باشبەت » Headline, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش

گېرمانىيەدە ئوقۇش ئىلتىماس قىلش

4 دېكابىر 2010 3,917 قېتىم كۆرۈلدى 11 ئىنكاس
Jeck  ئىلاۋىسى: بۇ تىما ھازىر گىرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان بىر قېرىندىشىمىز تەرىپىدىن يىقىندا يېزىلغان بولۇپ ئۆز بلوگىدا ئىلان قىلىنغان.

بىرىنچى قىسىم

كىرىش سۆز

ئالدى بىلەن ئەينى ۋاقىت تا چەتكە چىقىپ ئۆرلەپ ئوقۇشقا نىمىشقا گېرمانىيەنى تاللىغىنىم ھەققىدە ئازىراق سۆز قىلاي. كىچىكىمدە بىر چوڭ دادام بولىدىغان، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆپ كۆرگەشكىمىكىن، نىمسىلارغا بەكلا ئامراقتى، بارمىغان بولسىمۇ گېرمانىيەنىڭ گىپىنى كۆپ قىلىدىغان. تۇنجى قىتىم ئۆيىگە بارغىنىمدا تامدىكى ئىسقىلىق خەرىتىدىن گېرمانىيە مۇشۇ  يەردە دەپ، شۇنداق قىزىقىپ قالغان ئىدىم. يىزىلاردا بۇغداي ئورۇيدىغان كومبايىنلار ئىچىدە گېرمان كومبايىن دەپ ئاتايدىغان بىرى بولىدىغان، پەقەت بۇزۇلماي ماڭاتتى، ھەم بەك ئىتتىك ئىدى. شۇ چاغدا گېرمان سۆزى كاللامدا ئىسىل، پىششىق سۆزىگە تەڭ بولۇپ قالغان چىغى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا قەيەرگە چىقىشنى ئويلاشتىم، بىرىگە ياپونىيە، بىرىگە ئامىركا-كانادا، بىرىگە گېرمانىيە بار ئىدى. كەسپى ئاساسىمنىڭ ئاجىز بولۇشىنى تىل ئۈگىنىشكە كەتكەن ۋاقىت بەك كۆپ بولوپ كەتتى دەپ قارىدىم، دىمىسىمۇ خەنزۇچىغىمۇ ئاز ۋاقىت سەرىپ قىلمىدۇق، ئاندىن يەنە ئىنگىلىز تىلى ئۈگەندۇق. تەرەققىياتىم ئۈچۈن يەنە بىر تىلنى نۆلدىن باشلاپ ئۈگىنىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئىنگىلىزچىنى ئاز ئۈگەنمەپتۇق، بىر ئاخىرىغا چىقىراي، چالا بولوپ قالسام كىيىن بىراقلا ئۇنتۇلۇپ كىتىمەن ، ئامال بار ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇي دىدىم، بۇنىڭ بىلەن ياپونغا چىقىشتىن ۋاز كەچتىم. قارىسام گېرمانىيەدە مەن قىزىقىدىغان كەسىپلەردە ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتۈلىدىغان پروگىراممىلار بار ئىكەن. ئامىركىغا سىلىشتۇرغاندا گېرمانىيەدە شۇ بەدەل پۇلى ھەقىسىز، لىكىن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرمەيتتى. لىكىن ئامىرىكىدىكى مەكتەپلەردىن ئوقۇش مۇكاپاتى  ئىلىشقا كۆزۈم يەتمىدى، مەكتەپتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپى نەتىجىسى بولسۇن، TOEFL، ياكى GRE نەتىجىسى بولسۇن، بىزدىن مۇتلەق ئۈستۈن تۇراتتى، ھەم ئىلتىماس قىلىدىغانلارمۇ بەك كۆپ ئىدى، سىنىپىمدىلا ئۈچ بېيجىڭلىق بالا  ئىلتىماس قىلغانى ئىدى. مۇكاپات ئۇلاردىن بىزگە ئاشمايدۇ دەپ ئويلىدۇم (بۇ ئويۇمنىڭ خاتالىقىنى بىزدىن ئىككى قارار كىيىن پۈتتۈرگەن فىزىكا باكلاۋىرى سادىقجان ئىسپاتلاپ بەردى، بۇ ھەقتە ئۇنىڭ يازمىسى بار). بۇنداق ئەھۋالدا ئۇ يەردە ئوقۇش بەدەل پۇلى ھەم تۇرمۇش پۇلى بىز ئۈچۈن ئاستېرنومىيە رەقىمى ئىدى. يەنە بىرىگە، ئۈزەم تارىخ، پەلسەپە، مەدەنىيەت دىگەندەك نەرسىلەرگە بەكلا قىزىقاتتىم، بۇ نۇقتىدا ياۋرۇپا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ئىدى، تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيەت قاتلىمى چوڭقۇر، ئادەملىرىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ساپاسى يۇقۇرى دەپ ئويلىدىم. مەيلى يىقىنقى زامان فىزىكىسى بولسۇن، پەلسەپەسى بولسۇن، مۇزىكا ساھەسىدە بولسۇن مۇتلەق كۆپ ساندىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك گېرمانىيەدىن چىققان. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىكىننە ياۋرۇپادا شۇنچە كۆپ دۆلەت بار، ساياھەت قىلساممۇ تازا كۆزۈم ئىچىلىپ قالغۇدەك. يەنە بىرىگە، شۇ چاغدا مەكتىۋىمىزدىن دوكتۇر ئابدۇقادىر مۇئەللىم گېرمانىيەدە بىر يىل تۇرۇپ كەلگەن ئىدى، بىزگە جىق گەپلىرىنى قىلىپ بىرىپ شۇنداق قىزىقتۇرۋەتتى، ھەم ئىقتىسادى مەسلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەندۈردى، خاتېرجەم بولدۇق. دوكتۇر مەمتىمىن ئابباس ئاكىمىزمۇ ئويۇمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم ئوقۇشۇمغا ئىلھام بەردى.  شۇنىڭ بىلەن ئاساسلىقى كەسپى بىلىملىرىمنى تىخىمۇ پۇختىلاش (ئالىي مەكتەپتە ئۈگەنگىنىمدىن قەتتى رازى بولغىلى بولمايتتى)، ئىنگىلىز تىلىنىمۇ بىر “ئاخىرىغىچە” پىششىق ئۈگىنىش، ھەم ئوقۇش جەريانىدا ئازىراق نىمىس تىلى ئۈگىنىۋىلىش؛ يەنە بىر تەرەپتىن مەدەنىيەت ئۈگىنىش، دۇنيا كۆرۈش ئارقىلىق “ئۈچىنچى كۆزۈم“ نى قۇۋۋەتلەندۈرۈش يولى بىلەن ئازىراق نوپوز تېكلەپ قايتىپ كىلىپ ھاياتىمنى ئۆز خەلقىمنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بىغىشلاش ئىستىكىدە ياۋرۇپاغا بىرىشنى قارار قىلدىم.

جەمئى 5 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلدىم. كىيىنچە گېرمانىيەگە ئىلتىماس قىلغان 4 مەكتەپنىڭ 3 (ulm, siegen, halle ئۇنىۋېرسىتېتلىرى) دىن ئۇقتۇرۇش كەلدى، شىۋىتىسيەگە ئىلتىماس قىلغان بىر مەكتەپتىنمۇ سەل كىچىكىپ ئۇقتۇرۇش كەلدى (göteburg ئۇنىۋېرسىتېتى). قايسى دۆلەتكە بىرىشنى تازا بىلەلمەي شۇ مەكتەپتە ياخشى تونۇشۇپ قالغان بىر شىۋىتسىيەلىك ئوقۇغۇچى بالىدىن مەسلىھەت سورىدۇم. ئۇنىڭ پىكىرى: ياخشىسى گېرمانىيەگە بار، ياۋرۇپانىڭ مەركىزى، يىمەكلىك ئەرزان، ئىش ھەم ئاسان چىقىدۇ، شىۋىتىسەيدە سەل قىينىلىپ قالىسەن، قىممەتچىلىك دىدى. شۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەنى تاللىدىم. كىيىن ئۇنىڭ بەرگەن پىكىرى توغرا بولوپ چىقتى. تۆۋەندە شۇ ئىلتىماس قىلىش جەريانلارنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭىزگە سۇنىمەن.

