(R)يصڭص كصنو: قانلصق بصرصليانت، Departed
بۇ يىل دىكاپرو ئارقىمۇ ئارقا ئىككى كىنو ئىشلىدى. ئۇ تىتانىك فىلىمىدە زور مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ دۇنياغا تۇنۇلغاندىن كىيىن كىنونى جىق ئىشلىمەس بۇلىۋالغان، ھەتتا بىر مەزگىل كىنوچىلىقتىن چىكىنصمەن دەپمۇ يۈرگەن. لېكىن يىقىندىن بۇيان يەنە قايتىدىن روھلىنىپ بۇ يىل ئارقىمۇ ئارقا ئىككى كىنونى كۈرۈرمەنلەرگە سۇندى.
قانلىق بىرىليانىت دىگەن كىنو ئەسلى يۈز بەرگەن ۋەقەلىك ئاساسىدا ئىشلەنگەن. ئافرىقىدىكى مەلۇم بىر دۈلەتتە دۇنيا بۇيىچە ئەڭ سۈپەتلىك بىرىليانىت چىقىدىكەن، ھەم دۇنيادا چىقىۋاتقان بىرىليانىتنىڭ مەلۇم سالمىقىنى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۈ دۈلەتتىكى مىلىتارىستلارمۇ بىرىليانىت يىغىش ئۈچۈن قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ پۇقرالارنى ئۈلتۈرۈپ، ئۇلارنى بۇلاپ، قۇل قىلىپ بىرىليانىت يىغىشقا سالغان. بۇ كىنو ئەنە شۇ ۋەقەدىن باشلىنىدۇ. دىكاپرۇ شۇ ۋاقىتتا ئافرىقىدا قارا سودا قىلىپ يۈرگەن بۇلۇپ ئۇمۇشۇ ئىشلارغا ئارلىشىپ قالىدۇ.
90-يىللاردا شۇنداق ۋەقەلىك شۇ ئۈدۈلەتتە بۇپتىكەن، ھەتتا ئالماس تالىشىپ پۈتۈن دۈلەت قانغا بۇيالغىلى تاس قاپتىكەن. كىنو ۋەقەلىكىنى كۈرگەن كىشى دۇنيادا سېتىلىۋاتقان ئالماسلار قىرغىنچىلىق ۋە قان تۈكۈش بىلەن كىلىدىكەن دىگەن ئويغا كىلىپ قالىدۇ. بۇ كىنو قۇيۇلغاندىن كىيىنلا دەرھال چوڭ ئىجىتمائى تەسىر قوزغىدى، بىر ھەپتە ئىچىدىلا دۇنيا ئالماس سودىسىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشكەن، ھەتتا ئادەملەر گۇرۇپپلىشپ تەشۋىقات قىلىپ ئادەملەرنى ئالماس سېتىۋالماسلىققا چاقىرغان. دۇنيا ئالماس سودىگەرلىرى بىرلەشمىسىمۇ بايانات يوللاپ مۇتلەق كۈپ سانلىق ئالماسنىڭ كىلىش مەنبەسى پاكىز دەپ ئۈزىنى ئاقلىغان. لېكىن ب د ت نىڭ ئىلان قىلغان بىر دوكلاتىدا دۇنيادىكى ھەر يىلى بازارغا سېلىنىۋاتقان ئالماسنىڭ كەم دىگەندە بەش پىرسەنتىنىڭ كىلىش مەنبەسى پاكىز ئەمەس، "قان بىلەن يۇغۇرۇلغان. ". شۇ 5 پىېرسەنىت بۇيىچە ھىساپلىغاندىمۇ مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ھىساپلاپ ھەر يىلى بىرەر يۈزمىڭ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشى، ياكى مىيىپ بۇلۇشى، سەرگەردان بۇلۇشى، سەرگەردان بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ دەپ كۈرسەتكەن…ئىشقىلىپ بۇ ھازىرمۇ قىززىق تىما.
departed دىگەن بۇ كىنونى )بۇ گەپنى ئۇيغۇرچە قانداق ئېلىشنى بىلمىدىم( ئەسلى شىياڭگاڭدا ئىشلەنگەن ۋۇ جىيەن داۋ دىگەن كىنونى ئۈزگەرتىپدۇك، كىنو سىنارىيە يازمىسىنى بىرمىليۇن 700مىڭ دوللارغا سېتىۋاپتۇ. پۈتۈن كىنۇ ۋەقەلىكى ئاخىرلىشىش باسقۇچى ئۇخشىمىغاندىن باشقا يىرى ھەممىسى ئوخشاشمىش. لېكىن مىنىڭ كۈز قارىشىمدا ھوللىۋد ئىشلىگەن كىنو يەنىلا ياخشى چىققان. كىنونى كۈرۈش جەريانىدا سىز قانداق ئويلىسىڭىز كىنو ۋەقەلىكى دەل سىز ئويلاپ باقمىغان تەرەپكە قاراپ راۋاجلىنىدۇ. رول ئالغانلار ھەممىسى يۈزى چوڭ ئارتىسلار. بۇ كىنونىڭ رىژىسسورى مارتىن دۇنيادا قارا جەميەت، لۈكچەك، ئۇرۇش، سۇقۇش فىلىملىرىنى ئىشلەش بىلەن مەشھۇر.
مىنىڭچە ھەر ئىككىلى كىنو خەنزۇ دەيچىلەرنىڭ دوكىنىدا چىقىپ بۇلدى. شۇ يەردىن كۈرەلەيسىلەر.
قانلصق بصرصليانصتنصڭ ئادصرسص: http://blooddiamondmovie.warnerbros.com/
سصنادصكص ئادصرسص: http://ent.sina.com.cn/m/f/f/diamond/index.html
بصر قصسصم رةسصملةر:
Departed نصڭ ئادصرسص: http://thedeparted.warnerbros.com/
سصنادصكص ئادصرصس: http://ent.sina.com.cn/m/f/f/diamond/index.html
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!