Articles in the ئىلھام Category
ئويلانمىلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, جەميەتكە نەزەر »

ئەسكەرتىش: بۇ تىما يىڭى بلوگقا كۆچكەندىن كىيىن ئۆز پېتى كۆچۇرۇپ كىلىندى، ئەسلى تىمىدىكى بەزى ئوچۇر خاتالىقلىرى ئۈزگەرتىلمىدى، لېېكىن رەسىم ۋە ئۇلىنىشلارقوشۇلۇپ تەھرىرلىنىپ بەت يۆزى كۆركەملەشتۈرۈلدى. . ئەسلىگە سادىق بولۇپ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مەزمۇنلىرى بۇندىن كىيىنمۇ ئۈزگەرتىلمەيدۇ. لېكىن ئاخىرىغا ياكى يىڭى تىما ئارقلىق يىڭىلاش ئېلىپ بىرىلىدۇ(2010-يىلى 25-سىنتەبىر)
ئەسكەرتىش: بۇ تىمىنى 2005-يىلى 12-ئايدا قىشلىق تەتىل مەزگىلىمدە بىر ھەپتە كۈندە كەچلىك ۋاختىمنى سەرىپ قىلىپ يېزىپ ئىزدىنىشتا ئىلان قىلغان ھەم زور تەسىر قۇزغىغان. كىيىن ئىزدىنىش يىڭى سىستىمىغا كۈچكەندىن كىيىن كونا مۇنبەر كۈپ ۋاقىتلاردا ئچىلمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ. ئەسلى نۇسخىسىنى ئۈزەممۇ ساقلىۋالماپتىكەنمەن. بۈگۈن ئىزدىنىشتىن …
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئىلىم-پەن, ئىلھام, ئۈگىنىش, چەتئەلگە چىقىش »

بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەيھان بەكتۇر.(Rayhan Baktur), ئاقسۇدا تۇغۇلۇپ 18 يېشىدا ئالى مەكتەپكە ئۈتكىچە شۇ يەردە ئۈسۈپ چوڭ بۇلغان. باشلانغۇچنى ئىككىنچى باشلانغۇچ مەكتەپتە، ئوتتۇرا مەكتەپنى 2- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1992-يىلى دۈلەتلىك ئىمتاھاندا خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بەرگەن مىللىلار ئارىسدا شىنجاڭ بويىچە بىرىنچى نۇمۇر ئېلىپ چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئىلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىگە ئوقۇشقا قۇبۇل قىلىنغان. دەسلەپتە بىر يىل مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىدا تەييارلىق ئوقۇپ 1993-يىلى چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتىدا رەسمى ئوقۇش ھاياتىنى باشلىغان. 1998-يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ مەكتەپ تەرىپىدىن جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىميسىگە ئىمتاھانسىز ئاسپىرانىتلىقتا ئوقۇشقا كۈرسىتىلىپ ئاسپىرانىتلىق ئوقۇغان. 2000-يىلى يازدا ئوقۇش پۈتتۈرۇش دىسىرتاتسىيسىنى مۇۋەققىيەتلىك تاماملاپ، ئامرىكنىڭ Clemson University نىڭ ئلىكتېر ئىنژىنىرلىقى كەسپىگە دوكتۇر ئاسپىرانتى بۇلۇپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن قۇبۇل قىلىنىپ 8-ئايدا ئامرىكىغا كەلگەن. ئۇ كەسپى تەتقىقات جەھەتتە ياخشى ئىقتىدارنى يتىلدۈرگەن بۇلۇپ ، 2005 يىلى بىرىنچى ئايدا ئۇنىڭ بىر پارچە ئىلمى ماقالىسى ئامرىكنىڭ كولورودا شىتاتى بۇۋىلدىر (Coloroda Boulder) شەھىرىدە ئۈتكۈزۇلگەن خەلقارا رادىئو تېخنكىسى ئىلمى بىرلەشمىسى يىغىنىدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.
ئىلھام »
دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادىمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئويغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىۋنىڭ شاگىرتى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 1973–يىلى 8- ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپاندا زىيالى ئائىلىسىدە توغۇلغان ۋە شۇ يەردە چوڭ بۇلغان.ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۇچتۇرپاندا، ئاقسۇدا ۋە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ تەربىيسى ئالغاندىن كىيىن 1997-يىلى قىرغىزىستان دۈلەتلىك پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇن پەنلىرى ئنىستىتوتىغا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ئوقۇشقا كىرگەن. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ يەردە ئويغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ تارىختىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى توغرىسىدا سىسىتىمىلىق ئۈگەنگەن ۋە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادىمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئويغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىۋنىڭ يىتەكچىلىكىدە …