Articles tagged with: Insurance
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر »

نەزىرىيە جەھەتتىن ئامرىكا بۇ ئادەم ئىككىنچى ئامرىكىغا كىرسە بولمايدۇ دەپ پۈتۈپ قويمىغان ئادەملەر بولمىسلا ( بۇنداق ئادەملەرمۇ بار) ئامرىكىغا كەلگىلى بۇلىدۇ. جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى ئىتراپ قىلغان باكلاۋور دىپلۇمى بولسا ئامرىكىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئامرىكىدا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماس قىلىسڭىز بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ دىگەن يەرلەر بولسا شەرتىنى ئوقۇپ بېقىپ چۈشسىڭىز ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
ئامرىكىلىقلاردىن يۈرۈش تۈرۈشىدىن ماڭا تەسىر قىلغىنى بۇلارنىڭ سىرتىغا قاراپ قاندا ئادەم ئىكەنلىگىنى، گەپ قىلىشىدىن ، يۈرۈش تۇرۇشىدىن، كىيىم كىچەكلىرىدىن پائالىيتىدىن ئۇ ئادەمنىڭ دىھقانمۇ، رىمونىتچىمۇ ياكى ئوقۇغۇچى ئىشچىمۇ …
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

ئامرىكىدىمۇ دوختۇرغا كۆرۈنۇش زەھەردەك قىممەت. شۇڭا ھۈكۈمەت ھەممە ئادەمنى سۇغۇرتىغا قاتنىىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. خىزمىتى بارلارنىڭكىنى خىزمەت ئورنى ئېلىپ بىرىشى كىرەك. ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلار تىزىملىتىش ئۈچۈن چوقۇم داۋالنىش سۇغۇرتىسى بۇلۇشى كىرەك ( پۈتۈن ئامرىكىدا شۇنداقمۇ ئۇخمىدىم). ھىچ يەردە ئىشلىمەيدىغانلار ئۆزى ئالىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئامرىكىدا بىر قىسىم نامراتلارنىڭ سوغۇرتىسى يوق. سوغۇرتىسى يوقلار كىچىدە جىددى قۇتقۇزۇشقا بارارمىش، جىددى قۇتقۇزۇشقا بارسا ھەقسىزمىش. ئۇندىن كىيىن تۈۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلار، ھۈكۈمەت تىزىملىغان نامراتلار، خىزمىتى بار بولسىمۇ بالىس جىق نامراتلار دىگەندەك بۇلار داۋالىنىپ بولغاندىن كىيىن ھۆكۈمەت كۈتۈرەرمىش،
ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

مەن تۇرۋاتقان بۇ يەر كىچىكلا مەخسۇس مۇشۇ ئۇنۋېرسىتىت ئۈچۈن قۇرۇلغان شەھەر، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 28 مىڭ ئەتراپىدا، جەمئى نۇپۇس 35 مىڭ ئەتراپىدا. بىر قەدەر بىخەتەر. بۇ يەردە ئىككەيلەن كۆپ ئىچىۋىلىپ مۇشتلاشسىمۇ ئەتىسى گىزىتكە چىقىىپ قالىدۇ. ئىككى يىل بولدى ئۆيگە قۇلۇپ سېلىپ باقمىدۇق، بۇرۇنقى ياتقان ئۆينىڭ بىرلا ئاچقۇچى باركەن، ئاچقۇ ياسايدىغان يەرگە بېرىپ ( بىز تۇرۋاتقان يەردە ياسايدىغان يەر يوققەن، قوشنا شەھەردە بار، 20 مىنۇت ماشىنا ھەيدەيمىز) ياسىتىپ كىلىش خوشياقماي قۇلۇپ سالمايتتۇق، ھازىر ياتقان ئۈينىڭ ئاچقۇچىنى ياتاقدىشىم بىلەن ئىككىلىمىز ئۈيگە كىرىپ بىر ھەپتىگىچە يۈتۈرۋەتتۇق. شۇڭا شۇنىڭدىن كيىن ئۈينى تاقىمىدۇق ( كۆچۈپ كىرگىلى بىر يېرىم يىل بولدى) . مىنىڭ يەنە بىر ۋېلىسىپتىم بار،