ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ
دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادىمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئويغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىۋنىڭ شاگىرتى.
ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 1973–يىلى 8- ئاينىڭ 20-كۈنى ئۇچتۇرپاندا زىيالى ئائىلىسىدە توغۇلغان ۋە شۇ يەردە چوڭ بۇلغان.ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ئۇچتۇرپاندا، ئاقسۇدا ۋە ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالى مەكتەپ تەربىيسى ئالغاندىن كىيىن 1997-يىلى قىرغىزىستان دۈلەتلىك پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ پەلسەپە ۋە قانۇن پەنلىرى ئنىستىتوتىغا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بۇلۇپ ئوقۇشقا كىرگەن. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ يەردە ئويغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ تارىختىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى توغرىسىدا سىسىتىمىلىق ئۈگەنگەن ۋە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادىميسنىڭ ئاكادىمىكى، پەلسەپە پەنلەر دوكتۇرى پروفېسسور ئويغۇر ئالىمى ئەزىز نارىنبايىۋنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئويغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلىقلىرىنىڭ تارىختىكى پەلسپىۋى قاراشلىلىرىنىڭ ئۈز ئارا باغلىنشى، تەسىرى ۋە بىر بىرىدىن بولغان پەرقى قاتارلىق زىل مەسىلىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ مۇشۇ تىما ئاستىدا 2002-يىلى دوكتۇرلۇق دىسىرتاتسىيسىنى غەلبىلىك تاماملاپ ئەلا نەتىجە بىلەن دوكتۇرلۇك ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن.
دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئوقۇش جەريانىدا يەنە قىرغىز پەلسەپە تارىخى، ئوتتۇرا ئاسىيا پەلسەپە تارىخى، شەرىق پەلسەپە ئىدىيىسي قاتارلىق تىمىلاردىمۇ سىستىمىلىق تەربىيلەنگەن ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە قىرغىزىستان دۇلەت ئۇنۋېرسىتى، روس-سىلاۋىك ئۇنۋېرسىتى، ماناس قىرغىز ئۇنۋېرسىتتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى نۇرغۇنلىغان ئىلمى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. ئۇ 19998-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە قىرغىستان دۆلەتلىك ئۇنۋېرسىتىتنىڭ شەرىقشۇناسلىق فاكولتىتىدا جۇڭگۇ تىلى ۋە جۇڭگۇ پەلسەپىسى بويىچە دەرىس بەرگەن. ئۇ تۇرسۇن ئۇيغۇر، روس، خەنزۇ، قازاق، قىرغىز تۇرك تىللىرىنى راۋان بىلىدۇ. ئىنگىلىسچىدا ماتىرىيالدىن پايدىلىنالايدۇ
دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ئاساسلىق ئىلمى ئەمگەكلىرى: مەخسۇس ئەسەر "ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئويغۇرلارنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيسى" . بۇ كىتاپ بىشكەكتە 2003- يىلى قىرغىزىستان پەن نەشىرىياتى تەرىپىدىن روس تىلىدا نەشىر قىلىنغان. ئاكىسى نەبىجان تۇرسۇن بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ نادىر شىئىرلىرىنى روس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ "ئۇيغۇر شېئىرلىرى" نامىدا روسىيەدە نەشىر قىلدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا 10 دىن ئارتۇق ئىلمى ماقالە ئىلان قىلغان ن بۇلۇپ، بۇلار تۈۋەندىكىچە:
1. ئوتتۇرا ئەسىر ئويغۇرلىرىدىكى بۇددا پەلسەپىسى قاراشلىرى
2. ئۇيغۇرلاردا بۇددا پەلسەپىسىنىڭ تارقىلىشى
3. ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى ھەققىدە ئىزلىنىش
4. ئۇيغۇر مۇتەپپەككۇرلىرىنىڭ ئىدىلوگىيە پىرىنسىپلىرى
5. ئۇيغۇر بۇددا مۇتەپەككۇرلىرى
6. ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ سىياسى كۈز قاراشلىرىدىكى مەسىلىلەر
7. سانائەت دەۋرىدىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ ئاتىزىم قارىشى
8. چۇسا تۇتۇڭا) Chusia Tutunga ( ۋە كەلىمە قايشى ) Kalima Kaishi ( نىڭ ئىستىتىكىلىق قارىشى
9. ئوتتۇرا ئەسىر ئويغۇر مۇتەپەككۇر ۋە ناخشىچىلىرىنىڭ ئىستىتىكىلىق قارىشى
10. ئۇيغۇر بۇددا مۇتەپەككۈرى Pritia Iashri نىڭ ئەخلاق كۈز قارىشى
بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى ئىلمى ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ، ﻣﯘﻧﺒﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮊﻭﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﮬﯜﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯸﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ﮬﻪﻡ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﭖ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﺷﺒﯘ ﻳﺎﺯﻣﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯓ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ، ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯨ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﻮﯓ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯩﻠﻪﻛﺪﺍﺷﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﯩﺰ.
ئةسلص تصما ئادصرسص. ئۇيغۇر كونا يېزصقصدا: http://www.izdinix.com/munbar/EditPost.asp?ThreadID=17608&PostID=33333
ئۇيغۇر لاتصن يېزصقصدا: http://biliwal.com/postt839.html
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!