قىلدىم.ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن مۇئەللىملەر يەنە بىر قېتىملىق ئىمتىھان ئالدى ۋە بېيجىڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىدىكى نەتىجىلىرىمنى قايتا كۆردى،بۇ ئىمتىھان مېنىڭ كەسىپتىن تەييارلىق ئوقۇش-ئوقۇماسلىقىمنى سىنايدىغان ئىمتىھان ئىدى.نۇرغۇنلىغان كەسپىي ئاتالغۇلار بولغاچقا ئىمتىھاندىن سەل قورقتۇم.ئاتالغۇلارنى كېچە-كۈندۈز ئۆگەندىم.،بۇنچىلىك قىلىشىم ۋاقىتنى يېڭىش ئۈچۈن ئىدى.ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم ۋە كەسىپ ئوقۇشقا باشلىدىم،بىزنىڭ كەسىپتىن ماگىستىرلىق پۈتتۈرۈش ئۈچۈن جەمئى 8پەن دەرس ئېلىشىمىز كېرەك بۇلۇپ،مەن 4دەرس تاللاپ ئوقۇپ تۈگىتىپ بولدۇم.دەرس نەتىجىلىرىممۇ ناھايىتى ياخشى بولدى.ھازىر كەلگەن دەرسلىرىمنى ئوقۇۋاتىمەن،بۇ يىل 6-ئايدا دەرسلىرىمنى پۈتۈنلەي تۈگىتىش پىلانىم بار.
تۈركىيەدە ئوقۇش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسكەن.نۇرغۇنلىغان ئىمتىھانلار بار،ئۇنداق ياردەم پۇللىرى ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلمەيدۇ،تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش بەك ئاسان ھەم پۇل بېرىپ ئوقۇتىدۇ دېگەن گەپلەرگە ئىشىنىپ قالماسلىقنى ئۈمۈد قىلىمەن.تۈركىيەنىڭ مائارىپ سېستىمىسى جوڭگونىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن.ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز مەملىكەتكە قايتۇرىدۇ.ئۇۋېرسىتىتىلارنىڭ كۆپىنچىسى دەرسنى ئېنگىلىز ۋە تۈركىي تىلىدا ئۆتىدۇ،ئېنگىلىزچىڭىز ۋە تۈركچىڭىز ياخشى بولمىسا دەرستە قىينىلىپ قالىدىكەنسىز. گەرچە تۈركچە بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ناھايىتى يېقىندەك بىلىنسىمۇ ئەمما كەسىپ تىللاردا ناھايىتى زور پەرىقلەر بار ئىكەن. نۇرغۇنلىغان ئوخشىماسلىقلار بار.نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەگە چىقىپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ..
بەزى تەجرىبە ساۋاقلار
مەن تۈركىيەگە بېرىشنىڭ ئالدىدا بەزىبىر گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. بىر قانچە تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئازۇسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئۆزىنىڭ تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇنچە پۇللارنى ئورۇنسىز خەجلىگەنلىكىنى ،ئۇ ئادەملەر ئوقۇغۇچىلارنى تۈركىيەگە ئەكىلىپ قويۇپ ھچقانداق رەسىمىيەتلىرى بىلەن كارى بولمغانلىقى،ئۆزىنىڭ شۇنچىلىك پۇل خەجلەپ تۈركىيەگە چىقىپ،ئۆزىنىڭ ئوڭ-سولىنى بىلمەي قالغانلىقى توغرىسىدا گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ ئىشقا ھەيران قىلىپ ئولتۇرسام،مەن تونۇيدىغان ھەمدە مېنىڭ بېيجىڭدىكى مەكتىپىمدە ئوقۇغان ئىنىمىزنىڭ بۇ ئىشقا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىدىم،ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ھاۋالە قىلىپ 1000دوللار بەرمەكچى بولغان ئادىمى بىلەن تېلفوندا سۆزلەشتىم،ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن بۇنداق ئىشلارنى قىلغان ئادەممۇ ئۇيغۇر ئىكەن.ئۇ ئادەمنىڭ ئۇ ئىنىمىزغا دېيىشىچە ئۆزىمۇ باشقىلارغا پۇل بېرىپ تۈركىيەگە چىقىپتۇمىش.شۇڭا ئۇ ئادەم ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلغانلارغا شۇ پۇلنى بېرىپ بۇ ئوقۇغۇچىنى ئەكەلمەكچىمىش،پۇلنى بەرمىسە تۈركىيەگە كېلىشنىڭ ئامالى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. تېلىفوندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۆزۈمنىڭ دېيىشكە تېگىشلىك گەپلىرىنى دېدىم. بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشىنى بۇنداقلا تاشلاپ قويغۇم كەلمىدى. ئاندىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ماتېرياللىرىنى بەردىم ۋە بۇ يىل 10-ئايغىچە تۈركىيەگە كېلىش رەسىمىيىتىنى بېجىردىم. خۇدايىم بۇيرىسا 10-ئايدا تۈركىيەدە ئوقۇيدۇ. بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم ھەرگىز ئۇنداق ئالدانماڭلار،ھاۋالە قىلغان ئادەملەرگە شۇنچىلىك پۇلنى بېرىپ قويۇپ،ئۇ ئادەمنى تۈركىيەدە تاپالماي قالىسىلەر. توغرا بولغان يول،ئۇسۇللار بىلەن چىقىڭلار. جوڭگودا يالغان دېپلومنى ياساپ ياكى پۇلغا سېتىۋىلىپ ،يەنە كۆز بويامچىلىق قىلساڭلارمۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن كىيىن ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. بۇ يىل 1-ئايدا تۈركىيە مائارىپى يېڭى تۈزۈم چىقاردى.چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ بارلىق دېپلوملىرىنى بىرمۇ-بىر ئېنىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىدىكەن ۋە يالغانچىلىق قىلىپ يالغان دېپلوم بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۋېتىش ۋە كىيىن تۈركىيەگە كېلىش ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلايدىكەن. تۈركىيەگە كېلىش نىيىتى بار ئوقۇغۇچىلار ياخشى ئويلىنىپكېلىڭلار. بۇ يەردە ھەممە ئادەمنىڭ ساياھەت قىلغۇسى كېلىدۇ.ئىستانبۇلمۇ شۇنداق چىرايلىق يەر. ئەتراپىمدا. ئاۋال ئوقۇشقا كىلىپ ئوقۇيالماي لاغايلاپ يۈرگەن بالىلار خېلى بار. شۇڭا بۇ يەرگە ئوقۇش نىيتىڭىز بولسا ئاندىن چىقىڭ. بولمىسا ۋەتىنىڭىزنى ۋە پۇلىڭىزنى ئاۋارە قىلماڭ. پۇلىڭىز ئېشىپ-تېشىپ كەتسە ،خەجلەيدىغان يەر تاپالمىسىڭىز يىراق يېزا-قىشلاقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلى ۋە دەپتەر قەلىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىڭ. بۇ يەردە جوڭگوغا ئوخشاش ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز ،بىر قانچە قېتىم ئىمتىھان بەرگىلى بولمايدىكەن. ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسىڭىز نەدىن كەلگەن بولسىڭىز ئۇدۇل شۇ يەرگە قايتۇرۋېتىدۇ. .بۇنداق دېسەم ھەيران قالماڭلار،بۇ يەرگە ئوقۇيالمايدىغان بالىلار ئوقۇيمەن دەپ كېلىپ 2ئايدىن كېيىنلا زېرىكىدۇ.مەكتەپكە كىرىپ ئىمتىھانلاردىن قېلىپ ئوقۇيالمايدۇ.بۇنداق بولسا ئوقۇيالمايدىغانلار ،ياخشى ئوقۇيدىغان ،جىق ئوقۇش نىيىتى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇش ئورنىنى ئالىدۇ. بىر ساننى بىكار قىلىدۇ.مەكتەپتە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي سۆرىلىپ يۈرۈپ،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە مۇئەللىملەرنىڭ ئالدىدا يۈزىنى تۆكىدۇ.بۇنداق بولسا بىزدىن كېيىن قالغان ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيەدىكى ۋە مەكتەپتىكى تەسىرى ياخشى بولمايدۇ.
تورداشلارغا قانداق ئۇچۇرلار ئەڭ لازىم مەن بىلمىگەچكەئاۋال Jeck نىڭ تەكلىپ بەرگەن تۈرلىرى بويىچە ئىلاجى بار ياخشىراق ئوچۇر بىرىشكە تىرىشتىم. ئەگەر يەنە كەم قالغان تورداشلارغا لازىم بولغان ئۇچۇرلار بولسا ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويساڭلار مەن يەنە تەييارلاپ بىرىمەن.
يىڭىلاندى( 4-ئاينىڭ 23-كۈنى):
قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر ۋە تۇركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغان ئوقۇغۇچىلار:
تۇركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىنڭ قالايمىقان ئىنسانلارغا ئالدىنىپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەن بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىدىكى مۇئەللىم بىلەن پاراڭلاشتىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس بىر ئېلخەت ئاددرىس ئاچتۇق.ئوقۇغۇچىلارنىنڭ ماتېرىياللارنى بۇ ئېلخەتكە ئەۋەتىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.uygurokux@hotmail.com
تەييارلايدىغان ماتىرىياللار:
1.پاسپور8ت.
2.دىپلوم.*(گوڭجىڭ نۇسقىسى)
3.نەتىجە.*(گوڭجىڭ نۇسقىسى)
4.بىر تۇركىيەدە ئوقۇش ئىلتىماسى.
5.تۇركىيەدە بىرىنجى يىل ئوقۇش پۇلىنى ئۆزى چىقىرىشىدىكى ئىسپات.
6.ئاتا-ئانىسىنىنڭ ئوقۇشقا بىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى ۋە رىغبەت قىلىشىدىكى بىر پارچە ئسپىات.
7.ئۆزىنىڭ تەرجىمالى.
تۈۋەندىكىلەر مەڭگۇنۇر تەمىنلىگەن بىر قىسىم رەسىملەر
جېك ئىلاۋىسى: مەڭگۇنۇرنىڭ يازمىسىدىن شۇنى تورداشلارغا تەكىتلەپ قويۇشنى ئويلىدىم. ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كىيىنچە چەتكە چىقىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بولغانلار چوقۇم مەكتەپتىكى ۋاختىڭلاردىلا پاسپورت بىجىرۋىلىڭلار. ھازىر پاسپورت 10 يىللىق چىقىدۇ. شۇڭا ھامان لازىم بۇلىدۇ.
مەڭگۇنۇرغا كۆپ رەھمەت. بۇ يازمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە خەت قالدۇرساڭلار يازغۇچى كۈرۈ پ تۇرىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىدۇ.
ئۇندىن باشقا يەنە چەتئەلدە تۇرۋاتقان تورداشلارنىڭ ئۈزىنىڭ چەتئەلگە چىقىش جەريانىدىكى يوللىرىنى، بولۇپمۇ ئوچۇر خاراكتىرلىق مەزمۇنلارنى تورداشلارغا يەتكۈزۇشنى خالىسا Jeck بىلەن ئالاقىلاشقايسىلەر.
كونا بلوگدىكى ئەسلى تىما بۇ يەردە، ئىككىنچى قىسمى بۇ يەردە. ئەسلى ئىنكاسلارنى كونا بلوگتىكى ئەسلى تىمىدىن ئوقۇڭ.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ئىلتىماس قىلاي دەپ ئويلىغان . مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز ، بۇ كەسىپلەرگە قۇبۇللىنىش ئېھتىماللىقىق قانداقراق ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەڭگۈنۈر ھەدە ، سالامەت تۇردىڭىزمۇ ؟
سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ تۈركىيەدە ئوقۇشنىڭ ئىنتايىن قېيىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم .
گەپنى ئاۋۇتماي ، مېنىڭ سىزدىن سورايدىغان ئازراق سوئاللىرىم بار ئىدى ، ۋاقتىڭىز يەتسە جاۋاپ يېزىپ قويىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەن باشلانغۇچ سەۋىيىسىگە ئىگە ، مېنىڭ تۈركىيەگە چىقىدىغان ۋىزام ئون كۈننىڭ ئىچىدە چىقىپ بولىدۇ ، ماڭا ھېچ قانداق يەردىن چاقىرىق كەلمىدى ، ئۆيدىكىلەرنىڭ دىيىشىچە ۋىزا بىلەن بىللە مەن ئوقويدىغان مەكتەپنىڭ چاقىرىقى بىللە كېلىدىكەن ، مەكتەپنىڭ مەۋسۇمى توشۇپ بولغۇچە مەن تۈركىيەدە كۇرۇس دېگەندەك يەرلەردە تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈپ تۇرىدىكەنمەن …..
مېنىڭ ئۇ يەرگە چىقىپ دىپلوم ، ماگىستىر دېگەندەك ئونۋانلارغا ئېرىشىش مەقسىتىم يوق ، پەقەتلا ئىنگىلىس تىلى قاتارلىق ئۈچ تۆت خىل تىل ئۆگىنىۋالساملا بولدى ، كۇرۇسلاردا ئوقۇغۇم يوق ، قانۇنلۇق مەكتەپلەردە ئوقۇغۇم بار ، مېنى شۇنداق مەكتەپلەرگە ئالامدۇ ؟ مەن تۈركىيەگە چىقسام قايسى كۇرۇستا تۈرۈك تىلى ئۆگەنسەم ياخشىراق ؟ سىز ماڭا كۆرسەتمەكچى بولغان مەكتەپلەرنىڭ قانداق ئىمتاھانلىرى بار ؟
مەن خەنزۇتىلىنىمۇ تۈزۈك ئۇقمايمەن ، ئەگەر تۈركىيەدە ماڭا لايىق مەكتەپ چىقىپلا قالسا مېنىڭ ئۇ يەردە ئوقۇپ كېتەلىشىمگە ئىشەنچىم كامىل ، سىزنىڭ ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىشىڭىزنى كۈتىمەن ، ئۈمۈد قىلىمەن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئىيۇن 7th, 2013 at 07:26
@ياراشمىدى, مەڭگۇ نۇر ھازىر بۇ تىمىنى كۆرمەسلىكى مۇمكىن، مىنىڭچە ئۇيغۇر ئاكادېيميسىدىكى بالىلاردىن سورىسىڭىز ياخشى ئىدى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
你好,我叫迪丽努尔,我跟想去土耳其读书,希望你们帮个忙
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۈگۈن تۇيۇقسىزلا بۇ بىلوگنى زىيارەت قىلىپ قالدىم.مەڭگىنۇرنىڭ يازمىسىنى ئوقۇغىنىمدا ،ئىسىمگە ئۇنۋېرسىتىمنىڭ 3-يىلى كەلدى.ئىسىمدە قېلىشىچە،مەن بۇ يازمىنى ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان تور بېتىدىن كۆرگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا مەڭگىنۇرنىڭ ئىش -ئىزلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلغانتى.مېنىڭ چەتتە ئوقۇشۇمغا روھى ئۇزۇق بولغان.شۇ ۋاقىتتىا مەڭگىنۇرنىڭ ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئالدىدا چۈشكەن رەسىمى دىققىتىمنى تارتقانتى. ئۇ رەسىم بۇگۈنگىچە كومپىيوتۇرۇمدا ساقلىدىم ۋە ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلدىم. بۇ قىش تەتىلىدە بىرىنجى بۇلۇپ ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىنى زىيارەت قىلدىم ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتىم.بۇ يازمىنى قايتا ئوقۇيالغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى تۇلىمۇ راھەت ھېس قىلدىم. مەڭگىنۇر سىزگە كۆپ رەخمەت!بۇ يازمىنى بىزگە كۆرسىتىشكە پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن jeck سىزگىمۇ كۆپ رەھمەت! ياخشىلىقنىڭ ئەجىرى ئۇنتۇلماس!!
– زۆھرەدىن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئىيۇن 7th, 2013 at 07:27
@zohre, رەھمەت. بولسا سىزمۇ كەچۈرمۈشلىرىڭىزنى يېزىپ بەرسڭىز ياق دىمەيتتىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
زۆھرە Reply:
ئىيۇن 8th, 2013 at 10:11
@mrjeck, رەخمەت.ئەمما ھازىر يېزىشىم سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.مەنمۇ يېڭى كەلدىم،رەسمى ئاچچىق- سوغۇقىنى كۆرمىدىم.ۋاقتى كەلگەندە رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا يېزىپ قويىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەڭگۈنۇر ھەدە ۋە تورداشلار!
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى(türkiye bursları)يۇزتۇرانە ئىمتاھانغا باردىم(ئاسپىرانتلىق ئۈچۈن)، خىلى ياخشى بولدى. ئوقۇش نەتىجەممۇ ياخشى، ئۆتمەستىنلا ئەنسىرىگلى تۇردۇم مانا، ھا ھا . چۈنكى بۇياقتا خىزمەتنى ھەل قىلىپ قويغان، شۇڭا ئەگەر تۈركىيەدە ئوقۇپ قالسام كىيىنكى خىزمەت ئىشلىرى قانداق بولار دىگەنى ئويلاپ قالدىم. ئەلۋەتتە ھەر ئادەمنىڭ رىسقى باشقا، مومكىن بولسا ئوقۇش تۈگىگەندىن كىيىنكى ئىشلار توغرۇلۇق ئازراق ئۇچۇر بەرسىڭىز، خىزمەت تىپىش قىيىنلىقى، جەمئىيەتنىڭ مۇساپىرلارغا بولغان پوزىتسىيسى، تۈركىيە يىشىل كارتا سىياسىتى ۋە دىپلومنىڭ جوڭگودا ئىتراپ قىلىنىشى دىگەندەك. رەخمەت!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
zohre Reply:
ماي 26th, 2013 at 08:19
@قۇربانجان, ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قۇربانجان!ئوقۇشقا چىقماي تۇرۇپلا كۆپ ئىشلاردىن ئەنسىرەشكە باشلاپسىز،مەنچە،ئوقۇشنى نىيەت قىلغان شۇ قەلبىڭىز تەۋرەنمىسىلا قورقۇپ كەتكۈدەك ئىش يوق.ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىزلا بولسا خىزمەت يەر يەردە بار.ئەڭ مۇھىمى چەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىشىڭ،نېمە ئىشقا چەتتە ئوقۇماقچى؟مەقسەت ،نىشانىڭىز ئايدىڭ بولسىلا كۆپ ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.سىزگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قىز بالا تۇرۇپ شۇنچىلىك قىلالاپتۇ يۇرتىدىن باشقا يەرگىمۇ چىقال مايدىغان ئەركەك جىخ . ئاخىردا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق ، تىنىڭىزغا سالامەت بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن يازمىڭىزنى كۆرۈپ شۇنى ھېس قىلدىمكى تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش مېنىڭ ئويلىغىنىمدىن كۆپ قىيىن ئىكەن.
ئاخىردا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق، تېنىڭىزنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلەيمەن!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋاي خۇدايىم نىمە بولۇپ كەتتى بۇ جاھان ئىستانبۇلدا كوچىدا يۈرگەنلەر بۇ بىلوگا كىرىپ شەپقەتچى پەرىشتە بۇلۋاپتىغۇ !قانداق يۈزى چىداپ يازغاندۇ يۇقىردىكى يازمىلارنى،،،،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئىيۇن 18th, 2012 at 06:34
@ئلشات,
كوچىدا يۈرگەنلەر باشقىلارغا ياردەم بەرسە بولمايدۇ دەپ كىتاپلىرىڭىزنىڭ بىرسىدە يېزىپ قويۇپتىمۇ؟ كوچىدا يۈرمەي ئاسماندا يۈرىدىغانلار باشقىلارغا باھا بىرىدىغان ئۇلۇغ ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولغاچقا كوچىدا يۈرىدىغانلار ئىش قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئابدۇرۇسۇل Reply:
ئاۋغۇست 7th, 2012 at 19:53
@ئلشات, ئۇكام ! سەندە جىڭ ئۇيغۇرنىڭ قېنى باركەن جۇما! ئاغزىڭغا بەقىپ سۆزلە! كىملەر سىنىڭچە كوچىغا چىقىپ كىتىپتۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
hnuyghur Reply:
فېۋرال 9th, 2013 at 04:03
@ئابدۇرۇسۇل, ئادەم بولا مۇشۇنداق بولا !!! ئۇيغۇر بوپقالغىنىڭغا مىڭ ئېسىت !!!! ئەتە ئۆگۇن خەنزۇچە توربېتكە كىرىپ تىللاسەن !!! دەللال!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يەنە بىرئىشنى سورىۋالسام،alesئىمتىھانىدكى ماتىماتىكى قىسمى قايسى دائىردە؟ تۈرۈكچە بىلمەيمەن،ھازىر ئۆگۈنۋاتىمەن،ماتىماتىكىدىن تەييارلىق قىلغاچ تۇراي،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز،مەن بۇيىل ئالىي مەكتەپ پۈتتۈردۈم،ماگىستىرلىق ئوقوش ئارزۇيۇم بار،gpaرىم 3.4،سىز تەلەپ قىلغان نەرسىلەر بار،سىز ئۈستىدە قالدۇرغان ئىلىخەت ئادىرىسقا پەقەت خەت ماڭمايۋاتىدۇ،باشقا ئالاقىلىش ئۇسۇلى بارمۇ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
essalamueleykum, manggunur hede ,yahximusiz
mening ismim azimat, bu yil aliy mektepning 4-yillikiga qikimen, nanjing unversitining himiyilik materyal ve injinirlik kespide okuymen, putturgendin keyin turkiyege qikix arzuyum bar, sizlerdin sorapbaksam magistirlikta ijtimaiy pen kesiplirini tallap okuyalamdim? yeni mening helkaralik soda kespide okugum batti, buyillik turkiye okux mukapat puli keler yilimu tesis kilinamdu? yeni putun yillik okux pulini heksiz kilip beramdu? turkiyede okux mezgilide turkiye veten noposiga koqux imkani barmu? putturgendin keyin kelip kelixni oyligantim,,, meslihetingizlerni kutimen.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
menggunur Reply:
ماي 10th, 2012 at 20:29
خەت ساندۇقىغا قاراڭ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
hnuyghur Reply:
فېۋرال 11th, 2013 at 16:08
@menggunur, مىنىڭ تۈركىيە دە ئاسپىراتلىقنى ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى.لىكىن مەن ئنگىلىسچە بىلمەيمەن !!تۈركچەنى خىلى ئۇگەندىم !!شۇڭا تۈركچە بىلەن ئاسپىرانلقتا ئوقىغىلى بولار مۇ ؟؟؟ تەپسىلىرەك چۇشەنچە بەرسىڭىز !!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەڭگۈنۇر ھەدە، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ تېنىڭىز سالامەت ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇقمۇ ؟…
4 ئىنىمنى تۈركىيەدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئارزۇيىمىز بار ئىدى. 5 كۈن ئىلگىرى مۇرات ئورخۇن مۇئەللىم بىلەن بۇ ئىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان ئىدىم. ئىنىلىرىمنىڭ پاسپورتىغا تېخى يول ماڭىغان بولغاچقا مۇرات ئورخۇن مۇئەللىم ئىستانبۇل ئۇنىۋېرىستېتى تىل مەركىزىنىڭ تۈرۈك تىلى مەركىزىگە تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈشكە تىزىملاتسا چاقىرىق ئەكەلگىلى ھەم مۇشۇ چاقىرىق بلەن پاسپورتنى تېزراق بېجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ توربېتىگە كىرىپ تۈرۈك تىلى مەركىزىنىڭ ئېل خېتىگە خەت يازدىم. ئۇلار جاۋب خېتىدە چاقىرىق ئېلىشقا تېگىشلىك بولغان 3 شەرتنىڭ 1-جىسىگە پاسپورتنىڭ كوپىيەسى كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ھەم بۇ يىلقى يازلىق تىل ئۆگۈنۈش كۇرۇسىنىڭ ۋاقىتى 6- ئاينىڭ 25- كۈنى باشلىنىدىكەن. شۇنداق بولغاندا ۋاقىت بەكلا قىس بولۇپ قالدى.
