Articles in the ئىلھام Category
ئويلانمىلار, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ياپونىيەلىكلەرنىڭ زاۋۇتىدا دەسلەپكى كۈنلەردە شۇنداق بىر سېختا ئىشلىدىمكى ھەر بىر ئىشچىنىڭ مەشغۇلات دەۋرى سىكۇنۇتلۇق سائەتتە ئۆلچەپ بېكىتىلەتتى. ھەرقايسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيىسىدىكى ھەربىر ئىشچىنىڭ ئەمگەك سىجىللىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. مەلۇم ئىشچىنىڭ مەلۇم مەشغۇلاتى ئاز ۋە ئاددىي بولۇپ قېلىپ تېز تاماملىۋېتىشىگىمۇ ۋە بەزى ئىشچىنىڭ مەشغۇلاتى مۇرەككەپ بولۇپ كۆپ ۋاقىت كېتىشىگىمۇ يول قويۇلمايتتى. بىر مەھسۇلاتنى تولۇق قۇراشتۇرۇپ بولۇش ئۈچۈن 30 مىنۇت ۋاقىت كەتسە، شۇ ۋاقىتنى 50 ئىشچىغا بۆلۈپ ھەر ئىشچىغا 36 سىكۇنۇتتىن تەقسىملىنەتتى. ۋە شۇ تەرىقىدە تىزىلغان بىر ئاشلەپچىقىرش ئاقما لىنىيىسىدە ھەر 36 سىكۇنۇتتا بىر دانە مەھسۇلات پۈتۈپ چىقاتتى.
ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »
روزىمەمەت 1983-يىلى كورلىدا تۇغۇلغان . ھازىر شىئەندە بىليارت مەشىق قىلىۋاتىدۇ .2005-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە يىغىنىدا“ پۇر 8 توپ “ بىليارت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، ”سىنوك “ مۇسابىقسىنىڭ ئۈچىنچىلىكى ئالغان . 2008-يىلى جۇڭگو ئايلانما بىليارت مۇسابىقىسى يىشى مۇسابىقە رايۇنىدە تۆتىنچىلىكىنى ، 2009-يىلى خەيكۇۋ مۇسابىقە رايۇنىدە 32 كۈچلۈكنىڭ ئىچىگە كىرگەن . 2010-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو كەسپى سىنوك ئايلانما مۇسابىقىسىنىڭ جاڭ جىياگاڭ مۇسابىقە رايۇنى ئاياقلاشتى ، “ قارائات “ دەپ نام ئالغان شىنجاڭ بىليارتچىسى روزى مەمەت بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولدى ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى شۇنداقلا چىمپىيۇن بۇلۇشىدۇر ! بۇ …
ئىلىم-پەن, ئىلھام »
ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئىچىدە Uighursoft نى ۋە بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىمىغانلار بولمىسا كېرەك. Uighursoft شىركىتى ۋە ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلىك كۇلۇبىمىزغا ئەزا بولۇپ كىرگەن بىر يىلدىن بۇيان كىچىك پېئىل، سەمىمىي بولۇپ تورداشلار سورىغان سۇئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىپ،2005-يىلى تەلەپچان سەھىپە باشقۇرغۇچى بولۇپ باھالاندى. بىلىك كۇلۇبى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىلەن ئۇيغۇرسوفت نىڭ قوللىغۇچىللىرى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئويناپ ھەم بىلىك كۇلۇبى ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ياراتتى.
يېقىندا كۇلۇبىمىزدىكى Bihlan ئەپەندى ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ، مەن باشتىن ئاخىر تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم، ئالىم ئەھەت ئەپەندى ئەمەلىيەتنى …
ئىلىم-پەن, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر, خەۋەر »
«جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» نىڭ بىرى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم.
بۈگۈن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جوڭگۇ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياش» ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى، يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئالىم ئەھەت جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن 10 ياشنىڭ بىرسى بولۇپ باھالاندى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 نەپەر IT (ئۇچۇر تېخنىكىسى)دىكى ئەزىمەتلەر شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھىرىگە جەم بولدى. ئۇچۇر ۋە سانائەت مىنىستىرلىقىنىڭ باش مىنىستىرى، شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى، جىنەن شەھرىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلار كۈتىۋېلىش زىياپىتى بەردى.
2008-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شەندوڭ سارىيىدا كاتتا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، «يۇمشاق …
ئىلىم-پەن, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »
جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ياش – ئالىم ئەھەت.
ئالىم ئەھەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2009-يىلى «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى IT ياشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئالىم ئەھەت 1991-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنىستىتۇتى (ئەسلىدىكى ماتېماتىكا فاكولتېتى) ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئۇ ماتېماتىكا كەسپىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن سىرت …
ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »
ئىلاۋە: تور دۇنياسىدا ،بولۇپمۇ كومپيۇتېر گىرافىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار،قىزىقىدىغانلارئىچىدە «پەخىردىن قارلۇق»نى بىلمەيدىغانلار يوق بولسا كېرەك.(شەخسىي چۈشەنچەم)جۈملىدىن مەنمۇ پەخىردىننىڭ ئىش-ئىزلىرى بىلەن تور دۇنياسى ۋە «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش»ژۇرنىلى ئارقلىق تونۇشقان ھەم مەلۇم چۈشەنچىگە ئىگە بولغان ،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يېشىغا نىسبەتەن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن قايىللىقىنى قوزغايدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ھەپتىلىك «ئۇستازلىرىمىز»سەھىپىسىدە پەخىردىن قارلۇقنىڭ ئىش –ئىزلىرى توغرىسىدا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق تاپتىم.بۇ يازمازمىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر گرافىكى سەنئىتىنىڭ باشلامچىسى،ئۇستاز – پەخىردىن قارلۇقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا يەنىمۇ زور مۇۋاپىقيەتلارنى تىلەيمەن.
پەخىردىن قارلۇق1981-يىلى9-سېنتەبىردە تۇغۇلغان.1994-يىلى BasicۋەAssemble تىلىدىن باشلاپ كومپيۇتېر ساھەسىگە كىرگەن.1996-يىلى7-ئايدىن1997-يىلى8-ئايغىچەئەقلى ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر شىركىتىدە،1997-يىلى8-ئايدىن1998-يىلى11-ئايغىچەپەن-تېخنىكا ئەجدىھاسى كومپيۇتېر شىركىتىدە …
ئىلىم-پەن, ئىلھام, خەۋەر »

ئالىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن تېخىمى ئىچكىرلەپ تونۇشۇش، ئۆز- ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش، بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتلاردا ئىلاجى بولسا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتگە كىلىپ ئىلمى دوكلات بىرىش ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. مانا بۇ ھەپتە ئالىم تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتنى باشلىۋەتتى. ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئالىمنىڭ ئالدىغا چىقتى. بېيجىڭدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىمىز زەپەر ئابلىز بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپكە ھەمرا بولدى. بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپ جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن 9 – چىسلا ئۇ يەردە ئىلمى
ئىلھام, خەۋەر »

بۈگۈن قارىسام شەبنەم تورى سۈھبەت ئويۇشتۇرۇپتىكەن، چۈشۈرۈپ كۇرۇپ باقتىم. نىغمەتنىڭ تېلىۋىزوردىكى سۈزلەۋاتقان خەنزۇچىسىغا قاراپ ئۇنى مەن ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلەيدۇ دەپ قەتئى ئويلىماپتىكەنمەن. چۇنكى ئۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە سۈزلىگەن، جۇڭگۇ، خەنزۇ ئاساسى ئېقىم مەدىنىيـتىگە بۇنداق چوڭقۇر كىرەلىگەن ئادەم كىچىگىدىن تارتىپ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە مۇھىت بولمىغان شارائىتتا چوڭ بۇلغان، شۇڭا ئۇيغۇرچىنى ياخشى سۈزلىيەلمەيدۇ، ئۇيغۇرلار بىلەنمۇ بەك ئارلىشىپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلايتتىم. لېكىن بۈگەن كۆرگەن بۇ قىسقا سۈھبەت بۇ كۆز قارىشىمنى پۈتۈنلەي ئۈزگەرتىۋەتتى. ئۇ ئۇيغۇرچىنى شۇنداق ياخشى سۈزلەيدىكەن، ئۇيغۇرچە بولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىكەن. دادىسى خەلىق نەشىرىياتنىڭ مۇھەرىرى ئىكەن
ئىلھام »
ئىلھام, خەۋەر, پارچە-پۇرات گەپلەر »

ئۇتكەندە بىز ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپ بىلەن سۈھبەت ئۈتكۈزۈپ ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە تەتقىقاتى توغرىسىدا بىر مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەنلىكىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر بەرگەن ئىدۇق. ۋاقىت ئالدىراشچىلىقى ۋە تېخنىكا سەۋىيمىز قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخسىنى ئىشلەشتە سەل كەينىگە سۈرۈۋېتىپ قالدۇق. ھازىر بۇ فىلىمنىڭ كىرىشتۈرۈلىشى ئاساسەن پۈتتى. تورغا يوللاشتىكى چەكلىمە تۈپەيلىدىن تولۇق فىلىم جەمئى ئالتە ھۈججەتكە بۈلۈپ تەييارلاندى. بۈگۈندىن تارتىپ كۈندە بىر قىسىمدىن ئىلان قىلىمىز. ھازىر بىرىنچى قىسمىدىن ھوزۇرلانغايسىزلەر.
ئىلىم-پەن, ئىلھام, خەۋەر »

شۇنداق قىلىپ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كىيىن ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ پورتلەند ئايرۇدۇرۇمىدا قۇربانجان بىلەن ئۇچراشتۇق. ئالدىن دىيشىپ قويغىنىمىز بويىچە ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپ يېرىم سائەت بۇرۇن ئالدىمىزغا چىقىپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ. قىزغىنلىق بىلەن كۈرۈشتۇق. كۈرۈشكەندىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كىيىن بىز قايتقىچە گىپىمىز ئۈزۈلمىدى. كىچىدىمۇ نەچچە سائەتلا ئۇخلىدۇق، كۈرۈشۈپ ”ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم“ دىيىشىپ ئىككى مىنۇت پاراڭلىشىپلا كۈپ ئەنسىرەشلىرىمىزنىڭئارتۇقچە بۇلغانلىغىنى ھىس قىلدۇق. ئالىم ئۇيغۇرچىنى ناھايتى ياخشى سۈزلەيدىكەن. ناھايتى قىزغىن ئىكەن. پىكرى ناھايتى ئۈتكۈر ئىكەن. گەپنى ناھايتى ئىخچام لېكىن مېغىزلىق قىلىدىكەن. پاراڭلىشىش جەريانىدا ئالىمنىڭ قازاقىستاننىڭ
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

1) 21-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇرلاردا ”فامىلە“ توغرىسىدا ئويلىنىش ۋە ئويغىنىش بولدى. ”بەكتۇر“ فامىلىسى ئاڭلىغۇچىنى ھاياجانغا سالىدىغان سۆيۈملۈك فامىلە ئىكەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىنى بۇ فامىلە توغرىسىدا توختىلىشنى لايىق تاپتىم. سىزنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلىرىڭىزنىڭ ئاپىرىدە بولۇشىدا ”بەكتۇر“ قانداق رول ئوينىدى؟
جاۋاب: بۇ فامىلىنى دادام تېپىپ قوللىنىشنى قارار قىلغان. مېنىڭچە، بىر ئادەم ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىسمى ئەمەس. ئەگەر، بىر ئىشنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرسە، ۋە ئاشۇ ياخشى كۆرگەن ئىشىنى نىشانلاپ توختىماي تىرىشسا، ھەرقانداق ئادام غەلىبە قىلىدۇ. گەرچە ئىسمى “بوشتۇر” بولسىمۇ، غەلىبە قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، مەنمۇ بۇ فامىلىنى ياخشى كۆرىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ فامىلە نامىنى مەن ئەمەس، دادام تاللىغان. مېنىڭچە بىراۋ ئۈچۈن جەزبىدارلىققا ئىگە بولغان فامىلىنى تاللاش ۋە تاللىماسلىقنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى بىراۋنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ فامىلىسىگە باغلىق بولمايدۇ. لېكىن مەن فامىلە قوللانغاننى ياخشى ئىشكەن دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇ ئارقىلىق سىز ئەجدادلىرىڭىزنى يەنى يىلتىزىڭىزنى ئېنىق تونۇيسىز.
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر, چەتئەلگە چىقىش »

قۇدرەت ئامرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بۇلۇپ يىقىندا قۇدرەتنى قىسقىىچە تۇنۇشتۇرۇپ يېزىلغان خارۋارد ئەركىسى قۇدرەت دىگەن تىما ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا زىلزىلە قوزغىدى ۋە نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قۇدرەت بىلەن پاراڭلاشقۇسى، ئۇ توغرىلىق كۆپراق بىلىپ باققۇسى، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قارىشىنى بىلىپ باققۇسى كەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇ تورداشلاردىن تاپشۇرۋالغان سۇئاللاردىن بىر نەچچىنى تاللاپ ئۇ سۇئاللارغا بولغان كۆز قارىشىنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ئالدى بىلەن مەن ئۈچۈن تىلىگەن ئالىي تىلەكلىرىڭلار ۋە مەندىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن… شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمتىھان مەزگىلى تۈپەيلى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، سىلەرگە …
ئويلانمىلار, ئىلھام, چەتئەلگە چىقىش »

ئۈتكەندە خارۋارد توغرىلىق ئازراق مەلۇمات بەرگەن ئىدىم. دەپ ئۈتكىنىمدەك خارۋاردا ھازىر ئۇقۇۋاتقان ئۈچ ئۇيغۇر بار بۇلۇپ، بۇنىڭ بىرى «ۋاشىنگتوندا توي» دىگەن تىمىدا توي خاتىرىسىنى بەرگەن ئىلنىگار(بۇ تىمىنى تىما تىزىملىگىدىن كۈرۈڭ) ، بىرى قەيسەر مىجىت ( قەيسەر مىجىتنىڭ بىلىۋال تورىدا مەخسۇس سەھىپىسى بار) . يەنە بىرى قۇدرەت ياقۇپ. قۇدرەتنىڭ ئەسلى ئىسمى ئىمامى ھەسەن ياقۇپ بۇلۇپ كىيىن قۇدرەتكە ئۈزگەرتكەن.
قۇدرەتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە يىرى شۇكى، ئۇ خارۋاردقا ئاسپىرانىت ئۈچۈن ئەمەس بەلكى تولۇق كۇرس ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن. شۇنداقلائۇيغۇرلاردىن ھازىرغىچە خارۋاردتا تولۇق كۇرس ئوقۇشى ئوقۇغان تۇنجى ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئەھمىيتى ناھايتى چوڭ. قۇدرەت بىلەن …
ئويلانمىلار, ئىلھام, جەميەتكە نەزەر »

بۇ تىما مۇستەقىل تىما ئەمەس، بەلكى ئالدىدا يېزىلغان مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتورلىرى دىگەن تىمىنىڭ ئاخىرى ھىساپلىنىدۇ. بۇ تىمىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنى بۇ تىمىنىڭ بېشىنى ئوقۇپ بىلىڭ.
خۇلاسە كالام، شۇنداق قىلىپ مەن بەلكىم خاتا دەپ قۇيۇش ئىھتىمالى بۇلغان 2-3 دوكتور بىلەن تورداشلار قېتىپ قويغان دوكتۇرلارنىڭ سانىنى يىيىشتۇرۋەتسەم مەن توپ توغرا 50 دوكتۇر تۇغرىلىق ئۇچۇر بەردىم. يەنە بىرەي دىسەم ، قىزىپ چىقسام يەنە 50 ئۇيغۇر دوكتۇرنىڭ ئۇچۇرىنى بىرەلشىم مۇمكىن. ئادەم بىكار قالغاندا كاللىسدا يۇرگەن نەرسىلەر يازاي دىسە ئۇيلاپ بۇلغىلى بۇلمايدىكەن. مەن ئۇچۇر بەرگەن دوكتۇرلار ئاساسەن مەن بىر قەدەر تۇنۇيدىغان ئاغىنە دوس بۇرادەرلىرىم، …