ئىلتىماس قىلىش

ئەسكەرتمە: تۆۋەندىكى بايانلار 5 يىل ئالدىدىكى، يەنى 2005-يىلدىكى ئەھۋاللارنى ئاساس قىلىپ يىزىلدى، بەزى تەپسىلاتلار تازا ئىسىمدە قالماپتۇ، بەزى قائىدە، سىياسەتلەر ئۆزگۈرۈپتۇ، شۇڭا ئوقۇرمەن قېرىنداشلىرىمنىڭ باشقا ماتېرياللاردىن كۆپىرەك ئىزدىنىشىنى سورايمەن. يەنە سۇئاللار بولسا پەسكە ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇپ قويۇڭ، بۇنداق بولغاندا باشقا قېرىنداشلىرىمىزمۇ بىلىۋالىدۇ.

مەيلى قانداق خىلدىكى ئوقۇشنى دەيلى، گېرمانىيەگە كىلىپ ئوقۇشقا ئائىت ئۇچۇرلارنى APS(ئىلمى ئۈنۋانلارنى ئىسپات قىلىش ئورنى) بىلەن DAAD تور بىتىدىن بىلگىلى بولىدۇ. تۆۋەندە بۇ ئورگانلار ھەققىدە ئايرىم چۈشەنچە بىرىلدى. تور ئادرىسلىرى:
APS:
https://www.aps.org.cn/web/indexc.jsp
https://www.aps.org.cn/web/main2cAction.do?id=7
DAAD:
http://www.daad.de/en/index.html

APS نىڭ تولۇق ئىسمى Akademische Prüfstelle دىگەنلىك بولوپ، گېرمانيەنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانىسىنىڭ مەدەنىيەت بۆلۈمىگە قارايدۇ. ئاساسلىق خىزمىتى گېرمانيەگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ماتېرياللىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى تەكشۈرەيدۇ. APS نىڭ ئىسپات قەغىزىسىز ئوقۇش ۋىزىسى ئالالمايسىز، ھىسابتا ھەم مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلالمايسىز. گەرچە بۇ بىز ئۈچۈن ئاۋارچىلىق بىر جەريان بولسىمۇ، APS تىن ئۆتۈپلا ۋالساق ئىشلار بەك ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئۇقتۇرۇش ئاسانلا قولىڭىزغا كىلىدۇ، ۋىزىنىمۇ ئاسانلا ئالىسىز. قىسىقى APS سىنىقى —- گېرمانيەگە كىلىشنىڭ ئۆتمىسە بولمايدىغان بىرىنچى باسقۇچى. ئەسلى بۇرۇن APS يوق بولوپ، 80-يىللاردىن كىيىن جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ساختا ئوقۇش تارىخى ياساپ چىقىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ كەتكەن، نەق شۇنداق كىشىلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئەلچىخانا نامىدا ئۆز ئالدىغا تەكشۈرەش سۇپىسى قۇرغان.

IAPS نىڭ سىناق تەرتىۋى ئادەتتە مۇنداق بولىدۇ:

1. APS كە كېرەكلىك بولغان ماتېرياللارنى تەييارلايسىز. قانداق ماتېريال تەييارلاش تور بىتىدە ئىنىق يىزىلغان، يەنى بۇ ئادرىستا: 
https://www.aps.org.cn/web/downl … a_interview_chn.pdf

ئوقۇش مۇددىئارىڭىزغا ئاساسەن تەلەپ قىلىنغان ماتېرياللاردا ئاز-تولا پەرىق بولىدۇ.

گېرمانىيەگە كىلىپ ماگىستىر لىقتا ئوقۇشنى مىسالغا ئالساق–> باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن گۇۋاھنامە، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەندىكى نەتىجە قەغىزىڭىز (بۇ ئادەتتە ئۆزىڭىز ئوقۇۋاتقان شۇ ئالىي مەكتەپتە ساقلانغان بولىدۇ)، ئالىي مەكتەپتىكى تامغا بىسىلغان نەتىجە قەغىزىڭىز، دىپلومىڭىز، باكلاۋىرلىق ئۈنۋان كىنىشكىڭىز، ئەگەر ئوقۇش تىخى پۈتمىگەن بولسا، شۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىسپات قەغىزىڭىز. ۋە باشقا ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن گۇۋاھنامىلەر.

يۇقارقىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم كىنىشكىلارنى ھەم ئايرىم ئىسپات قىلغۇزۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنى ئىنگىلىزچە Notary/Notarize دەيدۇ، خەنزۇ تىلىدا 公证 دەيدۇ(تۆۋەندە بىردەك ئىسپات قىلغۇزۇش دەپ ئالدىم، كىنىشكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى كوپىسى ۋە تەلەپ قىلىنغان تىلدىكى تەرجىمىسىنى كوپى قىلىپ (بۇلارنى ئۇلارغا ئۆزىڭىز تەييارلاپ بىرىسىز) ئاخىرىغا يۇقارقى ھۆججەتلەر راست دەپ تۆمۈر تامغا بىسىپ بىرىدىكەن، ھەم مەخسۇس ھۆججەت قىسقۇچقا چاپلاپ بىرىدىكەن، بۇ كىنىشكىلارنىڭ چەتئەل تىلىدىكى تەرجىمىسى ئۆزىڭىز قىلسىڭىز قوبۇل قىلمايدىكەن، بىر بولسا مەكتەپنىڭ ياكى مەخسۇس تەرجىمە شىركەتلىرىنىڭ تەرجىمىسىنىلا ئىتراپ قىلىدىكەن. ئۆزىڭىزدە تەرجىمىسى بولمىغان ئەھۋالدا بىر كىنىشكىنى تەرجىمە قىلىشقا 50 سوم ئالىدىكەن. مەن ھەممىنى مەكتەپتە تەرجىمە قىلغۇزدۇم، ئەرزان توختايدىكەن). بېيجىڭغا ئوخشاش شەھەرلەردە بۇنداق ھۆكۈمەت ئىسپاتى بىرىدىغان ئورۇنلار بەك كۆپ بولىدۇ. baidu دىن 公证处 دەپ ئىزدىسىڭىزلا ئادرىسىلىرىنى چىقىرىپ بىرىدۇ، شۇنىڭ ئىچىدىن بىرىنى تاللاپ بىجىرسىڭىز بولىدۇ. لىكىن نوپوسىڭىز چوقۇم شۇ شەھەردە بولۇشى كېرەك. ھىسابتا بۇ خىلدىكى ئىسپاتلارنى بىردەك نوپوسىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىكى مۇناسۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئالىسىز، ئەگەر چەتئەلدە بولسىڭىز ئەلچىخانا ياكى كونسۇلدا بىجىرىدۇ. بىر كىنىشكا ئۈچۈن تەخمىنەن 100 سوم پۇل تاپشۇرىسىز(تەخمىنەن بىر ھەپتىدە چىقىدۇ)، ھەر بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا 20 سوم تۆلەيسىز. بەك مۇھىم كىنىشكىلارنى (ئالىي مەكتەپ نەتىجە قەغىزى، باكلاۋىرلىق ئۇنۋان كىنىشكىسى دىگەندەك) بولسا كۆپىرەك قىلغۇزۋىلىڭ. APS كە بىر نۇسخا، كىيىن قانچە مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسىڭىز شۇنچە نۇسخا لازىم بولىدۇ. بۇنداق ھۆججەتلەرنى باشقا دۆلەتلەرگە ئىلتىماس قىلسىڭىزمۇ ئوخشاشلا ئىشلىتسىز. ئىلتىماس قىلغاندا ھىچقاچان كىنىشكىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئىشلەتمەيسىز، بەلكى شۇ ئىسپات قىلغۇزغان نۇسخىسىنى ئەۋەتىسىز. ئەسلى نۇسخىسىنى شۇ مەكتەپكە بارغاندا كۆرسىتىپ قويىسىز.  ئالدىرسىڭىز ئىتتىك چىقارغىزسىڭىزمۇ بولىدۇ، پۇلنى كۆپىرەك تۆلەيسىز شۇ. مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە (ئادەتتە يىرىم يىل ئىچىدە) بۇرۇن ئىسپات قىلغۇزغان كىنىشكىنى خالىغان چاغدا ئوخشاش شۇ ھەر بىر نۇسخىغا 20 سوم پول تۆلەپ كۆپەيتىپ چىقىرالايسىز.