شۇڭا سىزدىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تۈرۈك تىلى ئۆگۈنۈش چاقىرىقىنى قانداق قىلغاندا ئەكەلگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم.
ئاخىردا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلۇق ، تىنىڭىزغا سالامەت بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
sadircan Reply:
ئاپرېل 9th, 2012 at 17:47
ياجشىمۇسىز؟، بۇ توربىتىگە خەت يېزىپ تەكلىپ ئەكەلدۇرئىڭ:
http://tomer.fatih.edu.tr/?iletisim
بۇ مەكتەپنىڭ سۈپىتى بەك ياخش ۋە ياردەم قىلىش مۈمكىن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
menggunur Reply:
ئاپرېل 13th, 2012 at 10:49
selam ! kandak ehvaligiz /vaktida javap yazalmidim .kequrug.
2012yilki turkiyede okux ta turkye jumhuryiti yegi kanun qikardi .munasivetlik tepsilatlarni yezip teyyarlap koydum .kiska vakitta elan kilinidu .inxallah sizlerge ezkata .
menggunur
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يارايسىز قېرىندىشىم، ئاللا ھەر بىر باسقان قەدىمىڭىزنى ئاسان قىلسۇن، تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەملىك ھەم ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتكەي. تېخىمۇ زور غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ شەرەپ قۇچۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mengunur Reply:
ئاۋغۇست 22nd, 2011 at 09:54
@ئەلشاد,
koptin kop rehmet sizge
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Joseph Reply:
ئاۋغۇست 31st, 2011 at 16:58
@mengunur,
Assalamu alaykum, Ana watandin sizga otluk salam! aziz tanlirigiz salamet mu? ulug Allah din kiyinki ixliri giz ning oqmes nurdek izna lar ni kaldur xigiz ni tilayman…
Men watan ning yirak kixlak liri diki bi yezida baxlanguq maktapte ixlayman,tehi yekindila hizmet ka katnax kan idim,okux tarihim anqa yukri amas(tuluk ottura okumayla ali tehnikom sawyasi bilan ukux putturup hizmgtka qikkan). sizning yazmigiz ni kurup qikip nahayiti suyundum, kimmatlik waktigiz ni qikirip maga maslihat birar lixigiz ni umud kilman, rahmat .
Elhat adir sim :eagledose@gmail.com
Bahit sizga manggu yar bolsun!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
menggunur Reply:
ئاپرېل 13th, 2012 at 10:52
rehmet sizge !kandak meslihet soraytigiz .
ئەلشاد Reply:
يانۋار 21st, 2012 at 06:38
@mengunur,
سىزمۇ ھەم ھەر ۋاقىت سالامەت بۇلۇڭ قېرىندىشىم. ئۇقۇش ۋە تۇرمۇشىڭىز ھەر ۋاقىت خوشاللىق، خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتكەي. تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىش مەقسىدىدە سىزنىڭ يازمىڭىزنى تور بېكىتىمگە يوللاپ قويدۇم. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مىنىڭ باشقا تەلىپىم يۇق، پەقەت سىلەرنىڭ بىلىم ئىلىش قىزغىنلىقىڭلارغا،دۇنيانى چۈشۈنۈش مەقسىتىدە ئىزدىنىۋاتلىقىڭلارغا ئاپىرىن ئىيىتقۇم بار.مەڭگۈنۇر قىز سىنىڭ قىلغانلىرىڭىز ھەقىقەتەن سۆيۈنۈشكە تىگىشلىك ئىش.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mengunur Reply:
ئاۋغۇست 22nd, 2011 at 09:53
@ئابدۇرۇسۇل,
rehmet sizge
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
abdursul Reply:
دېكابىر 25th, 2011 at 05:12
@mengunur,
rahmat sizga
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ تۈركىيەگە بەك كۆيەتتىم بولمىسا… توفىل بېرەي دەۋاتىمەن، گىرە نىمۇ بىرەرمەنمۇ؟؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇھاجىر Reply:
ئىيۇل 18th, 2011 at 18:29
@ئەنۋەرجان,
تۇركىيە ھەر يىلى تۇركىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى خالىغان ئۇيغۇرلارغا بەلگىلىك ساندا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىدۇ. بۇنى تۇركىيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادىمىسى (http://uyghuracademy.com/) بىلەن ئالاقىلاشساڭلار، ئۇلار ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ قارايمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mengunur Reply:
ئاۋغۇست 22nd, 2011 at 10:02
@مۇھاجىر,
yahximusiz muhajir dostum !rehmetsizning bu yerde doslirimizning soalliriga javap berginigizge ama hata javaplani bermeslikigizni umut kilimen .bu yerde okuganlarning hemmisige okux mukapati berilidu digen gep yok . dikkat
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسلامۇئەلەيكۇم جىك ئاكا، مەن بۇ ماۋسۇن 2 پەندىن قېپقالدىم، چەتكە يەنە چىقالارمەنمۇ؟؟؟ GPA رىم تۆۋەن تۇرىدۇ… قانداق قىلارمەن…؟؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاۋغۇست 22nd, 2011 at 19:27
@ئەنۋەرجان, پۇلغا تايىنىپ چىقسىڭىز بۇلارمىكى،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
قېرىنداشلار ،مەن بۇ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈردۈم ،بۇرۇندىن تۈركىيەدە ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى،لېكىن پاسپورت ۋىزالار ئۈچۈن ۋە تۈركىيەگە چىققاندىن كىيىن تىل ئۈگىنىشىم ئۈچۈن دۆلەت ئىتىراپ قىلىدىغان ئالىي مەكتەپنىڭ تىل چاقىرىقى كېرەك بولۇپ قالدى. مەسىلەن ئىستانبول ئۇنرۋېرسىتىتى دېگەندەك مەكتەپلەرنىڭ مۇشىنىڭغا ئامال بولسا ياردەم قىغان بولساڭلار.
