پەرھاد خالىقنىڭ قېتىق مۇزىكا ئەترىتى گېرمانىيەدە
بلوگنىڭ تەكلىپلىك ئاپتۇرى مۇقەددەس مىجىت شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتىنىڭ ئۇسۇل سىنىپىغا 11 يېشىدا قۇبۇل قىلىنىپ بۇ يەردە ئۇسۇل ۋە پىئانىنو ئورۇنلاش بويىچە سىستىمىلىق تەربىيەلەنگەن. 2003-يىلى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ پارىژ 10- ئۇنۋېرسىتى (Université Paris Ouest-Nanterre) دا مىللەتلەر مۇزىكىشۇناسلىغى (ethnomusicology) يۈنۈلۈشى بويىچە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا كىرگەن بولۇپ ھازىر شۇ يۈنۈلۇش بويىچە دوكتورلۇق ئۈچۈن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئو ئوقۇشتىن سىرت ئۇيغۇر مۇزىكا ۋە مەدىنىيتىنى چەتئەللەرگە تۇنۇشتۇرۇشتا كۆۋرۈكلۇك رول ئويناۋاتقان بولۇپ 2005-يىلى دولان مۇقامچىلىرىنىڭ پارىژدا ئويۇن قويۇشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ۋە بۇ توغرىلىق يازغان خاتىرىسى « بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ پارىژدا كۆرگەن بىلگەنلىرى» نامىدا تەڭرىتاغ ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان. ئۇندىن باشقا يەنە يىقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ فرانسىيە، ئىسپانىيە، گىرمانىيە، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردا ئويۇن قويۇشىنى ئويۇشتۇرغان ياكى ياردەم بەرگەن. ھازىر ئوقۇشتىن سىرت ئۇيغۇر مۇزىكىلىرى توغرىلىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش، ئۇيغۇر بالىلار ناخشىلىرىنى رەتلەش قاتارلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ.
Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت ياۋرۇپادىن خەۋەر قىلىدۇ: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۇنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئۆمرىگە كىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۇن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كورگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كوتۇرۇپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۇتىۋاتقان خەلقارالىق داڭلىق سەنەتكارلارنى كۆرگەندەك چوقان سىلىشتى.
قېتىق ئەترىتىنىڭ بىرىنجى ناخشىسى لىرىكىلىق ھەم غەمكىن باشلىنىپ، ۋىزا ئېلىش مۇمكىن بولماي بۇ بايرامغا كىلەلمىگەن پەزىلەت تۇرسۇن ھەم مەھمۇت مەمەتكە بىغىشلاندى. تاماشىبىنلار بۇ كونسېرىتنىڭ قانچىلىك بەدەل، ھەم جاپادا ۋۇجۇتقا چىققانلىقىدىن تەسىرلىنىپ مۇڭغا چۇشتى. 19 ياشلىق قازاق مۇزىكانت ئىرشات دىلشاتنىڭ قوش تونلۇق (humai) ناخشىسى كىشىلەرنى پايانسىز يايلاقلارغا باشلاپ كىردى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا، پەرھاتنىڭ ئىشچى ناخشىسى، سۈرىيەلىك داڭلىق Kilaniretchi Kinan Azmeh نىڭ قايناق solo لىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كوتۇرۇلۇپ، تاماشىبىنلارنى ئەسەبىلەرچە ئۇسۇلغا چۇشۇرۇپ، چوقان سۇرەنلەر پۇتۇن زالنى كوتۇرۇپ تاشلىدى. تارىم ناخشىسى (پەرھات ۋە پەزىلەتنىڭ قايتا سەھنىگە ئىلىپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يېڭىدىن ھاياتلىققا ئىرىشكەن)، ئاق بايان، قىزلار، نازىركوم قاتارلىق ناخشىلار ئارقا ئارقىدىن، بۇ گىرمانىيەنىڭ تىنىچ كىچىك شەھىرىنى لەرزىگە سالدى.
كونسېرتنىڭ يۇقىرى پەللىسى، پەرھات روكلاشتۇرغان دولان مۇقام بىلەن كىشىلەرنى ھايران قالدۇردى. تاماشىبىنلار بۇ ياش مۇزىكانتلارنىڭ ئاجايىپ ھاياتى كۇچكە تولغان، ماگىنىتسىمان ئاۋازلىرىغا قايىللىق بىلدۈرۈشۈپ توختىماي ئالقىشلار ياڭراتتى.
