باشبەت » ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر

ئامرىكىدا بالا بېقىش ۋە تەربىيلەش Raising Kids in America

3 دېكابىر 2008 720 قېتىم كۆرۈلدى 12 ئىنكاس

نەزىرىيە جەھەتتىن ئامرىكا بۇ ئادەم ئىككىنچى ئامرىكىغا كىرسە بولمايدۇ دەپ پۈتۈپ قويمىغان ئادەملەر بولمىسلا ( بۇنداق ئادەملەرمۇ بار) ئامرىكىغا كەلگىلى بۇلىدۇ. جۇڭگۇ ھۈكۈمىتى ئىتراپ قىلغان باكلاۋور دىپلۇمى بولسا ئامرىكىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئامرىكىدا يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن مەكتەپكە كىرىش ئىلتىماس قىلىسڭىز بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ دىگەن يەرلەر بولسا شەرتىنى ئوقۇپ بېقىپ چۈشسىڭىز ئىلتىماس قىلسىڭىز بۇلىدۇ.
ئامرىكىلىقلاردىن يۈرۈش تۈرۈشىدىن ماڭا تەسىر قىلغىنى بۇلارنىڭ سىرتىغا قاراپ قاندا ئادەم ئىكەنلىگىنى، گەپ قىلىشىدىن ، يۈرۈش تۇرۇشىدىن، كىيىم كىچەكلىرىدىن پائالىيتىدىن ئۇ ئادەمنىڭ دىھقانمۇ، رىمونىتچىمۇ ياكى ئوقۇغۇچى ئىشچىمۇ پەرىق قىلغىلى بولمايدۇ. Bar كىرىپ يېنڭىزدىكى نوچى كىينىۋالغان بىرسى بىلەن يېرىم سائەت پاراڭلىشىپ بولۇپ نىمە قىلىسەن دىسىڭىز يا رىمونىتچى يا پىزىچى، يا دىخان بولۇپ چىقسا مەن ھەيران قالىمەن.
ئۇندىن باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيگەن كىيىملىرىگە، ئوينىغان ئويۇنلىرىغا قاراپ مۇشۇ بالىلار مەكتەپتە ئۇقۇمدىغاندۇ، بىرەر ئىشقا ئەستايىدىل قارامدىغاندۇ دەيمەن. لېكىن ئەتىسى سىزدىن بۇرۇن كۈتۈپخانىغا ئۈنۈپ بۇلىدۇ، ھەر ھەپتىلىك تاپشۇرۇقلارنى ۋاختىدا ئىشلەيدۇ. ئىشلىيەلمىسە سىزگە ئىلخەت يوللاپ سورايدۇ. بىز بىلەن پۈتۈنلەي ئىككى دۇنيا، بىزدە مابىتى بارلار، سورۇنلىرى جىقلار، تولا ئۇ يەر بۇ يەرگە بارىدىغانلار، قىسقا يوپكا كىيىدىغانلار،ئۈلگۇدەك گىرىم قىلىدىغانلار، سىرتتا ئوسۇل ئوينايدىغانلار، مىھمانلارغا ھەمرا بۇلىدىغانلار، يالىڭاچ ئوسۇل ئوينايدىغانلار ، ئۈزىنى بەك ياسايدىغانلار، ھاراقكەشلەر، بەڭگىلەر، سوقۇشقاقلار ئادەتتە ياخشى ئوقۇمايدۇ، ياخشى ئىشلىمەيدۇ. ياخشى ئوقۇيدىغانلار، ياخشى ئىشلەيدىغانلار ئۇنداق ئىشلارنى ھەم قىلمايدۇ. لېكىن بۇ يەردە شۇنداق قىلىدىغانلارمۇ ئوقۇش، خىزمەتتە يەنە ياخشى بۇلىدىكەن، ئۇ ئىشلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىكەن.ئوقۇشى .ئاسانمىكىن دىسەك بۇلار ئوقۇغاندەك، بۇلارغا قويغاندەك تەلەپ بىلەن شىنجاڭ داشۆدە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارساق بىر يىلدا يېرىم بالىلار قېچىپ كىتىشى مۇمكىن. سېلىشتۇرۇپ بەزىدە شۇندااق ئويلاپ قالىمەن، بىزنىڭ ئويۇنغا ئامراق ياخشى ئوقۇمايدىغان بالىلىرىمىز ئەڭ بىچارە ئىكەن. يا ئوينىغان ئويىنىنىڭ تايىنى يوق، يا ياخشى ئوقۇپ ياخشى خىزمەت قىلمىغان.
ئامرىكىدا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يوق. ھەم ھامىلىنى چۈشۈرسە بولمايدۇ، بۇنى تىرىك ئادەمنى ئۈلتۈرگەنلىك دەپ قاراپ بەلكىم بەزى شىتاتلاردا تۇرمىغا كىرىشىڭىز مۇمكىن. لېكىن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئىشلىتىشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ ھەم تەربىيلەيدۇ.

بالا بېقىش جەھەتتە ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئىشلەۋاتقان بولسا بىرسى خىزمەتتىن چىكىنىپ بىرەر يىل توشقۇچە قارايدۇ، ئاندىن قايتا خىزمەتكە كىرىپ يەسلىلەرگە بىرىدۇ. ئاتا ئانىلىرى ياردەملىشىدۇ، ياكى ئادەم تەكلىپ قىلىپ قاراتقۇزىدۇ. مەن تۇنۇيدىغان نۇرغۇنلىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئۈيىدە بىرسى ئىشلىمەي بالا تەربىيلەيدۇ. مەسىلەن ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنىڭ ئايالى خىزمەتتىن چىكىنىپ بالىغا قارىغانكەن، تا ھازىرغىچە شۇنداق قىلىۋېتىپتۇ. چوڭراق شىركەتلەرنىڭ بالىغا قارايدىغان ئادەملىرى بۇلىدۇ. ئاتا ئانا ئۈزى خىزمەتكە كەلگەچ بالىسىنىمۇ ئالغاچ كىلىپ شۇلارغا بىرىپ، كەچتە يەنە بىللە قايتىدۇ.

بالىلار مەكتەپ يېشىغا توشقاندىن كىيىن مەجبۇرى مائارىپتىن بەھرىمان بۇلىدۇ. مەكتەپنىڭ بالىلارنى ئەكىلىپ ئەكىتىدىغان مەخسۇس ئاپتۇۋۇزى بۇلىدۇ. بۇ ماشىنا پۈتۈن ئامرىكا بويىچە سېرىق رەڭدە بۇيالغان. قاتناش قائىدىسىدە ھەر قانداق ئەھۋال ئاسىتدا ئۇلارغا يول بىرىش كىرەك. بىزنىڭ شىتاتتا تاق يول بولسا، ئالدىڭىزدا شۇنداق ماشىنا توختىغان بولسا چوقۇم سىزمۇ توختاپ ساقلىشىڭىز كىرەك. يانداپ ئۆتسىڭىز قانۇنسىزلىق. مەكتەپتە چۈشلۈك تاماق بىرىدۇ. بالىڭىزنىڭ يمەيدىغان نەرسسى بولسا ( مەسىلەن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چوشقا گوشى) دەپ قويسىڭىز ئۇلار دىققەت قىلىدۇ.

كىچىك بالىڭىز بار، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقىڭز بولسا ھۈكۈمەت ئايرىم ياردەم قىلىدۇ. بالىڭىزنىڭ بېقىش خىراجىتىگە ياردەم قىلىدۇ. ئايدا مەلۇم بىلەتلەرنى بىرىدۇ. بۇ بىلەتكە پەقەت كىچىك بالىغا مۇناسىۋەتلىك يىمەكلىك، ئويۇنچۇق، كىيىم كىچەكلەرنىلا سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ. مىنىڭ بىر تۇنۇشۇم ( قىز بالا، ئىرى ئۈلۈپ كەتكەن، 22 ياش، 3 ياشلىق بالىسى بار، تىز تاماقخانىدا ئىشلەيدۇ) قينچىلىقى بار دەپ قارىلىپ ھۈكۈمەت 2 ئېغىزلىق ( بىر مىھمانخانا، ئىككى ياتاق ئۆي، 90 ك ۋ ئەتراپىدا ) بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، بۇ ئۈي مەن ئولتۇرۋاتقان ئۆيدىن يىڭى، 660 دوللار ئىجارىسى، ئۈزى 220 تۈلەيدۇ. بالىسى يەسلىگە بارىدۇ، يەسلىگىمۇ ھەققىمۇ 600 دوللاردەك، بۇ پۇلنى ھۈكۈمەت تۈلەپ قويىدىكەن. يالغۇز ئانىلارغا قاراتقان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پاراۋانلىق سىياسەتلىرى باركەن. مەن تۇرۋاتقان شىتات بىر قەدەر باي، شۇڭا بۇ ئىشلىرى ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن. نىيويۇرك دىگەندەك نامراتلار جىق چوڭ يەرلەردە قانداق بۇنى ئۇخمايمەن.

كىچىك بالىنى بېقىش ۋە قاراش مەسلىسى بەك مۇھىم تىما، بەك جىق تۈزۈملىرى بار، ياخشى باقمىسىڭىز تېخى تۈرمىگە كىرىسىز. بۇنى كىيىن ۋاخىت چىققاندا تەپسىلى يېزىپ قويارمەن. بىخەستەلىك قىلسىڭىز تېخى ساقچىلار مەجبۇرى بالىڭىزنى تارتىۋىلىپ ئۈزىنىڭ بېقىش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ بىرىپ بىرمۇنچە رەسمىيەتلەر بىلەن بىرەر ئايدا ئاران بالىڭىزنى ياندۇرۇپ ئەكىلىسز.

بىرەر ئايلار بۇرۇن بىر كۈنى بىر تۇنۇشۇم ئۈچ ياشلىق ئوماق قىزىنى بىزنىڭ ئۈيگە ئەكىلىپتۇ، ھېرىپ كىتىپكەن مەن سەن بىردەم ئۇخلىۋال مەن بالاڭنى ئۈينىڭ قېشىدىكى باغچىدا ئوينىتىپ تۇراي دىسەم ماقۇل دەپ ئۇخلاپ قالدى. بالىسى باغچىدا ھەممە يەردە يۈگرەپ ئوينىغىلى تۇردى. بىر چاغدا ئۇ ياقتا بىر مۇنچە كىچىك بالىلارغا ئارلىشىپ شۇلار بىلەن ئوينىغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا 10 دەك ئاتا ئانىلار پاراڭلىشىپ تۇرغانكەن. مەن ئوينىۋالسۇن دەپ يېنىغا بارماي قاراپ تۇردۇم ( 15 مىتىردەك يىراقلىقتا). بىر چاغدا بالا يېنىپ كەلدى، مەن ئۇنى گەپكە سېلىپ ئولتۇرسام ساقچىدىن ئىككىسى كىلىپ بۇ بالا كىمنىڭ دەپ سوراققا تارتىپ كەتتى. نىمە بولدىكى دىسەم بالا ئۇ بىر توپ بالىلار بىلەن ئوينىسا ئەتراپىدا تۇرغان چوڭلار بۇ بالىغا قارايدىغان ئادەم يوقكەن، كىمنىڭ بالىسىدۇ دەپ ساقچىغا تېلپۇن قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار كەپتىكەن. مەن قېشىدا قاراپ تۇرۋاتىمەن، بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدىم دىسەم ئۇنىماي ئۈيگە كىلىپ قىزنىڭ دادىسىنى بىر مۇنچە سوراققا تارتىپ كىتىپ قالدى، شۇ ئىش بىلەن ئۇ تۇنۇشۇم ئىككى قېتىم ساقچىخانىغا بېرىپ چۈشەندۈرۈپ بولدى. كىلەر ئايدا سوتقا چىقىپ ئىسپات بىرىمىشمىز، يىڭىلىپ قالساق بىر مۇنچە جەرىمانە تۈلەپ تېخى بالىنى بىر مەزگىل ئېلىۋالىدىكەن، تۇنۇشۇم ھازىرغىچە بالامنى ئەكەتسە قاندا قىلسام بۇلار دەپ بېشى قېتىپ ئولتۇرىدۇ. مەنمۇ بەك خىجىل بولۇپ قالدىم.
توي قىلىشنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ ئۈزىگە لايىق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ. توي قىلمايلا بىر ئۈيگە كىرىۋالىدىغانلار بار. ئىككىسى ئۈزى يالغۇز چىركاۋغا ۋە سوتقا بېرىپلا خەتنى ئېلىپ توي قىلغانغا ھىساپ بۇلىدىغانلار بار. مىليۇن خەجلەپ توي قىلىدىغانلارمۇ باركەن. نورمال ئادەتتىك خىزمەتچى ئادەملەرنىڭ تويى ئۈچۈن 10-15 مىڭ دوللار ئەتراپىدا كىتەمدىكى. كەلگەنلەرمۇ مەلۇم سوغىلارنى بىرىدۇ. لېكىن جىق پۇل قويمايدىكەن. بىر ئاغىنىمىز ساۋاقدىشىنىڭ تويغا بېرىپتىكەن، نەچچە پۇل قويدۇڭ دىسەم مەن يىقىنراق دوستى بولغاچقا 20 دوللار قويدۇم دىگەنتى ئاغزىمنى ئېچىپ ھەيران قالغانتىم (ئۇنىڭ ئايلىق مائاشى 1500 دوللار). بۇلارغۇ بىزدەك ئوقۇغۇچى بالىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلار، خىزمەتچىلەر ئارىسىدا ياخشىراقتۇ.

بىزلەر كەلگەندىن تارتىپ مەكتەپتە بولغاچقا مەكتەپكە ئالاقىدار ئىشلارنى ياخشىراق بىلىدىكەنمىز، سىرىتتىكى ئىشلارنى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيدىكەنمىز.

جېك دىگەن تور نامىغا كەلسەك يىل بۇرۇن ئىچكىردىكى ۋاقىتلار، تىتانىك دەپ بىر كىنو چىقىپ مودا بوپ كەتتى.ياتاقدىكى خەنزۇلار بىلەن يىغىلىپ ئۈستى ئوچۇق كىنوخانىدا گىزىتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ گازىر چېقىپ ئولتۇۇرۇپ كۆردۇق.كىنو بەك تەسىر قىلىپ كىتىپتۇ، يېنىپ بىرمۇنچە مۇنازىرە قىلىشىپتۇق. ئەتىسى تورغا چىقىپتۇق، بىر يەرگە تىزىملىتاي دىسەم ئۇنى يازساممۇ بار، بۇنى يازساممۇ بار دەپ تۇرۋېلىپ ئاخىرى تىتانىكتىكى جېك ئىسىمگە كەپ قاپتۇ. Jack دەپ يازسام يەنە بار دەيدۇ. ئۈزگەرتىپ Jeck دەپ خاتا يېزىپ باقسام ئاسانلا تىزىملاتتىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ 成龙 نىڭ كىنولىرىغا ئامراقتىم ۋە جىق كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ئىنگلىسچە ئىسمىمۇ Jacky chan ئىدى. بۇرۇنمۇ شۇڭا ئانچە مۇنچە Jack دەپ تىزىملىتىپ كىلىۋاتقان. ئۇۋاقىتتا تورنىڭ ھەممىسى يا ئىنگلىسچە يا خەنزۇچە ئىدى. ئىشلەتكەن ئادەممۇ يا ئىنگلىسچە يا خەنزۇچە پىنينچە بىر گەپ تېپىپ تىزىملىتاتتى. ھەتتە خەنزۇ يېزىقىدىمۇ تىزىملاتقىلى بولمايدىغان ۋاقىتلار ئىدى. شۇ بىزمۇ ئىنگلىزچىلا ئىسىم قوياتتۇق. شۇنىڭدىن كىيين ھەر قانداق تور بەتكە كىرىپ ئىشلەتكەندە باشقا ھەممە ئىسىمگە كەلگەن نەرسىنى سىنىسام بار بولۇپ چىقىپ مۇشۇ ئۈزەم ئۆزگەرتىۋالغان خاتا ئىسىمنى سىنىسام بار چىقاتتى. ئاخىرى بېرىپ ئۇدۇللا مۇشۇنىلا تىزىملىتىدىغان بولۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى بېرىپ جېك بۇلاپ قالغىلى 10 يىلدىن ئېشىپتۇ. ئۇيغۇرچىدا بۇندا ئومۇملىشىپ كىتىدىغاننى بىلگەن بولسام 10 كۈن ئويلىنىپ ئىسىم قوياركەنمەن.


12 ئىنكاس بار »

  • تارىم :

    تۇرسۇنجان ئاكا، ياخشىمۇسىز؟ تېنىڭىز سالامەت بولسۇن، مەن سىز نىڭ بلوگىڭىزنىڭ دائىملىق مېھمىنى، ھەركۈنى كومپيوتېرنى ئاچقاندىن كېيىن ئالدى بىلەن سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئېچىپ قانداق يېڭى يازمىلار بارلىقىغا قارايمەن، رەھمەت سىزگە، ئەركىن سىدىق ئاكىنىڭ ۋە سىزنىڭ يازمىللىرىڭىز مۇشۇ كۈنلەردە بىز ئۈچۈن روھى ئوزۇق ۋە ئىلھام، مەدەت بولۇپ قالدى. ھەر قېتىم سىلەرنىڭ بىرەر ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغىنىمدا شۇنداق خوشال بولۇپ كېتىمەن. ھەراست ، تۇرسۇنجان ئاكا، مەن سىز نىڭ ئامېرىكىدا فىزىكا كەسپىدە ئوقۇيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن سىزنىڭ قايسى ئونىۋېرسىتىتتا ئوقۇيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن. بولسا خەۋەردار قىلىپ قويارسىز ، بىلىۋالاي.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • زۇلھەج786 :

    ئوھھو مائىشنى بولىدىكەن غۇ؟

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • نۇزۇگۇم :

    رەھمەت ، تۇرسۇنجان ئاكا! ( گەرچە سىز مىنى تونۇمىسىڭىزمۇ موشۇنداق ئاتاشنى لايىق تاپتىم) مەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە بەك ئامراق، چۈنكى مەنمۇ ئامرىكىغا بېرىپ ئوقۇغۇنلارغا بەك ھەۋەسلىنەتتىم، شۇنداقلا ئامرىكا تۇمۇشىغا بەك قىزىقاتتىم، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى ھۆرمەتلىك، پەخىرلىك ئالىمىمىز ئەركىنجان سىدىق ئاكىمىز بىلەن سىز تولدۇرۇپ كىلىۋاتىسىز.بەكمۇ ھەيرانمەن ، سىلەر شۇنچىلىك ئالدىراش ئەقلى ئەمگەك بىلەن شوغۇللىنۋېتىپمۇ، ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، بىزگە كۈچ، ئىلھام ، مەدەت بولىدىغان ئىسىل يازمىلارنى يېزىپ ئەۋەتىپ كىلىۋاتىسىلەر، سىلەر بىزگە ئۆز ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق ، تىرىشسىلا، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان كۈچلۈك ئىرادە بولغاندىلا ، بىلىملىك بولغاندىلا مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە بولسىمۇ ئوخشاشلا ئەتىۋەرلىنىدىغانلىقىنى ، باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئېرىشكىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردىڭلار! رەھمەت سىلەرگە، ئۇلۇغ ئاللا ھەر ۋاقىت ئىشىڭلارغا ئاسانلىق ئاتا قىلسۇن! بىز سىلەر ئارقىلىق ، سىلەردەك ياراملىق ئوغلانلىرىمىز ئارقىلىق پەخىرلىنىمىز!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئويغان :

    بۇنى كورۇپ باكمۇ ئىچىم قىززىپ كەتتى ،مانى ھازىر مېنىڭ قوزام 1 يېرىم ياشقا كىردى ،بىر ئايال كۇندۇزدە قاراپ بېرىدۇ،كۇندە ئاتتىگەندە مەندىن ئەگىشىپ بىر ھازا يىغلايدۇ……يا ئىشتىن توختىغىلى بولمىغان…..بۇ يەردە ئادەم جىق بولغاىندىن كېيىن بىر يىل ۋاقىت بەرسە ئۆزىمىز باقساق نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە!!!!!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • چىن ئەقىدە :

    رەھمەت سىزگە.تۇرسۇنجان ئاكا.كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالىدىم .ھارمىغايسز .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مومىن :

    كۆپتىن كۆپ رەھمەت سىزگە تۇرسۇنجان ئاكا. ھارمىغايسىز بولسا مۇشۇنداق تەربىۋى ئەھمىيەتلىك مەزمۇنلارنى يوللاپ تۇرغايسز. مەن يازمىڭىزنى ئوقۇپ بىر مەكتەپنى پۇتتۇرگەندەك بولدۇم.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تەۋپىق :

    بۇتەرەپلەردىن بىزگەئۇچۇربەرگىنىڭىزگەكوپتىن-كوپ رەخمەت~~!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بىپەرۋا :

    مۇنداقچە ئىيتقاندا ئامىركا كىنولىرى ئەمىلەتتىن بىر نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ ئىشلەنگەنكەندە ، شۇ ئامىركىدىكى بالا تەربىيسى ۋە ئانىلارغا بولغان پاراۋانلىق قاچانلاردا بۇ يەرگە كىلەر دەيمەن . شۇنداق بولغان بولسا ئۇرۇمچىدىكى نۇرغۇن ئاياغ مايلايدىغان باللارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى سولاپ ، ئۇ باللارغا بىر ياخىشى ئوقۇش بىلىم ئىلىش پۇرسىتى بولاركەن .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ھەبىبە :

    بالا بېقىشنىمۇ راۋرۇس ئۆگىنىپ كەلگۈدەكسىزدە،^_^ بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن ئۇلارغا، شۇ،ھەۋەس قىلىپ قالغىنىمىزلا قالىدىكەن،ئەمىلىيەتكە يۈزلىنىپ تۇرمىشىمىزغا قارىساق………ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار كۆپتە!!!
    ھەراس ،جېك ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋەتكىنىڭىز بەكمۇ ياخشى بوتۇ ،كۆپ ئويلانغانىدىم بۇ ئىسىم توغۇرلۇق(گەرچە ئارتۇقچە بولسىمۇ) تۇرسۇنجان ئاكا ^_^
    سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!1

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • تەبەسسۇم :

    بۇلار بالا تەربىيىسىگە نىمە دىگەن ئەھمىيەت بەرگەن ھە!راستىنى دىسەم مەن ئەزەلدىن ئاتا-ئانام بىلەن بىرگە ياشاپ باقمىغان،كىچىكىمدىن چوڭ ئاپام بىلەن بىللە تۇرغان.بۇ تەتىلدە چوڭ ئاپام ۋاپات بولدى،شۇڭا قىشلىق تەتىلدىن باشلاپ ئۆز ئاتا-ئانام بىلەن تۇرىمەن.راستىنى دىسەم ھازىر ئەتىدىن-كەچكىچە تەتىل كەلمىىسىكەن دەپ تىلەيدىغان بولۇپ قالدىم.ھەي،ئەمدى ئۆزەم يالغۇز قالدىم ،قانداقمۇ قىلارمەن؟!….ھەر قىتىم باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىسى يۆتىلەپ ماڭغىنىنى كۆرسەم،شۇنداق ھەۋەس قىلىپ كىتىمەن.ھەرقانچە جىددى ئىشىم بولسىمۇ بىردەم قاراپ تۇرىۋىتىپ ئاندىن ماڭىمەن.ئاتا-ئانامغۇ مىنى بەك ئەزىزلەيدۇ،لىكىن دائىم مىھمانغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلىدە بولسا شۇنداق يالغۇزلۇق ھىس قىلىمەن.نىمە ئامال ،بالىلىق قايتا كەلمەيدىكەن.شۇڭا ئەگەر كۇنلەرنىڭ بىرىدە مەن ئاپا بولسام،بالامنى ئۇزەم باقىمەن…..اللا رەھمەت قىلسۇن بىزلەرگە!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • مىراس :

    بالىغا ياخشى قارىيالماي تاس قاپسىز -دە تۈرمىگە كىرگىلى~ھاھا! بۇ يەردە ئۇنداق تۈزۈم بولىدىغان بولسا ، بالىسىنى ئۆيىگە ئەكىلەلمەي،ئىششەك قەرىز بولىدىكەن.

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..