ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گىئولوگىيە كەسپىدە ئىتاليدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى
بۇ ئۇچۇرنى ئىتالىيەدە ئوقۇۋاتقان مەرزىيە تەمىنلىگەن.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گىئولوگىيە كەسپىدە ئىتاليدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى
كامىرىنو ئۇنىۋىرستىتى (Università degli Studi di Camerino ) ئىتاليەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋىرستىتلارنىڭ بىرى بولۇپ بولۇپ گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تەبىي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليدە خىلى كۈچلۈك ئۇنىۋىرستىتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىندۇ. بۇ ئۇنۋىرسىتىت يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كىلۋاتماقتا.
مۇناسىۋەتلىك پروفىسورلارنىڭ قىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋىرسىتىتنىڭ گئولوگىيە ۋە كومپيۇتىر كەسىپلىرىدە ماگستىر پروگراممىسىدا ئوقۇش پۇرسىتى بىرىلگەن بولۇپ بۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۇچلۇك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت بولۇپ ھىساپلىندۇ.
ماگستر پروگراممىلىرىغا ئائىت قىسقىچە ئۇچۇرلار:
گئولوگىيە كەسپىدىكى ماگستىرلىق پروگرامىسىنىڭ نامى Geo-Environmental Resources and Risks بولۇپ ئۇنىۋەرسىتىتنىڭ پەن-تىخنىكا مەكتىپى، گئولوگىيە فاكۇلتىتىدا ئىلىپ بىرىلدۇ. بۇ پروگرامما گىرمانىيەنىڭ مىيۇنخىن ئۇنىۋىرسىتىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىلىپ بىرىلدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتا بىر يىلدىن ئوقۇسا بولىدۇ ھەم ئىككى ئۇنىۋىرسىتىتتىن ماگسترلىق ئۇنۋانى ئالالايدۇ. ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ ئىقتىسادى ياردىمى بىلەن قىسقا مۇددەت ياۋروپادىكى باشقا ئۇنىۋىرسىتىتلاردا ئوقۇپ كىلىش پۇرسىتى بولىدۇ. (بۇ پروگراممىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توۋەندىكى بەتلەردىن تەپسىلى كورۇڭ:
http://www.unicam.it/geologia/teaching/guidaLM74_2010_ing.pdf
http://www.unicam.it/geologia/unicam-lmu/unicam-lmu.htm)
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قويۇلدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكچە:
1. چوقۇم كەسپى دەرسلەردە نەتىجىسى ياخشى بولغان بولىشى، تىرىشچان، جاپاغا چىدايدىغان،ئوقۇش مۇددىئاسى ئىنىق ھەم گەئولوگىيە كەسپىگە كۈچلۈك قىزىقىشى بار بولغان بولىشى كىرەك.
2. گئولوگىيە كەسپىگە ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم گئولوگىيە، موھىت ئىلمى،موھىت ئىنجىنىرلىقى دىگەن كەسىپلەردە ئوقۇغان ۋەياكى گىئولوگىيە، جۇغراپىيە، مىنىرالوگىيە، پەترولىگىيە قاتارلىق دەرسلەر ئۆتۈلگەن كەسىپتە ئالي مەكتەپ دىپلومى ئالغان بولىشى كىرەك. ئۇندىن باشقا ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە(ئىنورگانىك) قاتارلىق پەنلەردىن پۇختا ئاساسى بار بولىشى كىرەك.
3. ئىنگلىز تىلدىن ياخشى ئاساسى بولىشى كىرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئەڭ توۋەن دىگەندە ئالي مەكتەپ ئنگىلىس تىلى ئىمتىھانلىرى(CET-4,6) دىن ياخشى نەتىجە ئالغان بولىشى شەرت.
ئەگەر سىز بۇ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىپ كامىرىنو ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇپ قالسىڭىز تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە پايدىلىق شارائىتلاردىن بەھرىمەن بولالايسىز:
1. ئىقتىسادي جەھەتتىن كامىرىنو ئۇنىۋىرسىتىدا ھەر يىلى نەتىجىسى ياخشى، ئىقتىسادى قىيىنچىلى بار ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى (Borsa di Studio) بار بولۇپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسى جەھەتتىن بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇ ئوقۇش مۇكاپاتى بىر يىللىق (ئىككى ئايلىق يازلىق تەتىلنى ئوز ئىچىگە ئالمايدۇ) ھەقسىز ياتاق، تاماقتىن سىرىت يەنە 1600 ياۋرو ئەتراپىدا مۇكاپات پۇلىنى ئوز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ سىز بۇ مۇكاپات بىلەن ھىچقانچە قىينالماي ئوقۇيالايسىز. بۇ مۇكاپاتنى ئوقۇشقا كىرگەندىن باشلاپ ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار مۇكاپاتى(Grant for excellent students) دىگەن يەنە بىر مۇكاپات تۇرى بار بولۇپ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشەلمىگەن، ئەمما نەتىجىسى ياخشى ئوقۇغۇچىلار بۇ مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كامىرىنو كىچىك شەھەر بولۇپ تۇرمۇش خىراجىتى تۆۋەن، شۇڭا تەتىل مەزگىلدىمۇ سىزگە كوپ ئىقتىسادى بىسىم بولمايدۇ.
