روزىمەمەت: 2010-يىللىق جۇڭگۇ بىليارد ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ چىمپيۇنى
روزىمەمەت 1983-يىلى كورلىدا تۇغۇلغان . ھازىر شىئەندە بىليارت مەشىق قىلىۋاتىدۇ .2005-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە يىغىنىدا“ پۇر 8 توپ “ بىليارت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، ”سىنوك “ مۇسابىقسىنىڭ ئۈچىنچىلىكى ئالغان . 2008-يىلى جۇڭگو ئايلانما بىليارت مۇسابىقىسى يىشى مۇسابىقە رايۇنىدە تۆتىنچىلىكىنى ، 2009-يىلى خەيكۇۋ مۇسابىقە رايۇنىدە 32 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرگەن . 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو كەسپى سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ جاڭ جىياگاڭ مۇسابىقە رايۇنى ئاياقلاشتى ، “ قارائات “ دەپ نام ئالغان شىنجاڭ بىليارتچىسى روزى مەمەت بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولدى ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى شۇنداقلا چىمپىيۇن بۇلۇشىدۇر ! بۇ نەتىجىمۇ شىنجاڭلىق بىليارتچىلارنىڭ جۇڭگو ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى چىمپىيۇنى !
بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە روزى مەمەت باشتىلا كۈچلۈك رەقىب بولغان ساۋكەيشىڭ قاتارلىق جۇڭگودىكى 16 ئالدىنقى قاتاردىكى بىليارتچىنىڭ ئىچىدىكى 4 بىليارتچى بىلەن كەينى كەينىدىن تۇتىشىدىغان بولۇپ قالدى ، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىلگەن روزى مەمەت مۇخبىرغا : بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك بىليارتچىلار ، لېكىن مەندە ھىچقانداق روھى بىسىم يوق “ دىگەن ؛شۇنداق روھى بىسىم بولمىغاچقا ، روزى مەمەت ئۇلارنى كەينى كەينىدىن مەغلۇپ قىلغان ! 21-چىسلادىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە روزى مەمەت جۇڭگو سىنوك بىليارتچىسى سايۇپىڭ بىلەن ئۇچراشتى ، باشقا ئۇ 1-2 نەتىجە بىلەن كەينىدە قالغان بولسىمۇ ، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ ، قىلچە جىددىيلەشمەسلىكتىن كەينى كەينىدىن 4 قول ئۇتۇپ ، ئومۇمىي نەتىجىنى 2-5 قىلىپ ، چىمپىيۇن بولدى ! مۇسابىقىدىن كىيىن ، روزى مەمەت مۇخبىرغا : “ مەن 8 كۈچلۈككە كىرەلىسەملا بولدى دەپ ئويلىغان كىم بىلسۇن ، ئۆزەمنىڭ بۇنداق تەمكىن ئوينىشىمنى ، ھازىرمۇ بۇ نەتىجەمگە ئىشەنمەي قىلىۋاتىمەن “ دىدى ! مۇكاپات تارقاتقاندا ، شىنجاڭ بىليارتچىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لىرۇجۇن مۇنداق دىگەن : راسىتنى ئىيتسام شىنجاڭدا روزى مەمەتتەك سەۋىيىسى بار بىليارتچىلاردىن يەنە نۇرغۇنلىرى بار ، يەنە 4-5يىلدىن كىيىن شىنجاڭدىن يەنە چىمپىيۇن چىقىدۇ “ !
ئۇلىنىشلار:
肉孜·买买提:一球成名
全国台球冠军肉孜·买买提受重奖
中巡赛诞生传奇黑马 肉孜买买提5比2曹宇鹏夺冠
中巡赛张家港站肉孜买买提夺冠 携娇妻甜蜜领奖
肉孜买买提娇妻亮相 买买提的漂亮妻子
视频:“超级黑马”肉孜买买提首夺斯诺克中巡赛冠军
视频:斯诺克上海大师赛 肉孜买买提不敌西金森
رەسىملەر
(ئۇيغۇرچە خەۋەر ئوغلان مۇنبىرىدىن ئارخىپ ھىساۋىدا كۈچۈر ۈپ كىلىندى)

Jeck بلوگى 2006-يىلى 5-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۇيغۇرلاردا ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلۇپ ئۈزلۈكىىز ھالدا يېزىلىپ كەلگەن بلوگلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بلوگ ئەڭ دەسلەپتە Jeck نىڭ توردىكى يازما ۋە ئىنكاسلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ۋە كىيىن مەخسۇس يېزىلىدىغان بولغان. Jeck بلوگى ئاساسلىقى جەميەتتىكى ياشلار ئۇچرىغان ۋە قىززىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە يېزىلىدۇ، ئۇچۇر بىرىشنى ئاساس، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
Jeck Blog » Blog Archive » روزىمەمەت: 2010-يىللىق جۇڭگۇ بىليارد ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ چىمپيۇنى…
وزىمەمەت 1983-يىلى كورلىدا تۇغۇلغان . ھازىر شىئەندە بىليارت مەشىق قىلىۋاتىدۇ .2005-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە يىغىنىدا“ پۇر 8 توپ “ بىليارت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، ”سىنوك “ مۇسابىقسىنىڭ ئۈچىنچىلىكى ئالغان . 2008-يىلى جۇڭگو ئايلانما بىليارت مۇسابىقىسى يىش…
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!