Osnabrück ئەسلى Blues مۇزىكانتلىرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەرھات ئېرشاتلارمۇ Blues مۇزىكىسىنىڭ ھىرىسمەنلىرىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەركىن ئوينىغان، ئەمما ئۇيغۇر پۇراق بىلەن يۇغۇرۇلغان Blues نى نەق مەيداندا تەبىئى ئورۇنلىشىنى (ئالدىن مەشىق قىلىۋالماي، يەنى improvisation ) كىشىلەر بۇ دۇنياۋى مۇزىكا تۇرىدىكى يىڭىلىق دەپ ماختاپ كەتتى. ئەسلى 1 سائەت پىلانلانغان كىچىلىك تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى، مۇزىكانتلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھىسىياتى بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، كونسېرت ئاياقلاشقانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۈزۈلمەي ياغدۇرغان چاۋاك سادالىرى ئاستىدا، مۇزىكانىتلار سەھنىگە ئارقىمۇ – ئارقىدىن ئۈچ قېتىم چىقىپ مۇزىكا ئورۇنلىدى.
بۇ سېھىرلىك كىچىدىن مەس بولۇشقان تاماشىبىنلار كونسېرت ئاياقلىشىپ تاڭ ئاتقىچىمۇ Lagerhalle نىڭ ئەتراپىدىن كىتىشمىدى. ھەممەيلەن ھاياجانلىق ئىچىدە، بۇ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىن كەلگەن سەنەتكارلارغا ئاپىرىن ئوقۇشتى. بىر نەچچە ياشانغان مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى، بۇ كونسېرتنى ئۆمرىدە كۆرگەن ئەڭ ئىسىل روك مۇزىكا كونسېرتى دەپ كوزلىرىگە ياشلار ئالدى.
يەرلىك گىزىتلەر بىر نەچچە كۈنگىچە توختىماي بۇ كونسېرتتىكى قەھرىمانلارغا مەدىھىيەلەر ئوقۇدى. ئۇيغۇرلار بىر نەچچە كۇن بۇ شەھەرنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى.
قېتىق نىڭ مۇزىكىلىرىنى myspace بېتىدىن ئاڭلاڭ.
تۈۋەندىكىسى مۇشۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن كۆرۈنۇشلەر:
تۈۋەندىكىلىرى يەرلىق مېدىيالاردا بىرىلگەن خەۋەرلەر
”قېتىقچىلار“
(مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى ۋە بۇ بايرامدىكى قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق مۇقەددەس مىجىت كىيىنراق تەپسىلى مەلۇمات بىرىدۇ)
بىزنى بۇ ئشلاردىن خەۋەردار قلغىنڭزغا كۆپ رەخمەت،مۇ قەددەسنىڭ ئشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !
بۇ تېمىڭىزنى مېھرىشاد بىلوگىغا مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈردۈم ، رۇخسەت قىلغايسىز .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇسلۇب ھۆججىتىنىڭ ئىچىدە style.css ديدىغان ھۆججەت بار، ئىچىدىن تۆۋەندىكى كودنى تېپىپ تۈزىتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
#commentform input {
width: 140px;
margin: 5px 0 1px 5px;
}
#commentform textarea {
width: 99%;
margin-top:5px;
}
يۇقۇردىكى كودنىڭ ئارىسىغا font-family: Alpida Unicode System; بۇ كودنى ئايرىم-ئايرىم قوشىسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۇ ماقالىڭىزنى مۇنبەرلەرگە يوتكىسەم رۇخسەتمۇ ؟
مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالەتتە….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
نويابىر 29th, 2010 at 20:14
ئەلۋەتتە بۇلىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ناخشىنى پەقەت چىقىرالمىدىم .، JECK ئاكا
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ناخشىلارنى بۇشلۇقىڭىزغا چقىرىپ قۇيسىڭىز بۇلاتىكەن، ۋەتەندە پەقەتلا ئاڭلاشقا بۇلمىدى ….. ?:-) :yawn:
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
كەچۈرۈڭ جېك ئەپەندى. ئىنكاس رامكىسىدا خەتلەر نورمال كۆرۈنمىگەچكە ئىنكاسىمدا بىرمۇنچە خاتالىق كۆرۈلۈپتۇ. بەلكىم بۇ ئىنكاسىمدىمۇ ئوخشاشلا خاتالىق بولىشى مۇمكىن. توغرا چۈشەنگەيسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
گىزىتلىرى ھەجەپ رەڭسىزكىان بۇلارنىڭ.