شەخسەن ئۈزەم تەييارلىغان ماتېرياللار مۇنداق بولدى: باشلانغۇچ پۈتتۈرگەن گۇۋاھنامەم يوق، نەتىجە قەغىزىمنىلا بىر نۇسخا كوپى قىلدىم. ئوتتۇرا مەكتەپ پۈتتۈرگەن گۇۋاھنامەممۇ يوق ئىدى، ئەسلى ئوقۇغان مەكتىۋىمگە بىر ۋاراق ئىسپات يازغۇزدۇم. بۇلارنى ئىسپات قىلغۇزمىدىم. ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىكى نەتىجەمنى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پۈتتۈرش گۇۋاھنامىسى بىرىدىغان ئىشخانىدىن تاپتىم، 10 سوم تۆلىدىم، تامغا بىسىپ چىقىرىپ بەردى. بۇنى ئىسپات قىلغۇزدۇم. تەييارلىقنى پۈتتۈرگەندىكى كىنىشكىنى ئىسپات قىلغۇزمىدىم، پەقەت كوپىلا قىلۋالدىم. ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجە قەغىزىمنى 36 سومغا بىر نۇسخا ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ چىقارغۇزدۇم. بۇ ئىسپاتنى مائارىپ ئىشخانىسىدىن ئالدىم. ئەينى ۋاقىتتا مەن تىخى 7-مەۋسۈمىنى ئەمدى پۈتتۈرگەن ئىدىم، شۇ چاغقىچە بولغان نەتىجىلەرنىلا چىقارغۇزدۇم. مەن ئوقۇغان بەزى كەسىپلەرنىڭ ئىنگىلىزچە ئۆلچەملىك تەرجىمىسى نەتىجە قەغىزىمىز بار سىستىمىدا يوق ئىكەن. شۇ يەردىكى مۇئەللىم بىز قىلىپ بىرەلەيمىز، لىكىن ھەر بىر تەرجىمىگە پۇل تۆلەيسەن دىدى. ئەگەر ئۈزەم تەرجىمە قىلسامچۇ دىسەم، ئۇنداقتا تەرجىمە قىلغان قەغىزىڭىزگە شۇ كەسىپنى ئۆتكەن مۇئەللىمنىڭ ئىمزاسىنى ئالساڭ بولىدۇ دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۈزەم تەرجىمە قىلىپ، مۇناسۋەتلىك مۇئەللىملەرنىڭ ئىمزاسىنى ئىلىپ بەردىم. مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن، ھەم دىپلوم بولمىغاچقا مەكتەپتىن ”مەكتەپتە ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپات“ (在读证明) ئىلىشىم كېرەككەن. ئۇنىمۇ بىر ئىشخانىدىن ئالدىم. بۇ ئىسپات قەغىزىنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىكى نەتىجە قەغىزىم، 7 مەۋسۈدىكى نەتىجە قەغىزىم بىلەن قوشۇپ، مەكتىپىمىزنىڭ يىنىدىكى چىڭ جىيەن سارىيىنىڭ 9-قەۋىتىدىكى گوشىن ئىسپات قىلىش ئورنى(城建大厦, 国信公证处) دا  ئىسپات قىلىپ بىرىشكە سۇندۇم، ھەر قانداق ھۆججەتنى ئىسپات قىلغۇزۇش ئۈچۈن نوپوس قەغىزىڭىز (بۇنى مەكتەپتىن كىملىك يۈتۈپ كەتكەن، كىملىك بىجىرىمەن دەپ بىكارغىلا ئارىيەت ئالدىم، بولمىسا 3000 سوم رەنىگە قويۇش كېرەككەنتۇق) بىلەن كىملىكىڭىزنى كۆرىدىكەن ھەم كوپى قىلۋالىدىكەن. سەل ئالدىرايتتىم، ئىتتىكىرەك چىققۇزاي دىسەم پۇلنى جىق تۆلەشكە توغرا كەلدى. بىر ھەپتىدىن ئوشۇق چىققانغا ئەڭ ئەرزان تۆلەيدىكەنسىز، ئۈگۈنلۈككە پويىزدا شىنجاڭغا قايتاتتىم، شۇ چاققىچە چىقىرىپ بەرگەن بولساڭلار دەپ باھانە كۆرسەتسەم مەيلى دىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاز پۇل تۆلەپ ئىتتىكلا چىقىرۋالدىم. ھەر بىر كىنىشكىنى 5 نۇسخا ئىسپات قىلغۇزدۇم (بىر كىنىشكا ئىسپاتى ئۈچۈن تۇنجى نۇسخىسىغا 100 سوم، ھەر بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا 20 سومدىن جەمئ‍ى 180 سوم تاپشۇردۇم). ئىسپات ھۆججەتلەر چىققاندىن كىيىن ھەر بىرىدىن بىر نۇسخا ئىلىپ باشقا ھۆججەتلەرگە قوشۇپ APS كە ئىلتىماس قىلىشقا تاپشۇردۇم.

2. APS كە ماتېرياللارنى بەرگەندىن كىيىن سىزنى بۇ جەريانغا پۇل تۆلەشنى تەلەپ قىلىدۇ، پۇلنى كىيىن خالىغان بانكىدىن ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ. 2500 سوم تاپشۇرىسىز (بۇ ۋىزا ھەققىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). پۇل تاپشۇرغاندىن كىيىن ئادەتتە سىزنى 4 ھەپتىن 5 ھەپتىگىچە APS ئىمتىھان بىرىش ئۇقتۇرۇشىنى ساقلىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ھەر ۋاقىت چاقىرىپ قىلىش ئىھتىمالى بار. شۇ يەردە ھەم ئىمتىھاننى قايسى تىلدا بىرىشىڭىزنى سورىغان سۇئاللار بار جەدۋەل توشقىزىسىز. ئېنگىلىز تىلى، نىمىس تىلى، ياكى ئېنگىلىس ۋە نىمىس تىلى ئارلاشقان شەكىلدە بىرىمەن دەپ تاللىيالايسىز. مەن ئىككىلىسىدا تەڭ بىرىمەن دەپ تاللىدىم، نىمىسلارغا ياخشىراق تەسىر بىرەي دەپ ئويلىغان، چۈنكى بىز نىمىس تىلىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشتا كۆپ ياخشى. كەسپى سۇئاللار ئوقۇغان كەسپىڭىزگە ۋە كەسپى بىلىملىرىڭىزگە ئائىت بولىدىكەن.

3. ئىمتىھان بىرىش ئۇقتۇرۇشىنى ئالىسىز، ئىمتىھان بىرىش چېسلا-ۋاقىتى ھەم ئورنى يىزىلغان بولىدۇ. ئادەتتە سىز ئىلتىماس قىلغان يەردىكى APS نىڭ مەلۇم ئىشخانىلىرىدا. بىر توپ ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى بىر ئۆيگە يىغىۋالىدۇ، ھەم نۆۋەت بىلەن قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ئاپچىقىپ كىتىدۇ. ماڭا ئاخىرداراق نۆۋەت تەگكەن ئىكەن، سەل ھودۇقۇپ ئولتۇردۇم. ساپلا نىمىس مۇئەللىملەر ئىكەن، لىكىن پوزىتسىيەسى بەكلا ياخشى. مىنى بىر ئايال مۇئەللىم چاقىرىپ ئالدى بىلەن بىر ئايرىم ئۆيگە بىر ئىمتىھان قەغىزى بىلەن مىنى يالغۇز تاشلاپ قويدى، ھەم 15 مىنۇتتا يىزىپ بولۇشىمنى سورىدى. كېرەكلىك قۇراللارنى ئۆزلىرى تەمىنلەيدىكەن. ئىمتىھان سۇئالى ئىككى نۇسخا بولوپ قايسىنى تاللاش ئۈزەمنىڭ ئىختىيارىدا ئىكەن. بىرى ئوپتىكىغا ئائىت سۇئاللار بولوپ (باكلاۋىرلىقتا ئوقۇغان كەسپىم ماتېريال فىزىكىسى ئىدى)، جىسىمنىڭ پىتىنقى ۋە كۆپۈنكى لىنزىدىن ئۆتكەندىكى تەسۋىرىنى سىزىپ بىرىشىمنى، ھەم بىرىلگەن سانلار بويىچە تەسۋىر چوڭلۇقىنى ھىسابلاپ بىرىشىمنى سوراپتۇ. يەنە بىر قەغەزدە ئېلېكترون-ئېلېكترون، ئېلېكترون-پروتون، ئېلېكترون-فوتونلار ئۆز-ئارا سوقۇشقاندىن كىيىنكى ئەھۋاللارنى بەرگەن بولوپ، بۇنى فېرمى دىئاگراممىسىدا سىزىپ چىقىشىنى سوراپتۇ. كىيىنكى قىسىمنى بەزى ئىنگىلىزچە كىتابلاردا كۆرگىنىم ئىسىمدە ئىدى (مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا كەسپى كىتابلارنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنىمۇ كۆرۈپ تۇراتتىم)، لىكىن بىزگە ئۇنداق ئۆتمىگەن بولغاچقا ئۇنى تاللىماي ئاسانىراق تۇيۇلغان ئوپتىكىغا ئائىت سۇئالنى تاللىدىم. سەمىڭىزدە بولسۇن: APS كەسپىڭىز بويىچە سۇئال سورايدۇ، سىزنى ھەم شۇ كەلگۈسىدە شۇ كەسىپنى ئوقۇيدۇ دەپ چۈشىنىدۇ. ئادەتتە كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئوقۇشىڭىزنى ياقتۇرمايدۇ. 15 مىنۇت توشۇپ قاپتۇ، مەن بەك ئىنچىكلىك قىلىپ ئەڭ ئاخىرقى سۇئالنىڭ ئازىراق چالا يىرى قالغان ئىدى. مۇئەللىم كىرىشىگە مەن خىجالەت بولۇپ يەنە ئىككى مىنۇت بىرەلەسىزمۇ دەپ سورىسام كۈلۈپ، –ماقۇل، ئەمسە ئىككى مىنۇت دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئىككى مىنۇت ئىچىدە ھەممىنى تۈگىتىپ چىقتىم. ئاندىن سىناقنىڭ ئىغىزاكى قىسمىغا كىردىم. ئىككى نىمىس ئايال مۇئەللىم ئولتۇرغان ئىكەن. مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. ئۇ چاغدا نىمىسىچە ئاددى نەرسىلەرنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. ئۈزەڭنى تونۇشتۇر دىگىنىنى تەخمىنى بىلدىمدە، نىمىسچىلاپ چۈشەندۇردۈم. شۇ نەدە تۇغۇلغان، قايسى مەكتەپتە نىمە كەسىپتە ئوقۇغان، بۇ يىل نەچچە ياش، مىللىتىمدىن تارتىپ دىدىم. گېرمانغا نىمىشقا چىقماقچى بولغانلىقىمنى سورىدى. ئاندىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەم ھەققىدە سورىدى (شۇ چاغدا يىزىپ بولغان ئىدۇق، 5-ئاينىڭ بىرىنچى ھەپتىسى ئىدى). جاۋاب بىرىشتىن بۇرۇن بۇ سۇئالغا ئىنگىلىز تىلىدا جاۋاب بەرسەم بولامدۇ دەپ سورىدۇم. ئىجازەت قىلغاندىن كىيىن تەييارلىقىم بويىچە ئازىراقلا سۆزلىدىم. LED لامپىلار ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدىم. كەسپىم ماتېريال فىزىكىسى بولغاچقا تۇيۇقسىز شۇ LED لامپىلار قايسى ماتېرياللاردىن ياسىلىدۇ دەپ سوراپ قالدى. تەخمىنى دەپ بەردىم. ئاندىن بولدى دەيدۇ، تىخى 15 مىنۇتمۇ بولمىغان ئىدى، ئەسلى ئىغىزچە قىسىم 20 مىنۇت بولاتتى. تازا ئىشەنمەي راست تۈگىدىما دىسەم، ئىككىسى كۈلىشىپ راست تۈگىدى دەيدۇ. يا مەن بەك ياراپ كەتتىممۇ، يا چۈشلۈك تاماققا ئالدىردىمۇ بىلمەي قالدىم.

4. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كىيىن APS كە بىرىپ APS سىنىقىدىن ئۆتكەنلىك كىنىشكىسى تاپشۇرۋالىسىز، خىلى ئىتتىك چىقىدۇ. ئادەتتە تۇنجى قىتىمدىلا 10 نۇسخا بىرىدىكەن (يەنە كۆپەيتىمەن دىسىڭىز ئازىراق پۇلغا بىرىۋىرىدىكەن). بىر تال قەغەزنىڭ ئالدى كەينىگە نىمىسچە قىلىپ، سىزنىڭ پۈتۈن نەتىجىڭىزنى ئۆزلىرىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئىشلەپ ئورتاق نەتجىڭىزنى يازىدىكەن، APS تىن قانداق ئۆتكەنلىكىڭىزنى(لاياقەتسىز، لاياقەتلىك دىگەندەك)، ئىنگىلىز تىلىڭىزنىڭ ھەم نىمىس تىلىڭىزنىڭ قايسى سەۋيىدە ئىكەنلىكى نى يىزىپ قويىدىكەن (ئىككىلا تىلدا بەرگەن ئەھۋالدا). TOEFL غا ئوخشاش تېل نەتىجىڭىز بولسا ھەم قوشۇپ يىزىپ قويىدىكەن.

II.    مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش

APS نىڭ ئىسپات قەغىزىنى ئالدىڭىز دىگەن گەپ، چوڭ بىر ئىش ھەل بولدى دىگەن گەپ. ئەمدى مۇۋاپىق مەكتەپ تاپسىڭىزلا ئۇقتۇرۇش ئىلىش ئۇنچە تەسكە توختىمايدۇ. قولىڭىزدىكى APS نىڭ قەغىزى نىمىسلار ھەممىدىن ئىشىنىدىغان ھۆججەت. مەكتەپ تاللاش ھەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئىزدەشتىكى ئەڭ ياخشى ھەم ئىشەنچىلىك يول DAAD  تەمىنلىگەن ئۇچۇرلار بىلەن تونۇشۇش.

DAAD—Deutscher Akademischer Austausch Dienst نىڭ قىسقارتىلمىسى بولوپ، تەخمىنى تەرجىمىسى گېرمانىيە ئىلىمى خادىملار ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى/ئورگىنى دىگەندىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ بېيجىڭدا ئىش باشقۇرۇش ئورگىنى بار، يەنى APS تۇرۇشلۇق بىنادا. بۇلار پۈتۈن گېرمانىيەگە چەتئەللەلىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش، گېرماندىن باشقا ئەللەرگە ئوقۇغۇچى چىقىرىش، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش، ئىلىمى خادىملارنى تەربىيلەش، تۈرلۈك خەلىقئارا مائارىپ، ئىلىم-پەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلىپ بارىدىغان، شۇ خىلدىكى  گېرمانىيە شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئورگان ھىسابلىنىدۇ. يىللىق خىراجىتى 300 مىليون ياۋرۇ بولوپ، بۇ پۇللار فېدراتىسيە، ئوبلاست، شۇنداقلا شەخىسلەردىن كىلىدۇ. بۇ ئورگان ھەم گېرمانىيەدىكى 365 ئالىي بىلىم يۇرتىغا ۋەكىل بولوپ، چەتئەللىك ئىلمى-خادىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ گېرمانىيەدىكى ئىلىم يۇرتلىرىغا كىلىپ ئوقۇش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ شۇنداقلا ئوقۇش-تەتقىقات ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

گېرمانىيەدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچە تەلىپى مۇنداق: سىز ئوقۇغان مەكتەپ چوقۇم گېرمانىيە ئىتراپ قىلىدىغان مەكتەپ بولوشى كېرەك، بۇ ئۇچۇرلار APS تور بىتىدە بار. ئاندىن كەسپىڭىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان تۈرگە ماس كىلىشى كېرەك، قانچە يىقىن كەلسە شۇنچە ياخشى، كەسىپ ئۆزگەرتىدىغانلارمۇ بار، لىكىن سەل تەس بولىدۇ. ئاندىن ئوقۇش تارىخىڭىز ھەم ماس كىلىشى كېرەك، يەنى ماگىستىرلىقتا ئوقۇماقچى بوسىڭىز چوقۇم سىزدە باكلاۋىرلىق ئۈنۋانى بولوشى كېرەك. ئوتتۇرچە نەتىجىڭىز قانچە يۇقۇرى بولسا شۇنچە ياخشى، سەل تۆۋەن بولوپ، لىكىن ھەممە دەرىسنى تۈگىتىپ دىپلوم ئالالىغان بولسىڭىزلا ئىمكانىيەت بار.  تەبئ‍ى پەنلەردە كۆپ ئاسان، ھەم تۈرلەرمۇ كۆپ، گېرمانىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ئاساسەن تەبى پەننى ئاساس قىلغان، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا بىردەك ئىجتىمائى پەن يوق. يەنە بىر تەلىپى، تېل نەتىجىڭىز، گېرمانىيەگە كىلىپ ئىنگىلىز تىلىدا ئوقۇشنى مىسالغا ئالساق بۇلار TOEFL, IELTS قا ئوخشاش خەلقئارا ئىمتىھانلارنىلا ئىتراپ قىلىدۇ، كونكېرىت نومۇر تەلىپىنى ھەر بىر ئۇنىۋېرسىتېت تور بىتىدە تاپالايسىز. ئەگەر بۇلارنى قايىل قىلالىسىڭىز، مەكتەپكە كىلىپ بىرىمەن دىسىڭىزمۇ بولىدىكەن، بۇنى تىخى يىقىندا ئاڭلىدىم. بۇ ئەھۋال ئادەتتە سىز تۇرۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن گېرماندىكى سىز ئىلتىماس قىلغان مەكتەپ ئارىسىدا ھەمكارلىق بولسا ئاسانىراق بولىدىكەن. بولمىغاندا ئىلتىماسنىڭ رەت قىلىنىش ئىھتىمالى چوڭ بولوپ كىتىشى مۇمكىن. ئالدى بىلەن APS تىن ئۆتىۋىلىپ ئاندىن تېل ئىمتىھانى بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئۈلگۈرسىلا ھىساب. نىمىس تىلىدا ئوقۇشنى تاللىسىڭىز چوقۇم  TestDaf قا ئوخشاش مەكتەپلەر ئىتراپ قىلىدىغان نىمىس تىلى ئىمتىھان كىنىشكىڭىز بولوشى كېرەك، ھەم نومۇرىڭىز تەلەپكە يەتكەن بولوشى كېرەك. كىلىپ ئالدى بىلەن تىل ئۈگىنىپ ئاندىن كەسىپكە چۈشىمەن دىسىڭىز ئادەتتە ئۇنىمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىم تىل مەكتەپلىرىگە ئىلتىماس قىلىپ تىل ئۈگەنگەندىن كىيىن ئاندىن قايتىپ ئۇنىۋېرسىتېتقا ئىلتىماس قىلىشىڭىز كېرەك. تىل ئۈگىنىش ۋىزىسى بىلەن كەلسىڭىز قانۇنلۇق ئىشلەشكە يول قويمايدۇ. پەقەت ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇش ۋىزىسى بىلەن كەلگەن ئەھۋالدىلا (ئىنگىلىز تىلى پروگىراممىسى بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ) يىلدا تولۇق 90 كۈن ئىشلەش رۇخسىتىڭىز بولىدۇ، ھەم تاپقان پۇلىڭىزدىن باج تاپشۇرمايسىز. تاپشۇرغان تەقدىردىمۇ يىل ئاخىرىدا قايتۇرۋالالايسىز(بۇ ھەقتە كىيىنكى قىسىمدا يەنە يازىمەن).

گېرمانىيەدە 300 دىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسېتىت دەرىجىلىك مەكتەپ بولوپ بۇ جەھەتتە ياۋرۇپادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ماكس-پلاڭك ئىنستىتۇتى مەخسۇس تەتقىقات ئورۇنلىرى ئارىسىدا دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىمۇ بەك كۆپ. ياخشى يىرى DAAD نىڭ تور بىتىدە بۇ مەكتەپلەردىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەممىسى بىرىلگەن ئىزدەش ئامبىرى بولوپ، سىز شۇ ئىزدەش كۆزنىكىگە ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان كەسىپنى، قايسى خىل تىلدا ئوقۇشنى، قانداق ئۈنۋان ئۈچۈن ئوقۇشنى تاللىسىڭىزلا، شۇ تاللىشىڭىزغا چۈشىدىغان مەكتەپلەرنى تىزىپ بىرىدىكەن. تۆۋەندە ئادرىسى بىرىلدى:

DAAD ئاساسى بىتى:
http://www.daad.de/en/index.html

پروگىرامما ئىزدەش بىتى:
http://www.daad.de/deutschland/s … aenge/06539.en.html

مەن مۇشۇ بويىچە ئىزدەپ 4 مەكتەپنى نۇقتىلىق تاللىۋالدىم، تاللىغان پروگىراممىلار كەسپىمگە بەكلا ماس كىلەتتى، ھەممىسى ئىككى يىللىق ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتىلىدىغان ماگىستىرلىق پروگىراممىلار بولۇپ M.Sc. ئۈنۋانى بىرىلىدىكەن. شۇ مەكتەپلەرنى بىرە قۇر تەتقىق قىلغان بولدۇم، ئاندىن ھەر بىر مەكتەپنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا چىقارغان تەلەپلىرى، ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چەكلىمىسى، ئىلتىماس قىلغاندا ئەۋەتىشكە تىگىشلىك ھۆججەتلەرنى بىلۋالدىم. ئاندىن تاللىغان مەكتەپلەرگە ئىسپات قىلغۇزغان ھۆججەتلەردىن بىر نۇسخىدىن، TOEFL نەتىجىنىڭ كوپى قەغىزى (ئادەتتىكى كوپىسى)، APS نىڭ ئىسپات قەغىزى، personal statement(قىسقارتىپ PS، 留学动机书)، CV(curriculum vitae، 简历)، ئىككى پروفىسسورىمنىڭ تەۋسىيە خىتى (recommendation letter، 推荐书، چەتئەلدە چوقۇم شۇ ئادەم ئۆزى يازىدۇ، جۇڭگۇچىلىقتا مۇئەللىمگە دەپ ئەگەر ۋاقتى بولمىسا ئۆزەم يازاي سىز ئىمزا قويۇپ بىرىڭ دىسىڭىزمۇ بولىدۇ. شەخسەن ئۈزەم ئىككى خىل نۇسخا يىزىپ ئىككى مۇئەللىمىمگە ئەۋەتسەم بىرى ئانچە مۇنچە تۈزىتىش بىرىپتۇ، كىيىن ئاخىرقى نۇسخىسىنى بىسىپ چىقىرىپلا بىر نەچچە نۇسخىغا ئىمزاسىنى قويغۇزىۋالدىم. بۇ خىل تەۋسىيە خىتىمۇ قايسىلا دۆلەتكە ئىلتىماس قىلسىڭىز ئىشلەيدۇ، ھەم تەلەپ قىلىنىدۇ) بىلەن قوشۇپ، ئۈزەمنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، پات يىقىندا پۈتتۈردىغانلىقىمنى، پۈتتۈرۈش دىپلومىمنى چىقىشى ھامانلا ئەۋەتەلەيدىغىنىمنى، بۇ پۇرسەتكە بەكلا قىزىقىقىنىمنى يىزىپ، ھەممىنى بىر لىپاپقا (A4 نۇسخىدىكى) سىلىپ بەلگىلەنگەن ئادرىسقا سىلۋەتتىم. بۇ يەردە ئەسلى پروفىسسورنىڭ تەۋسىيە خىتىنى ئايرىم لىپاپتا پروفىسسور ئادرىسى بويىچە ئەۋەتكەن ياخشى. مەن بىراقلا ئەۋەتىۋەردىم (پۇلىغا چىدىماي، ھەم يۈتۈپ كەتمىسۇن دىدىم). تاللىغان مەكتەپلىرىم ئىچىدە بىرىنىڭ (يەنى ھازىرقى ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىم) تىزىملاش ۋاقتى بىر ئايدىن ئوشۇق ئۆتۈپ كەتكەن ئىكەن، مەيلى دەپ ئەۋەتىۋەردىم. ئەۋەتكەن كۈندىن باشلاپ ئىككى-ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۈچىدىن قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى كەلدى. ھەممىسىنىڭ ئوقۇش پۇلى ھەقسىز بولوپ، تۇرمۇش پۇلۇمنى ئۈزەمنىڭ ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئىيتىپتۇ. ھەم ئوقۇش مۇكاپات پۇلى يوق دەپتۇ.

بۇ يەردە personal statement (PS) بەكلا مۇھىم ئىكەن. بۇ، ھىسابتا سىز ئىلتىماس قىلغان مەكتەپكە ئۆزىڭىزنىڭ نىمىشقا ئۆرلەپ ئوقۇشىنى، نىمىشقا شۇ دۆلەتتە، شۇ مەكتەپتە، شۇ كەسىپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئەڭ ئىخچام تېلدا ئىپادىلەيدىغان مۇددىئا خىتىدۇر. بەزى مەكتەپلەر motivation letter دەپمۇ ئاتايدۇ، ئوخشاش نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسڭىزدە بولسۇنكى بۇ ھۆججەت بەكلا مۇھىم، تىلنى ناھايتى ياخشى ئىشلىتىشىڭىز، ئىخچام، مەزمۇن ھەم مۇددىئا ئوچۇق بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. ھەرگىز نەسىرلەرنى يىزىپ چۈشۈپ كەتمەڭ، ھەم بەك ئۇزۇن يىزىۋەتمەڭ.  ئالاھىدە قەغەزلەرنى ئىشلەتمەڭ. ئۆزىڭىزنى ئازىراق ماختاپ قويۇڭ، ئازىراق كۆپتۈرۈش بۇ ياقلاردىمۇ نورمال ئىش. قىزىقىشىڭىزنىڭ يۇقۇرلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئىپادىلەڭ. بولسا شۇ پروگىراممىدا ئۆتۈلدىغان دەرىسلەرگە، دەرىس ئۆتىدىغان مۇئەللىملەرنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشىگە (بۇنى توردىن ئاسانلا تاپاليسىز) ياخشى قاراپ چىقىپ، ئۆزىڭىزنىڭ شۇ مەلۇم كونكېرت تېمىغابۆلەكچە قىزىققانلىقىڭىزنى، كەلگۈسىگە بەك ئىشنىدىغانلىقىڭىزنى، ئاخىردا شۇ دۆلەت، شۇ مەكتەپنى ئازىراق لىللا گەپ بىلەن ماختاپ قويۇڭ. يىزىپ بولۇپ بولسا چەتئەللىك مۇئەللىمگە، ئېنگىلىز تىلدا پىششىق، تەجىربىسى بار ئادەملەرگە تۈزىتىپ بىقىشقا سۇنۇڭ. شەخسەن مەن تۇنجى نۇسخىسىنى يىزىپ بولوپ مەكتىپىمىزدىكى ئىنگىلىز تىلى فاكۇلتىتىغا چۈشلۈك دەم ئىلىش ۋاقتىدا كىرىپ، پەقەت بىر قىتىم لىكسىيەسىنى ئاڭلىغان (مىنى تونىمايدۇ) بىر ئەنگىليەلىك ئاداشنىڭ ئىشخانىسىغا ئۈسۈپلا كىرىپ ياردەم بىرىشنى سورىدۇم. ئۇمۇ قىزغىن بالىكەن، ئېرىنمەي تۈزىتىش بەردى، پىكىردىكى پەرىق تۈپەيلى بەزى يازغان يەرلىرىمنى نىمە مەقسەتتە يازغىنىمنى بىلمەي قاپتۇ، مۇددىئارىمنى ئۇققاندىن كىيىن قانداق ئۆزگەرتىش ھەققىدە مەسلىھەت بەردى. ھەم PS يىزىش بىزنىڭمۇ بىشىمىزنى ئاغرىتۇد، بۇ ئاددى نەرسە ئەمەس دەپ ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەردى. شۇنداق رازى بولدۇم، ھەم كىلىشىپ باشقا بىر كۈنى ئۇيغۇر  ئاشخانىسغا ئاپىرىپ ئۆزىمىزنى تەشۋىق قىلغان يۇسۇندا مىھمان قىلىپ قويدۇم (تارىخقا قىزىقىدىغان گۇيتىكەن). كىيىن يەنە چەتئەللەردە ئوقۇپ، كۆرۈپ كەلگەن ئۈچ ئاكىمىزغا تۈزەتكۈزدۈم. ھازىر ئويلىسام شۇ ئېلتىماسىمنىڭ تېز ھەم ئاسان قوبۇل بولۇشىنى ئۈزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم، ھەم شۇ نەرسىنى ياخشى يازغانلىقىمدىنمىكىن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مەيلى TOEFL نەتىجەم (583، تولۇق نومۇر 667)، ياكى ئالىي مەكتەپتىكى نەتىجىلىرىم بولسۇن(ئەڭ ئاخىردىكى ئورتاق نەتىجەم 74، بىرنەچچە مۇھىم پەنلەردە 60 ئالغان يەرلىرىم بار ئىدى، 3-، 4- يىلدىكى نەتىجىلىرىم ياخشىراق ئىدى، PS دە بۇنىمۇ تېلغا ئىلىپ، دەسلپەتە تىلدا قىينالغانلىقىمنى، كىيىن يىتىشۋالغانلىقىمنى ئىيتقان ئىدىم) خەنسۇ بالىلارنىڭكىدىن بىردەك تۆۋەن ئىدى. ياخشى يىزىلغان PS لەر مەرىپەت تورىدىمۇ بار. ئەگەر قىزىقسىڭىز ئۈزەمنىڭكىنىمۇ ئەۋەتىپ بىرىمەن. ئېلخەت يىزىپ سورىسىڭىز بولىدۇ. (چەتئەل تىلى ئۈگىنىش ھەم ئىمتىھان بىرىش ھەققىدىكى تەجىربىلىرىمنى ئايرىم تېما قىلىپ يازىمەن.)

تۇنجى قۇبۇل قىلغانلىق ھەققىدىكى ئېلخەت مەن ئىلتىماس قىلىپ 20 كۈندە كەلدى(شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى)، خەتتە قوبۇل قىلنغانلىقىمنى، ئۇقتۇرۇشنىڭ بىر-ئىككى ئاي ئىچىدە قولۇمغا تىگىدىغانلىقى ئىيتىلىپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ۋىزا بىجىرىش ئىشلىرىغا چىپىشقا باشلىدىم.

ۋىزا بىجىرىش :ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچ!

ئەڭ مۇھىم ھۆججەتلەر:

ئۈنۋان كىنىشكىڭىز، دىپلومىڭىز، مەكتەپتىن كەلگەن قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، ھەم ئوقۇشىمنى ئۈزەم ئىقتىسادى جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە قىلالايمەن دىگەن ئىسپات قاتارلىقلار. تولۇق قىسمى تۆۋەندىكى بەتتىكىدەك:

https://www.aps.org.cn/web/downl … blatt_visum_chn.pdf
ھۆججەت بار بەت ئادرىسى:

https://www.aps.org.cn/web/cnewsAction.do?id=128
ئەلۋەتتە، پاسپورت بولۇشى كېرەك، پاسپورتسىز بۇ ئىش ماڭمايدۇ. ۋەتەندىكى بەزى بالىلار ئالدى بىلەن ئۇقتۇرۇشتىن بىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئاندىن شۇنى ئاساس قىلىپ پاسپورت بىجىرىپ، ئاندىن پاسپورت كەلگەندە ئاندىن يەنە بىر ئۇقتۇرۇش ئىلىپ كىلىدۇ، ئامال يوق، بە ئاۋارچىلىق. بۇ جەريان ئىچكىردە ئوقۇۋاتقان بالىلارغا ھەممىدىن ئاسان. ئەگەر نوپوسىمىز شۇ يەرگە يۆتكەلگەن بولسىلا چەتكە چىقىمەن دىگەن بىر ئىغىز گەپ بىلەن بىجىرەلەيسىز، ھەم تېز چىقىدۇ. بىز بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقاندا، نوپوسىمىز بېيجىڭدا ئىدى. پاسپورت بىجىرىدىغان مەركىزى ئىدارىگە بىرىپ بىر جەدۋەل توشتۇرۇدۇم، ساقچى خادىم نىمە قىلىسەن دەيدۇ، چەتكە چىقىپ ئوقۇيمەن دىدىم، قەيەرگە، قايسى ئۇنىۋېرسىتېتقا دەپ قالدى، قارىسىغىلا پالانچى مەكتەپ دەپ قويدۇم (پەقەت سوراپلا قويىدىكەن شۇ)، ئاندىن 5 كۈندە كەل دىدى. 5 كۈندىن كىيىن بارسام 200 سوم تاپشۇرۇشۇمنى ئىيتتى، پاسپورت قولۇمغا تەگدى، بىر چوڭ ئىش ھەل بولدى.

ئەمدىكى چوڭ ئىش، ئىقتىسادى كاپالەتنامە. بۇ بىزنى ئەڭ قىينايدىغان مەسىلە. گېرمانلىقلار بىر ئىش قىلسا بەكلا ئەستايدىل ھەم ئەتراپلىق قىلىدىغان خەق ئىكەن. ۋىزىنى ئۇدۇل كەلگەن ئادەمگە بىرىۋەرسەك، كىلىپ ئىشلەۋىلىپ ياخشى ئوقۇمايدۇ دەمدۇ ئىشقىلىپ (بۇرۇن شۇداق قىلغان ئەھۋاللار بولسا كېرەك)، سىزنى كەلگەندە ئۆز خىراجىتىڭىزنى كۆتۈرەلەيدىغان ئىقتىدارىڭىز بار ئىسپات كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئەگەر سىز ئىلتىماس قىلغان مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى بىرىمىز دىسە ھەممىدىن ياخشى، بەزى مەكتەپلەردە بار، سىناپ بىقىشقا ئەرزىيدۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا GRE نەتىجە تەلەپ قىلىدۇ، مەن ئىلتىماس قىلغاندا پۈتۈن گېرمانىيەدىكى مەكتەپلەر ئوقۇش بەدەل پۇلى ئالمايتتى، ھازىر ئاساسەن ئالىدىغان بولىۋالدى (تەخمىنەن مەۋسۈمىگە 500~600 ياۋرۇغىچە، MBA نىڭ بەزىلىر بەك يۇقۇرى ئالىدۇ)، شۇڭا ھازىر مۇكاپات پۇلى ئىلىش ئىھتىمالىڭىز بۇرۇنقىدىن ياخشى. سىز پەقەت ئوقۇش مۇكاپاتى ئىسپاتنى كۆرسەتسىڭىزلا بولدى. ئەگەر بۇ بولمىسا گېرماندا سىزنىڭ تۇرمۇش پۇلىڭىزنى ئۈستۈمگە ئالالايمەن دىگەن ئادەم تاپالىسىڭىز، شۇ ئادەم سىز ئۈچۈن ئۆزى قايتۇرۋالالمايدىغان 7716 ياۋرۇ (ھازىرقىسى، بۇرۇن 7200 ئىدى) بانكا چېكىنى تەييارلىشى كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدا بۇنچىلىك پۇلنى بىرلا قىتىم مەلۇم ئادەمگە ئاتاپ قويالايدىغان قىرىنداشلىرىمىز كۆپ ئەمەس. شۇڭا كۆپىنچىمىز ئامالسىز ئۆزىمىزنىڭ يانچۇقىنى كولايمىز. بەزى دۆلەتلەرگە ئوخشاش سىز پۇل بار بانكا ئىسپاتىنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا كۇپايە قىلمايدۇ. چوقۇم 7716 ياۋرۇ قىممىتىدىكى خەلىق پۇلىنى تەييارلاپ جۇڭگۇ خەلىق بانكىسى ئارقىلىق گېرمانىيە بانكىسىنىڭ (Deutsche Bank) بېيجىڭدىكى تارمىدىقىن پۇل قويغانلىق ئىسپاتى ئالىسىز، ھىسابتا چەتكە چىقىشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ 7716 ياۋرۇ سېتىۋالىسىز. بۇنىڭغا ئىسىمدە قىلىشىچە 10 مىڭ سوم رەنە تۆلەيسىز، ۋىزا چىقىشى بىلەن قايتۇرۇپ بىرىدۇ،  بۇ پۇلنى ئىككى ساۋاقدىشىمدىن قەرىز ئالدىم. پۇل سىز گېرمايەگە كەلگەندىن كىيىن ياكى تەڭ يىتىپ كىلىدۇ، ھەم ھەممە پۇل سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئاستىدا بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساختلىق قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، گەرچە ئۆزىڭىزنىڭ پۇلى بولسىمۇ بىرىنچى يىلى تۈگىگىچە ھەر ئايدا 600 ياۋرۇدىن ئوشۇق پۇل ئالغۇزمايدۇ. بىر يىلدىن كىيىن ھەر قىتىمدا قانچىلىك ئالسىڭىز كارى يوق. نىمىسلارنىڭ ھىسابىدا بۇ پۇل سىزنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇش پۇلىڭىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك جىق كەتمەيدۇ، تۇرغان جايىڭىزنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن بۇ پۇل بىر يىرىم يىلدىن ئىككى يىلغىچە ئىشلىمەي ئوقۇسىڭىزمۇ يىتىپ قالىدۇ. تەتىللەردە قوشۇمچە ئىشلىسىڭىز، مەكتەپتە ئىش تاپسىڭىز تىخى ياخشى. مەكتەپلەردە دەم ئىلىشمۇ خىلى ئۇزۇن، تەتىللەر جۇڭگۇدىكى مەكتەپلەردىن ئۇزۇن بولىدۇ.

دەل مۇشۇ 7716 ياۋرۇ قويغانلىق ئىسپاتى بىلەن مەكتەپتىن كەلگەن ئۇقتۇرۇشلارنى ۋە ئۈستىدىكى ئۇلىنىشتا دىيىلگەن ھۆججەتلەرنى قوشۇپ ۋىزىغا ئىلتىماس بىرىسىز. ۋىزا ئىلتىماسنى ئۇدۇل سىز APS بەرگەن جايغا تاپشۇرىسىز. ئەلچىخانىغا بارمايسىز. تەخمىنەن بىر ئايلاردىن كىيىن ۋىزا بىسىلغان پاسپورتنى خەت ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرىدۇ. تەلەپ قىلىنىدىغان سالامەتلىك ئىستىراخۇنىيەسىنىمۇ شۇ يەردىكى شىركەتلەردىن بىجىرۋالسىڭىز بولىدۇ. بىجىرىشتىن بۇرۇن تەلەپلىرىنى ياخشى سۈرۈشتۈرۈپ بىلۋىلىڭ، چۈنكى بەزى تەلەپلىرى ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ، ئارتۇق يول مىڭىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ.

شەخسەن بۇ پۇلنى (بىزنىڭ ۋاقتىمىزدا 7200 ياۋرۇ بولوپ، شۇ چاغدا تەخمىنەن 70 مىڭ سومغا توغرا كەلگەن ئىدى) ئەينى ۋاقىتتا ئۆيدە يىتەرلىك بولمىغاچقا 40 مىڭ سومنى 15 تۇققىنىمدىن 4 يىلدا قايتۇرىمەن دىگەن ۋەدە بىلەن قەرىز ئالدىم.(باي دىگۈدەك تۇققىنىم يوق ئىدى، بارىنى بەردى) 10 مىڭنى يېزىدىن بەردى، ئاپام خىزمەت كارتىسى ئارقىلىق بانكىدىن 30 مىڭ سوم ئىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پۇلنى ھەل قىلغان بولدۇم. كىيىن بۇ قەرىزلەرنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن 3 يىل ئىچىدە قايتۇرۇپ بولدۇم. قانداق قايتۇرغىنىمنى كىيىنكى قىسمىدا يازاي. ئەمدى قەرىزلەرنى قانداقلارچە بۇنداق ئاسان ئالغاندۇ دەپ قىلىشىڭلار مۇمكىن. بۇ يەردە سىز ۋە سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ كىشىلەر ئالدىدا تۇرغۇزغان ئىشەنچىسى بەك مۇھىم رول ئوينايدىكەن. كىچىكىمدە ئاپام بولسۇن دادام بولسۇن كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشنى بەك يامان كۆرەتتى، سوراپ قالغان ئەھۋالدا ئەڭ تېز ۋاقىتتا قايتۇرۋىتەتتى. بۇ جەھەتتە ماڭىمۇ خىلى يۇقۇپتىكەن، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا شۇنداق ئىلىم-بىرىم ئىشلىرىدا بەكلا دىققەت قىلدىم، پۇل ئىلىپ بىر ئايدا قايتۇرىمەن دەپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قايتۇراتتىم. ئارىيەت ئالغان نەرسىنى ئىگىسى سوراشتىن بۇرۇن قايتۇراتتىم. شۇڭلاشقىمۇ ساۋاقداشلىرىم نىمە سورىسام، قانچىلىك سورىسام ئىككىلەنمەيلا بىرەتتى. شۇ پۇلغا ئىھتىياجلىق بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا ياتىقىمدىكى سىچۇ’ئەنلىك بىرى بىر كۈنى ئايرىم ماڭا ئەگەر پۇل يەتمەي قالسا بىر تاغىسىدىن ماڭا 50 مىڭ قەرىز ئىلىپ بىرەلەيدىغانلىقىنى دىگەنئىدى. باشقا بىر كۈنى يەنە بىر بالا 10 مىڭ بىرىپ تۇرالايدىغانلىقىنى ئىيتتى. بۇ بالىلار ئەمەلىيەتتە خىلى نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن، بىر قۇر كىيىمنى تۆت يىل كىيىپ، چوقەي كىيىپ موما يەپ يۈرىدىغان بالىلار ئىدى، سورىمىساممۇ ماڭا بۇنداق دىيىشى مىنى بەكلا خوش قىلۋەتكەن ئىدى. ئىشقىلىپ خەقنىڭ ئالدىدا تېكلىگەن ئىشەنچ-ئىناۋىتىڭىز بەكلا مۇھىم ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانامدىن تولىمۇ مىننەتدار بولىمەن. ئورۇق-تۇققانلارمۇ ماڭا ھەتتا ئۆز بالىسىدىن ئارتۇق ئىشىنەتتى، ئاتا-ئاناممۇ ئۆز قېرىنداشلىرىغا بەك كۆيۈنەتتى، مەنمۇ كىچىكىمدىن ھەممىنى ھۆرمەتلەپ، كىچىك پىئىل بولوپ (بۇمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ تەربىيىسى) نامازخان بولوپ، ئىزچىل ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يۇرتداشلارنىڭ ئالدىدىمۇ ھىچقاچان ئەگىر يولغا ماڭمايدىغان ئادەم ئوبرازى ياراتقان بولسام كېرەك. شۇڭا ئىنى-سىڭللىرىمغا بىرىدىغان سۆزۈم، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى ھەرگىز يەردە قويماڭ، بىشىڭىز كۆككە يەتسىمۇ كىچىك پىئىل بولۇڭ، ئاتا-ئانىڭىزغا، قېرىنداشلىرىڭىزغا كۆيۈمچان بولوڭ، دىمەككى ئۆز بەختىڭىزنى ئۆزىڭىز يارىتىسىز….

ئاخىرقى ئىشلار

رەسىميەتلەرنىڭ چالىسىنى تولۇقلايسىز، مەسىلەن نەتىجە قەغىزىڭىز، باكلاۋىرلىق ئۈنۋان كىنىشكا دىگەندەك مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئىسپات قىلغۇزىۋالىسىز. مەكتەپتىكى نوپوسىڭىزنى ئورۇنلاشتۇرۇسىز، ئادەتتە شۇ تۇرغان شەھەردە ساقلاتسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن يىلىغا خىلى پۇل ئالىدۇ. مەن يېزىغىلا چۈشەتىۋەتتىم. يەنە بىرى ئارخىبىڭىز، بۇنى ئادەتتە مەكتەپ ئارخىب ئىشخانىسىغا كىرىپ ئىككى يىل ساقلاشقا بىرەلەيسىز، مەن تەخمىنەن 700 سومدەك پۇل تاپشۇردۇم. بولمىسا مەخسۇس ئارخىب ساقلايدىغان يەر تاپسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن ھەقىسىز ساقلايدىغان يەر يوق. ئايرۇپىلان بىلىتى ئالىسىز، گېرمانىيەگە كىلىدىغان ئايرۇپىلان قىتىم سانى ھەم ھاۋا يوللىرىمۇ بەك كۆپ، ئامال بار ئەرزىنىنى ئىلىڭ.

رەسمىيەتلەر بىجىرىشتىن قىسقىچە خۇلاسە:

قانداق قىلىش، نىمىلەر كېرەك، يۇقارىدا تىلغا ئىلىنغان APS تور بىتىدە ئىنىق يىزىلغان. قىرىنداشلىرىمغا ئىيتىدىغىنىم، يوچۇق يوق يەر مەۋجۇت ئەمەس، بەزىدە چوقۇم ھەممە دىگىنىنى تەييارلاش زۆرۈر ئەمەس، لىكىن كۆرسەتكەن سەۋەبىڭىز كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىن ئۆتىدىغان ئىشلار بولۇشى كېرەك. مىسال: APS ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا مەكتەپ گۇۋاھنامەمنى تەلەپ قىلغان، مەندە بولمىغاچقا پەقەت ئوقۇدى دىگەن ئىسپاتنى كۆرسەتتىم، ھەم بۇنى ئىلتىماس قىلغان ھەممە مەكتەپكە ئىسپات قىلغۇزۇپ يۈرمىدىم، پەقەت APS كىلا بەردىم. ئەلۋەتتە ئۇنىۋېرسېتتا ئوقۇغان ئىكەنسىز، چوقۇم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ. دىمەك ئەڭ ئۈستىدىكى كىنىشكىلار (ئالىي مەكتەپتىكى) مۇھىمىراق، پەستىكى كىنىشكىلار ئانچە ئەمەس. يەنە بىر يەردە، ئىنىق ئىسىمدا قالماپتۇ، بىر بانكىغا ئىسپات كۆرسىتىدىغان ئىش چىقىپ قالدى، ئىسپات خەنزۇچە ئىدى، تەرجىمە قىلىشىمنى تەلەپ قىلىپتۇ، چوقۇم تەرجىمە شېركەتلىرى تەرجىمە قىلىشى كېرەككەن، تازا جىددى پەيىت ئىدى، تەرجمىگىمۇ خىلى پۇل ئالىدىكەن. ئۇنىڭغا چىدىماي ئۈزەم تەرجىمە قىلىپ كۆرسىتىپ باقاي دىدىم-دە بانكىغا كىرىپ ھۆججەتلەرنى تاپشۇرغاندا ئۈزەمنىڭ تەرجىمە قىلغانلىقىمنى كۆرسەتتىم، بانكا خىزمەتچىسى باشلىقىدىن سوراپ كىلىپ،—ئەمسە تەرجىمە قىلغان يەرگە ئۈزەڭ ئىمزايىڭىنى قويساڭ بولىدىكەن—دەپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىشىم پۈتكەن بولىدى. ئاز بولسىمۇ پۇل ئىقتىساد بولوپ قالدى. قۇبۇل قىلغان مەكتەپ تىزىملاش ھەققىمنى گېرمانغا كىلىشتىن بۇرۇن تاپشۇرۇشۇمنى ئىيتىپتۇ، پەقەت 96 ياۋرۇ ئىدى، بۇنى گېرمانغا مەندىن بۇرۇن چىققان بىر ئاكىمىزغا خەت يىزىپ (چىقىشتىن بۇرۇن بىزنىڭ ياتاقا نەچچە كۈن تۇرغان ئىدى)، شۇ ئارقىلىق تاپشۇرۇپ تۇردۇم. ياتاق ئىلىپ قويىمىز، لىكىن 200 ياۋرۇ رەنە تاپشۇرۇشىڭ كېرەك دەپتىكەن، ياتاق تىپىش بەك تەس دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، شۇ مۇئەللىمگە ئەھۋالىمنى چۈشەندۈرۈپ، ئەرزانىراق ياتاق ئىلىپ قويۇشىنى، بارغاندا چوقۇم تۆلەيدىغىنىمنى ئىيتىپ خەت يازدىم، كىيىن دىگەندەك مەكتەپ باشقۇرۇشىدىكى بىنادىن ياتاق ئىلىپ قويۇپتۇ. بېيجىڭدىن ئايرلىشىتىن بۇرۇن ياۋرۇ كېرەك بولدى (گېرمانىيە بانكىسىغا قويغان پۇلنى بىرىپ بىر ئايلاردىن كىيىن ئاران ئالالايتتىم، شۇڭا يىنىمغا چوقۇم پۇل سىلىپ بىرىشىم كېرەك ئىدى)، ۋىزىنى كۆرسىتىپ بانكىدىن ئالاي دىسەم بەك قويمىچىكەن، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە تونۇشۋالغان شىۋىتسىيەلىك دوستۇم ئارقىلىق بانكىدىن ياۋرۇ ئىلۋىلىپ، ئۇنىڭغا شۇ كۈندىكى پەرىق بويىچە خەلىق پۇلى بىلەن ئالماشتۇرۋالدىم.

تىخىمۇ قىززىق مەزمۇنلار كىيىنكى قىسمىدا، پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە: بۇ يەردە ۋە بۇ يەردە.  بۇ تىمىنىڭ ئاخىرى يېزىسا Jeck بلوگىغا كۆچۈرۈلمەيدۇ.  ئاپتورنىڭ ئۆز بلوگىدىن كۆرگەيسىلەر.

11 ئىنكاس بار »

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..