Articles tagged with: Movie,
ئۇختۇرۇش »

پېقىر بلوگ ئاچقاندىن بىرى كۈڭلۈمدە ئىلىم پەن توغرىلىق دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ تۇرسام دەپ ئويلاپ بىر نەچچىنى يازدىم، مەسىلەن نوبىل مۇكاپاتى،(1) (2) (3) ، ئالەم ۋە ئالەمنىڭ تەقدىرى توغرىلىق مۇھاكىمە (1) (2) قاتارلىق. لېكىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دائىم يېزىپ بۇلالماي قالدىم. بلوگنى قايتا ئاچقاندىن كىيىن يەنە شۇلارنى داۋاملاشتۇراي دىسەممۇ ئۈزەم يالغۇز سىجىل داۋاملاشتۇرالمايدىغاندەك تۇرىمەن. شۇڭا مۇشۇ توغرىلىق ماتىرىيال قىلىپ يېزىپ بۇلالمىساقمۇ لېكىن بۇلۇۋاتقان ئەڭ يىڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بۇلسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزسەك دىگەن خىيال بىلەن شۇنى قىلالايدىغان بالىلار بولسا تەكلىپ قىلسام دىگەن ئۈمىتتىمەن. تەلەپ:1) ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى ھەپتىلەردە بىر قېتىم تىما يوللىيالايدىغان بۇلۇشى كىرەك.
ياخشى كىنو »
لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا دىگەن بۇكىنونىڭ داۋرىڭى بۇلۇۋاتقىلى خېلى بۇلغان ئىدى، بۇ كىنونىڭ بىزدە كۆپراق داۋرىڭى بولۇشىدىكى سەۋەپ بۇكىنونىڭ بەك بىر ياخشى كىنو بولۇپ كەتكەنلىگى ئەمەس بەلكى بۇ كىنونىڭ قەشقەردە ئىشلەنگەنلىگى ئىدى. شۇڭا مەنمۇ مۇشۇنداق بىر كىنو ئىشلىنىدىكەن دىگەن ۋاقىتتىن تارتىپ بۇ كنو توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم. كىنومۇ ئىككى ئايلار بۇرۇن ئامرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە قويۇلدى، لېكىن مەن بار قىشلاققا ئەكەلمىگەچكە كۈرەلمىگەن ئىدىم. بۈگۈن كەچتە قارىسام بۇ كىنونى كىنوخانىدا قويۇلىدۇ دەپ ئىلان بىرىپتۇ، مەنمۇ دەرھال ياتاقدىشىمنى ئېلىپ، يەنە ئىككى ئۈچەيلەنگە تىز كىلىڭلار كىنو كۈرىمىز دەپ جامائەت يىغىپ، قارلىق كىچىنى ساياھەت قىلغاچ پىيادە …
ياخشى كىنو »
ھۇللوۋىدنىڭ
ئىككى نوچى بىر كىنودا چىققان فىلىملىرىدىن ناچار چىققىنى ناھايتى ئاز.
"Assassins" ، (قەستلەش) دىگەن بۇ كىنومۇ كۈرگەن ھەرىكەت فىلىملىرى(
action thriller) ئىچىدىكى ئىسىمدە قالغان ئەي ياخشى فىلىمنىڭ بىرسى. بۇنى
7-8 يىل بۇرۇن بىىر -ئىككى قېتىم كۈرگەن. بۇ ھەپتە تۇيۇقسىز بازاردا كۈرۈپ
قېلىپ سېتىۋىلىپ ئەكىلىپ كۈردۇق. بۇ كىنونى كۈرۈش بىلەن تەڭ خىياللىرىم
7-8 يىل بۇرۇنقى چىڭدۇدىكى ۋاختىملىرىمنى ئەسلەتتى. ھەرىكەتلىك فىلىملەرنى
كۈرۈشنى ياقتۇرىدىغانلار بۇ كىنونى كۈرمىگەن بولساڭلار تېخى كىنو
ھەۈەسكارلىرى دەرىجىسگە توشمايسىلەر. بۇ كىنودا بىز ياقتۇرىدىغان ئارتىسلاردىن باندېراس (Antonio Banderas)بىلەن سىتالىئون (Sylvester Stallone)
يەنى رامبۇ باش رول ئالغان. ئۇيغۇرلاردىن رامبونىڭ كىنوسىنى كۈرمىگەنلەر
بەك ئاز بولسا كىرەك. مەن باندىراسنى مۇشۇ كىنو ئارقىلىق …
ياخشى كىنو »
بۇ يىل دىكاپرو ئارقىمۇ ئارقا ئىككى كىنو ئىشلىدى. ئۇ تىتانىك فىلىمىدە زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ دۇنياغا تۇنۇلغاندىن كىيىن كىنونى جىق ئىشلىمەس بۇلىۋالغان، ھەتتا بىر مەزگىل كىنوچىلىقتىن چىكىنصمەن دەپمۇ يۈرگەن. لېكىن يىقىندىن بۇيان يەنە قايتىدىن روھلىنىپ بۇ يىل ئارقىمۇ ئارقا ئىككى كىنونى كۈرۈرمەنلەرگە سۇندى.
قانلىق بىرىليانىت دىگەن كىنو ئەسلى يۈز بەرگەن ۋەقەلىك ئاساسىدا ئىشلەنگەن. ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۈلەتتە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ سۈپەتلىك بىرىليانىت چىقىدىكەن، ھەم دۇنيادا چىقىۋاتقان بىرىليانىتنىڭ مەلۇم سالمىقىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۈ دۈلەتتىكى مىلىتارىستلارمۇ بىرىليانىت يىغىش ئۈچۈن قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ پۇقرالارنى ئۈلتۈرۈپ، ئۇلارنى بۇلاپ، قۇل قىلىپ بىرىليانىت يىغىشقا سالغان. بۇ …