مۇقەددەس مىجىت دەل دولانلىقلارنى پارىژدا ئويۇن قويۇشقا تەكلىپ قىلغان قىز شۇغۇ دەيمەن. تەڭرىتاغ ژورنىلىدا 4-5 يىللار بۇتۇن كۆرگەندەل ئېسىمدە. رەسىمىگە قاراپلا بىر يەردە كۆرگەندەك ھېس قىلغان ئىدىم. خفتالاشمىسام شۇ قىز دەل ئۆزى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ناھايىتىمۇ نادىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەن جېك ۋە بۇ بلوگنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىلىرىغا كۆپ رەخمەت !~ :yes:
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىسىل ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭزىگگ كۆپ رەھمەتر
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جەك بلوگىدا ئازراق مەسىلە باركەن…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
نويابىر 2nd, 2010 at 23:20
@ئۇيغۇربەگ,
قانداق مەسىلىلەر باردەك قىلىدۇ.
مەسىلىلەرغۇ جىق شۇ، ئوڭشاپ بۇلالماي.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيغۇربەگ Reply:
نويابىر 3rd, 2010 at 23:57
@mrjeck,
خەتلەر كىچىك ۋە نورمالسىز،قايسى خەت نۇسقىسىغا تەڭشىگەن بولغىيلىرىتى؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
نويابىر 4th, 2010 at 02:39
@ئۇيغۇربەگ,
مىنىڭكىدە خەتلەر خېلى نورمالغۇ، ئەلپىدانىڭ خەت نۇسخىسى. CSS نى كۆرۇپ باقسىڭىز بۇلىدۇ.
لېكىن ئىنكاس كىرگۈزۇش يىرىدىكى خەتلەر نورمال ئەمەس، يوللىنىپ كۆرۇنگەندە نورمال كۆرۈنىدۇ. نىمە چاتاقكىن ئۇخمىدىم.
تۇيغۇن Reply:
نويابىر 30th, 2010 at 19:15
@mrjeck, ئۇسلۇبنىڭ ئوڭ-سول تەڭشەكلىرىدە ئازراق مەسىلە بار ئىكەن ، سول تەرەپكە چەكسىز كېڭىيىپ كېتىدىكەن ، ئىشلەتكەن تور كۆگۈ ie6 ۋە firefox3.6 . خالىسىڭىز ئۇسلۇب ئىشلەشتە ھەمكارلىشايلى .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تۇيغۇن Reply:
نويابىر 30th, 2010 at 19:18
@تۇيغۇن, ئەستا ، ئۇيغۇربەگكە يازسام mrjeck كە يوللىنىپ كېتىپتىغۇ …
ئۇيغۇربەگ Reply:
دېكابىر 6th, 2010 at 00:51
@mrjeck,
ئۇسلۇبىڭىزنى ئوڭشايلى بىركۈنى ھە!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
دېكابىر 6th, 2010 at 01:15
بولسا ئاستىدىكى تاياقچىنى چىقمايدىغان قىلىپ، ئىنكاس يېزىش قىسمىنى ئۆزىڭىزنىڭكىدەك چىرايلىق چىقىدىغان قىلىپ بەرسىڭىز ئالەمچە رەھمەت ئېيتاتتىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيغۇربەگ Reply:
دېكابىر 8th, 2010 at 10:12
@mrjeck,
ئاۋۇ قۇقۇدا كۆرۈشەيلى،ئادەتتە مەن بېيجىڭ ۋاقتى كۈندۈزلەردە توردا بار،مۈكۈكلۈك ھالەتتە…
ياخشى تىمىكەن رەخمەت خېلى جاپا تارتىپسىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئالدى بىلەن جېك بىلوگىنىڭ مەزكۇر يازمىنى بىزگە تەمىن ئەتكەنلىكىىگە رەھمەت ئېيتىمەن … پەرھات ھەقىقەتەن تالانت ئېگىسى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى قەدەملىرىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن .
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel