Home » Archive

Articles tagged with: Germany

Headline, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش »

[4 دېكابىر 2010 | 11 Comments | 5,111 قېتىم كۆرۈلدى]
گېرمانىيەدە ئوقۇش ئىلتىماس قىلش

ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىت تا چەتكە چىقىپ ئۆرلەپ ئوقۇشقا نىمىشقا گېرمانىيەنى تاللىغىنىم ھەققىدە ئازىراق سۆز قىلاي. كىچىكىمدە بىر چوڭ دادام بولىدىغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆپ كۆرگەشكىمىكىن، نىمسىلارغا بەكلا ئامراقتى، بارمىغان بولسىمۇ گېرمانىيەنىڭ گىپىنى كۆپ قىلىدىغان. تۇنجى قىتىم ئۆيىگە بارغىنىمدا تامدىكى ئىسقىلىق خەرىتىدىن گېرمانىيە مۇشۇ يەردە دەپ، شۇنداق قىزىقىپ قالغان ئىدىم. يىزىلاردا بۇغداي ئورۇيدىغان كومبايىنلار ئىچىدە گېرمان كومبايىن دەپ ئاتايدىغان بىرى بولىدىغان، پەقەت بۇزۇلماي ماڭاتتى، ھەم بەك ئىتتىك ئىدى. شۇ چاغدا گېرمان سۆزى كاللامدا ئىسىل، پىششىق سۆزىگە تەڭ بولۇپ قالغان چىغى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا قەيەرگە چىقىشنى ئويلاشتىم، بىرىگە ياپونىيە، بىرىگە ئامىركا-كانادا، بىرىگە گېرمانىيە بار ئىدى. كەسپى ئاساسىمنىڭ ئاجىز بولۇشىنى تىل ئۈگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت بەك كۆپ بولوپ كەتتى دەپ قارىدىم، دىمىسىمۇ خەنزۇچىغىمۇ ئاز ۋاقىت سەرىپ قىلمىدۇق. ئاندىن يەنە ئىنگىلىز تىلى ئۈگەندۇق. تەرەققىياتىم ئۈچۈن يەنە بىر تىلنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگىنىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.

Headline, خەۋەر, رەسىم »

[30 ئۆكتەبىر 2010 | 22 Comments | 15,521 قېتىم كۆرۈلدى]
پەرھاد خالىقنىڭ قېتىق مۇزىكا ئەترىتى گېرمانىيەدە

Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت ياۋرۇپادىن خەۋەر قىلىدۇ: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۇنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئۆمرىگە كىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۇن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كورگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كوتۇرۇپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۇتىۋاتقان خەلقارالىق داڭلىق سەنەتكارلارنى كۆرگەندەك چوقان سىلىشتى.

ئىلىم-پەن »

[7 نويابىر 2008 | 2 Comments | 1,093 قېتىم كۆرۈلدى]
ئېينىشتىيىننى ئىزدەش (1)   Seek Einstein

ھازىر ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ نام ئىلىم- پەننىڭ،جۈملىدىن فىزىكىنىڭ سىموۋولىغا ئايلىنىپ قالدى.ئېيىنىشتىيىن بىر ئادەمنىلا كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى ئۇ شەخىس گەۋدىسى،يۈكسەك نىرۋا پائالىيىتى،ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھازىر، شۇنداقلا تەڭرى بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت…كە ئوخشاش بىر تۇتاش تەپەككۈرنىڭ خوجايىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىن ھەم جانلىق ھەم جانسىز، ئۇ ھەم ئادەم ھەم بىر خىل ئۇقۇم.ئۇ ھەم ئۆتمۈشكە ھەم كەلگۈسىگە مەنسۇپ.سىزمۇ ئېينىشتىيىن،مەنمۇ ئېينىشتىيىن. بىز ھازىر ئېينىشتىيىن بىلمىگەن بەزى نەرسىلەرنى بىلىمىز،بۇ جەھەتتە ئۇ بەك بەخىتسىزمۇ قانداق؟ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ ئۇقۇم بىزگە يەنىلا مۇكەممەلسىزلىكنىڭ بەزى پەرىشان تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ

Featured, ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[29 ئىيۇن 2006 | 3 Comments | 1,336 قېتىم كۆرۈلدى]
نوبىل مۇكاپاتى ۋە ئۇيغۇرلار

بۇ ماقالە 2006-يىلى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە يېزىلغان بولۇپ كىيىن بۇ بلوگقا كۈچۈرۈلۇپ كىلىنگەن. 2010-يىلى 2-ئايدا كىچىك ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلدى ۋە سىتاتسكىلار يىڭىلاندى. ئەسلى ماقالە بۇ يەردە بار.
ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯜﺯ
ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﯩﻤﺎ. ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﯞﺍﺧﺘﯩﻨﭽﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯜﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﻮﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﯩﻤﯩﺴﻰ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﭖ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ. ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻣﻪﻧﺒﻪﻳﯩﻤﯩﺰ ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ،ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮔﯩﺰﯨﺖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ”ﯞﺍﻱ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﻧﻮﺑﯩﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﯩﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﺎﻟﻐﯘﺩﻩﻙ؛ ﻳﺎﭘﯘﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﻮﺧﺘﻪﺭ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ، ﻧﻮﺑﯩﻞ …