بۇيىل ئاللاھ بۇيرىسا بۇنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتتىم ، ئاللاھ مۇرادىمغا يەتكۈزگەي !
E-mail:994702704@qq.com
Tel:13579098575
ئاللاھ ھەممىزنىڭ ئىشىنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇھاجىر Reply:
ئىيۇل 18th, 2011 at 18:30
@قەيسەر,
مېنىڭ تەكلىۋىم ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى بىلەن ئالاقەلىشىڭ: http://uyghuracademy.com/
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشۇمسىز مەڭگۈناز …مەن شىنجاڭ مالىيە-ئىقىتساد ئۇنۋىرسىتى ئوقوغۇچىسى …مىنىڭ تۈرىكىيەگە چىقىپ ئوقوش ئارزۇيۇم بار ..ئارزۇيۇمغا يىتىش ئۈچۈن ئىنگىلىزچە ئۈگۈنىۋاتىمەن …..بىراق مىنىڭ تۈركىيەدە بىرمۇ تونۇشۇم يوق ..تۈركىيەگە چىقىش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كىتىدۇ …مەن نىملەرنى تەييارلىشىم كىرەك ..مۇشۇ جەھەتتىن ماڭا ياردەم قىلسىڭىز:::رەخمەت..ئاللاھقا ئامانەت،،،،،،،،،،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mengunur Reply:
ئاۋغۇست 22nd, 2011 at 09:52
@ئەكبەر,
selam ukam !
teyyarlaydigan matiriyallani yukarga yazdim yene baxka soallirigiz bolsa uygur akadimisidiki doslurum sizge yardem kilsun
http://uyghuracademy.com/
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىزنى سۆيىمەن مەڭگۈنۇر ! تېز قايتىپ كېلىڭ ! ھەرگىزمۇ مىللىتىڭىزنى ، دىنىڭىزنى ئۇنتۇپ ، شۇ ئىت تۈركلەردىن بولماڭ ! ئۇ يەردە توي قىلىپ قالماڭ ! قايتىپ كېلىڭ ! بىللە ياشايلى !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تەلئەت Reply:
ماي 19th, 2011 at 18:48
@ئاشىق,
ئادەمدەك ئىنكاس يېزىڭ، مەكتەپتە ئوقۇغانمۇ سىز؟ ھايۋاندىن پەرقىڭىز قالماپتۇ…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەكبەر Reply:
ماي 20th, 2011 at 16:24
@ئاشىق,سەن ئۇنداك دىمەي ياخشى كۆرسەڭ بەختىنى تىلە ،،،ئۇيغۇرمۇ سەندەك بوللامدا؟؟؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇش Reply:
ئىيۇل 20th, 2011 at 13:23
@ئاشىق, جىڭ لاۋزىنىڭ لاۋزىسىكەن ماۋۇ لاتا غىلاپ، يازغان ئىنكاسىنى گۇينىڭ….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mengunur Reply:
ئاۋغۇست 22nd, 2011 at 09:50
@ئاشىق,
bu nime digen gep emdi .? dikket
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
hnuyghur Reply:
فېۋرال 9th, 2013 at 04:08
@mengunur, توۋا ….جىڭ ساراڭ قىتىش ئادەملىرمىز جىقىيۋاتامدۇ نىمە !!!! بۇلارنىڭ قىلغىنىنى خۇدايىم ئۈزى بىلىدۇ !!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
2010 -يلى 2020-يىلى دەپ يېزىلىپ قاپتۇ،تۇرسۇنجان،تەھرىرلەپ قويغان بولسىڭىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن 2009-يىلى ۋە 2010-يىلى كەينى كەينىدىن ئۇدا 2 يىل ئىلتىماس قىلىپ تۈركىيەگە چىقالمىدم.مانا ئەمدى مىسىردا ئوقۇۋاتىمەن.لېكن بۇ يەردىن تىزدىن ئايرىلىشنى ئويلاۋاتىمەن.ئەمما ماڭا بەك-بەك تەس كەلدى.زادى نەگە ئاسان بارالايمەن؟قايسى دۆلەتتە ئوقۇيالايمەن…كاللامدا بىرمۇنچە خياللار….ھەي….تۈركىيەگە يەنە بىر ئىلتىماس قىلىپ باقايمىكى،تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلار ماڭا بىر ئۇچۇر قىلغان بولساڭلار.
مىسىر ئەزھەردە ئوقۇماقچى بولغان دوستلار http://www.inaq.biz مۇنۇ بىلوگۇمنى كۈرۈپ بېقىڭلار
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مىنىڭ تۇركىيەگە چىقىپ سودا قىلغىم بار ئىدى . مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم تۇركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قانداق؟ئېلىكتۇرۇن ماللىرىنى ئەچىقسا ساتقىلى بولارمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نسدن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئابدۇرسۇل Reply:
ماي 4th, 2011 at 04:37
@ئابدۇرسۇل,
ياخشىمۇسىز مەڭگۈنۈر:
مىنىڭ بىر ئىتىماسىم بار ئىدى : مىنىڭ ئىنىمنىڭ تۈركىيەگە چىكىپ ئوقۇش ئارزۇسى بار.ئەمما ئوتتۇرا تېخنىكۈم سەۋىيسىگە ئىگە . سىزچە ئوقۇش پۇرستى بارمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mengunur Reply:
ئاۋغۇست 22nd, 2011 at 09:56
@ئابدۇرسۇل,
tabiki ba !siz ehvaligizni uygur akadimisidiki doslurumga deg doslurum sizge bu temilada yardemqi bolidu rehmet
http://uyghuracademy.com/
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىلەر دوستلار
تۇركىيەگە چىقىدىغانلار نېمانداق كۆپ؟
ھەممىڭلار چىقىپ كەتسەڭلار بىز قانداق قىلىمىز؟ (چاقچاق)
ئەمدى مەڭگۈنۇر سىڭلىمىز ۋە بارلىق ئوقۇرمەنلەردىن سورايدىغىنىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى ياكى بېيجىڭ تەرەپلەردە «مائارىپ تەتقىقاتى»كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇشى بارمىكىن؟
بولسا، بىر ئۇچۇر بېرىۋەتسەڭلار، مەن شۇ كەسىپتە بىر ئوقۇي دەپ ئويلىغان…..