2. ئىتالىيە تەرەققى قىلغان دۆلەت بولۇپ مائارىپى ئىلغار، ئوقۇتۇش سۈپىتى ھەم تەتقىقات شارائىتى ياخشى. سىز ئىككى يىللىق ماگسترلىقنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرسىڭىز ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى تاپالايسىز.
3. ئىتالىيەگە چىقىش باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئاسان، ئەلچىخانىدا قويۇلدىغان تەلەپلەر يۇقىرى ئەمەس ھەم ئاساسى جەھەتتىن ۋىزا ئالالايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتالىيە ياۋروپا ئىتپاقىغا ئەزا دولەت، بۇ سىزنىڭ كىيىنكى ئوقۇش ياكى تۇرمۇش پىلانلىرىڭىزغا پايدىلىق شارائىتلارنى ئىلىپ كىلىشى مومكىن.
يۇقارقى تەلەپلەرگە ئۇيغۇن كىلدىغان ھەم چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى بار، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ياكى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز بىلەن ئالاقىلشىشنى ئۈمىد قىلمىز.
ئىلتىماس قىلىشقا كىرەكلىك ماتىرىياللار:
ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى(CV)، ئالي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى (سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئالي مەكتەپ ئۇنۋانى(سايىلەنگەن نۇسخىسى)، ئىنگىلىزچە سەۋىيە ئىسپاتى، ھەم نىمە ئۈچۈن بۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بىر پارچە ئىلتىماس خىتى (motivation letter)نى ئىنگلىزچە يىزىپ تۆۋەندىكى ئادرىسنىڭ خالىغان بىرىگە ئىۋەرتسە بولىدۇ:
marziya.mamat@yahoo.com
maierziyagu.maimaiti@unicam.it
بۇ ئوقۇش 10-ئايدا باشلىندىغان بولۇپ ئىلتىماس قىلغۇچىلار چوقۇم 5-ئايدىن بۇرۇن ئىلتىماس قىلىپ بولىشى كىرەك. بۇ ئوقۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق سۇئاللار بولسا خەت يازسىڭىز بولىدۇ.
Jeck ئەسكەرتىشى: ئۇچۇردا ئىزاھلانمىغان يەرلەر بولسا ئالاقە ئادېرسى ئارقىلىق بىۋاستە شۇ ئىشقا ياردەم قىلىۋاتقانلار بىلەن ئالاقە قىلىڭ. ئەگەر ھەممە ئادەم بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك سۇئاللار بولسا ئىنكاس قالدۇرسىڭىز مەن يەتكۈزۇپ قويىمەن.
ئسسالامۇئەلەيكۇم بۇجەھھ تتىن ئۇچۇر بىلەن تەمىللىگنىڭىز گە ئاللا ساۋانىنى بەرسۇن!لىكىن مەن بىر ىشنى سورىسام بۇلامدۇ؟2011پۇتتۇرگەن ھازىر چەت ئەلدەتىل(فرانسيەياكى گوللاندىيە دە) ئۇكۇۋاتقان،يوقىردىكى شەرتلەرنىڭ ھەممسگەچۈشكەن بولسا،ئلتىماس كىلسا بۇلامدۇ؟ەگەر قۇبۇل قلنسا ۋەتەنگە قايتىپ قايتاۋزابىجرەمدۇ ياكى قايتشنڭ ھاجتى يوق بىۋاستە چىكسا بۇلامدۇ؟رەھمەت،ئاۋارە كىلدىغان بولدۇم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
ئاپرېل 11th, 2012 at 06:52
@yasmin,
ئۆزىگە خەت يېزىپ سورىدىڭىزمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىلوگنى تاشلاپ قويماي پات پات يىڭىلاپ تۇرسىڭىز بولاتتى .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشى خەۋەركەنغۇ بۇ چەتئەلدە ئۇقۇشنى ئارزۇ قىلغانلار ئۈچۈن ياخشى بولغان بىر قېتىملىق تاللاش
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel