Home » Archive

Articles Archive for فېۋرال 2011

ئۇنىۋېرسال »

[28 فېۋرال 2011 | No Comment | 1,522 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۈرۈمچىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار
ئاپتورى: گۈلنار تىيىپ
ئۈرۈمچى شەھىرى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىنىڭ مەركىزى. ئۈرۈمچىدە يەتتە رايون، بىر ناھىيە، ئىككى ئېچىش رايونى بار. ئۈرۈمچى ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى ئۈرۈمچىگە مەبلەخ سالىدىغان شۇنداقلا، تىجارەت قىلغىلى، ياشىغىلى كېلىدىغانلارنىڭ سانىنى يىلدىن يىلغا ئاشۇردى. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى بىرنەچچە كان، كارخانىسى بار سانائەت ئاساسى ئاجىز شەھەردىن، 3مىڭدىن ئارتۇق سانائەت كارخانىسىغا ئىگە گۈللىنىۋاتقان ئونىۋېرسال سانائەت شەھىرىگە ئايلاندى. شەھەر نوپوسىمۇ كۆپۈيۈپ 2مىليوندىن ئاشتى. ئۈرۈمچى شەھىرى تەرەققى قىلىۋاتقان مەركىزى شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەردىكى باشقا چوڭ شەھەرلەرگە ئوخشاش ئىقتىسادى كۈچى ئاجىز شەھەر كەنت يېزىلاردىكى كىشىلەرگە …

نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

[28 فېۋرال 2011 | No Comment | 1,094 قېتىم كۆرۈلدى]

سەرگەردانلىقتىن زاۋۇت قۇرۇشقىچە(ئەدەبىي ئاخبارات)
نۇرمۇھەممەت توختى
 
1  . باشلانما
موماي مېنى زادىلا ئولتۇرغۇزمىدى  . ئۇنىڭ ئىشلىتىۋاتقان مېيىمىزدىن گەپ تاپقىنى تاپقانىدى  . ئۇنىڭ كوتۇلدىشىچە: ماي ساتقۇچىلار ئالدامچىلىق قىلارمىش  . چىگىت مېيىنى قىچا مېيى  ، زېغىر مېيىنى زاغۇن مېيى دەپ ساتارمىش  . زاغۇن مېيىغا چىگىت مېيى ئارىلاشتۇرارمىش  . چىگىت مېيى دېگەن ھەرخىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلارمىش…
چىگىت مېيى ئۈستىدە بولمىغۇر گەپ تاپقىنى مۇشۇلا ئەمەس  . بۇنىڭدىن 7-8 يىل بۇرۇنلا بەزى ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا «چىگىت مېيىدىن خالىي ئاشخانا» دەپ يېزىپ قويغانلىقى يادىمدا  . چىگىت مېيى توغرىسىدا بولمىغۇر گەپلەر تارقالمىغان بولسا  ، ئۇلار شۇنداق يېزىپ قوياتتىمۇ؟
چىگىت …

نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

[24 فېۋرال 2011 | One Comment | 1,177 قېتىم كۆرۈلدى]

يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى،تونۇلغانئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇنئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھازىرقى سەنشىخاڭزىمەھەللىسىدىكى بىر مەرىپەتپەرۋەر قول ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئالتە يېشىدىنباشلاپ دادىسىنىڭ دەۋىتى  بىلەن مەھەللىسىدىكى دىنىي مەكتەپكە كىرىپ دىنىيساۋاتلارنى، جۈملىدىن ئەرەب-پارس تىل- يېزىقى، شۇنداقلا چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن ھەمدە نەۋائى قاتارلىقكلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشقان. 1935-يىلى ئۈرۈمچىدە پەننىيمەكتەپلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەينى چاغدىكى چوڭ مەسچىت ( ھازىرقى خانتەڭرى مەسچىت)يېنىدا قۇرۇلغان «نىيازىيە» مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1938-يىلى كۈزدە ئۈرۈمچى 1- گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرىپ، …

جەميەتكە نەزەر »

[22 فېۋرال 2011 | No Comment | 1,245 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىمىز دۇچ كىلىۋاتقان كىرزىسلار
ھەممە ھەۋەس قىلىۋاتقان كورىيەنىڭ ئايال چولپانلىرى –ھەممە نالەت ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پاھشەلىرىنڭ قولىغا ھىچقايسى جەھەتتىن سۇ قويۇپ بىرەلمەيدۇ.پەقەت ئۇلارنى قانداق قىلىپ تەربىيلەش ۋە زىننەتلەش بىزنىڭ ئشمىز!
___ئسلامجان شىرىپ بەشكىرەمى
ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەڭ ئۇلۇغ ئاياللاردۇر.ئۇلار قاتمۇ-قات جاپالار،تۇرلۇك ئىزىتقۇلار،ھەرخىل تەنىقىت-ئەيىپلەشلەر،ناتوغرا سىقىپ چىقىرىلىشلار، ئۆز ئىقتىدارىدىن يۇقىرى تەلەپ ۋە رىقابەتلەر ئىچىدە تۇرۇپمۇ بىر خىل قەيسەر روھىنى قۇچاقلاپ كەلدى.ئەسلىدىن ئاجىز تۇرۇپمۇ ئۇلارغا تەشنا ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ باغرىنى ئاۋۇندۇرۇپ مىھرى بىرىپ كەلدى.يۇكسەك ۋە شىرىن ئارزۇلارنى يادلاپ كەلدى.كەلگۇسىگە ئۇمىت بىلەن قاراپ كەلدى.ئۇلار قەدىرلەشكە،ھۇرمەتلەشكە سازاۋەر.ئۇلار باشقا ھەرقانداق مىللەت ئاياللىرىدەك خۇشال ۋە بەخىتلىك ھالدا ياراملىق جەمىئەت ئەزالىرىنى تەربىيلەش …

جەميەتكە نەزەر »

[22 فېۋرال 2011 | No Comment | 1,488 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۈرۈمچىلىكتىن رەنجىمەڭ…
ئۈرۈمچى،بىر مەركىزى شەھەر، يازدا بەكمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كېتىدۇ، قىشتا قار ياغقان كۈنى ئاپپاق قارلىرى بىلەن چىرايلىق ، بىراق ئەتىسىلا ئاپپاق قارلار ئىس-تۈتەك سەۋەبىدىن قارا رەڭگە ئۆزگىرىپ قالىدۇ، ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك،سەنشىخاڭزا، يەنئەن يولى ئەتراپىدىكى كونسۇل كوچىسى، چوڭ مەسجىت ئالدى قاتارلىق جايلار ھەقىقەتەنمۇ ئادەمگە بىر خىل روھى ئۇزۇق بولىدىغان، باشقا شەھەرلەردە كۈرۈشكە مۇمكىن بولمايدىغان، نازۇ- نىمەتلەرنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇسلۇبى بىرلەشكەن، قانداق بىر خىل تاماقنى يەيمەن دىسىڭىز يىيەلەيدىغان، كۆڭلىڭىز نىمىنى تارتسا شۇ خىل يىمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولىدىغان ئاجايىپ بىر دۇنيا، بۇ جايدا ھازىرقى زاماندا مودا كىيىنگەنلەرنىمۇ، ئەنئەنىۋى كىيىم كەيگەنلەرنىمۇ …

Headline, ئامرىكدىكى ئىشلار, پارچە-پۇرات گەپلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[20 فېۋرال 2011 | 73 Comments | 11,202 قېتىم كۆرۈلدى]
Jeck نىڭ ئامرىكىدا سوتقا چىقىشى Jeck Goes to Court in US

يىڭىلاندى: ھۆرمەتلىك سوتچى جاناپلىرى، دوكلاتنى ئوقۇدۇم، ساقچى ئۆزى ھىس قىلغان ئىشنى يېزىپتۇ. ساقچىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ مىنىڭ ئىشىمگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكلىرىگە كۆپ رەھمەت. بۇ دوكلاتقا بولغان مىنىڭ ھىس قىلىشىم ساقچىنىڭكىدىن پەرىقلىقراق. مەن ئۆز ۋاختىدا پالانچى يولدا كىتىۋاتقان، يولنىڭ ئازراق ئىگىز پەس يەرلىرى بار، ئۇ يەرگە قايتا بېرىپ يولنى رەسىم تارتىپ كىلەي دىسەم يىراق بولۇپ قالدى. مەن ئۆز ۋاختىدا يولدا 65-70 لىك سۈرئەت بىلەن كىتىۋاتقان، ماشىنامنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچىمۇ شۇنى كۆرسىتىپ تۇرغان. ئىگىز- پەس يەرلەردە تۈۋەنگە چۈشكەندە 1-2 سىكونت تۇيۇقسىز سۈرئەت تىزلىشىپ كىتىش خاتالىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا مەن ھىچقاچان 70 تىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ باقمىدىم، ساقچىنىڭ نىمىشقا مىنى 78 تە ھەيدىدى دەپ ھۆكۈم چىقارغىنىغا گۇمانىم بار. شۇنداقكەن، مەنمۇ ماتىرىيال ئىزدەپ كۆردۈم. مىنىڭ يەنە بىر گۇمانىم مىنىڭ ماشىنام. مەن بۇ ماشىنىنى ساقچى مىنى تۇتۇۋالغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئالغان ئىدىم. ئېلىپلا ئەتىسى جىددى ئىشىم بولغاچ ھەيدىگەنىدىم. ماشىنىنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچلىرىدە چاتاقلىرى بارمۇ قانداق ئۇقالماي قالدىم. مىنىڭ ماشىنام مەن ھەيدىگەندە راستىنلا 70تىن ئېشىپ سۈرئەت كۆرسىتىپ باقمىدى ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ باقمىدىم. لېكىن ساقچى مىنى 78 دە ھەيدىدىڭ دەپ تۇتۇۋالدى. مانا ماۋۇ مىنىڭ ماشىنامنىڭ رەسىمى (ماشىنىنىڭ سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن، ئەڭ كونا كۆرۈنىدىغان يىرىدىن رەسىمگە تارتىپ ئالغاچ كەلگەن ئىدىم)، ماۋۇ

ئىلھام, ئەندىزە, خەۋەر »

[5 فېۋرال 2011 | 32 Comments | 6,591 قېتىم كۆرۈلدى]

2011-08-18
بۇ يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە ئامرىكىدا ئۆتكۈزۇلگەن كىچىك تىپتىكى سۈنئي ھەمرا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا دوكتۇر رەيھان بەكتۇر ۋە ئۇنىڭ دوكتور ئاسپرانىت ئوقۇغۇچىسى تۇرسۇنجان ياسىن قاتناشقان بولۇپ تۇرسۇنجان ياسىن يىغىنغا تاپشۇرغان بىرئىلمى ماقالە ئوقۇغۇچىلار ئىلمى ماقالە مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. بۇ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى خەلقارادا شۇ ساھەدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق يىغىن بولۇپ بۇلار تارقاتقان موكاپات شۇ ساھەدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن زور شەرەپ ھىساپلىنىدۇ. تۇرسۇنجان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئۈرۈمچى بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنى 1996-يىلى پۈتتۈرۈپ شۇ يىلىدىكى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدا شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا نۇمۇر ئېلىپ چىڭخۇائۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىلىكتىر ئىجىنىرلىقى كەسپگە ئوقۇشقا كىرگەن. چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇپ …

ئويلانمىلار »

[4 فېۋرال 2011 | One Comment | 1,331 قېتىم كۆرۈلدى]

بىزدىكى پەن بىلەن سەنئەت مۇناسىۋىتىدىكى ئېغىشلار
ئوغۇزخان
مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان، ئىلاۋە يازغۇچى ۋە تەھرىرلىگۈچى ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى)

ئىلاۋە: بىر مىللەت پەن بىلەن سەنئەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئىلمىي تەتقىقات، تەبلىغات ۋە تەشۋىقاتتىن ئايرىلىپ نەغمە – ناۋاغىلا بېرىلىدىكەن، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان تەپەككۈر نامراتلىقى ۋە ئىش – ھەركەتتىكى ھىسياتپەرەسلىك پاتقىقىغا پىتىپ قىلىپ، گويا نىمتا قىلىنغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىدۇ. چۈنكى، ئىلمىي ئىجادىيەتنىڭ سەنئەتكە مۇھتاجلىقى بولغىنىدەك، سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭمۇ پەنگە بىقىنىشلىرى بولىدۇ. سەنئەت – مۇزىكا ۋە ئۇسسول ئادەمگە ھۇزور بېغىشلاش بىلەن تەڭ، يېڭى – يېڭى تەپەككۈر ئىلھامى ئېلىپ كەلسە، …

ئويلانمىلار »

[4 فېۋرال 2011 | 2 Comments | 925 قېتىم كۆرۈلدى]

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردا كەلگۈسىشۇناسلىق مەدەنىيىتى بارلىققا كەلمىدى؟
(ئوبزور)
ئەركىن ئەمەت
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھازىر ئەدەبىيات تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ مىسلى كۆرۈلمىگەن گۈللىنىش مەنزىرىسى شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىيات گۈلزارىدا ئىلمى فانتازىيىدىن ئىبارەت، بۇ كېيىن كىرگۈزۈپ قويۇلغان نازۇك نوتا تېخى ئۆزلىشىپ مېۋە بېرىشتىن يىراق تۇرماقتا. تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئىلمىي  فانتازىيە ئەدەبىياتى قىزغىنلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئاۋام خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىپ، شۇ ئەللەردىكى بىر خىل ئۆزگىچە فانتازىيە مەدەنىيىتى ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىگە روشەن سېلىشتۇرما ھالەتتە تۇرۇۋاتقىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىسلاھات  ئېچىۋېتىش دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدىمۇ ئىلمىي  فانتازىيە …

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[4 فېۋرال 2011 | No Comment | 913 قېتىم كۆرۈلدى]

مەدەنىيەتنىڭ بىر قانىتى
(ئەدەبىي ئاخبارات)
پلانلىغۇچى: قادىر مەخسۇت،مۇسا ئەھەد، ئىمىرھەسەن مەخمۇت

خاسلىق ھەققىدە مۇلاھىزە
بىر قارىساق جاھاندىكى خىلمۇخىل مەدەنىيەت ئەندىزىلىرى بىزنى ئۆزلۈك، خاسلىقىمىزدىن بارغانچە يىراقلاشتۇرۇپ بېرىۋاتقاندەك؛ يەنە بىر قارىساق ئاۋام ئارىسىدا يىمىرىلمەس يىلتىز تارتقان مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى؛ تالاي ئەسىرلەر مابەينىدە قىممەتلىك مىراس بولۇپ ساقلىنىۋاتقان ئۇلۇغلۇقلار؛ ئەۋلادلار قېزىشنى كۈتۈپ ياتقان گۆھەرلەر؛ ئۆزىمىزدىن ھالقىپ دۇنياغا كۆز تىكسەك، مەدەنىيەت خاسلىقى ئىزدەۋاتقان ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاۋاتقان دۇنيا…
جاھان سىرلىرىنى ئۆز قوينىدا بېسىپ ياتقان تەكلىماكان؛ چەكسىز قۇملۇق قوينىدا بوستانلىق مەدەنىيىتى ياراتقان خەلق؛ مۆجىزىدەك بەرپا قىلىنغان مىڭ ئۆيلەر؛ جاھان سودىسىنى بىر-بىرىگە ئۇلىغان يىپەك يولى، ئەجدادلار يۈرىكىنى قاندۇرغان كارىز، دۇنيا قايتا تونۇپ ئۆز …

ئويلانمىلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[4 فېۋرال 2011 | 5 Comments | 1,309 قېتىم كۆرۈلدى]

بىز قانداق چاكىنىلىشىمىز:
كىملىكىمىز، جەمئىيەتلىشىۋاتقان بىنورماللىقلىرىمىز ۋە شالغۇتلىشىۋاتقان قىممەت قارىشىمىز تاپتىن چىققۇچىلار جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئۇنتۇلغان پەرھىزلەر ۋە بۇزۇلۋاتقان يوسۇنلار ئۈستىدە ئويلىنىش
زۇلپىقار بارات ئۆزباش
-سەن ئىنسانىيلىقنىڭ ئاسىيسى، كامالەتنىڭ قاتىلى، تۇرمۇشنىڭ ئەخلىتى. بۇ تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ تۈزگەن. 
-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن(1934-1995)«ئۆزۈڭنى تونۇ»ناملىق ئەسىرىدىن
-بىر ئەخلاقسىز ئادەم ھەركەتكە ئۆتكەندە، نۇرغۇن ئەخلاقلىق ئادەم تەڭلا ئازاپلىنىۋاتقان بولىدۇ.
-ئىممەنيۇل كانت(گېرمانىيە، 1724-1804)[2]
-بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ئورتاق قىممەت قارىشى ياراتماي تۇرۇپ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ساقلىيالمايدۇ ياكى قايتىدىن بەرپا قىلالمايدۇ. 
ئېمىل دۇركايىم(فىرانسىيە، 1858-1917)[3]
1. مۇقەددىمە:تېمىغا كىرىش
پاكىت تەھلىلى(1)
تويدا غەرق مەست بولۇۋالغان دادىلار
قىز كۆچۈرگىلى كەلگەن يىگىتلەر بىرەر مەرتە ئۇسۇل ئويناپ، مەرىكە كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ سەھنىدىن چۈشكەندىن كىيىن، شۇنچىلىك …

ئويلانمىلار, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[4 فېۋرال 2011 | No Comment | 949 قېتىم كۆرۈلدى]

پەلسەپە دىگەن نىمە؟ ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە بولامدۇ؟
–«چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت» تىن پارچە
پەلسەپىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە تەپسىلىيرەك توختىلىش ئۈچۈن سۆزۈمنى تېخى يېقىندىلا قازا قىلغان ۋە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان مەشھۇر فرانسىيە يەھۇدىي پەيلاسوپى ژاك دېررىدانىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن باشلايمەن: ”پەلسەپە مەڭگۈ گرېكنىڭ!“ مانا مۇشۇ پەلسەپە يىگىرمە بەش ئەسىردىن بېرى غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇلى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەر شۇنداق سوئال قويماي تۇرالمايدۇكى، پەلسەپە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بېرى غەربتىكى بىر ئاۋانگارت ئىلىملىك رولىنى يوقاتماي كەلدى؟ ئۇنىڭ شۇنچە كۆپ مۇتەپەككۈرلەرنى، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنى، ئىلاھىيەتشۇناسلارنى ۋە ئاۋامنى ئۆزىگە تارتىپ كېلىۋاتقان سېھرىي كۈچى زادى نەدىن كەلگەن؟ 
بەزىلەر …

نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

[2 فېۋرال 2011 | One Comment | 8,844 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۇيغۇرلارنىڭ تىل تالانتىغا ھەقىقەتەن قول قويماي بولمايدۇ.ھازىرغا قەدەر مائارىپتا بىزگە ئومۇمىيۈزلۈك ئېنگىلىزتىلى ئۆتمىسىمۇ،كىچىكىدىن باشلاپ ئېنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈپ چوڭ بولغانلار بىلەن تەڭ رىقابەتتە مەملىكەتلىك ئېنگىلىزتىلى مۇسابقىلىرىگە شان-شەرەپلەرنى كەلتۈردى.تۆۋەندە مەن ھازىرغا قەدەر مەملىكەتلىك نوپۇزغا ئىگە ئېنگىلىزچە مۇسابىقىلارغا قاتناشقان شۇنداقلىق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئۇيغۇر قىرىنداشلارنى رەتلەپ چىقتىم.
مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئېنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى 2002-يىلى تەسىس قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلانغان.مۇسابىقىنى مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسى ساھىبخان بولۇپ ”CCTVلوڭقىسى“ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ئىنگىلىزتىلى نۇقۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى نامىدائۇدا 8يىل ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن.بۇ 8يىل جەرياندا2002-يىلى ۋە2003-يىلى بىيجىڭغا بىرىپ قاتناشقانلار يوق.
2004-يىلى:
قاسىمجان ئابدىرىھىم،شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ۋە مەملىكەت بويىچە 3-لىككە …

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »

[1 فېۋرال 2011 | One Comment | 1,901 قېتىم كۆرۈلدى]

ئۇيغۇر قانداق مىللەت؟
– ”ئۇچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ كە باھا
ئاپتۇرى: گۇلەن
مەرھۇم ئا. مۇھەممەدئىمىن ئۇيغۇردا ھوسۇللۇق تەتقىقاتچى ۋە نوپۇزلۇق شەخس. ئۇنىڭ تۈرلۈك ئىلىملەر نوقتىسىدىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان ھوسۇللۇق ئەسەرلىرى  دىققەتكە سازاۋەردۇر. مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن تېلۋىزور ۋە مەتبئاتلاردا كۆپ تەشۋىق قىلىندى. ئەسەرلىرى توختاۋسىز نەشىر قىلىندى. نەتىجىدە ئالىم ھاياتىدا نائىل بولمىغان نوپۇزغا ئېرشىتى. مەن بۇ يازمىدا مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ”مىللەتلىك دەرىجىسى“ نى بېكىتكەن، “ ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتتىكى ئۈچ خىل قىممەت“ ماۋزۇلۇق ماقالىسىغا باھا بېرىپ ئۆتىمەن. بۇنى يېزىشىمدىكى سەۋەپ، بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىكى دەرىجىسىنى بېكىتىپ …

ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

[1 فېۋرال 2011 | One Comment | 1,218 قېتىم كۆرۈلدى]

ئاپتۇرى: گۇلەن
شىئېر ۋە تىل
مەن ئەدىپلىرىمىزنىڭ دۇنياۋىي چوڭ تىللاردا شىئېر ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش قىزغىنلىقىغا ھۆرمەت قىلىمەن. ئوقۇرمەن دوستلۇرۇمنىڭ ئەدىپلەردىن شۇنداق بىر قابىلىيەتنى كۈتىشىگىمۇ ئاۋاز قوشىمەن. ئەلۋەتتە بىزدىن ئاشۇنداق دۇنياۋىي تىللاردا ئەسەر ئېلان قىلالايدىغانلارنىڭ چىقىشى ھەممىمىزنىڭ ئارمانى. ۋاھالەنكى، يات تىلدا شىئېر يېزىش قانداق ئەھۋالدا مۇمكىن، قانداق ئەھۋالدا مۇمكىنلىكتىن يىراق؟ بۇ ھەقتە ئويلانماي، بۇنى ئىلىم نوقتىسىدىن چۈشەنمەي تۇرۇپ قۇرۇق ئارمانلا قىلغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق ئەۋەتتە. مەن تىلشۇناسلىق نوقتىسىدىن مۇنداق ئىمكانىيەتنىڭ مەۋجۇد ياكى ئەمەسلىكىنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ باقاي. [/color]
يات تىلنى بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئېگىلىگەنلەرنىڭ ئۆزى ئۆگەنگەن يات تىلدا شىئېر يازالىشى مۇتلەق مۇمكىن. …