ئامرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر ئۇسسۇلى Uyghur Dance in American’s Eye
ئۇيغۇر ئۇسسۇلى سەھىنىدە ئوينالسا نەپىس، چىرايلىق ئوينىلىدىغان، ئادەتتە ئوينالسا ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ بىلگىنىچە ئۇينىغىلى بۇلىدىغان ئۇسسۇل. تويلاردا ياكى يىغىلىشلاردا بىرەر يۈز ئادەمنىڭ ئارىسىدىن بىر قاراپلا كىمنىڭ كەسپى ئۇسسۇلچى ياكى مەخسۇس تەربىيەلەنگەنلىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇنيادا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۇسسۇل يوق بولسا كىرەك. ھەم ئۇسسۇل دىگەن سۈزنىڭ كاللىمىزدىكى ئەكىس ئىتىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، .ئادەتتتە نور مال ئادەملەر ئۈچۈن، ئامرىكىلىقلار ئۇسسۇل دىسە قولىنى ئىككى ياققا سېلىپ، بەدىنىنى چىڭ تۇتۇپ، كاسىسىنى لىڭشىتشش يەنى دىسكو ھەرىكەتلىرى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۇسسۇل دىسە ئوغۇللارنىڭ قولىنى كۈتىرىپ چۈرۈپ، ئۇ ياققا بۇ ياققا ماڭغان ھەركەت كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. بىزنىڭ رايۇنلاردا تۇرۇپ باققان ئامرىكىلىقلار ئۈچۈن ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى قانداق تۇيۇلىدىغاندۇ.
غەرىپلىكلەر خەقنىڭ ياقمىغان تەرىپىنى بەك ئاسان كۆرىدۇ، لېكىن دىمەيدۇ ھەم دىگىلى ئۇنىمايدۇ، ئۇچۇق يۇرۇق سۈزلەشمەيدۇ، ھەم يازمايدۇ، پەقەت ئالاھىدە ئەھۋاللار ئاستىدىلا دەپ قالىدۇ. بىزمۇ ھەم ياخشى گەپلەرنىلا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىمىز، لېكىن بۇنداق گەپلەرنىڭ قايسى راست قايسى يالغان ئۇقۇپ بۇلغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭغا ساياھەتكە بىرىپ 10-20 كۈن چۆرگىلەپ كەلگەنلەر بىلەن ئۇ يەردە ئىككى – ئۈچ يىل تۇرۇپ كەلگەنلەرنىڭ تەسراتى تۈپتىن ئۇخشىمايدۇ. بەزىلەر ئىپتىدائى تۇرمۇشتىن سەللا تەرەققى قىلغان ئادەملەركەن دەپ كەلسە يەنە بەزىلەر دۇنيادىكى ئەڭ ساپ ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ دوست بۇلۇپ كەلدىم، بۇنداق ئادەملەردىن ھازىرقى دۇنيادا بەلكىم شۇلارلا بولسا كىرەك دەپ كىلىدۇ. ئىشقىلىپ تەسراتلىرى ئۈزگىچە. بەزى تەسراتلار ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ بەزىلىرى ئادەمنى ئاچچىق كۈلدۈرىدۇ. ئىشقىلىپ مەنمۇ ئۇيغۇرلار توغرىلىق يېزىلغان ماقالىلار بولسا ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن. تۈۋەندىكىىسى شىنجاڭدا 4 يىلدەك تۇرغان بىر ئامرىكىلىقنىڭ ئۇيغۇر ئۇسۇلى توغرىسىدىكى يازمىسى، مەن ئۇنى سەل ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.
ئەسلى ماۋزۇسى: ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ مېخانىزىمى، The Mechanics of the Uyghur Dance
ئۇسسۇل ھىچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىر ئۇيغۇر ئەنئەنىسى. ھەرقانداق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى، مەيلى دىنى ياكى باشقا مۇراسىملار بولسۇن ئۇسسۇل ۋە يۇقىرى ئاۋازدىكى مۇزىكىسز ئۈتكۈزۈلمەيدۇ. بۇلار قولىقىڭىز پاڭ بۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ كۈزگە ئارام بىرىدۇ. مەن كۈزىڭىزنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئازراق قىسقا فىلىم يوللاپ قويدۇم.
بۇ قىسقا فىلىمنى كۆرسىڭىز تىزلا ئىككى نەرسىگە دىققەت قىلماي تۇرالمايسىز.
بىرىنچى، ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ، ئاياللار بىلەن ئاياللارنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشى ناھايتى نورمال ئىش. لېكىن ياخشى يىرى بۇلاردا بەدەن بىر بىرىگە تىگىشمەيدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ مەن ھەر قېتىم مەيدانغا چۈشكەندە باشقا ئەرلەر ماڭا قاراپ كۈزلىرىنى ئوينىتىپ، قوللىرىدا پاس كەلتۈرۈپ ناخشىغا غىڭشىپ يېنىمدە ئايلانغىلى تۇرسا ئۈزەمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كىتىمەن. بۇنداق ئىشقا تۇنجى قېتىم يۇلۇققانلار بولسا ناھايتى ئوڭايسىزلىنىدۇ.
ئىككىنچى، ئوسسۇل ئويناش ناھايتى ئاسانكەن، شۇنداقمۇ؟ پۇتلىرىڭىزنى مۇزىكا كەلتۈرۈپ ئۇياق بۇ ياققا ماڭسىڭىز، قولىڭىزنى توختىماي ئالدى كەينىگە چۈرۈپ بەرسىڭىزلا بۇلىدۇ. شۇنداقمۇ؟ ياق ،بۇ بەك تەس بەك تەس. ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز، ئوتتۇرىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقان بىر چەتئەللىكنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى دوراپ قىلغان ھەركەتلىرى ۋە ئۇسسۇلىغا دىققەت قىلىپ باقسىڭىزلا بۇلىدۇ، ئاندىن ئازراق سىپتىلىق بولمىسا بولمايدىغانلىغىنى بىلىسىز. ئاياللارنىڭ ھەركىتى تېخىمۇ تەس (خوتۇنۇم شۇنداق دەيدۇ)، چۇنكى ئۇلار باش ۋە بەدەننى ماسلاشتۇرۇپ يۆتكىلىش بىلەن بىللە بەدەننىڭ قىياپىتىنى تۈز ساقلىشى كىرەك ھەم بۇ جەرياندا قەدەم ئېلىش توختىماي ئۈزگىرىپ تۇرىدۇ.
سىز كۆرگەن قىسقا فىلىمدا ئىككى خىلدىكى تەبرىكلەش مۇراسىمىنى كۆرىسىىز. ئۇنىڭ بىرسى دىنى مۇراسىم يەنە بىرسى توي مۇراسىمى. بېشىدىكى قىسمى قەشقەردىكى ھىيتگاھنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا روزا ھىيت نامىزىدىن كىيىنكى مۇراسىم. بۇ ئەنئەنە بويىچە نامازدىن يانغان ھەممە ئەرلەر مەيداندا يىغىلىپ ناخشا ئۇسسۇل بىلەن تەبرىكلەيدۇ. قالغانلار شەھەردىكى مەن بارغان تويلاردىن تارتىۋالغانلار. ئۇنىڭ ئىچىدە مىنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم، فىلىمنىڭ ئاخرىغا يىقىن يەردىكى ياشتا چوڭراق كىشىنىڭ ئوسسۇلى، ئۇ قارىماققا سەل مەستەك كۆرىنىدۇ، مەيداننىڭ يېرىمىنى ئىگەللەپ ياۋايى ھەرىكەت بىلەن يىقىملىق كۆلۈمسىرەپ ئوينايدۇ. كۈرۈپ ھوزۇرلانغايسىز.
باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۆزىمىزنىمۇ بىلىپ قويغۇلۇق!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئايىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن،ۋاختىڭىز بولسا بىز تەرەپكىمۇ ئۈتۈپ قۇيارسىز،رەھمە.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بۈگۈن بۇ تېما يوللانغىنى بەش كۈن بوپتۇ، ماۋزۇدىكى ئىملا خاتالىقى كۆرسىتىپ بىرىلگەن بولسىمۇ يەنىلا تۈزىتىلمەپتۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
سېنتەبىر 1st, 2010 at 23:02
تۈزىتىپ قويدۇم، 方法 دىسىڭىز تىخى نىمە دەۋاتقاندۇ دەپ باشتا چۈشەنمەپتىمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىنتىل Reply:
سېنتەبىر 3rd, 2010 at 18:37
@ئىنتىل,
ئەمدى بوپتۇ، رەھمەت
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
« بەتنى شۇنداق كەڭ قىلىپ ياسىدىم، ئۈزەممۇ ئازادە يەرگە ئامراق بولغاندىكىن.
»
ئۇ كەڭ يەدىن بىز پايدىلىنالمايدىكەنمىز ئەمەسمۇ؟ يا رەسىم سىزغىلى بوممىسا؟
ھەي جېك دۇچۇ؟ ئۇششاق چۈششەك پاراڭلارنى تېما قىپ يوللىسام بولامدۇ؟ قانداق يوللايمەن؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاۋغۇست 29th, 2010 at 23:23
@سالاھىدىن,
ھازىرچە زىيارەتچىلەرنىڭ تىما يوللاش ئىقتىدارى يوق، بۇ مۇنبەر بولمىغاندىكىن، لېكىن ياخشى ئاپتورلار تەكلىپ قىلىنىغلىق، ئۇلاردا ئۈزى يوللاش ھوقۇقى بار.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
« Dance نى ئۇسسۇل دەيتمىزغۇ دەيمەن؟» دەپتۇغۇ؟ سىز ئۇيغۇرلارنىڭ 方法 سى دەپ يېزىپسىز.
يەنە بىر مەسىلە:
ماۋۇ ئىنكاس ئورنىغا خەت يازسام ئاۋاق ھەم بەزى ھەرىپلەر كاتەك چىقىۋالدى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قالتىس! يېڭى تور بىتىڭنىڭ ئېچىلىشىغا مۇبارەك بولسۇن!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاۋغۇست 28th, 2010 at 08:45
رەھمەت!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
arkin Reply:
ئىيۇل 14th, 2012 at 17:29
@پورفىرىي,
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋوي بۇرادەر ماۋۇ بېتىڭلارنىڭ كەڭلىكى ئامېرىكاڭلاردەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپتۇ. چوڭ خاتالىقتىن بىرنى سادىر قىپسىلەر Dance نى ئۇسسۇل دەيتمىزغۇ دەيمەن؟
مەتدۇچۇ!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاۋغۇست 27th, 2010 at 20:53
@سالاھىدىن, قايسى چوڭ خاتالىق دەيسىز، ئۇندا قىلماي كۆرسىتىۋىتىڭە.
بەتنى شۇنداق كەڭ قىلىپ ياسىدىم، ئۈزەممۇ ئازادە يەرگە ئامراق بولغاندىكىن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالاھىدىن Reply:
ئاۋغۇست 29th, 2010 at 02:15
@mrjeck,
dance بىلەن Method ئوخشاش گەپمۇ؟
سىز ماندا يېزىپسىز جېك دۇچۇ
ئامرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇر Method
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel