Articles Archive for فېۋرال 2011
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر »
سىلەردە قۇربان ھېيىت مودا بولدىمۇ؟
ئاپتۇرى: گۇلەن
ھېيىت كەلدى، ھەر قېتىم ھېيىت كەلسە ئايالىم ھاياجانلىنىدۇ. بالام كىچىك بولغاچقىمۇ يا ئەتراپىدا ھېيىت كەيپىياتى بولمىغاچقمۇ قورچاق كۆرۈش بىلەن بەنت، بولىدۇ. مەن نېمە ئۈچۈن خوشال بولالماس بولۇپ قالغىنىم ئېسىمگە كېلىپ قالمىسىلا ئايالىمغا ئۈنسىز ئەگىشىمەن. ئۇنىڭغا خوش بولۇشۇپ بەرسەم كۆڭلۈم ئازراق بولسىمۇ ئارام تاپىدۇ. ئۆيدىكىلەر ھېيىتلىق تېلىفون ساقلايدۇ، ھېيىتقا مۇناسىپ بولالمىغان كەيپىياتىم بىلەن ئۇلارنىڭ سېغىنىشلىق ئىزگۈ سالاملىرىغا جۆر بولۇپ بولالماي قىينىلىمەن. ماڭا ئەسلىمەمدىكى دىكى ھېيتتىن قالغىنى دادام بىلەن ئوقۇغان ھېيىت نامىزى ۋە جامائەتنىڭ سۈرلۈك ۋە مۇڭلۇق تەكبىرىدىن ھىس قىلغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقى. ماڭا بۇ تۇيغىدا بولغىلى ئەسىرلەر …
ئويلانمىلار, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئاپتۇرى: گۇلەن
ئۇيغۇر گېنىرالنىڭ ھوزۇرىدا
2000-يىلى ”ئانا يۇرت“ نىڭ داغدۇغسىدىن تەسىرلەنگەن دوستلارنىڭ تەۋسىيسى بىلەن ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئۇيغۇر گېنىرال سوپاخۇن سوۋۇرۇۋ بىلەن دىدارى مۇلاقەتتە بولۇش پۇرسىتى كېلىپ قالدى. خىيالىمدا سوپاخۇنىكامنىڭ مەزكۇر روماننىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق پاگۇن تاقىغان جەسۇر تۇرقى ھەرخىل كەيپىياتتا گەۋدىلىنىپ يول بويى ماڭا ھەمراھ بولدى. ئاخرى ئۇ تەۋەرۈك غازىمىزنىمۇ كۆردۈم. كۆز ئالدىمدا مۇقاۋىدىكى كەسكىن قۇماندان ئەمەس، كۆزلىرى ياشاڭغىراپ بەللىرى مۈكچەيگەن بىر بوۋاي تۇراتتى. سوپاخۇنىكام بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلاندى بولغاي، ھەرىكىتىنىڭ قولايسىز بولۇشىغا قارىماي ھەممەيلەن بىلەن تەپسىلى كۆرۈشۈپ ئوقۇشىمىزنى سۇراشتۇرۇپ چىقتى. بىز ”ئانا يۇرت“تا تەسۋىرلەنگىنى بويىچە ئاغزى-ئاغزىمىزغا تەگمەي سوئال …