Home » Archive

Articles Archive for ئۆكتەبىر 2010

Headline, خەۋەر, رەسىم »

[30 ئۆكتەبىر 2010 | 22 Comments | 15,521 قېتىم كۆرۈلدى]
پەرھاد خالىقنىڭ قېتىق مۇزىكا ئەترىتى گېرمانىيەدە

Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت ياۋرۇپادىن خەۋەر قىلىدۇ: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۇنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئۆمرىگە كىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۇن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كورگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كوتۇرۇپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۇتىۋاتقان خەلقارالىق داڭلىق سەنەتكارلارنى كۆرگەندەك چوقان سىلىشتى.

Headline, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

[18 ئۆكتەبىر 2010 | 7 Comments | 11,692 قېتىم كۆرۈلدى]
فرانسىيەدە ئوقۇش ۋە تۇرۇش خىراجەتلىرى

ئىش تېپىش فرانسىيەدە بىر ئاز تەس. لېكىن ئىشنىڭ خاراكتېرىغا باغلىق ئەلۋەتتە. ئۇيغۇر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلاردىن مۇتلەق كۆپچىلىكى موتو مىنىپ تاماق توشۇيدىغان ئىش قىلىدۇ. بۇ خىل ئىشنى ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئارا بىر بىرىگە ئۇچۇر بېرىپ تېپىشىپ بېرىدۇ. يازدا يېزىلارغا چىقىپ مىۋە ئۈزۈش ئىشلىرىنىمۇ تاپقىلى بولىدۇ. قىزلاردىن تولىسى خەنزۇلارنىڭ ماگىزىنلىرىدا پىركازچىكلىق قىلىشىدۇ ياكى رېستورانلاردا كۈتكۈچى بولىدۇ. بۇ خىل ئىشلارنىمۇ ئۆز ئارا ئۇچۇر بېرىش ئارقىلىق تاپقىلى بولىدۇ. پارىژ رايونىدىن باشقا يەرلەردە بۇنداق ئىشلارنىمۇ تېپىش تەس. بۇنداق ئوقۇغۇچىلىق خىزمەتلىرىدە سائىتىگە 8 ياۋرو ئىش ھەققى ئالىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن شەخسى دەرسخانە شىركەتلىرى بولۇپ، تىل دەرسى ياكى باشقا دەرسلەرنى بەرسىمۇ، بۇنىڭ ھەققى بىر ئاز يۇقىرى ھەم يېنىك بولىدۇ. لېكىن، خەنزۇ تىلى ئاساسەن دەرس تىزىملىكىدە يوق. باشقا دەرسلەرنى بېرىش ئۈچۈن، يېتەرلىك فرانسۇز تىلى سەۋىيىسى بولۇشى كېرەك. يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېزدىن ھەم ئەرزان تىل ئېگەللىشىدىكى يەنە بىر پۇرسەت، ”ئائىلىدە تۇرۇش“.

ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »

[14 ئۆكتەبىر 2010 | One Comment | 2,345 قېتىم كۆرۈلدى]

روزىمەمەت 1983-يىلى كورلىدا تۇغۇلغان . ھازىر شىئەندە بىليارت مەشىق قىلىۋاتىدۇ .2005-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە يىغىنىدا“ پۇر 8 توپ “ بىليارت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، ”سىنوك “ مۇسابىقسىنىڭ ئۈچىنچىلىكى ئالغان . 2008-يىلى جۇڭگو ئايلانما بىليارت مۇسابىقىسى يىشى مۇسابىقە رايۇنىدە  تۆتىنچىلىكىنى ، 2009-يىلى خەيكۇۋ مۇسابىقە رايۇنىدە 32 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرگەن .   2010-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو كەسپى سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ جاڭ جىياگاڭ مۇسابىقە رايۇنى ئاياقلاشتى ، “ قارائات “ دەپ نام ئالغان شىنجاڭ بىليارتچىسى روزى مەمەت بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولدى ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى شۇنداقلا چىمپىيۇن بۇلۇشىدۇر ! بۇ …

ئىلىم-پەن, ئىلھام »

[12 ئۆكتەبىر 2010 | No Comment | 1,558 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئىچىدە  Uighursoft نى ۋە بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىمىغانلار بولمىسا كېرەك. Uighursoft شىركىتى ۋە  ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلىك كۇلۇبىمىزغا ئەزا بولۇپ كىرگەن بىر يىلدىن بۇيان كىچىك پېئىل، سەمىمىي بولۇپ تورداشلار سورىغان سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ،2005-يىلى تەلەپچان سەھىپە باشقۇرغۇچى بولۇپ باھالاندى. بىلىك كۇلۇبى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىلەن  ئۇيغۇرسوفت نىڭ قوللىغۇچىللىرى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناپ ھەم بىلىك كۇلۇبى ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ياراتتى.
يېقىندا كۇلۇبىمىزدىكى Bihlan ئەپەندى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ، مەن باشتىن ئاخىر تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئەمەلىيەتنى …

ئىلىم-پەن, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »

[12 ئۆكتەبىر 2010 | No Comment | 990 قېتىم كۆرۈلدى]

«جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» نىڭ بىرى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم.
بۈگۈن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياشنىڭ بىرسى بولۇپ باھالاندى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 نەپەر IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى)دىكى ئەزىمەتلەر شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىگە جەم بولدى. ئۇچۇر ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى، جىنەن شەھرىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار كۈتىۋېلىش زىياپىتى بەردى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شەندوڭ سارىيىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، «يۇمشاق …

Headline, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم, چەتئەلگە چىقىش »

[12 ئۆكتەبىر 2010 | 17 Comments | 4,360 قېتىم كۆرۈلدى]
فىرانسيەدە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن تەپسىلى ئۇچۇرلار

فىرانسىيەدە ئوقۇشقا چىقىش ھازىر ۋەتەندە چەتكە چىقماقچى بولغانلار ۋە چىقىۋاتقانلارنىڭ بىرىنچى نۇمۇرلۇق تاللىشى بولۇپ قالدى. چۇنكى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغانلار ئۈچۈن ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگەر سېلىشتۇرغاندا فىرانسىيەگە ئوقۇشقا چىقىشنىڭ چىقىملىرى نىسبەتەن ئاز، ئوقۇش پۇلى تۈۋەن، لېكىن مائارىپ سەۋىسىيە خەلقئارا ئالدىنقى قاتاردا، رەسمىيەتلىرى ۋە تەلەپلىرى نىسبەتەن ئاددى بولۇپ ئۇيغۇر جەميىتىدىكى بىر ئۈيدە ئىككى ئادەم ئىشلەپ نورمال ياكى نورمالدىن سەل يۇقىرى تۇرمۇش سەۋىييسىدە ياشاۋاتقان ئوتتۇرا قاتلام ئائىلىلەر بىرەر-يۈزمىڭ يۈەن بىلەن بالىسىنى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتەلەيدۇ. فرانسىيەنى ھازىر ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت دىسەكمۇ بۇلىدۇ. ماڭىمۇ يىقىنقى مەزگىللەردە فىرانسىيەدە ئوقۇشقا ئۇچۇر ئىزدەپ كىلىۋاتقان خەتلەرنىڭ سانى بىردىنلا كۆپىيىپ قالدى. شۇنى نەزەردە تۇتۇپ فىرانسىيەدە ئوقۇش توغرىلىق تورداشلارغا تەپسىلى ئۇچۇر بىرىشنى ئويلىشىپ ھازىر فىرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان دىلنۇر رەيھان (پۇلات) نى بۇ تۈغرىلىق مەلۇمات بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم.

چەتئەلگە چىقىش »

[10 ئۆكتەبىر 2010 | No Comment | 736 قېتىم كۆرۈلدى]

Salary: £27,319-£35,646 pa
The funds for this post are available for 18 months.
The Optoelectronics Group at the Cavendish Laboratory (http://www-oe.phy.cam.ac.uk/), one of the leading academic groups in the field of organic electronics, has an opening for a postdoctoral research associate. The position is part of European framework project which provide opportunities for collaborating with other leading academic and industrial partners across Europe. The projects are focussed on the structure-property relationships of new classes of organic semiconductor materials, fundamental understanding of their charge transport properties and applications in field-effect transistors and solar …

Headline, ئۇختۇرۇش, ئۇنىۋېرسال, جەميەتكە نەزەر »

[7 ئۆكتەبىر 2010 | 8 Comments | 6,883 قېتىم كۆرۈلدى]
ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسى ئۇيغۇر پۇتبۇلچى مىرەخمەتجاننى زىيارەت قىلدى. مىرەخمەتجان: دۇنيا لوڭقىسدا توپ تىپىش كىينكى نىشانىم. Mirakhmadjon dreams of a career in football

شەندوڭنىڭ زىبو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۇۋاتقان AFC U-19 Championship مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسدە جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى مەيدان ئۇتۇپ 8 كۈچلۇك قاتارىغا كىرگەن. مىرەخمەتجان 90 مىنۇت مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر جۇڭگۇ ياشلار كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بولۇپ ھىساپلانغان مۇزەپپەر مىرەخمەدجان ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا شىنجاڭدا تالانتلىق توپچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىگىنى، لېكىن ھەرخىل شارائىتلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان توپچىلارنىڭ 16-17 يېشىدا پۇتبۇل ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىغىنى، ئۈزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا توپ تىپىش ئىكەنلىگىنى ئېيتىقان.

Headline, ئويلانمىلار »

[3 ئۆكتەبىر 2010 | 7 Comments | 2,714 قېتىم كۆرۈلدى]
موللام ۋە چەلپەكچى موللام  توغرىسىدا Good and Bad Mollah

ئۆتكەن ھەپتە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى تۈركىيە ئاساسىي قانونغا تۈزىتىش كىرگۈزدى دىگەن تىمىدا مىنىڭ پەرۋاسىزلىق بىلەن يېزىپ قويغان ىىر جۈملە ئىنكاسىم بىلەن تىمىنىڭ ئەسلى مەقسىتى ئۆزگىرىپ جىڭ موللا ۋە جا موللا دىگەنگە ئوخشاش باشقىچە يۈنىلىشكە ئۈزگىرىپ كەتتى. چىرايلىق ۋە سەت گەپلەر بولۇندى. جېك بلوگىنىڭ نۇرغۇنلىغان تىمىلىرى ئەسلى مۇنبەرلەردە بولغان مۇنازىرىلەردىن توپلانغان بولغاچقا بۇ تىمىنىمۇ بلوگدا يىڭى تىما سۈپىتىدە ئاڭلىدىم. بۇ يەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىنكاسلارنىلا كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم. تولۇق مەزمۇنىغا قىززىققانلار ئەسلى تىمىنى ئوقۇغايىسىلەر. مىنىڭ ئىنكاسىم ئىككىنچى بەتتىن باشلنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىنكاسلىرى نەقىل ئىچىدە ئېلىندى، نورمال يېزىلغانلىرى مىنىڭ ئىنكاسىم.
دىنى ئالىمنى چەلپەكچى دەپ باقمىدىم، دىنى ئالىم ئەمەس جامائەتكە توغرا يول ئۈگىتىدىغان مەھەللە موللاملىرىنىمۇ بەك ھۈرمەيلەيمەن. ئۇلارنى چوڭ سۈزلەشتىن باشقىنى ئۇخمايدىغان بەزى يازغۇچىدىن بەكراق چوڭ كۈرەپ كەلدىم. ماڭا ئىلىم بەرگەن موللام سۈپەت ئۇستازلىرىم بار ئىدى، ئۇلارنىمۇ ھازىر ياد ئىتىپ تۇرىمەن.