كامېرىنو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فېزىكا كەسپى ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ
بۇ ئۇچۇرنى دوكتۇر مەمىتىمىن ئابباس تەمىنلىگەن. ۋاقىت مۆھلىتى يىقىنلاپ قالغاچقا شەرتكە چۈشىدىغانلارنىڭ تىزدىن ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
بۇ يىل كامېرىنو ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ فېزىكا كەسپى ماگىستىرلىق پروگراممىسىغا تۆت نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتىت بىلەن بولغان كىلىشىمگە ئاساسەن يۇرتىمىز ياشلىرىغا بولغان بۇ پروگراممىنىڭ يۈرگۈزىلىنىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان بولۇپ،بىرىنجى قارار ئىككى ئوقۇغۇچى،ئۇنىڭدىن كىيىنكى قارارغا ئۈچ ياكى تۆت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ.
ئۇنىۋېرسىتىت ئىتالىيەدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ،فېزىكا بۆلۈمى گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ نۇقتىلىق ساھەلەردە،مەسىلەن:قاتتىق جىسىم نەزەرىيەسى X-نۇرى سپەكتراسى،قۇئانتۇم ئوپتىكىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلار خەلقارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.ھازىرغىچە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بەش نەپىرى ئىتالىيە،فرانسىيە،ئىرلاندىيە،شىۋىتسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.
ئوقۇش ئىككى يىللىق بولۇپ،ئەھۋالغا ئاساسەن بىر يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ.ئوقۇش مۇكاپاتى ئوقۇش پۇلى،ياتاق،تاماقنى كۆتۈرگەندىن باشقا يەنە مەلۇم مىقداردا ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.دەرسلەر ئىنگلىز تىلىدا ئۆتىلىدۇ.ئىتالىيە تىلىغا تىل تەلىپى قويۇلمايدۇ.
قوبۇل قىلىنىش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-ئىلتىماس قىلغۇچى بۇيىل ئالى مەكتەپ تولۇق كۇرس فېزىكا كەسپىنى تاماملايدىغان،ياكى تاماملىغىلى ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت يىل بولغان بولىشى كېرەك.
2-تولۇق كۇرس كەسپى نەتىجىلىرى ياخشى بولىشى،بولۇپمۇ فېزىكا ۋە ماتېماتىكا كەسپى نەتىجىلىرى ئالاھىدە ياخشى بولىشى كېرەك.
3-ئىنگلىزچە ئاساسى ياخشى،ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئالى مەكتەپ 4-دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن بولىشى لازىم.(ياكى باشقا ئېنگلىزچە سەۋىيە ئىمتىھان نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنگلىزچە دەرسلەرنى ئېلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك.)
بۇ شەرتلەرگە توشىدىغان ۋە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن بۇرۇن قىسقىچە تەرجىمھالى،تولۇق كۇرس نەتىجە جەدۋېلى ۋە بىر پروفېسسورنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى(چوقۇم شەرت ئەمەس)نى تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرىسىغا يوللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
mamatimin@yahoo.com
ياكى
mamatimin.abbas@ims-bordeaux.fr
ماتىرىياللار چوقۇم ئىنگلىزچە بولىشى شەرت.
ئۇتۇق تىلەپ،سالاملار بىلەن:مەمىتىمىن ئابباس
مېنىڭ بىر ئاغىنەم مۇشۇ يىلى مۇشۇ مەكتەپكە ئۆتكەن. 10.3بېرىپتۇ، ياتاق تاماق ھەقسىزكەن، مەكتەپ مۇھىتىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن، ئەتراپ ئىنتايىن تىنىچ، پاكىز. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ خېلى بار ئىكەن. ئۆگىنىش قىلىشقا ناھايىتى ماس كېلىدىكەن. 4-ئايلاردا بىر ئىمتىھان ئالىدۇ دەيدۇ، ئەگەر شۇنىڭدىن ئۆتەلىسە يەنە بىر مۇنچە ئوقۇش مۇكاپاتى بېرىپ ئوقىتىدىكەن. ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرسە باشقا يەرلەردە دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتىگە ناھايىتى ئاسانلا ئېرىشەلەيدىكەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
TOEFL,GRE ئىمتىھانى بېرىشتە بېشىڭىز قاتقان بولسا بۇ چ چ نى قوشۇڭ 1654368817،ئۆتۈشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىمىز!نەتىجە چىققاندىن كېيىن پۇل تۆلەيسىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن ئۈسىتىدىكى خەت ساندۇقىغا ماتىرىيال ئىۋەتسەم ھىچ بىر خەۋەر يوققا ،،،،
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 26th, 2012 at 06:57
بەلكيم ئىلتىماسلارنى يىغىۋاتقاندۇ، قايتا يېزىپ بېقىڭ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىنشا ئاللا !ياخشى ئىشكەن ~مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرنى بىزلەرگە ھازىرلاپ بەرگەن ياشىسۇن !!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياخشى پۈرسەت ئىكەن، پۈرسەتنى چىڭ تۇتقۇلۇق.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel