Home » Archive

Articles in the رەسىم Category

Headline, ئۇنىۋېرسال, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[28 ئىيۇل 2011 | 25 Comments | 6,236 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر ناخشىچىمىز-ژانى ۋە ئۇنىڭ يېڭى دېسكىسى

سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى. رانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن،

Headline, خەۋەر, رەسىم »

[30 ئۆكتەبىر 2010 | 22 Comments | 15,521 قېتىم كۆرۈلدى]
پەرھاد خالىقنىڭ قېتىق مۇزىكا ئەترىتى گېرمانىيەدە

Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت ياۋرۇپادىن خەۋەر قىلىدۇ: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۇنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئۆمرىگە كىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۇن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كورگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كوتۇرۇپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۇتىۋاتقان خەلقارالىق داڭلىق سەنەتكارلارنى كۆرگەندەك چوقان سىلىشتى.

خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[3 ئاپرېل 2009 | 6 Comments | 1,105 قېتىم كۆرۈلدى]
Web 2.0 يىغىلىشىدا Mr Jeck at Web 2.0 Expo in SF

تۈنۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن بىللە سان فىرانسىسكو دا ئېچىلىۋاتقان web.20 كۆرگەزمىسى ۋە يىغىلىشىغا بارغان ئىدىم. بۇ يىغىلىش web 2.0 دۇنياسىدىكى تەسىرى ئەڭ يۇقىرى بولغان يىغىلىش بولۇپ مۇشۇ ساھەدىكى نۇپۇزلۇق تېخنىكىلىق شىركەتلەر يىغىلىپ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، كۈ قاراشلىرىنى بايان قىلىدۇ، يىڭى مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ كۆلىمى بىر نەچچە ئاي بۇرۇن مەن ئۇچۇر بەرگەن ۋە رەسىملەرنى چىقارغان Macworld دىن سەل كىچىكرەك. لېكىن ئىنتېرنېت ئۇچۇرى بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلار ئۈچۈن مۇھىم ھىساپلىنىدۇ. پېقىرمۇ توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتمەكچىمەن. ئېلىپ بارغان ئاپىراتىمغا توك قاچىلىماشنى ئۇنتۇپ قېلىپ بېرىپتىكەنمەن، شۇڭا رەسىمگە تارتالمىدىم. چىقىرىپ قويغان رەسىملەر توردىن ئېلىنغان.
web 2.0 …

جەميەتكە نەزەر, خەۋەر, رەسىم »

[1 فېۋرال 2009 | 13 Comments | 1,496 قېتىم كۆرۈلدى]
2008- يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر  Xinjiang 2008

بىز بۇ يىلمۇ ئۈتكەن يىلدىكىگە ئوخشاشلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر جەميىتىنى يۈزەكى ھالەتتە بولسىمۇ كۈزىتىپ چىقتۇق. كۈزىتىش ئۇسۇلىمىز ئۈتكەن يىلى يېزىلغان تىمىلاردا تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بىرىلگەن بولغاچقا بۇ يىل يەنە قايتىلانمىدى.بىر قىسىم تۈرلەرنى قىسقارتتۇق ياكى ئۈزگەرتتۇق. كىلەر يەنە قىلىپ قالساق يەنىمۇ چوڭ ئۈزگىرىش بۇلىدۇ.  ئۇندىن باشقا يەنە ئەسكەرتىمىزكى بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت بىر قىسىم تورداشلارنىڭ كۈز قارىشى. پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ
ۋەقەلەر قىسمى
2008-يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىدىكى 10 چوڭ ئىش (خەۋەر)
ئىلان قىلىنىپ بولۇندى. تەپسىلى مەزمۇنىنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ.
ئادەملەر قىسمى
1. ئۈمۈرلۈك مۇۋەپپەققىيەت مۇكاپاتى:  ھىسام قۇربان

داڭلىق خەلىق چاخچاقچىسى ھىسام ئاكىنىڭ …

ئىلىم-پەن, تەجرىبە, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[8 يانۋار 2009 | 24 Comments | 1,261 قېتىم كۆرۈلدى]
مەك دۇنياسى يىغىلىشدىن رەسىملەر Photos from the Macworld 2009

بۇ يىغىن San Francisco شەھىرىدىكى Moscone كۈرگەزمە زالىدا ئۈتكۈزۈلگەن بولۇپ كۈرگەزمە شىمالى ۋە جەنۇبى زال دەپ ئىككىگە ئايرىلىپتۇ، مەھسۇلاتلار ئاۋاز، سىن، يېزىق تەھرىرلەشتىن تارتىپ ماشىنا، مىدىتسىناغىچە باركەن. iPhone غا ئىشلىتىدىغان قوللانما دىتاللار ناھايتى كۆپ ساندا ئىگەللەيدىكەن. جەمئى 7 سائەتتە ئايلىنىپ بولدۇم.

ئىلىم-پەن, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[8 يانۋار 2009 | One Comment | 1,169 قېتىم كۆرۈلدى]
مەك دۇنياسى يىغىلىشىدا Macworld 2009

مەك دۇنياسى يىغىلشى ۋە كۈرگەزمىسى Macworld Conference & Expo ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى ھەپتىسى ئامرىكىدا ئۈتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى يىغىلىش بولۇپ بۇ يىغىلىشتا مەك كومپۇتېرىغا مۇناسىۋەتلىك قاتتىق دە يۇمشاق دىتال ياسايدىغان شىركەت، كارخانىلار، ئوچۇر تېخنىكا خادىملىرى، تەتقىقاتچىلىرى ۋە ھەۋەسكارلار يىغىلىپ ئەڭ يىڭى مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى ئورتاقلىشىدۇ، مەھسۇلاتلارنى كۈرگەزمە قىلىدۇ، داڭلىق تېخنىكا خادىملىرى لىكىسيە سۈزلەيدۇ، تېخنىكا ساھەسىدە چولپان ئاتالغان مەشھۇرلار قاتنىشىپ كۈرىدۇ ياكى نۇتۇق سۈزلەيدۇ. شۇڭا بۇ يىغىلىش ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى مۇھىم يىغىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇ يىغىلىشنىڭ بىلىتىمۇ قىممەت ھىساپلىنىدۇ.

بۇ يىللىق يىغىلىش بىرىنچى ئاينىڭ 4 -كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئامرىكىنىڭ San …

رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[25 نويابىر 2008 | 13 Comments | 1,100 قېتىم كۆرۈلدى]
بوستون خاتىرىسى Boston Pictures

بوستون خاتىرىسى Boston Pictures

(بۇ رەسىم ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى ئامرىكىدا تۇرۋاتقان دولان نامىدىكى بىر دوستىمىز تەكلىپ بىلەن تەمىنلىدى)

بوستون ئامرىكىدىكى باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدىغان شەھەر بولۇپ ئامرىكىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان شەھەر. باشقا شەھەرلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش سەۋەبى ئامرىكا تارىخى بوستوندىن باشلىنىدىكەن. مەن بوستوندا تۇرغان بىرىنجى كۇندىن تارتىپ ئاخىرقى كۇنۇمگىچە خۇددى ئامرىكىنىڭ تارىخ كىتاۋىنى ۋاراقلاپ ئېچىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم. بوستوندىكى چارلىس دەرياسىدىن بويلاپ كامبرىج، ماسساچۇسەتتس كوچىسى، بۇنكەر تېغى ( Bunker Hill) ، ئۇ س س پارلامىنت سارىيى(USS Constitution) ، بەكۇن تېغى(Beacon Hill) ، بوستون پورتى(Boston port) ، بوستون شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىنىپ تۇگەتكەندە ئامرىكىنىڭ ئاساسى …

جەميەتكە نەزەر, رەسىم, پارچە-پۇرات گەپلەر »

[10 سېنتەبىر 2008 | 6 Comments | 1,257 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇرلار مودا ساھەسىدىكى چوقۇم تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك شەخىس–شېرىنئاي Celebrities of Fashion -Shirin'ay

[ جېك ئىلاۋىسى: ئۇيغۇرلار مودا ساھەسى تىلىغا ئېلىنسا بىز دىمەتلىكلەر كۆپىنچە رەنانى ئەسكە ئالىمىز، چۇنكى ئۇ بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك ھەم CCTV دىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەخ مەيداندىن كۆرگەن. شۇندىن كىيىن رەنا بىراقلا داڭ چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىردىكى بىر ئوبرازى بولۇپ قالدى. لېكىن رەنا بىرىنچىسى ئەمەس. ئۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 يىللار بورۇن شىرىنئاي ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ ئوخشاش نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن، ئۈز ۋاختىدا شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغا مۇقاۋىسغا رەسىمى بىرىلىپ تۇنۇشتۇرۇلغان. شۇ رەسىمدىكى سماسى ئىسىمدە قاپتىكەن. كىيىن ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئۇنچە خەۋىرى بولمىدى. كىيىن يەنە ئىچكىرگە ئوقۇشقا كىرگەندە بەزى خەنزۇ ساۋاقداشلار  بىزنى كۆرسە شىرىنئاينىڭ ناخشىسى ياخشى …

رەسىم »

[17 ئاپرېل 2008 | 8 Comments | 1,007 قېتىم كۆرۈلدى]

 

مەن سىئاتىلدىن ماشىنىدا 5 سائەتلىك يىراقتىكى بىر كىچىك ئۇنۋېرسىتىت شەھەرچىسىدە تۇرىمەن. لېكىن بۇ شەھەرنى ھېچكىم تۇنۇمايدۇ. مەن تۇرۇۋاتقان شىتاتنى ولسا ۋاشىنگتون شىتاتى دەيدۇ. لېكىن بۇ ۋاشنگتون ئادەتتە بىز جۇڭگۇدا دەپ كۈنگەن ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ئەمەس. ئامرىكىدا چوڭ كىچىك بولۇپ نۇرغۇنلىغان ۋاشنگتون بار، چوڭ جەھەتتە بىرسى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدە بېيجىڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنە بىرى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىگتون شىتاتى. بۇ جۇڭگۇنىڭ خەرىتىسىدا شىنجاڭنىڭ ئورنىغا توغرا كىلىدۇ. يەنى مەن تۇرۇۋاتقان ۋاشىڭگتون شىتاتى ئامرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىگتون شەھىرىدىن 5000 كىلومىتىر يىراقلىقتا. شۇڭا ئامرىكىدا بۇ ئىككىسىنى ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنى يالغۇز …

جەميەتكە نەزەر, خەۋەر, رەسىم »

[27 دېكابىر 2007 | One Comment | 2,038 قېتىم كۆرۈلدى]
2007 – يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر    Review back to Xinjiang and Uyghurs of 2007

2007 ‏-يىللىق شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىگە نەزەر
بىز بۇ قىسىمدا، خەلقئارادىكى ۋە جۇڭگۇدىكى ئوخشاش تۈردىكى باھالاش شەرتلىرى ۋە ئوسۇلىدىن پايدىلىنىپ،سىناق تەرەقىسىدە ئىقدارىمىزنىڭ يىتىشىچە شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەميىتىنى كۈزەتتۇق . باھالاش باسقۇچىدا ئىمكان قەدەر ئادىل بۇلىشىغا كۈچەپ جامائەت پىكىرىنى گەۋىلەندۈرۈشكە تىرىشتۇق. نامزاتلىققا كىرگەنلەر ئاساسەن تېلىۋىزور، ئىنتېرنىتتا بىر قەدەر كۈپ كۈرۈلگەن ئاممىۋى شەخىسلەر قاتارىدىن نامزات تاللىدۇق، مۇشۇ يوللار بىلەن ئىرىشكەن ماتىريالنى بىر قانچە تۈرگە ئايرىپ باھالاپ، ئەڭ ياخشى دەپ قارالغان نامزاتنى بېكىتتوق.  باھالىشىمىزنىڭ نەتىجىسى كوپ قىسىم ئۇيغۇرلارغا ۋەكىلىك قلسىكەن دىگەن پىرىنسىپ نىشان قىلىندى، نىشانغا يېتەلىدۇقمۇ يۇق يەنىلا كەڭ جامائەتنىڭ ئېتراپ قىلىشى ئەڭ مۇھىم  …

جەميەتكە نەزەر, خەۋەر, رەسىم »

[25 دېكابىر 2007 | One Comment | 945 قېتىم كۆرۈلدى]
2007 – يىللىق شىنجاڭدىكى 10 چوڭ ئىش Top 10 news about Xinjiang 2007

2007 – يىلدىكى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نەزەر

ئالدى بىلەن ھۈزۇرۇڭلارغا سۇنماقچى بولغىنىمىز  2007 – يىل شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 10 چوڭ خەۋەر(ئىش)
2007 -يىل شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 10 چوڭ خەۋەر(ئىش)
بىز بۇ تۈردە 2007 -يىلى شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا  بىر قەدەر مۇھىم دەپ قارالغان سىياسى، ئىجتىمائى، پەن-تېخنىكا، تەتقىقات، مەدىنيىەت، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى مۇھىم ئىش ۋە ۋەقەلەرنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە تىزىپ چىقتۇق.
1. جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك 17 – قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا غەلىبىلىك ئېچىلدى
جۇڭگو كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك  17 –  قۇرۇلتىيى 2007 – يىلى 10 – ئاينىڭ 15 -كۈنىدىن …

خەۋەر, رەسىم »

[21 دېكابىر 2007 | No Comment | 1,173 قېتىم كۆرۈلدى]
ئۇيغۇر قىزى نىگار nokia يانفونىنىڭ فوتو مودېلى بولدى  Uighur girl’s photo on Nokia

ئۇيغۇر قىزى نىگار nokia يانفونىنىڭ فوتو مودېلى بولدى
نىگار 1987-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىللىقىغا چىققاندا ئائىلىسى بويىچە شىۋېتسىيەگە كۆچۈپ بارغان. نىگار  شىۋېتسىيەگە بېرىپ ئىككى يىل تىل تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغاندىن كېيىن، ستوكھولم شەھىرىگە جايلاشقان سۆدرا لاتىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ(بۇ مەكتەپ بۇ يىل 6-ئايدىكى ئىستاتىستىكىدا  شىۋېتسىيە بويىچە 1-دەرىجىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ باھالانغان) تەبىئىي پەن تولۇق ئوتتۇرا 2-يىللىق سىنىپىغا يۇقىرى نەتىجە بىلەن قوبۇل قىلىنغان.
فوتو مودېللىقى، بولۇپمۇ خەلقئارا كاتتا كارخانىلارنىڭ ئېلان فوتو مودېللىقى ئۇيغۇرلىرىمىز ئۈچۈن بىر يېڭى ساھە دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلاشقىنىغا ئۇزۇن بولمىغان نىگار بۇ يىل 8-ئايدا مەركىزى …

رەسىم »

[6 نويابىر 2007 | One Comment | 734 قېتىم كۆرۈلدى]

زۈمرةت توغرصلصق بصلمةكچص بولسصڭصز ئالدصنقص تصمصدصكص «فصنلاندصيةدصكص قار لةيلصسص-زۈمرةت» دصگةن تصمصنص كۈرۈڭ.
بۇ تصمصدصكص بارلصق رةسصملةرنص مۇشۇ مةھةللصدة كۈرۈشكة بۇلصدۇ. باشقا تور بةتلةرگة چاپلاشقا بۇلمايدۇ. تورداشلارنصڭ ئاڭلصق ھالدا رصئاية قصلصشنص ئۈمصت قصلصمةن.
1. . كۈتۈپخانصدا.

2. سۇغاقتا بازار ئايلصنصش.

3. فصنلاندصية مةنزصرصسص
 
4. چصچةك چصقتص

5. زۈمرةت، سةن كةتمصسةڭ بۇلصتتص، 5555555

6. قصز بالا دصگةن  سوغات بةرسة ئامراقتة

7. تةبةسسۇم

8. ئصشخانا

9.  تاماقنص ئةجةپ پاكصز يةيدصكةن.  ئۈگۈنةيلص جۇمۇ

10.ۋوۋ، ھۈنةرلةر ئةمدص چصققصلص تۇردص

11. لةغمةنمصكص دصسةم ئةمةسكةنغۇ

12. لةغمةن ماۋۇ يةردصكةن

13.  ھصيصتتا ئۈپكة قۇيۇپتۇ، مةنغۇ ھۈبدةس ئصشةنمصدصم.

14. زۈمرةتنصڭ نېنص مةن ياققان ناندةك ياخشص ئةمةستةك قصلصدۇ

تۈگصدص
(جېك تور خاتىرىسىگە قەدەم …

رەسىم »

[20 سېنتەبىر 2007 | No Comment | 1,062 قېتىم كۆرۈلدى]

بۇ قېتىم ۋەتەنگە قايتقاندا بـيجىڭدا چولپانىمىز ئەركىن ئابدۇللانىڭ كۈتىۋىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم. ئەركىن مىنىڭ
كەلگەنلىكىمنى ئاڭلاپ باشقا مۇھىم ئىشلىرىنى قايرىپ قويۇپ،ئەتىسى ئەتىگەندە cctv غا مۇھىم نۇمۇر بىرىدىغان
تۇرۇقلۇق ئاتايەن كىلىپ يۈز كۈرۈشۇپ ئەھۋاللاشتۇق. بۇرۇن ئەركىننى پەقەت تېلىۋىزوردىن ياكى چىقارغان
پىلاستىنكىلىرىدىن كۈرگەن. ئەمەلى تۇرمۇشتا كۈرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئەركىن ناھايتى سەمىمى، كەمتەر ئىكەن. كىيىن
سورۇندا ئادەم جىق بۇلۇپ كىتىپ ياخشىراق ئەھۋاللىشالمىغان بۇلساقمۇ لېكىن بىر-بىرىمىزنى ھىس قىلدۇق ۋە
چۈشەندۇق. ئەركىن كىچىك پېئېللىغى، جازىسى يوقلىغى، بولۇپمۇ سەمىمىلىگى مەندە چوڭقۇر تەسىر
قالدۇردى ۋە ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. ئايرىلغاندىن كىيىنمۇ ئالاقە باغلاپ تۇردۇق. مەن بۇ تىما ئارقىلىق
ئەركىننىڭ بۇندىن كىيىن ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ روناق …

رەسىم »

[24 ئاۋغۇست 2007 | 5 Comments | 887 قېتىم كۆرۈلدى]

بۇ قېتصم تةتصلدة ئۈيگة قايتقاندا تارتقان بصر قصسصم رةسصملةردصن ھۇزۇرلصنصڭلار. 1. ئارام ئېلصش
 
2. ئۇچاققا ئوتۇن سېلصپ قوياي، قازاندصكص نصمصدۇ بۇ؟

3. قازاندصكص ئةسلص ئۇماچ،ھې ھې، يۇرتقا قايتصپ ئةڭ تېتصپ  يصگةن ېصر ۋاخ تاماق.

4. ئةجةپ چصرايلصق ئۈيلةركةن بۇ، قاچانمۇ مصنصڭ مۇشۇنداق ئۈيۈم بۇلار

5. قاپاققا  ئويۇلغا سةنئةتلةر

6.قصزصل قاشتېشص

7. بۇ قانداق تاماق، كصم تاپالايدۇ. 

8. چايخانا مةكتةپتصكص باشلانغۇچتا ئوقۇغان سصنصپصم، 15 يصلدةك ۋاقصت ئۈتۈپتۇ. بۇ سصنصپ يةنة شۇ پېتص تۇرۇپتۇ. بازارغاقارايدصغان تېمصنص ياساپ قويۇپتۇ، باشقا يصرص ئۈزگةرمةپتۇ.

رةسصملةرنص باشقا يةرگة كۈچۈرۈشكة بۇلمايدۇ. بۇ يةرگة ئۈزةمگة مۇناسصۋةتلصق بصر قصسم سۈرةتلةرلا چصقصرصلدص. قالغانسۈرةتلةرنص بصلصۋال تورصغا چصقرصلدص. شۇ …