باشبەت » جەميەتكە نەزەر, رەسىم, پارچە-پۇرات گەپلەر

ئۇيغۇرلار مودا ساھەسىدىكى چوقۇم تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك شەخىس–شېرىنئاي Celebrities of Fashion -Shirin'ay

10 سېنتەبىر 2008 832 قېتىم كۆرۈلدى 6 ئىنكاس

[ جېك ئىلاۋىسى: ئۇيغۇرلار مودا ساھەسى تىلىغا ئېلىنسا بىز دىمەتلىكلەر كۆپىنچە رەنانى ئەسكە ئالىمىز، چۇنكى ئۇ بىز بىلەن تەڭ دىمەتلىك ھەم CCTV دىكى مۇسابىقە ئەھۋالىنى نەخ مەيداندىن كۆرگەن. شۇندىن كىيىن رەنا بىراقلا داڭ چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكىردىكى بىر ئوبرازى بولۇپ قالدى. لېكىن رەنا بىرىنچىسى ئەمەس. ئۇنىڭدىن تەخمىنەن 10 يىللار بورۇن شىرىنئاي ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزىمۇ ئوخشاش نەتىجىلەرگە ئىرىشكەن، ئۈز ۋاختىدا شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىغا مۇقاۋىسغا رەسىمى بىرىلىپ تۇنۇشتۇرۇلغان. شۇ رەسىمدىكى سماسى ئىسىمدە قاپتىكەن. كىيىن ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئۇنچە خەۋىرى بولمىدى. كىيىن يەنە ئىچكىرگە ئوقۇشقا كىرگەندە بەزى خەنزۇ ساۋاقداشلار  بىزنى كۆرسە شىرىنئاينىڭ ناخشىسى ياخشى دەپ داڭلاپ قوياتتى. لېكىن توردىن پايدىلىشنى بەك بىلمىگەچكە ئىنىق ئوچۇرلارنى بىلمەي كەلگەن. كىيىن بىيجىڭغا بارغاندا تېلۋىزوردا بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان.  كىيىنچە توردىن ماتىرىيال ئاختۇرۇپ ئۇنىڭ رەسىملىرىنى كۆردۇق، ناخشىلىرىنى ئاڭلىدۇق، رىياسەتچىلىق قىلغان پروگرامملىرىنىمۇ كۆردۇق. بەلكىم شىرىنئاي ئىچكىردىكى ئاساسى ئېقىم تەرىپىدىن قۇبۇل قىلنىپ ، ئىتراپ قىلىنغان بىزدىكى ئەڭ بۇرۇنقى داڭلىقلارنىڭ بىرسى بولۇشى مۇمكىن. گەرچە شىرىنئاي بىلەن ھەمسۈھبەت بولۇپ ئۇنىڭ بىزدەكلەرگە پۈتۈنلەي نامەلۇم بولغان يەنە بىر دۇنياغا بولغان چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش پۈرسىتى بولمىغان بولسىمۇ  بۈگۈن گۇللۇگ مۇنبىرىدە Yvonne خىنىم يازغان شىرىنئاي توغرىسىدىكى تىمىنى كۆرۈپ مىنىڭمۇ بۇنى بلوگىمغا چىقىرىپ قويغۇم كەلدى. تۈۋەندىكى يازمىنى Yvonne يازغان]

تۇنجى قېتىم شېرىنئاينى كورگەن چېغىمدا،ئۇمۇ ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش ئۇچۇن نوۋىتىنى كۇتىۋاتقان ئىكەن،ئىككىمىز چوڭ زالدا ئالدى كەينى ئولتۇرۇپ،بىز ئورتاق تونۇيدىغان بىر نەچچەيلەننىڭ گەپلىرىنى قىلىشىپ ، كۇلۇشۇپ بىر دەمدىلا ئورتاق تېمىدىن بىرنى يەنەداڭلىق ماركىلارنىڭ گېپى بىلەن ۋاقىتنى بىردەمدىلا توشقۇزغان ئىدۇق…

مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى ئەلۋەتتە بۇ قىزنىڭ چوڭقۇر نەزىرىيىۋى بىلىمى ۋە پەلسەپەۋى تەپەككۇرلىرى بولماستىن بەلكى ئۇ كوتىرىۋالغان شەنېلنىڭ ئاق رەڭلىك كىچىك سومكىسى بىلەن،اق رەڭلىك كىچىك كاستۇم چاپىنى(زارا ماركىلىق) ۋە تەبىئى يېيىلىپ
تۇرغان چاچلىرى بولدى. بىر نەپىس سەنئەت بۇيۇمىدىن ھوزۇر ئېلىش دىگەن گەپ بىلەنلا تەسۋىرلەش مۇمكىن شېرنئاينىڭ تۇرقىنى… .شۇنچىلىك جەلىپ قىلارلىق ۋە تەبىى بۇ قىزنى ئادەتتىكى چىرايلىق دىگەن سوز بىلەن تەسۋىرلەش بەكلا ئازلىق قىلىدۇ. Anyway شۇندىن كېيىن شېرىنئايغا دىققەت قىلىپ تۇردۇم،يېڭى يىل بايراملاردا ئانچە مۇنچە تەبرىك ئەۋەتىشىپ تۇرغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا، تۇزۇك ئارلىشىپ باقمىغان بولساقمۇ لېكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەگەر مودىنى چۇشىنىدىغان ئادەمدىن بىر نەچچىسى بولسا ،شېرىنئاينىڭ شۇنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.

شېرنئاي بېيجىڭدا تۇغۇلغان بولۇپ،دادىسى ”مۇزتاغقا كەلگەن مېھمان“دا باش رولغا چىققان ئادەم ئىكەن. شېرىناي بېيجىڭ ئارمىيە سەنەت مەكتىپىدە ئۇسۇل كەسپىدە ئوقۇغان ئوخشايدۇ،بىر مەزگىل شىنجىياڭ ھەربى ئومەكتە يالغۇز ئۇسۇلچى بولۇپتۇ، 93-يىلى ”بېيجىڭ گۇزىلى“نى تاللاشتا ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپتۇ،كېيىن ”كەچكۇز“دەپ پىلاستىنكا چىقىرىپتۇ.كېيىن ئاخبارات ئىنىستىتوتىدا يەنە بىلىم ئئاشۇرۇپتۇ،كىيىم لاھىيىلەشنىمۇ ئۇگىنىپتۇ، بىر مەزگىل ياپونيەنىڭ شى شېيدو ۋە ساسو قاتارلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبراز ئەلچىسى بولۇپتۇ. بېيجىڭ تېلېۋىزىيە ىستانسىسى ۋە مەركىزى تېلېىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مائارىپ قاناللىرىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، “ مودا كىيىم كېچەكلەر“ۋە ”قانۇندىن خەۋەر“دىگەندەك پىراگراممىلاردا رىياسەتچى بولۇپتۇ.تۈۋەندە ئۇنىڭ رەسىملىرىدىن ھوزۇرلىنايلى.

تۈگىدى.

6 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..