(چوڭلارنىڭ)
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mengunur Reply:
ئاۋغۇست 22nd, 2011 at 09:59
@ئۇيغۇر,
minig okugmektipimde beijing pidagiji unvde bu kesip bar idi .xinjiang unde bamu uni uhmaydikenmen
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ىسمىمنى خەنزۇچە پىنيىن يېزىقىدىن نورمال لاتىنچىگە ئۆزگەرتىشكە بىر ئىلتىماس قىلماقچى بولسام قانداق ئىلتىماس قىلىمەن ؟ بەيدۇدىمۇ مۇناسىۋەتلىك ماتىريال يوقكەن . تەپسىلىراق دەپ بەرسىڭىز .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 26th, 2011 at 21:54
@ھونزادە, سىز قەيەردە ئۆزگەرتىشنى كۆزدە تۇتتىڭىز؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مۇھاجىر Reply:
ئىيۇل 18th, 2011 at 18:22
@ھونزادە,
ئەگەر سوئالىڭىز پاسپورتتىكى ئىسىمنى كۆرسەتكەن بولسا، ئۇنىڭ ئامالى: سىز پاسپورتتىكى بىرىنچى بەتتىكى ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتەلمەيسىز! لېكىن ئىككىنچى بېتىدە قوشۇمچە ئىسمى (خىتايچە «بېى جۇ») دىگەن يېرى بار، شۇ يەرگە پۇل تۆلەپ ئۇيغۇرچە ئىسمىڭىزنى لاتىنچە ئاتىلىشتا يازغۇلىۋالىسىز. بۇنىڭ چەتئەلگە چىققاندا بەك رولى بار، يەنى ئىسمىڭىزنى مىسالەن «xiawukaiti tuerhun » ئەمەس بەلكى «shawket turghun» دەپ ئاتىيالايسىز ھەم ئاتىغۇسىسىز. پاسپورتقا جەدۋەل توشقۇزغاندا «yingwenming» دىگەن يېرىگە شۇنى يازسىڭىز بولىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالەمۇ ئەلەيكۇم !
مەن 2010-يلىلى شىنجاڭ ئونۋىرستىتى كارخانا باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ماگىستىرلىق كەسپىنى پۇتتۇرگەن،پاسپۇتۇم بار،مىنىڭمۇ ئىستامبول ئونۋىرستىتىدا ئوقۇغۇم بار ماڭا بىر يول كورسەتكەن بولساڭلار مەكتەپتىكى ئورتاق نەتىجەممۇ ياخشى لېكىن شۇ تۇرۇك تىلىنى بىلمەيمەن؛لېكىن ئۇگۇنىشكە تۇلۇق ئىشەنچىم بار. 5 يىلىق كارخانىدا خىزمەت قىلغان خىزمەت تەجىربەم بار،ماگستىرلىق ياكى دوكتۇرلۇق بولسىمۇ بىلاتتى .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسىلامۇەلەيكۇم: ئۇيغۇرچە خەت نورمال كۇرۇنمىدى يېقىندىن بېرى، قانداق مەسىلە كۇرۇلگەن بولۇشى مۇمكىن؟؟؟؟؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مەن ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە قۇرۇلۇش تېخنولوگىيىسى كەسپىدە ئوقۇيمەن ، مۇشۇ 9-ئايدىن باشلاپ تۆتىنچى يىللىق ئوقۇش باشلىنىدۇ . مېنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەگە چىقىپ ،كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئىجتىمائىي پەنلەرگە ئائىت ، ياكى سودا سانائەت باشقۇرۇش كەسىپلىرىدە ئوقۇغۇم بار ئېدى . (MBAبولسا ئەڭ ياخشى). ھازىرقى كەسپىم ئاتا-ئانامنىڭ تەكلىپى بىلەن تاللانغان ئېدى ، ئوقۇش جەريانىدا بۇ كەسپكە قەتئىي قىزىقمايدىغانلىقىمنى بايقىدىم . شۇنداقلا ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشۇممۇ تازا ياخشى بولماي ، GPA رىممۇ بەكلا تۆۋەن بولۇپ قالدى . بۇنداق نەتىجە بىلەن باشقا تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ئوقۇش مۇكاپاتى تەلەپ قىلىپ ، كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئوقۇش تازا مۇمكىن ئەمەستەك تۇرىدۇ . شۇڭا مەن تۈركىيەدە ئوقۇش ماڭا ئەڭ ماس كېلىدۇ دەپ ئويلىدىم . ئېنگلىز تىلىم يامان ئەمەس ، ئالتىنجى دەرىجىدىن ئۆتۈپ بولدۇم ، ئاللاھ خالىسا كېلەركى ماۋسۇم IELTS بەرمەكچى . تۈركچىنىمۇ ئاز – تولا ئۈگەنگەن . ئەمدى سورايدىغىنىم ، تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپتە كەسپ ئالماشتۇرۇپ ماستىرلىقتا ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشتا GPA نىڭ كۈچى قانچىلىك ؟ باشقا قانداق شەرتلىرى بار ؟MBA ئوقۇش جوڭگۇدىكىدەك خىزمەت قىلغان تارىخى بولۇش تەلەپ قىلىنامدۇ ؟
تەپسىلىيرەك جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز . قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان بولدۇم .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز ،ئۇزاق بولدى،سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتۈۋاتىمەن،تېخىچە جاۋاپ يازمىدىڭىز،ئامال بولسا ماتىرىياللارنى بالدۇرراق بالدۇرراق ئېۋەتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.ۋاقىت بەكمۇ ئاز قالدى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەڭگۇنۇر، ياخشىمۇسىز!
مەن ماھىرە بولىمەن،مەن ھازىر فىرانسىيەدە،بۇ يىل 9-ئايدىن باشلاپ پىسخولوگىيە كەسپىدە ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندىم، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئەمدى باشلاش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن،شۇڭا سىزدىن بۇ كەسىپنى ئوقۇش ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلاردا بولىشىم كىرەك؟ ۋاقتىڭىز بولسا پىسخولوگىيە كەسپىنى ئوقۇش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىڭىزنى سوزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.رەھمەت سىزگە!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم جېك ئاكا ،قانداق ئەھۋالىڭىز؟
ئاللا ئەزىز تىنڭىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلسۇن.
مەن سىزدىن بىر سوئال سوراي دىگەن، مەن ھازىر شىنجاڭدىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۋاتمەن.ئاللا خالىسا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا سودا قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. يەنە بىر يېرىم يىلدىن كىيىن ئوقشۇم پۈتتىتى. ھازىر مىنىڭ نوپوسۇم مەكتەپتە،ئەممە ئۈزۈم ئاتۇش نۇپۇسى ئىدىم . ھازىر مەن ئۈرۈمچى نۇپۇسى بولۇپ پاسپورىت ئىلتىماس قىلالامدىم؟ ئەگەر قىلالىسام قانداق ئىلتىماس قىلمەن. پاسپورىت ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن نىملەرنى تەييارلايمەن؟
akbarasan@126.com مانا بۇ مىنىڭ ئېلخەت ئادرىسىم .785822385 بۇ QQ، مۇشۇ ئىشتا ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز.
سىزنى ئاۋارە قىلدىم . ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۈرۈك مائارىپ سېستىمىسىغا ۋە ئۇلارنىڭ پىسىخولوگىيە دەرىسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ،بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ پىسىخىك ساغلاملىق دەرىسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار بولسا بولىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز ،بەزىبىر سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئاران تەسلىكتە تورغا چىقالىدىم ،شۇڭا كېچىكىپ خەت يازدىم كەچۈرۈڭ ،ئەمما ئېلخىتىڭىزگە خەت يازسام ئەۋەتىلمىدى .سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە قوشۇلىمەن .بولىدۇ.مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار بولسىلا بولىۋىرىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
zaman111 ياخشىمۇ سىز! مەن يۇقۇرغا تەييارلايدىغان نەرسىلەرنى يىزىپ قويدۇم. ئۇلارنى تەييارلاڭ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
منەۈۈەر ياخشىمۇ سىز! مىنىڭ ئىلخەت ئادرىسىم
maggie_zoya@yahoo.com
مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر ۋە تۇركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغان ئوقۇغۇچىلار:
تۇركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىنڭ قالايمىقان ئىنسانلارغا ئالدىنىپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەن بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىدىكى مۇئەللىم بىلەن پاراڭلاشتىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس بىر ئېلخەت ئاددرىس ئاچتۇق.ئوقۇغۇچىلارنىنڭ ماتېرىياللارنى بۇ ئېلخەتكە ئەۋەتىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.uygurokux@hotmail.com
تەييارلايدىغان ماتىرىياللار:
1.پاسپور8ت.
2.دىپلوم.*(گوڭجىڭ نۇسقىسى)
3.نەتىجە.*(گوڭجىڭ نۇسقىسى)
4.بىر تۇركىيەدە ئوقۇش ئىلتىماسى.
5.تۇركىيەدە بىرىنجى يىل ئوقۇش پۇلىنى ئۆزى چىقىرىشىدىكى ئىسپات.
6.ئاتا-ئانىسىنىنڭ ئوقۇشقا بىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى ۋە رىغبەت قىلىشىدىكى بىر پارچە ئسپىات.
7.ئۆزىنىڭ تەرجىمالى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نىگارە Reply:
مارت 20th, 2012 at 08:28
ياخشىمۇسىز مەڭگۈنۈر، مەن سىز بىلەن تۈركىيىدە ئوقۇش توغرىسىدا تەپسىلىيرەك پاراڭلىشاي دېگەنىدىم، بۇ يىل كۈزدە چىقماقچىدىم، مەن ئېنگىلىزچىدىن دەرىجە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ باقمىغان، لېكىن ئاساسىم بار، تۈركچىنى ھازىر ئۆگۈنۈۋاتىمەن، تۇلۇق كۇرۇسنى ياخشى نەتىجە بىلەن تۈگەتكەن، ھازىر 28 ياشقا كىردىم، مۇشۇنداق شارائىتتا ئىلتىماس قىلسام ئىلتىماسىم ئۆتەرمۇ؟ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالماي قالسام، بىر يىلدا قانچىلىك ئىقتىساد كېتەر؟ مېنىڭ تۈركىيەدە ئاسپىرانتلىقتا بەكمۇ ئوقۇغۇم بار ئىدى. قانداق ئىلتىماس قىلىشنىمۇ بىلمەيمەن، تۇنۇشۇم يوق، سىزنى ئاۋارە قىلدىم ياردەم قىلالارسىزمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياقشمۇسز؟ماڭا م س ن اددىرىسڭىزنى دەپ بىرەرسىزمۇ؟رەھمەت
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالاممۇ -ئەلەيكۇم
مەن بۇيىل ئىچكىردىكى ئالى مەكتەپنڭ سۇچىلىق كەسىپنى پۇتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىمەن .مىنڭ كىچكمدىن تارتىپ تۈركىيەگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى .ئۇچۇرلىرىڭىزغا كوپتىن كوپ رەىمەت!
ئىنگىلزتىلى ۋە كومپىيۇتىرئىمتھانلىرىغا كوپ تەييارلىق قىلىدىم ،لىكىن كىنشكە ئالالمىدىم . پاسپورت قاتارلىق نەرسىلىرىم تولۇق… كەسپى دەرسلىرىمدىكى نەتىجەم ياخشى .مىنڭ "水利水电工程"ۋە"给水排水" كەسپتە ئوقۇغۇم بار…
مىنڭ سالاھيىتىم توشامدۇ ؟؟ ئىنگىلزتىلى ۋە كومپىيۇتىر كىنشكىسنى شۇيەرگە چىقىپ ئالساق بولامدۇ؟
ماڭا مەسلىھەت بىرىشڭىزنى ئوتىنىمەن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Erkiياخشىمۇ سىز! مىنىڭ ئىلخەت ئادرىسىم
maggie_zoya@yahoo.com
مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام مەڭگۇنۇر ! مەن تۈركىيدە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ، پاسسپورتنىمۇ تەييار قىلدىم ، 7-ئايدا ئوقۇشۇم پۈتىدۇ . مەن سىزدىن تۈركىيدە ئوقۇشقا دائىر بەزىبىر سۇئاللارنى سوراي دىگەن . سىز بىلەن قانداق ئالاقە قىلالايمەن ؟ سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن . ئامان بولۇڭ .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
sutukoglu ياخشىمۇ سىز !
سىزنىڭ يازغىنىڭىز>:مىنىڭ تۇركىيەگە چىقىپ ئۇقۇغۇم بار ئىدى . مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم تۇركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قانداق
خىزمەت (ئىش ) تىپىش ئەھۋالى قانداق ، چەتئەل تىللىرىنى بىلىش ئارقىلىق خىزمەت تىپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىلى بولامدۇ ؟
جاۋاپ قايتۇرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن !
###بۇ يەردىمۇ خىزمەت تاپقىلى بولىدۇ.ئنگىلىزچىڭىز بولسا تىخى ياخشى.ئەمما تۇرۇكچىڭىزمۇ بۇلۇش كىرەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ددددد 你好
看了你的信,很高兴谢谢。
你问的问题是(我想知道的是一般情况下生活费) 一般情况下生活费300里拉左右学。学费我在上面写了一半的语言学校一年的学费是600美金‘住宿费一个月差不多100里拉。每个月你家人可以给你寄400美金获500美金。
مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسلام ئەلەيكۇم مەن چەت ئەلدە ئوقۋاتقان قىرىنداشلار بىلەن ئالاقلاشقۇم بار ئىدى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
مىنىڭ تۇركىيەگە چىقىپ ئۇقۇغۇم بار ئىدى . مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم تۇركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى قانداق
خىزمەت (ئىش ) تىپىش ئەھۋالى قانداق ، چەتئەل تىللىرىنى بىلىش ئارقىلىق خىزمەت تىپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىلى بولامدۇ ؟
جاۋاپ قايتۇرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
对不起,我想知道的是一般情况下生活费 学费住所费等一年大概多少 我不工作看书的话每年家里人要给我多少 说具体一点 因为我很笨 我想读研究生 谢谢
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەكتەپداشلار تورىدىكى قىزچاق شۇكەنغۇ بۇ ، رەھمەت …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قەدىرلىك ئوقۇرمەنلەر ۋە تۇركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغان ئوقۇغۇچىلار:
تۇركىيىدە ئوقۇش ئارزۇسى بار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىنڭ قالايمىقان ئىنسانلارغا ئالدىنىپ قىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ،مەن بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىدىكى مۇئەللىم بىلەن پاراڭلاشتىم ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس بىر ئېلخەت ئاددرىس ئاچتۇق.ئوقۇغۇچىلارنىنڭ ماتېرىياللارنى بۇ ئېلخەتكە ئەۋەتىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.uyghurokux@hotmail.com
تەييارلايدىغان ماتىرىياللار:
1.پاسپور8ت.
2.دىپلوم.*(گوڭجىڭ نۇسقىسى)
3.نەتىجە.*(گوڭجىڭ نۇسقىسى)
4.بىر تۇركىيەدە ئوقۇش ئىلتىماسى.
5.تۇركىيەدە بىرىنجى يىل ئوقۇش پۇلىنى ئۆزى چىقىرىشىدىكى ئىسپات.
6.ئاتا-ئانىسىنىنڭ ئوقۇشقا بىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى ۋە رىغبەت قىلىشىدىكى بىر پارچە ئسپىات.
7.ئۆزىنىڭ تەرجىمالى.
مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەنقاياخشىمۇسىز! تۇركىيە ھازىرقى يىزىقى لاتىنچە.سىز كۆرگەن بۇ رەسىملەردىكى ئەرەپچە يىزىق ئەسكى ئوسمان ئىمپىريىسىدىن قالغان ئىمارەتلەر ئۇستىدە يىزىقلىق.تۇركىيەنىنڭ يىزىقى لاتىن ھەرىپىدە،تىلى تۇرۇك تىلى.ئەرەپچە قوللانمايدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
furketjanياخشىمۇسىز!بۇ تىمىدا ماتىرىياللارنى توپلاي.تۇرۇك مائارىپ سىسىتىمىسىگە ئائىت بولامدۇ؟ مىنىڭ maggie_zoya@yahoo.com.
مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
TAWLANياخشىمۇسىز!بۇ يەردە ئىنگىلىزچە لازىم ،ئاما زۆرۇر ئەمەس.ئاسپىرانتلىك ئۇقۇش بىراز قىيىن.قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتقان تۇرۇك دوسلىرىممۇ بار .ئۇلار بەك قىيىن دەيدۇ.يەنى تىرىشىپ كۆرۇڭ.ئاما يەنى ئىنگىلىزچە لازىم بولىدۇ.مەن كېرەكلىك ماتىرىياللارنى ۋە نەگە ئەۋەتىشنى بۇ يەرگە يىزىپ قويىمەن. سوئالىڭىز بولسا چىكىنمەي سوراڭ. مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۇركىيە تورلىرى ۋە تىلىۋىزىيىلىرىدە داۋاملىق لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى تۈرك يېزىقىنى ئۇچىرىتاتتۇق يەنى Ulker دىگەندەك، بۇ يوللانمىڭىزدىكى رەسىملەردىن قارىغاندا ئىستانبول ئۇنۋېرسىتىتى دەرۋازىسى ۋە بەزى ئىمارەتلەردىكى بىزەكلەردە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىق ئۇچىرايدىكەن، دىمەكچى بولغىنىم تۈركىيەنىڭ دۆلەت تىلى ۋە يېزىقى قايسى؟
يەنە قوشۇمچە يېزىق ئىشلىتەمدۇ؟ (ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى تۈرك يېزىقى بارمۇ-يوق؟)
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشىمۇسىز،مەن سىزنىڭ كەسىپدىشىڭىز بولىمەن،يەنى پىسىخولوگ .سىز دىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى.مەن ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە (باشلانغۇچ) دەرىس تۈزۈش ئىشىنى قىلىۋاتقان،ئەگەر مۇمكىن بولسا تۈركىيەدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پىسىخىك ساغلاملىق دەرىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەرسىڭىز،ئەگەر قولىڭىزدىن كەلسە ،شۇ ماتېرىياللارنى ئىمايىل ئادىرىسىمغا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز،(شۇ دەرىسلىكلەرنى).ئەگەر ئۆزىڭىزگە ئاۋارىچىلىق دەپ قارىمىسىڭىزلا.سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويىدىغان بولدۇم.ئىمايىل ئادىرىسىم furketjan@gmail.com.سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ناھايىتى ياخشى يازما بوپتۇ . بىر ئىشنى سوراپ باقسام :
تۈركىيىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولسا توفىل(ياكى ئايلتىس) نەتىجىسى ، تولۇق كورس دىپلومى ، باكلاۋرلىق ئۈنۋانى بولۇشتىن باشقا تۈرك تىلى سەۋيىسىگە چەك قويامدۇ قانداق ؟ (تۈركىيە تۇرمۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن قانچىلىك كۆپ بىلسە شۇنچە، ياخشى بۇنىسى ئىنىق ) دىمەكچى بولغىنىم ئۇلار تۈرك ئىلتاسنى قوبۇل قىلىشنىڭ بىر زۆرۈر شەرتى قىلامدۇ ؟ تۈركىيىدە قانۇن كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ ئىستىقبالى قانچىلىكتۇ (ئەلۋەتتە ياخشى ئوقۇسا) …؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جەلىپكار ! ياخشىمۇسىز!مىنىڭچە سىز ئاسپىرانتلىقنى ھازىرقى مەكتىپىڭىزدە ئوقۇپ،كىيىنكى ماگىستىرلىكنى چەتئەلدە ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.مەنمۇ شۇنداق ئوقۇدۇم.ھازىردىن باشلاپ تەييارلىك قىلىڭ.ۋاقتىڭىز دەل يىتىدۇ.سوئالىڭىز بولسا چىكىنمەي سوراڭ. مەڭگۈنۇر مۇتەللىپ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Ablet ياخشىمۇسىز!مەن سىزنىڭ ئېلخەت ئادېرىسىڭىزگە خەت يازدىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام ، مەن بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈرىمەن ، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلىپ ، بۇنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن . ئىمكانىيەت بولسا سىز بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشقۇم بار . مېنىڭ ئېلخەت ئادېرىسىم :Mr.ablet@hotmail.com Mr.ablet@gmail.com ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا ماڭا خەت يازسىزڭىز ، باشقا گەپ سۆزلەرنى ئېلخەت ئارقىلىق دېيىشسەك . سىزنىڭ ئوقۇشىڭىزغا ئۇتۇق ،تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەپ .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ناھايتى ئوبدان مەزمۇن بولۇپتۇ.
مەنمۇ كىچىك ۋاقتىمدا گىرمانىيەگە چىقىپ ئوقۇشنى بەك ئۈمۈد قىلغان .بەلكىم ئېينىشتىيىنغا بەك چوقۇنغىنىمدىن بولسا كىرەك.
تۈركىيە گە چۈشەنچەم بەك ئاز.
سوراپ باقاي، گىرمانىيە دە ئىنگىلىزتىلدا دەرس بىرىدىغان ئونىۋىرىستىتىلارمۇ كۆپمۇ ؟؟
مەن ئېچكىردە ئوقۇۋاتىمەن .باكلاۋېر 2-يىللىقتا . پاسپورت نى ساياھەت قىلىمەن دەپ بىجىرسەم ئوڭايمۇ يە سىزدەك بىرەرسىنى ئاكام دەپ تۇرۇپ تۇققان يوقلاشقا چىقساممۇ ؟
جېك ،مەن سىزبىلەن شىياۋ نېي دا پاراڭلاشقان. مۇمكىن بولسا مىنىڭ چ چ 21071736 نى قوشىۋالسىڭىز.رەھمەت.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەن ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتىمەن،بۇيىل ئالى مەكتەپ 3-يىللىقتا،مىنىڭ نىشانىم بەك كىيىن يىتىلتىمۇ قانداق،بۇرۇن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشنى ئويلاشماپتىكەنمەن،شۇڭائۇنىڭغا ئانچە تەييارلىقىم يوق.ئەگەر ئاسپىرانتلىقنى ھازىرقى مەكتىپىمدە ئوقۇپ،كىيىنكى ئوقۇشلىرىمنى چەتئەلدە ئوقۇسام بولارمۇ؟ مەن ھازىر بەكلا گاڭگىراپ قىلىۋاتىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
گۇلەندەم Reply:
ئاۋغۇست 6th, 2013 at 04:42
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel