Jeck نىڭ ئامرىكىدا سوتقا چىقىشى Jeck Goes to Court in US
سوتقا چىقىش دىسەم قورقۇپ كەتمەڭلار، ھې ھې، بۇ يەردە توي قىلسىمۇ سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ شۇ يەردە بىر ئالى سوتچىنىڭ ئالدىدا بىر-بىرىگە قەسەم بىرىپ توي خېتى ئالىدىكەن. ئامرىكىدا مۇشۇ قانۇن بىلەن ساقچىنىڭ چىڭلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. بلوگىمغا دائىم كىرىپ تۇرىدىغان كونا تورداشلار بەلكىم ئىسىدە بولسا كىرەك. ئامرىكىغا كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەن تۇرۇۋاتقان كىچىك شەھەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش سىستىمىسنىڭ مۇلازىمىنىڭ ئاساسەن يوق دىيەرلىك ئىكەنلىگىگە چىدىماي بىر ماشىنا ئېلىپ كونا بولسىمۇ ھەيدەپ يۈرۈگەنىدىم. ماشىنا ھەيدەش بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ساقچىمۇ پەيدا بۇلۇشقا باشلايدىكەن. پراۋا ئېلىشتا ئۈگەنگەن كىتاپتىكى قائىدىلەرنىڭ ئىچىدىكى كىچىك خەت بىلەن يېزىپ قويغان يەرلەرمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىشكە باشلاپ ئادەمنى ئاۋارە قىلىشقا باشلايدىكەن.
شۇ ۋاقىتلاردا ماشىنا ئېلىپ نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كىيىن قىش كىلىپ قاتتىق قار يېغىپ كەتتى.بىر كۈنى مەكتەپتىن يېنىپ كىلىۋېتىپ قىزىل چىراققا كىلەي دەپ قالدىم، كوچىدا جىق ماشىنىمۇ يوق ئىدى. مەن قىزىل چىراققا ئاز قالغاندا چىراق سېرىققا ئۆزگەردى. ئالدىمدا توختايدىغان سىزىققا 5-6 مىتېرچە يول بار ئىدى. يولدا قار بار، تېيىلغاق، ھەم بۇ سىرىق چىراق بولغاندىكىن دەپ توختىتىپ يۈرمەي سۈرئەتنى ئاستىلاتماي ھەيدىگەنچە ئۆتۈپ كەتتىم. ئۆتۈپ كىتىپ بولۇشۇم نەدىن پەيدا بولدى كەينىمدە ساقچى ماشىنىسى پەيدا بولۇپ رەڭگا-رەڭ چىراقلار چاقناشقا باشلىدى. ئاپلا دىدىمدە كىتاپتا ئۈگەنگەن بويىچە ماشىنىنى چەتكە تارتىپ توختىتىپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئىككى قولۇمى رولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، دەرىزىنى چۈشۈرۈپ ساقچىنىڭ كىلىشىنى كۈتتۈم.
ئامرىكىدا ساقچى كىلىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ساقچىنىڭ مۇتلەق ھوقۇقى بۇلىدىكەن. ئامرىكىدا قاتناش ساقچىسى، خەلىق ساقچىسى دەپ ئايرىم بولمايدىكەن. بىر ساقچى ھەممە ئىشنى قىلىدىكەن. ئەزەلدىن ساقچىلار يولغا چىقىپ يول توسۇپ كىنشىكە تەكشۈرمەيدىكەن. ماشىنا ھەيدەۋاتقان كىشى بىرەر خاتالىق سادىر قىلمىسا، ماشىىنىسىنىڭ بىرەر نەرسىسى كەم ياكى گۇمانلىق بولمىسا بىكاردىن بىكار خەقنىڭ ماشىسىنىنى توختىتالمايدىكەن. بىرەرسىنى توسسىمۇ شۇ ماشىنىنىڭ كەينىگە كىلىپ ئالا-يشىل چىراقنى ماڭدۇرۇپ قويىدىكەن، كەينىدە ئالا يىشىل چىراق چاقنىغان ھامان دەرھال چەتكە چىقىپ توختاش كىرەك ئىكەن. ئەگەر ساقچى سىزگە كەلمىگەن بولسا ئۆتۈپ كىتىدىكەن، ئاندىن سىز ماڭسىڭىز بۇلىدىكەن. سىزنى دەپ كەلگەن بولسا توختىسىڭىز ساقچىمۇ توختايدىكەن. شۇڭا بەزىدە كۈندۈزى يولدا بىر ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرىقىنى پۇلاڭلىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ ماڭغان بولسا يولدا كىتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ بىر بىرلەپ توختاپ ئاندىن ماڭغىنىنى كۆرىدىكەنسىز. ئامرىكىدا ھەممە ئادەمدە ئاساسەن قورال بولغاچ، بولۇپمۇ جىنايەتچىلەردە شۇنداق بولغاچ ساقچى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدا ساقچى مەيلى سىزنى خاتا ئەيپلىسۇن، خاتا گەپ قىلسۇن، سىزنىڭ غۇرۇرىڭىزغا تەگسۇن، ئىشقىلىپ قانداقلا قىلسا قىلچە قارشىلىق كۆرسىتىشكە، گەپ تالىشىشقا، چۈشەندۈرۈشكە، ساقچىغا يىقىنلىشىشقا، ھەرىكەت قىلىشقا، ساقچىدا گۇمان پەيدا قىلىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتتە بولۇشقا بولمايدىكەن. ساقچى ھەرقاچان گۇمانلىق ياكى خەتەرلىك ھىس قىلسا ئوق چىقىرىپ ئاتسا بۇلىدىكەن. مۇھىمى ئۇلار ئادەتتىكى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئىشلىرىنىمۇ شۇنىڭغا ئۇخشاش پۇزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىدىكەن. ماشىنا ئىچىدىكى ئادەمنى ھەر دائىم قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچى بولۇشى مۇمكىن، قولىدا ئاپتۇمات، بومبا بار دەپ پەرەز قىلىپ تۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر سىز ساقچىنىڭ سىزگە قىلغىنىغا قايىل بولمىسىڭىز، ساقچى سىزگە بىھۆرمەتلىك قىلغان بولسا، خاتا ۋەزىپە ئىجرا قىلغان بولسا ئىشتىن كىيىن سوتقا ئەرز سۇنسىڭىز بۇلىدىكەن. لېكىن ساقچى بىلەن نەق مەيداندا گەپ تالىشىشقا بولمايدىكەن. دەسلەپ كەلگەندە بۇنداق قىلىپ كىتىشى كاللامدىن ئۆتمەيتتى. لېكىن مۇشۇ 30مىڭ ئاھالىسى بار، بۇنىڭ 20نەچچە مىڭى ئوقۇغۇچى بولغان كىچىك شەھەردە مەن كەلگەندىن بۇيان ساقچىدىن ئىككىسى ئۆلۈپ، بىر نەچچىسى يارىدار بولدى. نەچچە ئاي بۇرۇن پورتلەند شەھىرىنىڭ ساقچى باشلىقى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ئوق يەپ ئۈلۈپ كەتتى. بۇ ئىشلارغا قاراپ ساقچىلارغا مۇتلەق ھوۇق بەرگىنى بەك توغرا بوپتۇ دەپ ئويلىدىم. ۋەتەندە ساقچىلار ماشىنا توسسا توختاشنى خالىمىغانلار قاچىدۇ، توختىغانلار ئانچە مۇنچە ساقچى بىلەن گەپ تالىشىپ، چاخچاق قىلىشىپ، تاماكا سۇنۇشۇپ، ئۇ نىمەم ئۆيدە قالغان، بۇ نىمەم ئۆيدە قالغان دەپ گەپ ئوينىتىپ دىگەندەك قانۇن ۋە ساقچىنىڭ بەك يۈزىمۇ بولۇپ كەتمەيدۇ. ساقچىنى تىللاپ قويۇپ كىتىپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە ساقچىلارمۇ قانۇننى باشلىققا تېلفۇن ئۇرغۇزغانغا بىر خىل، تۇنۇشىغا بىر خىل، پۇل بەرگەنگە بىر خىل، باشلىققا بىر خىل، پۇقراغا بىر خىل، رىستۇران بولىغانغا بىرخىل، جۇڭخۇا تاماكا سۇڭغۇتقانغا بىر خىل، ئەرلەرگە بىر خىل، ئاياللارغا بىر خىل ئىجرا قىلىپ گېلى پوق، ئوبرازى يوقىرى بولمىغاچ باشقىلارمۇ شۇنداق ھۆرمەت قىلمايدىغان ئوخشايدۇ. كوچىدا ساقچى ماشىنىنى تۇسۇۋالسا دىھقاندىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاۋال ئويلايدىغىنى ساقچىغا بويسۇنۇش ئەمەس بەلكى تۇنۇش ئىزدەپ تېلفۇن ئۇرۇش. ئىچكىردىمۇ ئەھۋال ئوخشاش. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاتناش ساقچىسى ناھايتى ئەقىلللىق بۇلۇشى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى يۇقىرى بۇلۇشى كىرەك. قايسىسى ۋالىنىڭ ماشىنىسى، قايسىسى ھەربىنىڭ ماشىنىسى، قانداق پەيجوسى بار ماشىنىنى توسسا بولمايدۇ، باشلىقنىڭ ماشىنىسىنى ئوقۇشماي تۇسۇپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك دىگەنلەرنى بىلىشى كىرەك. مەن نەچچە قېتىم تۇسۇلغان ماشىندىن چۈشكەن باشلىقلارنىڭ توسقان ساقچىنى تىللاپ «ئەتىلا سىنى ئىشتىن ھەيدىگۈزىۋىتىمەن» دىگىننى كۆرگەن، ئۇرۇپ كەتكەنلىرىنى ئاڭلىغان. ئۆتكەن يىلى خىيۇستون شەھىرىدىكى جۇڭگۇ ئەلچىخانىسىنىڭ كونسۇلى پەيجوسى يوق بىر ماشىنىنى ھەيدەپ ساقچى ماشىنىسىنى توسسا توختىماي كونسۇلخانسىنڭ ماشىنا توختىشى ئۆيىچە قېچىپ كىلىپ ماشىنىنى توختىتىپ بولغۇچە ساقچىلار كەينىدىن قوغلاپ كىلىپ، «چەتئەل كونسولخانىلىرى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ، دىپلوماتىيە خادىملىرى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ» دىگەن قائىدىگە پەرۋا قىلماي ئۇ كونسۇلنى قولىغا كويزا سېلىپ تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن.
يەنە بىرى يىرى، ۋەتەندە ساقچى ماشىنىنى توسسا، توسۇپ يولدا قاراپ تۇرىدۇ، سىز ماشىنىدىن چۈشۈپ،كىنىشكا رەسمىيەت، سۇغۇرتا دىگەندەك نەرسلەرنى كۈتۈرۈپ تاماكا بولسا تاماكا تەييار قىلىپ ئىچىمىزدە تىللاپ، ئېغىزىمىزدا ھىجىيىپ ساقچىنىڭ قېشىغا ھىجىيىپ بارىدىغان گەپ. ئامرىكىدا ئۇنداق بولمايدىكەن. ساقچىلار يولدا تۇسۇمايدىكەن بەلكى كەينىڭىزدە پەيدا بۇلىدىكەن. ساقچى پەيدا بولغان ھامان دەرھال ماشىنىنى چەتكە تارتىپ توختىتىپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ، ئىككى قولنى رولغا قويۇپ ساقچىنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىكەنمىز. ساقچى ماشىنىسدىن چۈشۈپ، ماشىنىغا يىقىن كىلمەي يىراقتىن قاراپ سىزنىڭ ئىككى قولىڭىزنى ئىنىق كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن بىر قولىنى ياندىكى قورالىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قېشىڭىزغا كىلىپ «how are you doing today“ دەپ سورايدىكەن.
(ئاستىدىكىسى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى يىڭىلانغان مەزمۇنلار )
بەزىدە خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار بولۇپمۇ جۇڭگۇدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار جۇڭگۇ پەدىسدە ماشىنىسىنى توختىتىپ كىنىشكىسىنى كۆتۈرگەنچە ساقچىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ئەھۋاللار بار. بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئاڭلىغان گەپلەردە بىر ئوقۇۋاتقان جۇڭگۇلۇقنىڭ ئايالى ( ئىنگىلىسچىنىمۇ ئۇنچە بىلىپ كەتمەيدىغان ئوخشايدۇ) ماشىنا ھەيدەپ كىتىۋاتقاندا كەينىدە ساقچى ماشىنىسى پەيدا بولغاندىن كىيىن جۇڭگۇدا ئۆگەنگەن پەدىسى بويىچە ماشىنىنى توختىتىپ پىراۋا، سۇغۇرتا كىنىشكىلىرىنى كۆتۈرۈپ مەن نىمە ئىش قىلدىم، نىمىگە مىنى توختىسەن دەپ چالۋاقىنىغىچە ساقچىغا يۈگرەپ كەلگەن. ساقچى تاپانچىسىنى تەڭلەپ، «يىقىن كەلمە، يەنە ئالدىڭغا ماڭساڭ ئاتىمەن» دەپ ۋارقىرىسىمۇ «مەن نىمە ئىش قىلغانغا ماڭا تاپانچە تەڭلەيسەن» دەپ ساقچىغا كىلىۋەرگەن، ساقچى ئۇيلىنىپ ئولتۇرمايلا پاڭ پاڭ قىلىپ ئىككى پاي ئۇق چىقىرىپ ئۇنىڭ يىقىتقان، ئوق پۇتىغا تەككەن ئوخشايدۇ. كىيىن ساقچى تەرەپمۇ ھىچقانداق داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆستىگە ئالمىغان. بۇ مىسال ئادەتتە يىڭى ئوقۇشقا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تەربيلەش ئېلىپ بارغاندا سۆزلىنىدۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۆزەمنىڭ گىپىگە كەلسەم، قاردا سېرىق چىراقتا ئالدىمدا 3-4 مىتېر ئارلىق بولسىمۇ «سېرىق چىراقتا توختىماي ئۆتۈپ كەتسە بۇلىدۇ» دەپ ئۈگەنگىنىم بويىچە توختىماي ئۆتۈپ كەتتىم. ئۆتۈپ كىتىپ 30-40 مىتېر ماڭا-ماڭماي ساقچى پەيدا بولدى. كىلىپ ئاۋال «ھە،قانداق تۇرۇۋاتسىلە؟» دىگەچ پىراۋا، سۇغۇرتا ۋە ماشىنىنىڭ تىزىملىتىش كىنىشكىسىنى سورىدى، بەردىم. ئۇلارنى بىرەر قۇر كۆرۈپ، ماشىنىسىغا قايتىپ مېنى گۇمانلىق جىنايەتچىمۇ قانداق ئۇنى بىرەر قۇر تەكشۈرۋەتكەندىن كىيىن يېنىپ كىلىپ مەندىن نىمىشقا سىنى توختاتتىم بىلەمسەن دەپ سورىدى، ياق دىسەم «سەن بايا سېرىق چىراقتا ئالدىڭدا سەن توختىيالايدىغان ئارلىق بولسىمۇ توختىماي ئۆتۈپ كەتتىڭ، مەن ساڭا كىسىشىدىغان يول ئېغىزىدا چىراق ساقلاپ تۇرۇۋاتقاندىم شۇڭا ئىنىق كۆردۈم، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ» دىدى. مەن كاللامدىن ئۆتمەي« سېرىق چىراقتا توختىماي ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇغۇ» دىسەم ئو قوپۇپ « سېرىق چىراق دىگەنلىك stop if you can دىگەنلىك بۇلىدۇ. يەنى سەن پەقەت توختاتساڭ چاتاق چىقىدىغان ئەھۋال بولسا ئاندىن توختىماي ئۆتۈپ كەتسەڭ بۇلىدۇ،توختىتالايدىغان ئەھۋالدا چوقۇم توختىشىڭ كىرەك، ئەگەر قايىل بولمىساڭ سوتقا چىقىپ قارشىلىق بىلدۈرسەڭ بۇلىدۇ» دەپ بىر 110 دوللارلىق بىلەت كىسىپ قولومغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كەتتى.
كىنو بىلىتى ياخشى نەرسە بولغان بىلەن ساقچىنىڭ بىلىتى بەك يامان نەرسە. شۇنداق قىلىپ ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈپ تۇنجى قېتىم بىلەت ئالدىم. جۇڭگۇدا بىلەتكە پۇل تۆلىمىسە قاندا قىلىدۇ ئۇخمايمەن، ئامرىكىدا جازاسى خېلى بار. بىلەتنى ئالغاندىن كىيىن ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئۈچ خىل تاللىشى بار. 1. خاتالىقنى ئۆتكۈزگەندىكىن ھەم تۇتۇلۇپ قالغاندىكىن گەپ قىلماي پۇلنى تۆلەش. 2. سوتقا چىقىپ «مەنغۇ شۇ خاتالىقنى سادىر قىلغان، لېكىن نىمىشقا بىلەت بەرگەنلىكىنى چۈشەنمىدىم، ماڭا چۈشەندۈرۈپ قويسۇن» دەپ تەلەپ قىلىش. 3. «مەن بۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزمىدىم، ساقچى ماڭا قەستەن گۇنا ئاتتى، مەن بۇ پۇلنى تۆلەشنى رەت قىلىمەن» دەپ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاش. ساقچىغا تۇتۇلۇپ قالغۇچى بىلەتنى ئېلىپ شۇ ئۈچ خىل تاللاشنىڭ بىرىنى تاللاپ، پۇل تۆلەي دىگەن بولسا پۇلنى قېتىپ سوت مەھكىمىسىگە 15 كۈن ئىچىدە ئەۋەتىۋېتىشى كىرەك. ئەگەر ئىنكاس قايتۇرمىسا جەرىمانە پۇلى بىرىنچى ئايدا مانچە پىرسەنت، ئىككىنچى ئايدىن تارتىپ ئۇنىڭدىن يۇقىرىراق يەنە مانچە پېرسەنت دەپ ئۆسكىلى تۇرىدۇ. 10 نەچچە پېرسەنتتىن باشلىنىپ بىردەمدە ئۆسۈپ بىر يەرگە كىتىدىكەن. ئۇندىن باشقا يەنە 3 ئايغىچە ئىنكاس بولمىسا پىراۋا تارقىتىدىغان ئورۇنغا مەلۇم قىلىپ پىراۋىنى بىكارچى قىلىۋىتىدىغان، ماشىنىنىڭ تىزىملىشىنى بىكار قىلىۋىتىدىغان دىگەندەك ھەر خىل جازالاش ئۇسۇللىرى بار. بۇ يەردە دىققەت قىلغىنىم مەيلى سوتقا چىقايلى ياكى چىقمايلى تۆلىگەن پۇل ئۇدۇل ساقچى مەھكىمىسىگە بارماي سوت مەھكىمىسىگە بارىدىكەن، بەزى يەرلەردە شەھەرلىك ھۈكۈمەتكە بارىدىكەن. قارىغاندا ساقچى قانچىلىك پۇل تېپىۋاتىدۇ بىلىپ تۇرىدىغان ئوخشايدۇ ياكى بۇ پۇل ساقچىغا بارماي شەھەرلىك ھۆكەمەتكە كىرىم بۇلىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ توغرىلىق ئىزدەپ كۆرۈپ باقمىدىم.
مەن 110 دوللارلىق بىلەتنى ئالغاندىن كىيىن كىتاپتىن ئوقۇپ باقسام ساقچىنىڭ دىگىنى راسكەن، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن سوراپ باقساممۇ راسكەن، ئۇ چاغدا ئامرىكىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى، 100 نەچچە دوللار تۆلەش ماڭا ئۇنچە ئېغىرمۇ كىلىپ كەتمەيتتى. شۇڭا خاتالىق سادىر قىلغاندىكىن دەپ جىق ئويلىنىپ ئولتۇرماي خاتالىقنى تۇنۇپ چەكتىن بىرنى يېزىپ سوتقا ئەۋەتىۋەتتىم. ئەمما يىقىندا سوتقا بىر قېتىم چىقىپ باققاندىن كىيىن شۇ 110 دوللارلىق بىلەتنى تۆلىگنىمگە پۇشايمەن قىلدىم.
بىرىنچى قېتىم بولسا ئىككىنچى قېتىممۇ بولاپتۇ دەپ شۇنىڭدىن كىيىن پات پات بۇ ساقچىنىڭ بىلەتلىرىنى تاپشۇرۋېلىپ تۇرىدىغان بولاپ قالدىم. ئۇ ئىشتىن نەچچە ئاي ئۈتۈپ يازلىق مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ جىددى ئىمتاھان ۋاقىتلىرى ئىدى. ئادەتتە مەكتەپتە ۋە مەكتەپكە يىقىن ئەتراپتا ماشىنا توختىش ئورۇنلىرى كۈندۈزى ھەقسىز ئەمەس، پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىش كىرەك. ئەمما كەچ سائەت 5 تىن كىيىن ھەقسىز. شۇڭا بىز ئوقۇغۇچىلار ئادەتتە مەكتەپكە كوچا ئاپتۇۋۇزىغا ئولتۇرۇپ كىلىپ كىتىمىز. كەچتە كەلگەندە ئاندىن ماشىنا ھەيدەپ كىلىمىز ( بۇ چاغدا كوچا ئاپتۇۋۇزى يوق). شۇ كۈنى كەچتە 7 لەر بىلەن ئۆيدە تاماقنى يەپ ئەتىكى ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىشخانامغا كىلىپ ماشىنىنى فاكولتىتىقا يىقىن بىر يەرگە توختىتپ قويدۇم ۋە تەييارلىقىمغا چۈشۈپ كەتتىم، كىچە سائەت 2 لەر بوپ كەتتى تەييارلىق تۈگىمىدى، قوساق ئېچىپ كىتىپ پىزا چاقىرتىپ ئەكىلىپ ئۇنى يەپ تاڭ ئاتقۇچە كىتاپ كۆرۈپ ئەتىسى ئىمتاھاننى بىرىۋېتىپ سائەت 11 لەر بىلەن ھاردۇقچىلىقتا بىنادىن چۈشۈۋېتىپ ئاندىن ماشىنىنى بىنا كەينىگە توختىتپ قويغانلىغىم ئىسىمگەكەلدى. ئەسلى بۇ يەردە ماشىنىنى كەچتە توختىتىش ھەقسىز بولغان بىلەن كىچىچە توختاتسا بولمايتتى. ماشىنا يېنىغا كىلىپ قارىسام دەرىزىسىگە ئىككى بىلەت قىستۇرۇپ قويۇپتۇ. بىرسى كىچە سائەت 4 لەر بىلەن يېزىلغان بىلەتكەن، كىچىچە ماشىنا توختاتقانلىغى ئۈچۈن دەپ 20 دوللارلىق بىلەت كىسىپتۇ. يەنە بىرسى ئەتىگەن سائەت 10 لەردا يېزىلغان بىلەتكەن، كۈندۈزى ماشىنا توختېتىش بولمايدىغانلىغى ئۈچۈن دەپ 35 دوللار كىسىپتۇ. «مانا بىلەت دىگەنگە تويە» دەپ بۇ ئىمتاھاننى كىچىدىكى پىزا بىلەن قوشقاندا 70 دوللارغا بىرىپتىمەن دەپ ھىساپلاپ قويدۇم. بىزنىڭ ئىمتاھانلىرىمىز 70 دوللار ئەمەس 700 دوللار خەجلەشكە توغرا كەلسىمۇ چوقۇم خەجلەيدىغان ئىمتاھانلار، بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ. چۇنكى بىزنىڭ كىلەر مەۋسۇملۇم ئوقۇش مۇكاپات پۇلىمىز ۋە تۇرمۇش پۇلىمىزنىڭ بىرىلىشىگە بۇ ئىمتاھانلار تەسىر قىلىدۇ. ئوتتۇرىچە نەتىجە 85 دىن چۈشۈپ كەتسەك پۇلدىن ئايرىلىپ قالىمىز. ئىمتاھاندىن چىققاندىن كىيىن قاراپ باقسام كىچىچە ئۈگىنىش قىلمىغان بولسام 85 ئەمەس 50 مۇ ئالالمايتتىمكەن. شۇڭا بۇ بىلەتنىمۇ ئېغىر كۆرمەي تۆلىۋەتتىم.
(ئاستىدىكىسى 3-ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى يىڭىلانغان مەزمۇنلار)
شۇنىڭدىن كىيىن قېرىشقاندەك پات-پات بىلەت تۆلەپ تۇرىدىغان بۇلاپ قالدىم، شۇنچە جايىدا ھەيدىسەم ھىچيەردە كۆرۈنمەيدۇ بۇ ساقچى، قاچان ئېزىپ تېزىپ ئازراق سۈرئەت ئاشۇرۋېتىپ قالدىم يا ئاخشاملىقتا چىراقنى ياندۇرماي قالدىم بىر دەمدە پەيدا بولىدۇ. ھەر ھالدا چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن بولسام ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ كىتىپ قالىدۇ، بولمىسا بىلەت تۇتقۇزۇپ قويۇپ كىتىپ قالىدۇ. بىر قېتىم قوشنا شەھەرگە بېرىپ يېنىپ كىلەشىمدە نىمە بولدى يەنە كەينىمدە ساقچى پەيدا بولدى، سۈرئەتنى ئازراق ئاشۇرۇپ قويۇپتىمەن. ئەمدى يەنە قانچە پۇلغا بىلەت ئالارمەن دەپ ئەنسىرەپ ئولتۇرسام ساقچى كىلىپ ھەممىنى تەكشۇرۋېتىپ بىلەت بەرمەي Happy Birthday دەيدۇ. what؟ دىسەم بۈگۈن سىنىڭ توغۇلغان كۈنۈڭكەن، شۇڭا توغۇلغان كۆنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن دەيدۇ، شۇ ھامانلا دەرھال «رەھمەت، ئۆزەمنىڭمۇ ئىسىدە يوقكەن، كۆپ رەھمەت» دىدىم، ئۇمۇ تۇغۇلغان كۆنۈڭ بولغانلىغى ئۈچۈن بۈگۈن ساڭا بىلەت بەرمەي، دىققەت قىلىپ سۈرئەتنى ئاشۇرماي ھەيدەرسەن دەيدۇ. رەھمەت دەپ كىتىپ قالدىم. ئەسلى مىنىڭ كىنىشكەمدە توغۇلغان كۈنۇمنى ئۈرۈمچىدە ئۆز ۋاختىدا نۇپۇس بىجىرگەنلەر خاتا يېزىپ قويغان بولۇپ شۇ كەتكەنچە ئالدىغا بىر ھەپتە سۈرۈلۇپ قالغان ئىدى. شۇڭا كىنىشكەمدىكى تۇغۇلغان يالغان بولغاچقا بۇ مىنىڭ ئىسىمدە تۇرمايتتى. شۇنداق قىلىپ كىنىشكىدە راس، ئەمىلىيەتتە خاتا تۇغۇلغان كۆنۈم ئۈچۈن 120 دوللارلىق بىلەتتىن قۇتۇلۇپ قالدىم.
شۇنڭىدىن كىيىن بىرەر يىللارغىچە ھەر ھالدا ساقچىغا ئۇچرىماي، بىلەت ئالماي ھەيدىدىم. كىيىن بىر ئەتىيازدا سىئاتىلغا بارىدىغان ئىشىم چىقىپ قالدى. مەن تۈرۋاتقان كىچىك شەھەردىن سىئاتىلغا بارغۇچە ماشىنىدا 5-6 سائەتلىك يول. ئۇ قېتىم قانداقتۇ بىر جىددى ئىشىم بار بولۇپ بارمىسام بولمايتتى. بلوگنى مەن يىڭى ئاچقان ۋاختىمدا رەسىمىنى چىقىرىپ قويغان ماشىنىنى 1500 دوللارغا ئالغان بولۇپ ئىككى يىل ھەيدەپ بولغانىدىم، لېكىن بۇ كونا ماشنىدا 5-6 سائەتلىك يولغا بېرىشقا ئەنسىرەيتتىم. شۇڭا توردىن شەھەردىكى بىر ماشىنا ئىجارە بىرىش ئورنىدىن 2 كۈنلۈك ئەڭ ئەرزان بىر ماشىنا زاكاس قىلىپ قويدىم.ئادەتتە ئامرىكىدا ماشىنا ئىجارە ئېلىش ئاسان، قولايلىق ھەم ئەرزان بولغاچ ئىشلىرىمىز چىقىپ قالسا، بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ قوتا ماشىنىسىنى ھەيدىگۈمىز كەلمىسىمۇ ماشىنا ئىجارە ئېلىپ ئىشلىتىمىز. ماڭىدىغان كۈنى ماشىنىنى ئالغىلى بارسام مەن زاكاس قىلغان كىچىك ماشىنا ئۇلاردا قالمىغان بولۇپ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئوخشاش باھاغا تېخىمۇ ئىسىل بولغان بىر Chrysler ماشىنىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. «مۇلازىمەت بۇلا موشۇنداق بولا، ئامرىكىدا ھىچنىمە قىلماي پۇللا خەجلىسەڭ بۇلىدۇ جۇما» دەپ خوش بولۇپ ماشىنىغا چىقىپ قارىسام بۇ ماشىنا تېخى ئەمدى يىڭىدىن كىرگۈزگەن، تېخى 3000 كىلومېتېر ماڭمىغان ماشىنىكەن. بۇنىڭغا يەنە بىر خوش بۇلىۋېتىپ، يولدا ماي پۇلىسىنى تۆلىشىپ بىرىدىغانغا چىققان ئىككى ئوقۇغۇچىنى ئالدىم. ئادەتتە مەكتەپتە كىم ئۇ ياق بۇ ياققا بارماقچى بولسا «مەن پالانچى يەرگە بارماقچى، ماشىنىغا چىقىۋالىدىغانلار بولسا كىلىڭلار، ماي پۇلىنى تۆلشىپ بەرسەڭلار باشقا تەلەپ يوق» دەپ ئىلان چىقىرىپ قويىمىز، خالىغانلار كىلىدۇ. بېرىپ كەلگۈچە يولدا ھەمرا بۇلىدۇ ۋە چىقىمنى تىجەپ بىرىدۇ. مەنمۇ شۇندا دەپ ئىلان چىقىرىپ قويسام ئەمدى بۇ يەرگە كەلگىلى 2 ئاي بولغان ئىككى جۇڭگۇلۇق كەپتىكەن، ماي پۇلىسىنى بېرىپ كىلىشكە ئىككىسىگە 120 دوللارغا ساتقان ئىدىم. بۇ پۇلغا بېرىپ كىلىشنىڭ ماي پۇلىسى چىقىپ قالىدىغان بۇلۇپ ماڭا ماي پۇلىسى مۇت قالىدىغان بولدى. بۇ ئىككىسى ماشىنامنى كۆرۈپ ئۇچۇپ كەتتى، ھا ھا. بېرىپ كەلگۈچە ماشىنا بەك يېقىپ كىتىپ بىز ماشىنا ئالساق مۇشۇندا ماشىنا ئالساق بۇلىدىكەن دەپ پىلان سوقۇشتى. قاراپ باقسام بۇلار 富二代 لەر ئوخشايدۇ. كىلىپلا بۇ يەردىن ئۆي ئالىدىغانغا ئۆي ئىزدىگىلى تۇرۇپتۇ، مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەپ ئوقۇۋېتىپتۇ. 跑车 ئالامدۇق ئادەتتىكى ماشىنا ئالامدۇق دەپ تاللاپ بولالماي يۈرۈيدۇ. بېرىپ كەلگۈچە ئىككىسى باشتىن ئاخىر كومپۇتېر ئويۇنىنىڭ گىپىنى قىلىپ چىقىشتى. مىنىمۇ بىر كۆرۈپلا «ئو، شىنجاڭرېن ئا» دەپ بىر دەم تۇرۇۋېتىپ ماشىنىغا چىقتى، يولدىمۇ مەنسىتمىگەندەك قىلىپ بەك پاراڭ سېلىشىپمۇ كەتمىدى. مەنمۇ ئۇلارغا ئارلاشماي خىيالىمنى سۈرۈپ ئىچىمدە 富二代, 官二代 دىگەنلەرنى مىڭنى تىللاپ« 跑车 رىڭنىڭ تۇرمۇزى بۇزۇلۇپ قېلىپ توختىتالمايلا جەھەننەمگە ھەيدەپ بارارسەن گۇيلار» دەپ جاھاننىڭ تەڭسىزلىكىدىن قاخشاپ قويۇپ بىردەمدە ئۇنى ئۇنتۇپ كىتىپ ئەركىننىڭ مۇزىكىسىنى داۋراڭشىتىپ قويۇپ ماشىنامنى ھەيدەپ مېڭىۋەردىم، بۇلارمۇ بىردەمدە ئۇ ناخشىلارغا ئامراق بولۇپ قېلىپ شۇنى دوراپ ناخشا ئېيتىپ ماڭدى، ييېنىپ كەلگەندە بۇلار بۇ ناخشىلارنى قايتا قايتا ئاڭلاپ كۆنۈپ قېلىپ بىزگە سېتىپ بەرسەڭ دەپ تۇرۇۋېلىپ 20 دوللارغا بۇلارغا سېتىپ بەردىم، ھا ھا.
سئاتىلغا بارىدىغان يولدا بىز ئىككى سائەتتەك ئادەتتىكى يولدا ھەيدەيمىز ئاندىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا چىقىمىز. ھەپتە ئاخىرى ئەتىگەن ۋاقىت بولغاچمىكى تىز سۈرئەتلىك يولغا چىققۇچە ئادەتتىكى يولدا ماشىنا بەك جىق ئىدى، مىڭ تەسلىكتە تىز سۈرئەتلىك يولغا چىقتم، يوللار دىگەن ئازادە، ئوخشاش يۈنۈلۇشتە 3-4 يول، يولدا بىر تالمۇ ماشىنا ئۇچرىمىدى. مەنمۇ ھاياجانلىنپ تازا ھەيدەپتىمەن، ياخشى ماشىنا ھەيدەشمۇ بىر ھوزۇركەن، بۇ چۆل- جەزىرىكى يولدا ئانچە مۇنچە ماشىنا ئۆتۈشۇپ تۇرغاندىن باشقا ساقچى باردەكمۇ قىلمايتتى. يەنە يىقىندىكى شەھەر 120 كىلومىتېر يىراقلىقتا ئىدى. ئادەتتە ساقچى دىگەنمۇ شەھەر ئەتراپىدا بۇلىدۇ، بۇندا چۆل جەزىرىلەرگە كىلىپ يۈرمەيدۇ دەپ ئويلاپ ماشىنىنى تېخىمۇ تىزراق ھەپدەپ باققۇم كەلدى. بۇ يولنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى 70 مىل ( بۇ 120 كىلومېتېر ئەتراپىدا، بىر مىل 1.7 كىلو مېتېر ئەتراپىدا) بولۇپ ئادەتتە ماشىنىلار 70 تە، ئېشىپ كەتسە 80 دە ھەيدەيتتى، ئۇنىڭدىن ئاشمايتتى. مەن ئەڭ دەسلەپ ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈپ ساقچىغا تۇتۇلۇپ باقمىغان ۋاختىمدا بۇ يولدا توقساندا، بىرەر يۈزدە ھەيدەپ نەچچە قېتىم بېرىپ كەلگەن، شۇڭا نىمىشقىكى تىز ھەيدەپ كۈنۇپ قاپتىمەن. بۇ قېتىممۇ ساقچىغا بىرەر قۇر نەزەر تاشلىۋەتكەندىن كىيىن، يولدا بىرمۇ ماشىنا يوق. شۇڭا ئادىتىم بويىچە بىر دەمدە 100 گە ئاچىقتىم، ئاندىن بارا- بارا 110، ئاندىن 115 بىلەن 120 نىڭ ئارلىقىدا 20 مىنۇتتەك ھەيدەپتىمەن، ئارلىقتا كەينىمدە بىر ماشىنا پەيدا بولۇپ كىيىن يوقاپ كەتتى. مەنمۇ بىردەم ھەيدەپ ھارغاندىن كىيىن 80 گە چۈشۈرۈپ نورمالراق ھالەتتە ھەيدەپ كىتىۋاتسام تۇيۇقسىز كەينىمدە ساقچى ماشىنىسىدىن ئىككىسى پەيدا بولۇپ رەڭگارا رەڭ چىراقلار چاقناپ چىقىراپ كەتتى. مەنمۇ ئاپلا تۈگەشتىم دەپ ماشىنىنى توختاتتىم. ماشىنامدىكى ئىككىسى ئۇخلاپ قاپتىكەن، ئاۋازلاردىن ئويغىنىپ ساقچىنى كۆرۈپ نىمە ئىش بولغاندۇ دەپ چىرايىدا قان قالمىدى. ئامرىكىغا يىڭى كەلگەن بولغاچقا ساقچىنى تېخى تۇنجى قېتىم كۆرىشىكەن.
ئىككى ساقچى ماشىنسى كەينىمدە توختاپ، قېشىمغا كەلمەي قاراپ تۇردى. مەنمۇ ساقلاپ ئولتۇردۇم. بىردەمدىن كىيىن ئابايام كەينىمدە پەيدا بولۇپ يوقاپ كەتكەن ماشىنا پەيدا بولدى. ئاندىن ئۇلار دەرىزەمگە كىلىپ « Are you all right, Sir“ دەيدۇ. ئاپلا چاتاقنىڭ چوڭىنى چىقىرىپتىمەن دەپ ھىس قىلدىم ۋە «sure, I am fine» دىدىم. ئۇلار كىنىشكىلىرىمنى بىرەر قۇر تەكشۇرۋەتكەندىن كىيىن سىنى نىمىشقا توختاتتۇق بىلەمسەن دەيدۇ. «it seems I am speeding a little bit» (ئازراق تىز ھەيدەپ قالغاندەك قىلدىم ) دىسەم ساقچنىڭ ئاچچىقى كىلىپ كەتتى. «نىمە،ئازراق؟، ئازراق ئەمەس، ۋەھشى (crazy دىگەن سۆزنى ئىشلەتتى) تىز ھەيدىۋەتتىڭ، ساراڭ بولدۇڭمۇ (Are you insane؟)، دەيدۇ. مەن جاۋاپ قايتۇرماي جىم تۇردۇم. «ماشىنىدىن نەدىن ئىجارە ئالغانتىڭ، نەدىن كەلدىڭ نەگە بارىسەن»دەيدۇ. ماشىنىنىڭ ئىجارە ماشىنىسى ئىكەنلىگىنىمۇ بىلىپ بوپتۇ. پۇلمەندىن كەلدىم،سىئاتىلغا بارىمەن دىسەم، سەن ئوقۇغۇچىمۇ دەيدۇ، «ھە» دىسەم ئازراق يۇمشىدى. بۇ يەردىمۇ ئوقۇغۇچىلارغا سەل رەھىم قىلىدىغان ئىش باركەن. شۇنىڭ بىلەن مىنى قانداق تۇتقانلىغىنى دىدى. ئەسلىدا ئابايام كەينىمدە پەيدا بولغان ماشىنا پۇقراچى كىينگەن ساقچىكەن. ئۇ يولدا كىتىۋاتقان مىنىڭ تۇيۇقسىز سۈرئەتنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدىۋەتكەنلىگىمنى بايقاپ ئىشىغا ئالدىرماي ماڭا ئەگىشىپتۇ. لېكىن ئۆزى پۇقراچە كىينگەن بولغاچقا، ماشىنىسىمۇ ئادەتتىكى ماشىنا بولۇپ مىنى توختىدىغانغا بەلگە بىرىدىغانغا ماشىنىسىدا بىرەر ساقچى بەلگىسى ياكى رەڭلىك چىرىقى بولمىغاچ ئامالسىز يەرلىك ساقچىغا تېلفۇن ئۇرۇپ« بىرسى ئۆلگۈدەك ماشىنا ھەيدەۋاتىدۇ، مەن كەينىدىن مېڭىۋاتىمەن» دەپ ساقچى چاقىرىپتۇ. خەتەرلىك بىرەر جىنايەتچى بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان ئۇلار دەرھال ئىككى ماشىنىدا تۆت ساقچى قوراللىرىنى بەتلەپ مىنى قوغلاپ كەپتۇ. يولدا كەلگۈچە ماشىنامدىن تارتىپ مىنىڭ كىم، ئامرىكىغا قاچان كەلگەنلىگىمدېن تارتىپ قوتا ماشىنامدىن بىرسى بارلىقىغىچە بىلىپ بوپتۇ. مىنى قېشىمغا پەيدا بولغۇچە 10 نەچچە مىنوتتەك كىتىپتۇ. مەنمۇ شۇ ئارلىقتا 20 مىنۇتتەك جەھەننەمگە بارىدىغان سۈرئەتتە 120 مىلدە ھەيدەپتىمەن.
ھىكايىسىنى ئاڭلاپ ئۆزەمنىڭ نەقەدەر ئەخمەقلەرچە ئىش قىلىپ قالغانلىغىمغا ئەقلىم يەتمەي ھەيران قالدىم ۋە « بەك كەچۈرۈڭلار، سىلەرنى بەك ئاۋارە قىلىۋېتىپتىمەن. ئەسلى مەنمۇ 70-80 لەردە ھەيدەپ كىتىۋاتقان، نىمە بولدى تۇيۇقسىز بىردەم شۇندا تىز ھەيدەپ باققۇم كەپ قاپتۇ، بەك كەچۈرۈڭلار دىدىم». ئۇلار « بىز جىنايەتچى ئەمەس نورمال بىرسىنىڭ بۇنداق تىز ھەيدىگىنىنى خېلى ئۇزاق بولدى كۆرۈپ باقمىغان، سىنىڭ ھازىر قىلغىنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلا ئەمەس بەلكى قانۇندا جىنايەتكە ياتىدۇ، 120 دە ھەيدىگىنىڭ ئۆزەڭنى ئويلىمىغاندىمۇ باشقىلارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالغانلىق ھىساپلىنىدۇ. بىز ھازىر سىنى تۇتۇپ ئاپىرىپ سولاپ قويساق بۇلىدۇ» دىدى. مەن ئۇنداق قىلمىساڭلار، مەن خاتالىشىپ قاپتىمەن دەپ ئۆتۈندىم. شۇنداقلا ئۆزەمنىڭ بۇنداق تىز ھەيدەپ كەتكەنلىگىمگە ئىشەنمەي مەن زادى قانچىدە ھەيدەپتىمەن، كۆرۈپ باقسام بۇلامدۇ دىسەم «ئەلۋەتتە» دەپ تىزلىك تۇتۇدىغان ئۆسكۈنىسىنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى. قاراپ باقسام «118» دەپ تۇرىدۇ. تەن بەردىم. بىر ساقچى تۇيۇقسىز تۇرۇپ «سەن نيۇيوركتىنما» دەيدۇ. ياق دىسەم« مەن تېخى سېنى شەرىق تەرەپتىن كەلگەن يەنكى مىكى دەپتىمەن، بۇنداق تىز سۈرئەتنى شەرقى قىرغاقتىكى گۇيلارلا ھەيدەيدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە قائىدىلىك ھەيدەيمىز، ئېشىپ كەتسىمۇ 80دىن ئاشۇرۋەتمەيمىز دەيدۇ».مەن «ھە…» دەپ بىرىلىپ ئاڭلاپ بەردىم. بۇ تۆتى ئۇ ياققا بېرىپ بىردەم باش سۇقۇشۇپ كىلىپ ئاندىن ماڭا «سىنى بىز ئەسلى كىلىپلا تۇتۇپ ئەكىتەيلى دىگەن،سىنىڭ بۇ جىنايىتىڭگە بىز تۇتۇپ ئاپىرىپ سولاپ قويۇپ تەربىيە بەرسەكمۇ بۇلىدۇ. قارىساق سەن چەتئەللىككەنسەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايتى سەمىمى بالىكەنسەن.شۇڭا بىزمۇ ئۇنداق قىلىپ يۈرمىدۇق. ئەمدى ۋاشىڭتوننىڭ سۈرئىتى بويىچە ھەيدەرسەن دىدى. مەن خوش بولۇپ «thank you, thank you so much» ەپ كەتتىم، ئاندىن يەنە «ئەمىسە خاپا بولماي ماۋۇ بىلەتنى ئالغاچ كىتەرسەن» دەپ بىر بىلەت سۇندى، قارىسام 650 دوللارلىق بىلەت كىسىپتۇ. بەلگە سالغان يىرىگە قارىسام« سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش»، ئاندىن « بىخەستەلىك بويىچە ماشىنا ھەيدەش»،يەنە بىر نىمە دەپ ئۈچ يەرگە بەلگە ئورۇپتۇ.
ساقچىلارنى ئۇزىتىپ قويۇپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى. كەينىمدىكى ئىككىسى تېخى ئەمدى كەلگەن بولغاچمىكىن ساقچىلارنىڭ نىمە دىگەنلىگىنى ئۇقالماپتۇ. «نىمە بوپتۇ» دەيدۇ، «سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەپ قويۇپتىمەن بىلەت بىرىپ كىتىپ قالدى»، دىسەم «نەچچىدە ھەيدەپتىكەنسە» دەپ سورىدى. ئۇلارنىڭ ئۇقمىغانلىغىنى بىلىپ «70 لىك يولدا 80 دە ھەيدەپ قويۇپتىمەن» دەپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى «مۇشۇنىڭغىمۇ تۇتامدۇ، ئامرىكىدا قانۇن دىگەن زادى چىڭ جۇمۇ، جۇڭگۇدا بۇنچىلىك ھەيدەپ قويغانغا تۇتۇپ كەتمەيدۇ، يا بۇ يەردە تۇنۇش ئىزدىگىلى بولمىغان، جۇڭگۇ بولغان بولسا بىر تېلفۇن بىلەن ساقچىلارنى كەلگەن يىرىگە بىزدىن ئەپو سورىغۇزۇپ كەتكۈزىۋىتەتتىم، يەنە جۇڭگۇدا ئوينىغانغا يەتمەيدۇ جۇما» دىيىشپ كەتتى. يەنە بىردەم «قورالىنى كۆرەپ جان قالمىدى جۇما مەندە، ئامرىكىنىڭ ساقچىلىرى بەك ھەيۋەت جۇمۇ، ئادەمنىڭ ئەڭ 帅 لىرىنى تاللاپ ساقچى قىلامدىكى بۇ يەردە، جۇڭگۇنىڭ ساقچىلىرىنىڭ قورالىمۇ يوق، بەك بىچارە جۇمۇ» دىيىشىتى. مەن بولسام كۆڭلۈم يېرىم بۇلارغا «شۇنداق» دەپ قويۇپ ئارتۇق گەپ قىلمىسام بۇلار ماڭا بىردەم تەسەللى بىرىشتى. مەنمۇ «跑车 ئېلىپ قالساڭلار تىز ھەيدىمەڭلار، ساقچى تېخىمۇ ئاۋارە قىلىدۇ، ئۈزەڭلارغىمۇ بەك خەتەرلىك» دەپ بىردەم پاراڭلىشىپ ئاندىن يەنە بۇلار ئۇيقۇغا چۈشەپ كەتتى. مەن ئىچىمدە تېخى ئويلىناتتىم: « 120 مىل دىگەن گەپ 200 كىلومىتېرلىق سۈرئەت دىگەن گەپ. يا مىنىڭ ئالدىراپ قويۇندەك ھەيدەيدىغان جىددى ئىشىم بولمىسا، نىمىگە شۇنچىۋالا ھەيدەپ كەتكەندىمەن. تىز ھەيدىگەنگە چوشلۇق يولغا كىتىدىغان ۋاقىتتا جىق پەرىق بولۇپمۇ كەتمەيدىكەن، ئۆتكەندە بىر قېتىم موشۇ يولدا 90 دىن چۈشۈرمەي ھەيدەپ كەلگەندەك قىلغان، مەنزىلگە كىلىپ قارىسام ئادەتتە نورمال ھەيدىسە كىتىدىغان ۋاقىتتىن ئاران 45-50 مىنوتتەك بۇرۇن كەپتىمەن. يېرىم سائەت، 40 مىنوت كىيىن بارسام نىمە بوپتۇ. مەن تېخى مۇشۇنداق بىرمۇ گۈلۈم ئېچىلماي تۇرۇپ جېنىمغا قەست قىلسام قانداق بۇلىدۇ، ئاتا-ئانام مەندىن نىمىلەرنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ، تورداشلىرىم، تۇنۇشلىرىم، دوستلىرىمچۇ. تۇيۇقسىز بىرەر ۋەقە چىقىپ قالغان بولسا مەن يوق دىگەن گەپ، مەن بىرەر ۋەقەگە ئۇچرىسام ئاتا-ئانا، ئاكا ئورۇق تۇققانلىرىم نىمە بولۇپ كىتەر، ئۇلارنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. مەن ھىچ بولمىسا مەن ئۈچۈن ئىقتىسادى ۋە روھى جەھەتتە جىق بەدەل تۆلەۋاتقان ئاتا-ئانام، ئاكام، سىڭلىم ئۈچۈن بولسىمۇ ساق- سالامەت ياشىشىم كىرەك. بىر قىز بالا مەن بىلەن توي قىلىمەن دەپ ساقلاپ ئولتۇرغىلى بىر يىل بولدى ( ئۇ چاغدا تېخى توي قىلمىغان ۋاختىم ئىدى)، ئۇ مەن ئۈچۈن ھەسرەت چىكەرمۇ؟ مەن ئامرىكىغا نىمە ئۈچۈن كەلگەن، ھازىرغىچە كىلىش نىشانىمنىڭ قايسىلىرىغا ئىرىشتىم، نىمە ئىكەنلىگىنى ئىنىق ئۇقمىساممۇ، ھىچكىمگە دىمىگەن بولساممۇ بەك ئولۇغ ئارزۇ-ئارمانلىرىم بار ئىدى. گەرچە تاشقى قىياپىتىم ئادەتتكىچە، مەن بىلەن ئۇچراشقان ھەممە ئادەم مىنى ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچى دەپ قارىسمۇ نىمىشقىكى ئۆزەمنى ئۇنداق ھىساپلاپ باققان، ئۇنداقلارغا ئۆزەمنى سېلىشتۇرۇپ باققان ئەمەس ئىدىم. مەن دۇنياۋى ساھەدە بولمىسىمۇ كىچىك دائىرىدە بولسىمۇ ئولۇغ،چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان، شۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا تۆرەلگەن ئادەم ئىدىم، ھىچ بولمىسا 27 يېشىمغىچە شۇنداق بىر تۇيغۇ، ئارزۇ بار ئىدى. چېڭدۇدىكى ۋاقىتىمدا كىلىنتون بىلەن Party قىلىشىپ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشىپ چۈش كىرەتتىم. ئۈرۈمچىدىكى ۋاختىمدا ھىچ ئىش قىلىشقا قۇربىتىم يەتمىسىمۇ ماڭا تېخى پۈرسەت باردەك، ئۈرۈمچى، ئۈرۈمچىدىكى ئادەملەر، شۇ جەميەت، شۇ يوللار، بىنالار، دەرەخلەر، كوچا ئاپتۇبۇسلىرى، ياتاق بىنارىمدىكى سائەت 10بولماي ئىشىكنى تاقىۋالىدىغان لاۋجاڭ، شۇ سورۇنلار، ھاراقلار، دىبالار، تويلار، ئوقۇغۇچىلار مىنى بوغاتتى. مىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. كەينىمدىن گەپ قىلاتتى، زاڭلىق قىلاتتى، ياكى كىيىمىمنى، ياكى ئىش ھەرىكەتلىرىمنى مەسخىرە قىلاتتى. نىمىشقا مىنىڭ ھىچكىم بىلەن كارىم بولمىسا بۇلارنىڭ مەن بىلەن نىمشقا شۇنچە كارى بولۇپ قالىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ كىتەتتىم. كىچىچىچە يېرىم ئۇيقۇ ھالەتتە يېتىپ تاڭ ئاتقانغا يىقىن ئۇخلاپ كۈندە كۆزلىرىم ئىششىپ قوپاتتىم. مەن تېخى ياش ئىدىم. ئۈرۈمچىدىن كىتىشىم كىرەك، يىراق يىراق يەرلەرگە بېرىپ ئارزۇيۇمنى قوغلىشىم، غۇۋا بولسىمۇ كۆڭلۈم تۇيغان نەرسىنى ئىزدەپ تېپىشىم كىرەك ئىدى. ئۈرۈمچىدىن قانچە بۇرۇن كەتسەم مەن ئۈچۈن شۇنچە ياخشىدەك ھىس قىلاتتىم، شۇڭىمۇ ئۈرۈمچىدە يا بىر ئۆي ئېلىشنىڭ، يا بىر توي قىلىپ خوتۇن ئېلىشنىڭ ئىشلىرىنى serious ھالەتتە ئويلاپ مۇئامىلە قىلىپ باقماپتىمەن. لېكىن ئەجەپ ھازىر بىر ئادەتتكىچە ئادەم بولۇپ قالدىم. 30ياش دىگەن مەن ئۈچۈن بۇرۇن بەك چوڭ ياش ئىدى. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئادەملەر 30 ياشتا ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلىپ بولغان ئىدى. مەن بۇنداق ئادەتتكى ئادەم بولاپ قالسام بولمايتتى. ئولۇغ ئىشلارنى قىلالمىساممۇ جەميەت ئۈچۈن پايدىسى تىگىدىغان، مەن بولمىسام مىنىڭ يۇقلۇقۇم بىلنىدىغان ئادەم بۇلۇشۇم كىرەك ئىدى. ياش چوڭىغانسىرى، بۇرۇنقى غايىۋى روھى ھالەتتىن رىئاللىقغا يۈزلەنگەنسىرى، گەدەندىكى يۈك ۋە بېسىم يۇقىرلاپ مەن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ بولالمىغانسىرى ئۆزەمنى يۇقىىتپ قۇيىۋاتاتتىم. مەن بۇ ياشقا كەلگەندە ھەر جەھەتتىن تەرەققى قىلىپ مەلۇم سەۋىيەگە يىتىپ ئۆزەمنىڭ مەۋجۇتلۇقۇمنى تىكلەپ ماڭا ئەجرىنى سىڭدۈرگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ تىگىشلىك ھەققىنى قايتۇرۇشۇم، ئائىلە ۋە جەميەتتە تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈمگە ئېلىشىم، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ئۇنىڭدىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى نىشانغا يىتىش ئۈچۈن ئاتلانغان بولۇشۇم كىرەك ئىدى. ماڭا ھازىر 30 ياشتا شۇنداق ئالەمشۇمۇل ئىشلارنى قىلغان ئادەملەر ئۇلۇغ بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى. ياق، مەن ئۆزەمنى يوقىتىپ قويماسلىقىم كىرەك، ئۆز قەدىر قىممىتىمنى قىلىۋاتقان ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرىمنى ياخشى قىلىش ئارقىلىق تېپىشىم كىرەك. كىچىككەن بولساممۇ بەل قويۇۋەتمەسلىگىم كىرەك. »
شۇنداق قىلىپ ئۇزاق خىياللاردىن كىىين مۇشۇ بىلەتنىڭ ماڭا بىر چوڭ سگنال بولۇشىنى، ھەر قېتىم ئۆزەمنى يوقىتىپ قويغاندا مۇشۇ بىلەت ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆزەمنى تېپىۋىلىشنى ئويلىدىم. مەن ئاۋال ئۆزەمنى ئۆزگەرتىشىم كىرەك ئىدى. شۇڭا ئۆز ئۈزەمگە باشقا ھىچنىمە قىلالمىساممۇ ئاۋال ئۆز جېنىمغا قەست قىلماسلىققا، ماشىنا ھەيدىگەندە سۈرئەتنى قەتئى ئاشۇرماي ھەيدەشكە ۋەدە بىرىپ سئاتىلغا بارغۇچە ۋە كەلگۈچە 60دىن ئاشۇرماي ناھايتى سىلىق ھەيدەپ يېنىپ كەلدىم. لېكىن 650 دوللارلىق بىلەت يېنىمدا تۇراتتى. ئۇنى تۆلمىسەم بولمايتتى.
(ئاستىدىكىسى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى يىڭىلانغىنى)
بۇ 650 دوللار ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى، سوتقا چىقىپ كۆرۈپ بېقىشنى ئويلىدىم، لېكىن ھەقىقەتەن خاتالىقنى سادىر قىلغان تۇرسام، نىمە دەپ تىنىۋالارمەن، ئۆزەمنى قانداق ئاقلارمەن دەپ كۆز قورقتۇم. بىر نەچچە ئادۇۋكاتقا تېلفۇن ئورۇپ باقسام«بۇنىچىلىك ئىشتا چاتاق يوق، گۇنانى بوينۇڭغا ئالما» دەيدۇ. لېكىن قاراپ باقسام بۇنى ئۇلار بىر نىمە قىلدى دىگەندىمۇ ئادۇۋكاتقا 650 دوللاردىن جىق تۆلەپ كەتكۈدەكمەن، بۇنىڭ نىمە پايدىسى دەپ ئۇ گۇيلارنىمۇ ئىزدىمىدىم. باش قېتىقچىلىقتا تۇرسام بىر يىقىن ئۆتىدىغان روس ئاغىنەم باتتى ھەر قانداق ئىشقا بىر ئامالى چىقىدىغان، بىر كۈنى شۇ تېلفۇن ئورۇپ قالدى. ئۇنىڭغا «بىر كىلە، مۇھىم ئىش باتتى» دىسەم كەلدى. بولغان ئەھۋالنى دىسەم ئۇ كۈلۈپ كىتىپ «مەن ھازىرغىچە 10 قېتىمدىن ئارتۇق سوتقا چىقىپ باقتىم، سوت دىگەن ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش، قورقما، بۇنىڭغىمۇ سوتقا چىقىپ باقىلى، زىيان تارتىدىغان ھىچقانداق ئىش يوق، يىڭىلىپ قالساق مۇشۇ پۇلنى تۆلەيمىز خالاس، جەرىمانە پۇل يا جىقىيىپ قالمايدۇ، سوتقا چىققانغا يا پۇل ئالمايدۇ، نىمىدىن قورقىسەن» دەيدۇ. ئويلاپ باقسام بۇمۇ توغرا گەپ. شۇنىڭ بىلەن بىلەتكە« مەن بۇنى سادىر قىلمىدىم، سوتقا داۋا قىلىمەن» دىگەننى تاللاپ پوچتىدىن سېلىۋەتسەم 2 ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن 3 ئايدىن كىيىن پالانچى كۈننىڭ پالانچى ۋاختىدا مۇنداق يەردىكى سوتخانىغا كىلىڭ دەپ خەت كەپتۇ. بۇنىڭدىنمۇ خوش بولدىم، دىمەك كەم دىگەندە ئۈچ ئايغىچە جەرىمانە پۇلنى تۆلىمىسەممۇ بۇلىدىكەن. ئارىلىقتا سوتقا چىقىپ نىمە دىيىش توغرىلىق ئىزدەندىم.
توردىن ئىزدەپ باقسام، ساقچىلار ئاساسەن بىكاردىن بىكار جەرىمانە قويمىغاچقا جەرىمانە بىلىتى ئالغانلارنىڭ 96% بىلەتنى تۆلەيدىكەن، ئادەتتە سوتقا چىقسىلا كام دىگەندە «سوتچىنىڭ ئىتىۋار بىرىش ھوقۇقى» غا ئىرىشىپ جەرىمانە پۇلىنى 20% ئەتراپىدا تۈۋەنلەتكىلى بۇلىدىكەن. ئادەتتە ساقچىلار ھەربىر كەسكەن بىلىتى ئۈچۈن بىر دانە قىسقا دوكلات يېزىپ ئۇنى بىلەتكە قېتىپ تەپتىشكە يوللاپ بىرىدىكەن. ئۇ دوكلاتنى سوتقا چىقىشتىن بۇرۇن بىز تەلەپ قىلساق بىزگە بىر نۇسخا بىرىدىكەن. دىمەك، بۇ يەردىكى ئاساسلىق تالىشىدىغان نەرسە شۇ دوكلات بۇلىدىكەن. دوكلاتتىن ھەر قانداق خاتالىق تاپالىساق، ساقچى بىزگە قوپاللىق قىلغان بولسا، بىزنىڭ شۇ خاتالىقنى سادىر قىلىشىمىزغا سەۋەپ بولغان ساقلىنىشقا بولمايدىغان بىر ئىش بولغان بولسا دىگەندەك مەلۇم ئاساس تاپالىساق ئۇ جەرىمانىنى بىكار قىلىۋەتكىلى بۇلىدىكەن. ئاغىنەم بىلەن بىللە بېرىپ ئۇ دوكلاتنى بىر نۇسخا ئەكىلىپ كۆرۈپ باقتۇق، ساقچى بىر يېرىم بەتلىك دوكلات قىلىپ بولغان ئىشنى ئەينەن يېزىپتۇ. ئۇ يەردىنمۇ چوڭ خاتالىق تاپالمىدىم، ساقچىمۇ قوپاللىق قىلمىغانىدى. ماڭىمۇ جىددى 200 كىلومىتېردا ھەيدەشكە سەۋەپ بۇلىدىغان بىر جىددى بانانىمۇ ئويلاپ تاپالمىدىم. شۇ ۋاقىتتا تۇرسام سوتخانىدىن بىر پارچە خەت كەپتۇ. خەتتنىڭ مەزمۇنىدا ماڭا ئىككى تاللاش بىرىپتۇ. بىرىنچى تاللاشتا ئەگەر مەن سوتقا كىلىپ يۈرمەي پۇل تۆلەشنى خالىغان بولسام «سوتچىنىڭ ئىتىۋار بىرىش ھوقۇقى» نى ماڭا ئالدىن بىرىپ 540 دوللار تۆلىسەم بۇلىدىغانلىغىنى يەنە بىر تاللاشتا بولسا ئامرىكىنىڭ قانۇنى بويىچە مەن جەرىمانە پۇلىغا يەنە 100 دوللار قوشۇپ تاپشۇرسام بۇ جەرىمانىنى مىنىڭ «ماشىنا ھەيدەش ئارخىۋىم» غا ۋاختىنچە كىرگۈزمەي «ئېسىپ» قويىدىغانلىغىنى، ئەگەر يەنە بىر يىلغىچە ھىچقانداق بىلەت ئالمىسام شۇنىڭ بىلەن بۇ جەرىمانىنىڭ كىرگۈزۈلمەيدىغانلىغىنى، لېكىن بۇ تاللاشنىڭ ھەر بىر ماشىنا ھەيدىگۈچىگە يەتتە يىلدا بىر بىرىلىدىغانلىغىنى،ئەگەر بۇنى ھازىر ئىشلەتسەم يەنە يەتتە يىلغىچە ئەمدى بۇندا تاللىشىم بولمايدىغانلىغىنى، شۇنداقلا بو خىل ئۇسۇلدا جەرىمانە پۇلىدا ئىتىۋار بىرىلمەيدىغانلىغىنى يېزىپتۇ. ئادەتتە «بىخەستەلىك بىلەن ماشىنا ھەيدەش» دىگەن ئىش سۇغۇرتا شىركەتلىرىگە نىسبەتەن سەزگۈر ئىش بولۇپ ئەگەر بۇ ئارخىپقا كىرسە ماشىنىنىڭ سوغۇرتا پۇلى ئۆسۈپ كىتەتتى. قاراپ بېقىپ مەن قاندا قىلاي سوتچىغا مۇۋاپىق سەۋەپ تېپىپ بىرىپ پۈتۈنلەي يىڭىپ چىقىشىقا كۆزۈم ئىلمىدى. پۈتۈنلەي يىڭەلمىسەم پەقەت 20% ئىتىۋار باھاغا ئىرىشەتتىم خالاس، لېكىن بۇ ئارخىۋىمغا كىرىۋىرەتتى. شۇڭا ئويلىنىپ ئاخىرى جەرىمانىنى تۆلەي دەپ ئويلىدىم ۋە يىغلاپ تۇرۇپ 650 دوللارغا يەنە بۇ بىلەتنى ئارخىۋىمغا كىرگۈزمەيدىغانغا 100 دوللار قېتىپ 750 دوللار تۆلەپ سوتقا ئەۋەتىۋەتتىم.
شۇنداق قىلىپ بۇ 750 دوللارغا بۇرۇن تۆلىگەن بىلەتلىرىمنى قاتسام مەن جەرىمانىگە تۆلىگەن پۇل 1000 دوللاردىن ئېشىپ بۇ قوتا ماشىنىنىڭ پۇلىسىغا يىقىنلىشىپ قالغانىدى. مىنىڭ بۇ ئاسمان-پەلەك تۆلىگەن جەرىمانەم تىزلا دوستلىرىم ئارىسىدا پۈر كىتىپ چاخچاققا ئايلاندى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ ماشىنىنىڭ ئاستىدىن ماي ئاقىدىغان بولۇپ قالدى. ئاپىرىپ 100 نەچچە دوللار تۆلەپ ياماتتىم. لېكىن ئارلىقتا ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن يەنە نىمە بولدى ئاقىدىغان بولۇپ قاپتۇ، سەزمەي ھەيدەۋىرىپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن ماتۇرىنى بۇزۇپ قويدۇم، ماڭماسلا بولدى. رىمونىتخانىغا بارسام 2500 دوللارغا باشقا ماتۇر سالىمىز دەيدۇ. ماشىنامنىڭ ئۆزىدىن قىممەتكەن ھەم ھەممە يەردە ئاساسەن ئوخشاشكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇنى تاشلىۋىتىش قارارىغا كىلىپ ئىلان چىقىرىپ قويسام قوشنا شەھەردىن بىرسى تېلفۇن قىلىپتۇ، 300 دوللارغا ساتتىم، كىلىپ سۆرەپ ئېلىپ كەتتى. كىيىن ماشىنا بولمىغاچ بىلەتمۇ ئالمىدىم. شۇ ۋاقىتتا يەنە ئامرىكىدا ئېغىر ئىقتىسادى كىرىزىس يۈز بىرىپ, بىزنىڭ مەكتەپ شىتاتلىق مەكتەپ بولغاچ، ئىقتىسادى جەھەتتە بىۋاستە شىتاتلىق ھۆكۈمەتكە يۆلىنىدىغان بولغاچ, مەكتىۋىمىزنىڭ كىرىمىگە ئېغىر تەسىر يەتتى. مەكتەپمۇ بۇرۇنقىدەك بىزگە ياخشى مائاش بىرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بىرىنچە مەۋسۇمدە بىراقلا مائاشىمىزنى 300 دوللار كىسىۋەتتى. پۇل يەتمىگەچكە ئارقىدىنلا يەنە بىر قاتار تەڭشەشلەر ئېلىپ بېرىلىپ پۇلنى پەقەت يىڭى قۇبۇل قىلىنغان بىرىنچى، ۋە ئىككىنچى يىللىقتىكى بالىلارغىلا بىرىدىغانلىغىنى، كىيىنكىلەرگە ئەگەر پروفىسسور پۇل بىرىشى كىرەكلىگىنى، بىرەلمىسە ئۆزى ئامال قىلىشى كىرەكلىگىنى ئېىيتتى. ئارقىدىنلا مىنىڭ پروفىسسورىمنىڭ دۆلەتلىك تەبئى پەنلەر فوندىغا يوللىغان دوكلاتى تەستىقلانماي پۇل چۈشمىدى. پروفىىسسورمۇ ئۆزىنىڭ ئامالسىز قالغانلىغىنى، بىزنى ئۆزىمىز ئامال قىلىشقا، ئامال قىلالمىساق ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئېلىپ مەكتەپتىن ئايرىلىپ تۇرۇپ كىيىن سەل ياخشىلانغاندا قايتىپ كىلىشنى دىدى. مەن ئىشىكمۇ ئىشىك چىكىپ ئاساسەن ھەممە پروفىسسوردىن ئوخشاش جاۋاپ ئېلىپ ئامال يوق ئۆز ئىقتىسادىم بىلەن مەكتەپنىڭ پۇللىرىنى تۆلەپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلىپ ئالتە ئاي تىمىىسىنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈپ ئۈنۋان ئېلىپ مەكتەپتىن ۋاقىتلىق ئايرىلدىم. سان فىرانسىسكو رايونىغا بېرىپ كىرىمنى جىلغىىسدا ئىگىلىك تىكلەش خىيالى بىلەن بىر مەزگىل تىرىشتۇق. لېكىن ئىقتىسادى كىرىزىس بەك ئېغىر بولۇپ كەتكەن بولۇپ ۋاختىنچە ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ياخشى پۈرسىتى ئەمەس بولۇپ چىقتى. ئامرىكىدا بىر ئاي تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن 1500 دوللار بولمىسا يەتمىگەچكە يېنىمدا بار پۇللارمۇ ئوزۇن ئۆتمەيلا پاك – پاكىز تۈگىدى، بۇ ۋاقىتتا ۋەتەنگە قايتىپ توي قىلغاچ 4-5 ئاي تۇرۇپ كەلدىم، 2009-يىلىنىڭ ئاخىرى ئىچكى خەۋەردىن بىر پروفىسسوردىن يىڭى تەتىقات پۇلى ئالغانلىغىدىن خەۋەر ئېلىپ دەرھال ئۇنىڭغا تېلفۇن ئورۇپ بىردەم ئەھۋاللىشىۋەتكەندىن كىيىن دەرھال مەكتەپكە يېنىپ كىلىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتۈم ۋە يېنىپ كىلىپ ئوقۇشنى قايتىدىن باشلىۋالدىم. ئىككى قېتىملىق ئوقۇشنىڭ ئارلىقىدا بىر يىلدىن كۆپراق ۋاقىت سەرسان بولدۇم. جىق نەرسىلەرنى ئۈگەندىم، تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى باشتىن كەچۈردىم.
(ئاستىدىكىسى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى يىڭىلانغىنى)
شۇنداق قىلىپ 750 دوللارلىق جەرىمانىنى تۆلىگەندىن كىيىن قاتتىق ساۋاق ئىلىپ ۋە بىخەتەر ھەيدەشكە تىرىشىپ توردىن كونا شۇپۇرلارنىڭ ماشىنا ھەيدەش كۆرسەتنامىلىرىنى ئىزدەپ تېخىمۇ ئۈگەندىم ۋە ھەيدىگەندە سۈرئەتنى قەتئى ئاشۇرۋەتمىدىم. تاق يوللاردا ھەيدىگەندە مەن ئاستا ھەيدەپ كەينىمدە ماشىنىلار يىغىلىپ قالسا ماشىنىنى چەتكە تارتىپ ئالدىراشلارنى ئالدىمغا ئۆتكۈزىۋېتىپ ھەيدىدىم. چوڭ پويىزغا ئوخشاش ئۇزۇن يۈك ماشنىلىرىنى ئۇچراپ قالسا تېخىمۇ ئىھتىيات قىلدىم. ئارلىقتا ماشىنام بولمىغاچ كۆپرەك ياتاقدىشىمنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدىگەن ئىدىم. كىيىن ئۇ ئاغىنەم مەكتەپ ئالمىشىدىغان بولۇپ كىتىپ قالدى. ئۆتكەن يىلى ياز تەرەپتە يەنە ماشىنا لازىم بولۇپ ماشىنىسى جىق بىر دىخان تۇنۇشۇمغا تېلفۇن قىلسام «ئارتۇق ماشىنىدىن بىرسى بار، ھەيدىمىگىلى ئالتە ئاي بولدى، خالىساڭ كىلىپ كۆرۈپ باق»دىدى. بارسام بۇرۇنقى ماشىنامغا ئوخشايدىغان ماشىنا ئىكەن، قارىسام بىرەر -ئىككى يىل ھەيدىگىلى بۇلىدىغاندەك كۆرۈندى. بىر مەزگىل مۇشۇنى بولسىمۇ ھەيدەپ تۇراي دەپ باھا تالىشىپ 500 دوللارغا ئالدىم، ساتقانلىق توغرىسىدا بىر باغاقچىگە ئىسپات يېزىپ بەردى. ئەتىسى بىر قوشنا شەھەرگە بارىدىغان ئىشم بولغاچ ئەكىلىپ رېمونىتخانىغا ئاپىرىپ مايلىرىنى ئالماشتۇرغۇزۇپ بىرەر قۇر تەكشۈرتسەم چوڭ چاتاق ياق ھەيدەۋەرسەڭ بۇلىدىكەن دىدى. ئاندىن يەنە سۇغۇرتا شىركىتىگە بېرىپ ئەڭ ئەزان سۇغۇرتىدىن بىرنى ئالدىم. يەنە ئازراق پۇل خەجلەپ ئازراق بىزىۋىدىم كۆزۈمگە خېلى ئىللىق كۆرۈنۇپ ھەيدىگۈدەپ بولۇپ قالدى. ئەتىسى قوشنا شەھەرگە بېرىپ كىلىشتىمۇ ناھايتى دىققەت قىلىپ ياخشى ھەيدىدىم. لېكىن قانداق بولدى قايتىپ كىلەر ۋاختىمدا بىر قېتىم 2-3 سىكونت سۈرئەت ئازراق ئېشىپ كەتكەندەك قىلدى دەرھال تەڭشىدىم لېكىن بىر دەمدە كەينىمدە قىزىل كۆك چىراقلار پولاڭلاپ ساقچى پەيدا بولدى ۋە بايام 8 مىل ئاشۇرۋىتىپ قالدىڭ دەپ بىر 125 دوللارلىق بىلەت كىسىپ بىرىپ كىتىپ قالدى.
بۇ قېتىم بۇ ئالغان بىلەتكە بەك ئاچچىقىم كەلدى. نىمىشقا نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان شۇنچە دىققەت قىلىپ ھەممە ئادەمنى ئالدىمغا سېلىپ ھەيدەپ تۇيۇقسىز نەچچە سىكونت ئېشىپ كىتىپ قالغانغا بىلەت بەردىيا بىر ئاگاھلاندۇرۇشمۇ بەرمەي. بۇ گۇيلار مىنىلا پايلاپ يۈرەمدىكىنە. ياخشى ھەيدىسەم بىرەر قېتىم مۇكاپاتى يوق لېكىن كىچچىككىنە خاتالىشىپ قالسام بىلەت بىرىدۇ. بۇ ۋاقىت يانجۇقۇم بوش ۋاقىت ئىدى. 120 دوللار ئەمەس 10 دوللارمۇ بىكارغا بىرىۋىتىشكە چىدىمايتتىم. شۇڭا كۆزۇمنى يۇمۇپلا سوتقا چىقىپ تالىشىپ بېقىش قارارىغا كەلدىم ۋە 15 كۈننىمۇ ساقلىماي ئۆيگە كىلىپلا بىلەتكە «مەن بۇ خاتالىقنى سادىر قىلمىدىم، سوتقا چىقىپ دەۋالىشىمەن» دىگەن تاللاشنى تاللاپ سوتقا ئەۋەتىۋەتسەم ئۇلارمۇ 3 كۈندىن كىيىنلا جاۋاپ قايتۇرۇپ خەت يېزىپ ئىككى ئايدىن كىيىن پالانچى كۈننىڭ پالانچى ۋاختىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇنداق ئۆيىگە كىلىپ سوتچى بىلەن كۆرۈشۇڭ دەپتۇ. ماقۇل دەپ بىرەر ئاي ئۆزەمنىڭ ئىشىنى قىلدىم. بىكار قالغاندا «نىمە دەپ ئۆزەمنى ئاقلىسام بۇلار» دەپ تور ئاختۇرۇپ ئوچۇر ئىزدىدىم. پايدىلىق ئۇچۇرلارمۇ ئۇنچە چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن قانداق سەۋەپ تاپسام بۇلار دەپ ئويلىنىشقا باشلىدىم. بەلكىم ساقچىنىڭ ماشىنىنىڭ سۈرئىتىنى تەكشۈرىدىغان ئەسۋابى خاتا بولۇشى مۇمكىن، بىزنىڭ تەجرىبىخانىدىكى شۇنداق ياخشى ئىشلەپ كىتىپ بارغان ئەسۋاپلارمۇ تۇيۇقسىز خاتا ئىشلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭمۇ ئېلىكتېرونلۇق ئەسۋاپ بولغاندىكىن خاتالىشىپ قېلىشى مۇمكىندە. بەلكىم مىنىڭ ماشىنامنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچى خاتا بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەگەر ئۇ خاتا بولسا مەن ئۇخمىغان بولسام مىنىڭ سەۋەنلىكىم ئەمەستە، ھىچ بولمىسا مەن قەستەن قىلمىغان بۇلىمەن. يەنە بەلكىم ساقچى مىنىڭكىگە ئوخشايدىغان ماشىنىنى توختىمەن دەپ مىنى توختىتپ قالغاندۇ. ياكى مەن نورمال ھەيدەپ كىتىپ بارغان ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بىرەر تۈۋەنگە چۈشىدىغان يەرگە كىلىپ قالغان ئوخشايمەن، ۋاقتىم چىقسا بېرىپ تەكشۈرۈپ رەسىمگە تارتىپ ئېلىپ كىلەي. شۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ماشىنامنىڭ يېلى چىقىپ كىتىپ قالغان بولۇپ مەن تىز ھەيدەپ قالغان بولسامچۇ. ساقچى ماشىنامنىڭ چاقىغا سەپ سالغاندەك قىلمىدى. ئەگەر ھەيدەپ كىتىپ بارغان ۋاختىمدا يولدا تۇيۇقسىز بىر ھايۋان پەيدا بولۇپ قالغان، مەن تەمتىرەپ تىز ھەيدەپ كىتىپ قالغان بولسامچۇ. يەنە قانداق بانا تاپقىلى بۇلار. شۇنچە ئويلىدىميۇ ئەمىلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى چەك باسمايدىغان سەۋەپلەر ئىدى.
ئاندىن يەنە ئاز قالغاندا سوتقا بېرىپ ئەرىز سۇنىدىغان يەردىن ساقچىنىڭ مەن ئۈچۈن ئەۋەتكەن دوكلاتىنى بىر نۇسخا كۆپەيتىپ ئېلىپ كەلدىم ۋە دوكلاتنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. دوكلات بىر يېرىم بەتلىك دوكلاتكەن. دوكلاتتا «شۇ كۈنى ئەتىگەندە ساقچى يولغا چىقىشتىن بۇرۇن سۈرئەت تەكشۈرگۈچ سىناپ تەڭشەلدى ۋە ئەسۋاپنىڭ نورمال ئىشلەيدىغانلىغىنى ئىسپاتلاپ تامغا بېسىلىپ قول قويۇلدى ۋە شۇ بىر كۈن ئىشلىتىش جەريانىدا ئەسۋاپتا ھىچقانداق نورمالسىزلىق بايقالمىدى. ئەسۋاپنىڭ نۇمۇرى XXXXXX. بۇ قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچى مۇنداق ماشىنا ھەيدىگەن، مۇنداق رەڭدە، ماشىنىنىڭ نۇمۇرى XXXXX. ۋاقىت مانچىدىن مانچە ئۆتكەن. ھاۋا ئوچۇق، قار، يامغۇر، مۈلدۈر، تۇمان…. دىگەندەك ماشىنا ھەيدەشكە تەسىر قىلىدىغان ھاۋارايى ئامىللىرى يوق. ماشىنىنىڭ كەينىدە ۋە ئالدىدا 200 مېتېر دائىرىسىدە 0 ماشىنا بار، ئۇدۇلدىن ماشىنا يوق. ئىككى يان تەرەپتە تەسىر قىلىدىغان توسالغۇ يوق. ماشىنىدا جىددى بىر تەرەپ قىلىشقا لازىم بولغان ئەھۋال يوق ( مەسىلەن جىددى ئاغرىق، جىنايەتچىلەر قوغلىغان دىگەندەك) ھەم ماشىنا ھەيدىگۈچى ئۇنداق ئەھۋاللار بارلىغىنى ئىنكاس قىلمىدى، ساقچى بايقىمىدى. ماشىنىنىڭ چاقلىرى نورمال، ماشىنا ئالتە ئايدىن بۇيان تىزىملىتىلماپتۇ. » دەپ ناھايتى تەپسىلى يېزىپتۇ. قارىسام ئالدىدا ئويلىغان بانالىرىم ھەممىسى يوققا چىقىپتۇ. ماشىنىنى مەن شۇ ئىشنىڭ كەينىدىكى ھەپتىسى ئۆزەمنىڭ نامىغا تىزىملاتقان ئىدىم. ئادەتتە ماشىنا سېتىۋالسا 10 كۈن ئىچىدە تىزىملىتىشى كىرەك ئىدى. قارىغاندا مەندىن بۇرۇنقى ئىگىسى خېلى ئۇزاق مەزگىل ھەيدىمىگەن بولغاچقا تىزىملاتمىغان ئوخشايدۇ. لېكىن ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭ سەۋەبىم ئەمەس ئىدى.
شۇنداق قىلىپ ئۆزەمنى قايىل قىلالايدىغان بانا ئىزدەپ بۇلالماي سوتقا چىقىدىغان ۋاقىتمۇ كەپ قالدى. قانداقلا بولمىسۇن سوتقا بىر بېرىپ كىنولاردا كۆرگەن ئادۇۋكاتلارنى دوراپ ئەينى ئەھۋالنى پەرەز قىلىپ بىر ئىتىشىپ باقاي. يامىنى كەلسە شۇ پۇلنى تۆلەرمەن خالاس. ئەتە سوتقا باراي.
(ئاستىدىكىسى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى يىڭىلانغىنى)
(ئاستىدىكىسى5-ئاينىڭ 5-كۈنى يىڭىلانغىنى)
شۇنداق قىلىپ سوتچىنىڭ كاتىپى مىنىڭ ئىسمىمنى ئوقۇيالماي مىڭ تەستە ئاران ھېجىيلىدى. ھەر قېتىم مۇشۇ ئىسمىمنى باشقىلارنىڭ ئوقۇيالماي قينىلىپ كىتىپ بارغىنىنى كۆرسەم ئىچىمدە بىر قېتىم مۇشۇ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ پاسپورت بىجىرىدىغان سياسەتلىرىنى تىللاپ چىقىمەن. دۇنيادا قائىدە، داۋلى ئاڭلىغىلى ئۇنىمايدىغان ئادەم ياكى ئورۇن بار دىيىلسە بۇنىڭغا نامزات بولىدىغان بىرىنچى ئورۇن ئەنە شۇ ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ پاسپورت چىقىرىدىغان ئورۇنلىرىدىكى ئادەملەر ھىساپلىنىدۇ. پاسپورت بىجىرىپ بىرىشكە ئۇنىشى بىر گەپ. پاسپورت بىجىرىپ بىرىشنىڭ تەسلىكىنى ھەر ھالدا يەرلىك سىياسەت بىلەن ئوخشاش قاتاردا دەپ چۈشىنىلىشكە مەجبۇر بولساقمۇ لېكىن بىجىرىشكە ئۇنىغان پاسپورتنى چىقارغاندا ئىسم ئادىتىمىز خەنزۇلار بىلەن ئوخشىمايدىغاننى قەتئى نەزەرگە ئالغىلى ئۇنىماي ئادەمنىڭ فامىلىسىنى ئۆز ئىسمى، ئۆزىنىڭ ئسمىنى فامىلىسى قىلىپ يېزىپ بىرىدۇ. مانا شۇلارنىڭ ئاشۇ كاساپىتى بىلەن پاسسپورتنى قولۇمغا ئېلىپ چەتكە قەدەم باسقان كۈندىن باشلاپ مىنىڭ جەدۋەلدىكى ۋە ھۆججەتلەردىكى ئسمىم ئابۇلىكېمۇ، فامىلەم تۇئېرشۈنجاڭ. ئۆز ۋاختىدا پاسسپورتنى ئالغان ۋاختىمدىلا شۇلارغا «بۇنداق بولسا بولمايدۇ، مىنىڭ ئىسمىم تۇرسۇنجان تۇرسا، ئابلېكىم ئەمەس،ئۇ دىگەن فامىلەم» دەپ شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ ئۇلار «ۋاي بۇنى سەن دىمىسەڭمۇ بىز بىلىمىز، ھەممە ئادەمنىڭكىنى شۇنداق چىقىرىۋاتىمىز، لېكىن بۇ يۇقىرنىڭ سىياسىتى، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ماڭىدۇ» دەپ بىر ھاكاۋۇر ئۇيغۇر باشلىق ماڭا چۈشەندۈرۈپ تۇرۇۋالدى. ئەسلى ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق قىلىدىكەن. يەنە تالىشاي دىسەم ئاران تەستە چىققان پاسپورتۇمنى «ئەكەل ئەمىسە ئۆزگەرتىپ بىرەيلى» دەپ ئېلىۋېلىپ تارتىۋالمىسۇن دەپ قورقتوم. كىيىن سورىسام ئىككىنچى بېتىگە ئۆز ئىسمىنى ئەسكەرتىش قىلىپ يېزىپ بىرىدىغان ئىشلارمۇ بار ئىكەن. ئۇ ئىسىمنى بەزى يەردە ئىتراپ قىلىدىكەن، بەزى يەردە قىلماسمىش. ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىمۇ قىلغۇم كەلمىدى. مىنىڭ پاسپورتۇمغۇ جەدۋەل توشقۇزۇپ بىرىپ قويۇپ بىر نەچچە ھەپتىدىلا ئۆزلۈگىدىن چىققان، لېكىن باشقىلاردىن ھەرخىل گەپلەرنى، بىجىرەلمەي ياكى بىجىرگەننى بىرىپ قويۇپ قايتۇرۇپ ئالالماي يۈرگەننى كۆپ ئاڭلىغان بولغاچقا مىنىڭمۇ قولۇمدىكى پاسپورتنى يەنە بەرگۈم يوقتى. كىيىن يەنە سۈرۈشتە قىلسام شۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇرلار، باشقا چوڭ باشلىقلار دىگەندەكلەرنىڭ پاسپورتى ئىسمى ئالمىشىپ قالماي چىقارمىش. ھەتتا ئىسمىمۇ تېخى پىنيىنچە يېزىلىپ قالماي نورمال ئۇيغۇرچە يېزىلىپ چىققانلار باركەن. قارىغاندا يۇقرىنىڭ سىياسىتىدە IF جۈملىسى قوشۇغلۇق ئوخشايدۇ. ھەي قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار بىلەن يەنە تالاشقۇم كەلمىدى. كىملىكمدىكى ئىسمىمنى بىلىپ تۇرۇپ فامىلەم قىلىپ يېزىپ بەردى دەپ قايسى يوغان قورساقنى ئىزدەپ يۈرەرمەن. مەن ئۈچۈن مەيلى ئەمەسمۇ. پاسپورت بولسىلا مىنى ئۆز ئىسمىمنى ئاتىماي دادامنىڭ، بوۋامنىڭ ياكى باشقا بىر ئىسملار بىلەن، ھەتتا ئىت،مۇشۇك دەپ ئاتىسىمۇ مەيلى ئەمەسمۇ، بەرىبىر جەدۋەلگە يازىدىغان خەتقۇ ئۇ. لېكىن پاسپورتۇم يوق بولۇپ قېلىپ ئامرىكىدىكى ئوقۇشۇمغا بارالمىسام بۇ زىياننى تولدۇرۋالالمايمەندە. ھېلىمۇ ياخشى ئۇلارنىڭ بىر پاتمان ھۆججەتلرىنىڭ بىر يەرلىرىدە پاسپورت بىجىرگۈچىنىڭ رەسمى ئۈچۈن دادىسىنىڭ رەسمىنى چاپلاش، دادىسىنىڭكىگە بالىسىنىڭكىگە چاپلاش كىرەك دەپ بەلگلىمىرى يوقكەن. ئەسلى دادىسىنىڭ ئىسمىنى بالىسىغا، بالىسىنىڭكىنى دادىسىنىڭ ئورنىغا يېزىپ بەرگەندىكىن رەسىمنىمۇ شۇنداق قىلىمىز دەپ تۇرۇۋالسا تېخىمۇ داۋلىلىق بۇلىدىكەندۇق. بىزغۇ باشقىلارغا بۇ مىنىڭ قېرىغاندىكى رەسىمىم دەپ چۈشەندۈرەرمىز، لېكىن ئاياللار قانداق قىلار، ھازىر ئايال ئىدىم،قېرىغاندا ئەر بولۇپ قالدىم دەپ چۈشەندۈرەرمۇ. شۇنداق بەلگىلىمە چىقىرىۋالغان بولسا يەنە ئۆزەمنى باشقىلارغا تۇنۇتۇپ بۇلالماي نەلەردە ئاۋارە بولۇپ يۈرەر ئىدىم. خۇداغا شۈكرى، شۇنداق بەلگىلىمە تۈزۈۋالمىغىنىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كاللىسى ئىشلەپ قالغان بىرەرسى بار ئوخشايدۇ.
شۇنداق قىلىپ كاتىپ ئىسمىمنى ئابۇلىكېمۇ تۇېرررزېنجيەن دەپ ئوقۇپ بولۇپ يەنە ئوقۇيالماي ئارقىدىن خىجىل بولۇپ Sorry دەپ كەتتى، مەن ئالدىدىكى «ئەرىزدار» دىگەن ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرغاچ كاتىپقا «ھىچقىسى يوق، خىجىل بولما، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئسمىنى جايىدا ئوقۇيالمايمەن» دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ ئەرزىم باشلاندى.
سوتچى ئاۋال مەن بۇرۇن كۆرگەن ساقچى دوكلاتىنى ئاۋازىنى يۇقىرى، ھەيۋەتلىك قىلىپ ئوقۇدى، بىرەر ئىككى مىنوت كەتتى بولغاي، ئاندىن مەندىن قانداق ئەرىز بار دەپ سورىدى.
Jeck : ھۆرمەتلىك سوتچى جاناپلىرى، دوكلاتنى ئوقۇدۇم، ساقچى ئۆزى ھىس قىلغان ئىشنى يېزىپتۇ. ساقچىنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى چىقىرىپ مىنىڭ ئىشىمگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكلىرىگە كۆپ رەھمەت. بۇ دوكلاتقا بولغان مىنىڭ ھىس قىلىشىم ساقچىنىڭكىدىن پەرىقلىقراق. مەن ئۆز ۋاختىدا پالانچى يولدا كىتىۋاتقان، يولنىڭ ئازراق ئىگىز پەس يەرلىرى بار، ئۇ يەرگە قايتا بېرىپ يولنى رەسىم تارتىپ كىلەي دىسەم يىراق بولۇپ قالدى. مەن ئۆز ۋاختىدا يولدا 65-70 لىك سۈرئەت بىلەن كىتىۋاتقان، ماشىنامنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچىمۇ شۇنى كۆرسىتىپ تۇرغان. ئىگىز- پەس يەرلەردە تۈۋەنگە چۈشكەندە 1-2 سىكونت تۇيۇقسىز سۈرئەت تىزلىشىپ كىتىش خاتالىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا مەن ھىچقاچان 70 تىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ باقمىدىم، ساقچىنىڭ نىمىشقا مىنى 78 تە ھەيدىدى دەپ ھۆكۈم چىقارغىنىغا گۇمانىم بار.
سوتچى: ساقچى بۈگۈن كەلمىدى، سىزمۇ ئۇنى سوتتا گۇۋالىق بىرىش ئۈچۈن تەلەپ قىلماپسىز. لېكىن سوتچىنىڭ سۈرئەت تەكشۈرۈش ئەسۋاپلىرى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن تەڭشىلىپ تەكشۈرلۈپ ئاندىن يولغا چىقىدۇ.
Jeck: شۇنداقكەن، مەنمۇ ماتىرىيال ئىزدەپ كۆردۈم. مىنىڭ يەنە بىر گۇمانىم مىنىڭ ماشىنام. مەن بۇ ماشىنىنى ساقچى مىنى تۇتۇۋالغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى ئالغان ئىدىم. ئېلىپلا ئەتىسى جىددى ئىشىم بولغاچ ھەيدىگەنىدىم. ماشىنىنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچلىرىدە چاتاقلىرى بارمۇ قانداق ئۇقالماي قالدىم. مىنىڭ ماشىنام مەن ھەيدىگەندە راستىنلا 70تىن ئېشىپ سۈرئەت كۆرسىتىپ باقمىدى ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپ ھەيدەپ باقمىدىم. لېكىن ساقچى مىنى 78 دە ھەيدىدىڭ دەپ تۇتۇۋالدى. مانا ماۋۇ مىنىڭ ماشىنامنىڭ رەسىمى (ماشىنىنىڭ سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن، ئەڭ كونا كۆرۈنىدىغان يىرىدىن رەسىمگە تارتىپ ئالغاچ كەلگەن ئىدىم)، ماۋۇ ماشىنامنىڭ باشقا ۋاقىتتا ھەيدەۋاتقان ۋاقىتتىكى سۈرئەت كۆرسەتكۈچى، مانا ماۋۇ مەن ماشىنامنى سېتىۋالغانلىق ھەققىدىكى ئىسپاتى، ئۈستىدە ماشىنىنى ساتقان ئادەمنىڭ تېلفۇن نۇمىرى بار. ( ماشىنىنى ئالغاندا ساتقان ئاداش بىر قەغەزنىڭ بۈرجىكىنى يىتىپ ئۈستىگە ماشىنامنىڭ پالانچىغا ساتتىم، پۇلى مانچىلىك دىگەنلەرنى يېزىپ چىسلاسىنى قېتىپ يېزىپ بەرگەن ئىدى، شۇنى كۆرسەتتىم،دىمىسىمۇ ماشىنىنى ئېلىپلا ئەتىسى تۇتۇلۇپ قالغان )، كۆرۈپ باقسىلا.
سوتچى: (كۆرۈپ بولۇپ)، ماشىنىنى ساتقۇچى ماشىنىنىڭ چاتاقلىرى بار دەپ ساڭا دىمىگەنمۇ؟
Jeck: ئۇ باشقا پارچە پۇرات چاتاقلىرىنى دىگەن، لېكىن سۈرئەت كۆرسەتكۈچنىڭ گىپىنى قىلمىغان. مەن ھازىر ھەقىقەتەن سۈرئەت كۆرسەتكۈچتىن گۇمانلىنىپ قالدىم.
سوتچى: ساقچى دوكلاتىدا يەنە ماشىننى تىزىملىتىلمىغان دەپتۇ. بۇمۇ قانۇنغا خىلاپ.
Jeck: ماڭا ساتقۇچى تىزىملاتمىغان ئوخشايدۇ، مەن ئۇنى ئۇخمايتتىم. قانۇنغا ئاساسەن ماشىنا سېتىۋالغۇچى ماشىنىنى ئېلىپ 10 كۈن ئىچىدە تىزىملىتىشى كىرەك. مەن ماشىنىنى ئېلىپ ئككىنچى ھەپتىسنىڭ بېشىدىلا تىزىملاتتىم. شۇڭا بۇ جەھەتتە چاتاق يوق. مانا ماۋۇ ماشىنامنىڭ تىزىملىتىش كىنىشكىسى، مانۇ ماۋۇ سۇغۇرتام. (بۇلارنى كۆرسەتتىم)
سوتچى: ( بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن) OK. ئۇنداقتا مەن سىزگە ئىككى تاللاش بىرەي. بىرىنچى تاللاش، سىىزنىڭ سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن سەۋەنلىكنى بىكار قىلىۋىتەي، لېكىن ماشىنىنىڭ تىزىملاتمىغان سەۋەنلىكىنى يېزىپ شۇ ئۈچۈن جەرىما تۆلەيسىز. جەرىمانىسى 115 دوللار. بۇنداق بولغاندا تىزىملاتمىغان سەۋەنلىك ماشىنا ھەيدەپ سادىر قىلغان سەۋەنلىك دەپ قارالمايدۇ، شۇڭا سۇغۇرتا ھەققىگىمۇ تەسىر قىلمايدۇ، سوغۇرتىغا تۆلەيدىغان پۇلىڭىز ئۆسمەيدۇ. ئىككىنچى تاللاش، سىز ماشىنىنى ئاپىرىپ رىمونىتچىغا كۆرسىتىڭ، رىمونىتچى كۆرۈپ سۈرئەت كۆرسەتكۈچتە خاتالىق بولسا ئوڭشاپ بىر ئىسپات يېزىپ بەرسۇن، شۇنى كۆرگەندىن كىيىن مەن جەرىمانىڭىزنى بىكار قىلىۋىتەي. قايسىنى خالايسىز.
مەن پۇل تۆلەشنى خالىمايتتىم. شۇڭا ئىككىنچىسىنى تاللىدىم.
Jeck: مەن ماشىنامنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچىنى رىمونىتچىغا ئاپىرىپ باقاي.
سوتچى: بۇلىدۇ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن. ئىسپاتنى ئېلىپ سوتقا ئەۋەتىڭ. قانچىلىك ۋاقىت كىرەك:
Jeck: بىرەر ھەپتە بولسا بۇلار.
سوتچى: بىر ئاي بولسۇن. شۇ ماشىنىنى ھازىر ھەيدەپ كەلدىڭىزمۇ؟
Jeck: شۇنداق.
سوتچى: ھەيدىگەندە سەل ئاستىراق ھەيدەپ قايتىڭ. سۈرئەت كۆرسەتكۈچى چاتاق بولسا يەنە خاتالىشىپ قالىسىز.
Jeck: رەھمەت. چوقۇم شۇنداق قىلىمەن. كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
سوتچى: تۈزۈت قىلماڭ.
شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. ئەجەپ ماڭا ئوخشايدىغان سوتچىكەن بۇ دەپ خوش بۇلۇپ يېنىپ چىقتىم. رىمونتخانا ئىزدەپمۇ يۇرمىدىم. شۇ ھەپتە ئاخىرى كۈنى ماشىنىنى ساتقان ئاداشنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بولغان ئىشلارنى دەپ سەن ماشىنىنى ئانچە مۇنچە بىلگەندىكىن قاراپ باق دىسەم ئۇ سۈرئەت كۆرسەتكۈچكە قاراپ ئۇ ئۇ يەر بۇ يەرلەرنى بوشىتىپ كۆرۈپ يەنە چىڭىتىپ قويۇپ بۇ ساقكەن، بۇنى قانداق يازىمىز دەيدۇ. ئەمىسە نىمە قىلغان بولسا شۇ بۇيىچە يېزىپ بەر دىسەم ئاق قەغەزدىن بىرنى ئېلىپ « مەن ئابۇلىكېمۇغا ماشىنىنى ساتقان پالانچى بۇلىمەن، بۈگۈن ماشىنىنىڭ سۈرئەت كۆرسەتكۈچلىرىنى چۇۋۇپ كۆرۈپ چىقىپ لوسىلىرىنى چىڭىتىپ قويدۇم ۋە بىر كونا لوسىنى ئالماشتۇرۇپ قويدۇم، ھازىر نورمال ئىشلەيدۇ» دەپ يېزىپ بەردى. مەن ئۇنى ئېلىپ سوتچىغا سېلىۋەتسەم ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن جەرىمانىنى قالدۇرۋەتكەنلىگى توغرىلىق خەت كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن Jeck نىڭ سوتقا چىقىشى ئاخىرلىشىپ بىر جەرىمانىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولدى.
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. ماشىنا ھەيدەش بىلەن كىشىلىك ھايات بەك ئوخشىشىپ قالىدىكەن. ماشىنا ھەيدەپ يولدا كىتىپ بارغان ئادەمدە بىر مەسئۇلىيەت بۇلىدۇ. مەسئۇلىيەتلىك بولمىسا كىچىك بولسا زئۈزى ۋە باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. چوڭ بولسا بىر نەچچە ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىشى مۇمكىن. كىشىلىك ھاياتمۇ شۇنداق. تۇرمۇشتا ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇك مەجۇرىيتي ۋە مەسئۇلىيتى بۇلىدۇ ۋە بۇ مەسئۇلىيەت بارغانسىرى ئېغىرلىشىپ بارىدۇ. بۇ يولدا يالغۇز سىز بىر ئادەم ماشىنا ھەيدىمەيسىز، يول چەكلىك، نۇرغۇنلىغان ماشىنىلار شۇ يولدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ بىر بىرىگە يول بىرىشىپ يولنى ئاسراپ ھەيدىشى كىرەك.تۇرمۇشتىمۇ ئادەملەر بىر بىرىگە يول قويۇشۇپ يول تالاشماي ماڭسا ياخشى. كىشىلىك ھاياتنىڭ يوللىرى ئۇزاق يوللاردۇر. سىز بو يولغا كىرگەندە بۇ يولنىڭ نەدىن باشلىنىپ نەدە تۈگەيدىغانلىغىنى ئۇخمايسىز. بىر يەردىن كىرىسىز، يەنە بىر يەردىن چىقىپ ئۆز يولىڭىزغا راۋان بۇلىسىز. يولدا كىتىۋاتسىڭىز بەزىدە بىر كىملەر قېشڭىزدىن ئۇچقاندەك ئۆتۈپ كىتىدۇ، بەزىلىرى كەينىڭىزدە پەيدا بولۇپ سىزگە ئەگىشىپ ماڭىدۇ. سىز ئۇچقانداق ھەيدەپ ھەممە ئادەمدىن ھالقىپ ئۆتۈپ بىر يەرگە بېرىپ قارسىڭىز ئالدىڭىزدا يەنە يۈزلىگەن ماشىنلار كۆرىنىدۇ. سىز قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقسىڭىز بىرسى ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققان بولسا سىز ئۇنىڭغا يىتىشەلىشڭىز ناتايىن. لېكىن بارىدىغان يەر ئوخشاشلا ئۈرۈمچى. كىشىلىك ھايات دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئوخشاش بىر پەللىدىن باشلانمايدۇ. ماشىنىغا ئوخشاش ھەممە ئادەمنىڭ تۇرمۇزى بولۇشى كىرەك ۋە بۇ تۇرمۇز ياخشى ئىشلىشى كىرەك. تۇرمۇزى يوق ماشىنىنى ھەيدىگىلى بولمايدۇ. تۇرمۇشتىمۇ تۇرمۇزى يوق ئادەم بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كىرەك. ماشىنىغا تۇرمۇز بەرمەي ماينى دەسسەپ ھەيدەۋەرسىڭىز ئۇچىۋاتقاندەك ھىس قىلىسىز، ئەمىلىيەتتە سىز ئۇچمايسىز بەلكى يەنىلا يەردە، ۋە قانچە ئۇچسىڭىز سىز شۇنچە خەتەر ئىچىدە. كىشىلىك ھاياتتىمۇ تۇرمۇز يوق مېڭىۋەرسڭىز بىردەم ئۇچقانداق ھىس قىلغاندەك بىلەن شۇنىڭدىن كىيىنلا قانچىلىك خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىگىڭىزنى ئۈزىڭىزمۇ بىلەلمەسىلىڭىز مۇمكىن. ماشىنىنى قانچە چۈشىنىپ، قانچە ئاسراپ ئىشلەتسىڭىز سىزگە شۇنچە يىقىملىق، ماس كىلىدىغان بىلىنىدۇ ۋە ئۇزۇنغا چىدايدۇ. سىزمۇ ھاياتىڭىزنى، ئۆزىڭىزنى، تۇرمۇشنى، جورىڭىزنى قانچە چۈشىنىپ، قانچە ئاسرىسىڭىز تۇرمۇشىڭىز شۇنچە يىقىملىق بىلىنىدۇ. ماشىنا ھەيدەپ ئوزۇن يولغا ماڭغان ئادەم ئاۋال يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ياخشى تەييارلىق قىلىپ قەيەرگە بارىمەن، قانداق بارىمەن، قەيەرلەردىن ئۆتىمەن، قايسى يوللار بار دىگەنلەرنى تولۇق ئويلىشىپ خەرىتىنى بېسىپ چىقىرىپ قېشىدا ساقلاپ شۇنىڭغا قاراپ ھەيدىسە خاتالاشماي بارىدىغان يىرىگە كۆزلىگەن مەقسەتتە ۋاختىدا بارالايدۇ. يول بولغانىكەن چوقۇم خەرىتە ۋە يول كۆرسەتكۈچلەر بار، چوقۇم سىزدىن بۇرۇن مېڭىپ باققان ئادەم بار. سىز بۇ يولدا ماڭىدىغان ياكى مېڭىپ باققان تۇنجى ئادە بولۇشىڭىز ناتايىن. ئەگەر تۇنجى ئادەم بولسىڭىز چوقۇم يوللاردا بەلگىلەرنى قالدۇرۇڭ ۋە خەرىتىسىنى سىزىپ كىيىنكىلەرگە بىرىڭ. يولغا چىقىشتىن بۇرۇن قىلىدىغان ئىشنى ۋە قانداق قىلىشنى چوقۇم ياخشى بىلىۋىلىشى كىرەك. كىشىلىك ھاياتتىمۇ ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھايات مۇساپىسىنى ياخشى ئويلىشىپ، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان غايىنى تىكلەپ شۇنىڭغا يىتىدىغان ۋە شۇ يولدا ئۆزى ماڭالايدىغان خەرىتىنى سىزىۋېلىشى كىرەك. مۇساپىڭىز قىسقا بولسا قىسقا بويىچە ئوزۇن بولسا ئوزۇن بويىچە. دەسلەپتە ياخشى پىلانلىماي يولغا چىقىپ ئېزىپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئۇخماي باشقا بىر يەرگە بېرىپ قېلىشڭىز مۇمكىن. ياكى يولدا ئۇ يەردە توختاپ بىرسىدىن يول سوراپ، يەنە بىر يەردە توختاپ بىرسىدىن يول سوراپ، ئارلىقتا ئۇقمايدىغان بىرسى سىزگە خاتا يول دەپ بىرىپ سىز بىر مۇنچە ئاۋارە بولۇپ دىگەندەكلەر بىلەن سىز بارىدىغان يەرگە بارغاندا ئەسلى بىر يىل كىتىدىغان ئىشقا سىز 5-6 يىل سەرىپ قىلغان بولىسىز. شۇڭا ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزىگە توغرا بىر خەرىتە ھەمرا قىلىشى ئۇندىن باشقا يەنە بۇ يولدا ئەڭ يىقىندا مېڭىپ باققانلاردىن سوراپ بىقىشى كىرەك. باشقا شۇپۇر سىزگە ياردەم قىلىپ يول كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ، لېكىن سىزنىڭ ماشىنڭىزنى ھەيدەپ بارىدىغان يىرىڭىزگە ئاپىرىپ قويمايدۇ، چۇنكى ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ھەيدەيدىغان ماشىنىسى بار، ئۆزىڭىز ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ شوپۇرى، باشقىلاردىن بەك جىق تاما قىلىپ كەتمەڭ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرگەندە توغرا يۈنۈلۈشكە ماڭىدىغان ئېغىزدىن كىرىش كىرەك. خاتا ئېغىزدىن كىرىپ قالسىڭىز ئالدىغا ماڭماقتا يوق كەينىڭىزگە كىتىپ قالىسڭىز. چىقىدىغان ۋاقىتتا توغرا ئېغىزدىن چىقىش كىرەك. خاتا چىقىپ قالسىڭىز سىزنىڭ جىق ماڭىدىغىنىڭىز يالغۇز بىرلا ئېغىز ئەمەس.
ئاخرىدا بۇ تىما ئارقىلىق مەيلى سىز ماشىنا شوپۇرى بولۇڭ ياكى ئۆز ھاياتىڭىزنىڭ شوپۇرى بولۇڭ يولدا بىلەت ئالماي، سوتقا چىماي (جۇڭگۇدا چىقاي دىسە بىلەتكە سوتمۇ يوق) خاتىرجەم ھەيدەپ ئۆز نىشانىڭىزغا يىتىشڭىزگە تىلەكداشمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ تىما ئاخىرلاشتى. ئوتتۇرىدا ئالدىراشچىلىق بولۇپ قېلىپ سوزۇۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن ئەپو سورايمەن. ئەپورىمنى ئىلىك ئىلىپ ئىلان چىكىپ قويۇشنى ئۇنۇتمىغايسىزلەر. تېخىمۇ ياخشى تىمىلار ئالدىمىزدا.
تۈگىدى.
بۇ تىمىنى ياخشى كۆرگەن بولسىڭىز يەنە ماۋۇ تىمىلارنىمۇ ياخشى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن:
Jeck بىلەن سۆھبەتكە جاۋاپ: مىنىڭ ئۆسۇم يىتىلىشىم
Jeck بىلەن قىلىشقان پاراڭلار
جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى
دوختۇرغا ئۆچ بولدۇم
مەن ئامرىكىغا يالاڭئاياق كىردىم
كەلگەندىن كىيىنكى دەسلەپكى ھاياتىم
ئامرىكىلىقلار قانداقكەن
ئامرىكىدا ھاراق-تاماكا
ئامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش
ئامرىكىدا بالا بېقىش ۋە تەربىيلەش
ئامرىكىدا دوختۇرغا كۈرۈنۈش، داۋالنىش، سوغۇرتا ۋە ئۇيغۇرلار
ئامرىكىدا سوقۇشۇش، ساقچى، زەھەرلىك چىكىملىك
ئامرىكىدا كۈندىلىك خىراجەت، كومپيۇتېر
ئامرىكىدا سورۇندارچىلىق
ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ
قازاننىڭ قۇلىقى تۆت
جېك دىگەن ئىسىمنى ئۆزگەرتەيمۇ
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان .
يەنە داۋاملىق ماقالىڭىزنى ئوقۇپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن
ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا مۇۋەپپەقىيەت بەرسۇن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن سىز نىڭ باشقا مۇنبەرلەردىكى تېمىللىرىڭىزنى كۆپ .ئوقۇغانتىم بۇگۇن بىلوگىڭىزغا كىرىشكە مۇيەسسەر بوپتىمەن . سوتقا چىقىش دىگەن بۇ سۆزىڭىز مىنى قىزىقتۇرۇدى شۇڭا كىرىپ باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم
مەنمۇ يېقىندا ئۆزەمنىڭ قىزقىشىم بىلەن بىر بىلوگ قۇرغانتىم ، مەن سىز نىڭ تېمىللىرىڭىزنى بەكلا ياختۇرمەن شۇڭا سىز نىڭ بەزى تېمىللىرىڭىزنى بىلوگىمدا مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ئاساستا قويسام بۇلامدۇ ھە؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تولىمۇ ئۆزگىچە قىزىقارلىق يىزىپسىز ، ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كېلىدىكەن كىشىنىڭ
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىز بىلەن تۇنۇشقۇم بار، مىنڭ يولدىشىممۇ قارقاش پۇرچاقچى باش ياغاچچىدىن ،چ چ نۇمىرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 11th, 2012 at 06:48
سىز ماڭا ئەۋەتىڭ، مەن قوشۇۋالاي.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام جېك ئەپەندىم.ئىشلىرىڭىز ئوڭ بولسۇن.كۇتۇپخانىدا پىسا بۇيرۇتۇپ يىگىنىڭىزنى ئوقۇپ قىزىقىپ قالدىم.سىز تۇرىۋاتقان يەردە مۇسۇلمانچە پىسامۇ بارما؟ئامرىكىدا مۇسۇلمانچە ھامبۇرۇك ۋە پىسا كۆپمۇ؟بۇيرىتىش قولايلىقمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
سېنتەبىر 19th, 2011 at 08:27
@نۇر,
كۆپ ئەمەس، لېكىن بولسا بۇيرۇتۇش قولايلىق.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
توۋا، مەن بۇ جېك بىلەن بىر يۇرتلۇق ئىكەنمەنغۇ، بىزنىڭ يۇرتلاردىنمۇ ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغانلار چىقىدىكەن. شۇنداق خوش بولدۇم. رەسىمىدىن قارىسام بىر يەرلىرى قاراقاشلىققا ئوخشايتتى زادى. جېك بىلەن قانداق ئالاقە قىلغىلى بولار؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام jekئەپەندى نىمە دەپ چاقىرىشنى بىلمىدىم،
بۇرۇندىن سىزنىڭ نامىڭىزنى ئاڭلىغان ھەمدە بلوگىڭىزغىمۇ كىرەتتىميۇ،ئىنكاس يازمايدىغان سەتخۇيۇم باتتى
مانا بۈگۈن بۇ يازمىڭىزنى ئېرىنمەي ئوقۇپ ئىنكاس يوللاشنى ئويلاپ قالدىم،
باشتا تىما مىنى جەلىپ قىلدى،نىملا دىگەن بىلەن نىمە بولغاندۇ دەپ كىرىپ باقرىم ،كېين تېمىڭىزنى ئوقۇپ ئاندىن ھە ئەسلى مۇنداقكەن دەڭە دەپ قالدىم.
مەزمۇن راستىننى ئېيتسام ۋابەك كۆپكەن، ياممان تەس كۆرۈپ بولدۇم،
نىملا دىگەن بىلەن چەت ئەل كەندە،سىزنىڭ شۇ يازمىڭىزئارقىلىقمۇ،چەت نىڭ بەزى ئىشلىرنى بىلۋالغاندەك بلدۇم،
ئاخىردا ئېلاننى چىكىۋەتتىم .ھىساپ بوپتۇمۇ يە؟
بېكىتىڭىزنىڭ ‹تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:›دېگەن يېردە خاتالىق بار كەن،كود لا كۆرلۈپ باشقا نەرسە يوق
>
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
تورداشلار،قۇدرەتكامنى كۆڭۈلدىكى سۆزدىنمۇ تىلۋىزىيە زىيارىتى قىپتىكەن، كىم كۆردى؟؟ بىرەرسىڭلار ساقلاپ تۇرغا يوللاپ قويساڭلارچۇ؟؟ بۇنىڭغىمۇ خىلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى، تورغا چىقامدىكىن دىسەم تېخىچە يوق…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
داۋامىنى ئاخىرى كۆردۇق ماناراستىنلا ئۆزگىچىكەن.
ئالاھىدە دۆلەت ئالاھىدە مەسىلە بىر تەرەپ قىلىش. ئامرىكىدا ساخچىلار مەسىلە بايقاپ مەسىلىنى ئىلمى ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىدىكەن. بۇ يەدە بولسا مەسىلە بايقاپ جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق پۇل تىپىش. دەلىلى شۇكى؛
بۇ يەدىكى قاتناش ساخچىلىرى تىمىسىقلاپ يۈرۈپ پۇل تىپىشنىڭ كويىدا. دەرەخنىڭ ئارقىسىغا، تاشنىڭ كەينىگە، ئۇ يەگە-بۇ يەگە دىگەندەك سۈرئەت ئۆلچىگۈچلەرنى يۇشۇرۇن قوپ قويۇپ قاچان قاپقانغا<> ئىلىناركىن دەپ كۆزى تۆت. بىرەر <> نى قولغا چۈشىرىۋالسا گەدىنىگە دەسسەپ ئالغىنى ئالغان. نىمىلا دىگەن بىلەن ئامرىكا قانۇنلىرى راستىنلا خەلىقنىڭ ھوقوق مەنپەتىنى قوغدايدىكەن ئەمەسمۇ!. قانۇن دىگەننى مۇنداق ئجرا قىلسىمۇ بولىدىكەنغۇ! دۆلىتىمىزدىكى قانۇن ئجرا قىغۇچىلار ئۆرنەك ئالسا بولغۇدەك.
رەھمەت سىزگە تۇرسۇنجان ئاكا! ھارمىغايسىز. بىلوگىڭىزدىكى ھەر بىر يازمىنى قايتا-قايتا ئوقوپ كىلىۋاتىمەن . يازمىلىرىڭىزدىن ئاز بوممىغان ئجتىمائىي بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. مۇمكىن بولسا ئوقوۋاتقان مەكتىۋىڭىز توغورلۇق بىرەر نەرسە يازمامسىز؟ ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تۈزۈملىرى، پىراففىسورلانىڭ دەرىس ئۆتۈش مىتودلىرىرى، مەكتەپنىڭ ئىمتاھانلىرى، كەسپىڭىزگە داىر ئۈگىنىۋاتقان دەرىسلىكلەر ……..دىگەندەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
كامالتۈرك Reply:
ماي 6th, 2011 at 18:42
تىرناقنىڭ ئىچىگە ئەپ قويغان سۆز چىقماپتۇ. ئەسلى ئولجا دەپ يازغانتىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
خۇلاسىنى بەك ياقتۇردۇم.يوقاپ كەتسەك بولمايتى دەيمەن.نەچچە ئۇچۇر قىلاي دىدىم لىكىن دوكتۇرلۇق بىلەن ئالدىراشتۇ دەپ توختاپ قالدىم.ئەمما سالامەت بولايلى ھەم يېزىپ تۇرايلى…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاخىرىسى ئاخىرى چىقىپتۇ… ئېلانلارنى مەنمۇ تازا مېجىقى چىقىپ كەتكۈدەك چىكىۋاتتىم. يازمىلىرىڭىزغا تەشنامىز….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن كۈندە دىگۈدەك بلوگىڭىزغا كىرىپ ئىلاننى بىر قىتىم چىكىپ، ئىككى قىتىم چىكىپ ئاخىرى كۆپرەك چەكسەم داۋامىنى يازامدىكىن دەپ ئىلان پىلانلارنى دەسسەپ يانجىىپ ئىلاننىڭ ئۈستىدە يوبەي ئوينىغاچ داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن. خاخا خا….!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ماي 5th, 2011 at 05:20
@كامالتۈرك, يېزىۋاتتىم مانا، ھا ھا.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاخىرىنى ساقلاۋېرىپ ئېڭىكىم چۈشۈپ قالاي دېدى، ئېلاننى كۈندە دېگۈدەك چېكىۋاتىمەن، ئەمدى يازمىسىڭىز كۈندە بىر ئېلاننى 70-80 قېتىم چېكىۋېتىمەن، ھېساباتىڭىز توڭلامدۇ يوق شۇنى بولسىمۇ كۆرىمىز، قانداق؟؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بىزنىڭ بۇ يەردىكى سوتچىلار ئۇلارنى دورىغۇچى توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. يانچۇقىغا پۇل سالمىسا كارى يوق. ئاجايىپ بىر ماكاندە بۇ !
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەن ئاۋۇ ئاستىدىكى رەسىملەرنى كۈندە كۆرۈۋېرىپ،ئېلان دەسسەۋېرىپ ھېرىپ كەتتىم، بىر ئاي بولاي دىدى
يا ئامېرىكىدا سوتچى جاۋاپكارنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ قويۇپ بىر ئىككى ئايدىن كېيىن ئاندىن كېيىن سوتنى رەسمى باشلامدا؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 27th, 2011 at 07:06
@ئىملا, ھې ھې، خاپا بولماڭلار، يەنە 2-3 كۈنگىچە سوت ئېچىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ. يىقىندا بەك سەت ئالدىراش بولۇپ قالدىم.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ھەجەپ مۇھىم يىرىگە كەلگەندە توختىتىۋالدىڭىز كۈندە بىر قىتىم كىرىۋاتىمەن بۇ يەرگە ،ھىلىمۇ بىر ئاي بولاي دەپ قالدى بىر يىزىۋەتمەمسىز ………….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام جېك ئەپەندى،سزنىڭ چەتكە چىقىش تۇغۇرىسىدىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى ئۈزمەي كۈرىۋاتىمەن،مەنمۇشۇچەتكەچىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنىڭ بىرى،ئاللاخالىسا چۇقۇم كۆرىشىمىز!!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قارىغاندا ماشىنا پىراۋى ئالماق ئەڭ ئاسان،ئەڭ تىز،ئەڭ ئەرزان دۆلەت يەنىلا ما بىز ئوقۇۋاتقان مىسىركەن جۇما.ماشىنا پىراۋ ئېلىش ئۈچۈن 150 يۈەن پۇلنى تۆلەپلا كۆرسىتىپ بەرگەن ماشىشنىنى ماندالا بىر چۆگلىتىپ چىقساق ،پىراۋنىئەتىسىلا بىرىدۇ،بەك كىين دىگەندىمى 1 ھەپتە خالاس.ئەڭ ياخشى يېرى مىسىر قاھىرەدە قىزىل چىقراق يوق،سۈرۈتتن ئاشۇرۋىتىپسەن دەيدىغان ئىش ئەسلا يوق.شەھەر مەركىزىدىكى يولاردا كالا ھارۋا ھەيدەمسىز،ئېشەك ھەرۋە ھەيدەمسىز،نىمە قىلسىڭىز كارى يوق،جەرىمانە ئالسىمى شۇ 5كوي ياكى ئەڭ يۇقۇرىسى 50 كوي،پۇل يوق ،بز دىگەن ئوقۇغۇچى دەپ قويساقلا بولدى،مىسىرلىق يەرلىك خەقتىنغۇ جەرىمانە ئالمايدۇ.مىنىڭ موتورۇمنى 2 قېتىم نۇمۇت تاختىسى يوقكەن،كىنىشكەڭ يوقكەن،ۋىزا ۋاقتى 4 ئاي ئۆتۈپ كېتىپتۇ دەپ تۇتىۋالغان،ئەمما 4 ئېغىز ئېنگىلىسچە سۆزلەپ قويسام قۇيۇپ بەردى.مانا مۇشۇنداق ئەۋزەل.
جېك ئەپەندىگە مۇراجەت.تور بېتىمدا مىىسىر ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇشقا دائىر بىر قانچە تىما بار ئىدى،بولسا ئۇلىنىش قىلىپ قويغان بولسىڭىز،ھازىرئىشلار يەنە ئەسلىگە كەلدى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ماي 4th, 2011 at 21:02
@قۇتلۇق بەگ, قىززىققكەن، قىزىل چىقراق بولمىسا قانداق يولنى بۆلۈۇشۇپ ھەيدەيسىلەر؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جىك ئاغامەن سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ، ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئوقوپ كىلىۋاتىمەن. ئەمما ما تىمىنىڭ ئاخىرىنى ئوقوشقا تەقەززا بوپ كەتتىم. ھەر قانچە بولسىمۇ سىزگە كىسىۋەتمىگەندۇ! ھا ھاھ ھا (چاق چاق). سىزگە كۆپتىنكۆپ رەھمەت يىڭى-يىڭى نادىر يازمىلىرىڭىزنى ئايىماي يوللاپ تۇرارسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇيغۇر Reply:
ئاپرېل 28th, 2011 at 21:33
@كامالتۈرك,
ما كامالتۇركنىڭ يازغان يازمىىسىدا «جىك ئاغا» دەپتۇ.
ئاغا دېگەن نېمە گەپ ئۆزى؟
بىزدە تاغا دەيدىغان گەپ بولىدىغان،… ئاغا دەيدىغان گەپنى تازا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن….
سو بويى رومانى ئېسىمگە كېلىپ قالدى….
ۋۇسۇڭ پالۋاننىڭ ئاغىسىمۇ يا بۇ…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سانىيە Reply:
ئاپرېل 29th, 2011 at 16:55
@ئۇيغۇر,
ئاغا دېگەن گەپ بىزدە بۇرۇندىن تارتىپ بار، كىتابنى كۆپرەك ئوقۇسىڭىز بىلىسىز. ئۆزىمىزنىڭ تىلىمىزنىمۇ بىلمىسەڭلار مانا…..ئاغا دېگەن ئاكا، دېگەن گەپ. بەك بولمىسا ئۇيغۇرچە لۇغەتتىن بىرنى ئالارسىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋاي جىك ئاكا، ئاخىرى بىردەمدە تۈگەپ كەتتى، داۋامىغا تەشنامان. بۇ يازمىلىرىڭىز ھەقىقەتەن كىشىگە ئېلھام بولىۋاتىدۇ. ھەرگىز پايدىسى يوقكەن دەپ ئويلىماڭ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالام ھۆرمەتلىك قىرىندىشىم تۇرسۇنجان. تور بىتىڭىزدىكى مەزمۇنلار بىزگە شۇنداق بىۋاستە پايدا بىرىۋاتىدۇ،سىزگىمۇ چىن دىلىمىزدىن كۆپ رەھمەت.چەتكە چىقىش توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى داۋاملىق يىڭىلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئاللا خالىسا مەنمۇ شۇ چەتكە چىقىش يولىدا تىرىشۋاتقان بىر بەندە، بىزگە كۆپ ئىلھام ۋە غەيرەت ئىلىپ كىلىدىكەن. بىزنى دەپ كۆپ جاپا تارتتىڭىز ،خۇدايىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
ئاپرېل 9th, 2011 at 00:45
@دىلشاد, قارىسام بىر كىم كۆرگەندەك ئەمەسقۇ، شۇڭا پايدىلىنىدىغان ئادەم يوق ئوخشايدۇ دەپ كارىم بۇلمىدى. سىزنىڭچە ئۇنىڭدىن پايدىلانغانلار باردەكمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەمدى قالغان يېرىگە قاچان توك كېلەر..بارغانىسىرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن..بولسا سەل تېزلەشسە بوپتىكەن…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەستا ئەڭ قىززىغان يېرىگە كەلگەندە توختاپ قالدى دېسە توك ئۆچۈپ قالغاندەكلا بىر ئىش بولدا، ئاخىرى ئەمدى قاچان چىقار؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋاي تازا خۇمارىم تۇتۇپ ئوقۇۋاتقان، تۈگەپ قالسى ئمەسمۇ… ئاخىرىغا تەشنامەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەخمەتجان :
ياخشىمۇسىز جېك ئەپەندى:
سىزنىڭ ۋە تور بېتىڭىزدىكى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن. سىز تاللىغان ۋە بېكىتىڭىزدە ئۇلىنىش قىلغان بىر قىسىم ماقالىلەر كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ، تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. مەن مۇشۇ تور بېكىتىڭىز ئارقىلىق خېلى جىق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم.
مەن ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇش ئارقىلىق يەنىلا جاھان كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن دىگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم. سىزنىڭچە مەندە چەتئەلگە چىقىپ ماگىستىرلىقتا ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولامدۇ؟
ئاساسلىق ئەھۋالىم تۆۋەندىكىچە:
30ياش، ئەر ، 2005-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ، كەسپىم خىمىيە، ھازىر بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە خىمىيە ۋە ئىنگىلىزتىلىدىن دەرس بېرىۋاتىمەن. ئىنگىلىزتىلىنى قىزىقىشىم تۈپەيلى دەرستىن سىرتقى كۇرسلارغا قاتنىشىپ ئۆگەنگەن، ئۆتكەن يىلى يەنى 2010-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى 4- دەرىجىدىن ئۆتتۈم ۋە ھازىرغىچە ئىنگىلىزچە ئۆگۈنۈشنى توختىتىپ قويمىدىم. سىزنىڭچە يەنە 2يىل تىرىشسام چەتئەلگە ئىمتىھان بەرگىدەك سەۋىيىگە يىتەرمەنمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
ئاپرېل 7th, 2011 at 01:05
@ئەخمەتجان,
4-دەرىجىدىن ئۆتكەن بولسىڭىز ئەگەر كۈنىگە 4 سائەتتىن ئولتۇرۇپ مۇنتىزىم تەكرار قىلالىسىڭىز توفىل ئىمتاھانىدىن 6 ئايدا ئۆتكىلى بۇلىدۇ. بۇ چاغدا مەسىلە شۇ سەۋىيەگ يەتكىلى بۇلامدۇ مەسىلىسى ئەمەس بەلكى مەن قانچىلىك ۋاقىت چىقىرىپ تەكرار قىلالايمەن دىگەندىن ئىبارەت.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سوتنىڭ نەتىجىسىنى يوللىمايمىزمۇ؟ ھە راست، ۋەتەندە ئالغان پەتتىنى ئۇ يەردىمۇ ئىتراپ قىلدىمۇ ياكى جىك خانىم بىلەن قايتا قەسەم بەردىڭلارمۇ؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
ئاپرېل 7th, 2011 at 01:05
@كۆك كەپتەر, باشقا دۆلەتتە ئالغاننى بۇ يەردىمۇ ئىتراپ قىلىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قۇتلۇق ئەپەندىم، رەخمەت سىزگە! ئۇنداقتا بىز پات يېقىندا سىزگە خەت يازايلى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
داستان ئەپەندى دوستىڭىز راستىنلا مىسىرغا كىلىپ ئوقۇماقچى بولسا كىلى ۋەرسۇن،ھازىر يەنە بالا كىرىۋاتىۇ! چۈنكى بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئۆلىمالار يول مۋڭىپ ئاراب ھەل قىلدى،مەنمۇ بلوگۇمدا ئېلان قىلاي دىسەم،بلوگنى زادىلا تەڭشىيەلمىدىم،پات ئارىدا قايتا تېما يازىمەن. دوستىڭزى ماڭا خەت يازسۇن،پاسپورتى بولسا 15 كۈندە مىسىرغا كىلىپ بولىدۇ.ھازىر ۋەزىيەت بۇرىنكىدىن كۆپ ياخشى
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
قۇتلۇق ئەپەندىم، مەن سىزنىڭ ئۇ بىر نەچچە تىمىڭىز ئارقىلىق بىر دوستۇمنىڭ مىسر ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇش ئارزۇسىغا ياردەم قىلاي دىگەن ئىدىم. مەن ئۇنىڭغا ئالاىراپ ۋەدە بېرىپ قويۇپتىكەنمەن، شۇڭا ئۇ قېرىندىشىم ھەر قېتىم بۇ ئىشنى تىلغا ئالغىنىدا بەك خىقىل بولۇپ كېتىمەن. باش شەيىخنىڭ ئالمىشىشى مىسىردا يېقىندا يۈز بەرگەن نامايىش، ھاكىميەتنىڭ ئالمىشىشى قاتارلىق ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇئ بۇ يۇقارقى ئەسكەرتمىنى قالدۇرغىنىڭىزغا رەخمەت!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەزھەرگە قانداق كىلىش،ئەزھەردە ئوقۇش،دېگەندەك 3 تېمىنى مەن يوللىغان،باشقىلارغا ياردىمى،پايدىسى بۇلامكىن دەپ جېك ئەپەندىگە دەپ يۈرۈپ بۇ بلوگقا ئۇلىنىش قىلىپ قۇيغان.ئەپسۇس،مەن تېمىنى يوللاپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئەزھەرنىڭ باش شەيىخ ئالماشقان مۇناسىۋەت 29 دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قۇبۇل قىلماسلىق قارارى چىقاردى.يەنى دۆلەت تەرىپىدىن كەلگەن بالىنى قۇبۇل قىلدىكەن،شەخسەن كەلگەن بالىنى ۋاقتىنچە قۇبۇل قىلماي ۋاتىدۇ.شۇڭا مەن دوستلار بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلاپ خوشال ھالدا مىسىرغا كىلىپ ئەزھەرگە كىرەلمەي قالمىسۇن دەپ ۋاقتىنچە ئۆچۈرگۈز ۋەتتىم. ئاندىن يەنە بىلىك تور بېتىگىمۇ ئۇختۇرۇش چىقىرىپ قويغان…بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارمۇ تىرىش ۋاتىدۇ .يېڭى خەۋەر بولسا يەنە ئېلان قىلىمەن.يەنە باشقا سورايدىغان سۇئال بولسا ماڭا ئېلخەت ئەۋەتساڭلار بۇلىدۇ
uyghurboy0997@gmail.com
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پراۋىنى 70 دوللارغا بەرگەن بىلەن جازالىرى بەك ئېغىركەن ئەمەسمۇ.
شۇنداق قىلىپ سوتقا چىقتىڭىزمۇ؟ داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جىك ئاكا، يازمىڭىزنىڭ ئاخرىغا تەشنامەن. بىر سۇئال: ئېلان چەككەندە ئېلان مەزمۇنىدىكى ئۇلىنىشنى چېكىمىزمۇ ياكى Ads by Google دېگەننمۇ؟؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
Jeck Reply:
مارت 18th, 2011 at 21:49
@Enverjan, ئىلاندىكى ئۇلىنىشنى چىكىمىز.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
上法庭要念only the truth nothing but the truth吗?是不是要抓着hollybible发誓?穆斯林或是犹太人可以摸古兰经或是泰穆拉多发誓吗?不好意思,我系统不支持unicode,没有法打维文….
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
مارت 9th, 2011 at 23:39
@keram,
没看过, 也没听说过上法庭抓着圣经发誓的事。 只有总统任职才有。
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
يەنە ئاخىرى چىقماپتىغۇ…. بوپتۇ ئەتە يەنە كېلەي
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رادىئو ھەۋەسكارى Reply:
مارت 10th, 2011 at 14:08
@شاھ ئۇيغۇر,
مەنمۇ شۇ ، ئاخىرى چىققانمىكىن دەپ كەلسەم ، يەنە چىقماپتۇ …
ساقلايلى ، ساقلايلى ، بىلوگگىرىمىزنىڭ بىلوگ بىسىمى ئېشىپ كەتمىسۇن يەنە …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رادىئو ھەۋەسكارى Reply:
مارت 13th, 2011 at 06:28
@رادىئو ھەۋەسكاريەنە ئاخىرى چىقماپتىغۇ…. بوپتۇ ئەتە ئەتە ئەتە يەنە كېلەيى,
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم رەھمەت
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
رەسمى ئەنسىرەتتىڭىز جۇما، ھە ھە ھە …ئىلان چەكمىسەڭ داۋامىنى يازمايمەن دەپ تۇرىۋېلىپ ئىلەتنىڭ پۇلىنى چىقىراي دەپسىزدە… مەن كۈندە بىر قېتىم كىرىپ دەسسەپ قوياي.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىزنىڭچە چەتئەلگە پىراۋىنى چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئالغان ئەۋزەلمۇ ياكى چىققاندىن كېيىنمۇ ؟ مەسلىھەت بەرسىڭىز
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
مارت 6th, 2011 at 04:20
@نەسىمى, پىراۋىڭىز بولسا ئالغاچ كەلسىڭىز بۇلىدۇ،بولمىسا كىلىپ ئالسىڭىز بۇلىدۇ. باشقا يەرنى ئۇخمايمەن، ئامرىكىدا 70 دوللار كىتىدۇ، جۇڭگۇدىن كۆپ ئەزان.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاخىرىنى يازدىمىكىن دەپ يەنە كەلدىم جىك ئاكاشنى يوقلاپ…ھارمىغايسىز~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئىشىكنى چىكىۋەتىم. شۇنى ھىس قىلدىمكى مەنمۇ ئىنگىلىزچە بىلدىكەنمەن .ھا ھاھاھ ھا
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بەكمۇ ياقتۇردۇم، ئېلاننى دەسسىۋەتتىم. مۇشنداق ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەۋاتسىڭىز بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەكتە.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
بەك ياقتۇردۇم. ئېلاننى دەسسىۋەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كىرسەملا دەسسەيمەن.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئۇ ئاداشنىڭ قورالى ئېتىپ ئوينايسىزكەندە؟ ئويناپ تۇراي دېسىڭىز بىرەمدۇ يا ؟ ھې…ھې…ھې…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نىمىش بولغاندۇ دەپتىمەن تىخى ، ىاىا ، تىزراق يازارسىز ھە ، ئىلانلارنى دەۋۋىۋەتتىم …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
« ئامرىكىدا ھەممە ئادەمدە ئاساسەن قورال بولغاچ» دەپسىز، سىزنىڭمۇ باما؟
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
فېۋرال 24th, 2011 at 03:04
@سايرام, مەن تېخى ئامرىكىلىق ئەمەس، شۇڭا قورال سېتىۋېلىش سالاھىيتىم يوق، بولغان ۋاقىتتا ئاپتۇماتتىن بىرنى ئالىمەن، ھا ھا.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
فېۋرال 24th, 2011 at 07:34
@سايرام, لېكىىن مەن بىلەن بىرللە بىر ئۆي ئىجارىسىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيدىشىمنىڭ 4 قۇرالى بار، بىرسىنى يىقىندا ئوغرى ئېلىپ كەتتى.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
@anana05, بۇ ئىلاننىڭ جۇڭگۇدىكى ئىشلىرىنى تازا ياخشى بىلىپ كەتمەيمەن، بىلىكتىكى نەزەرى بىلەن تەكلىماكان ئەپەندىمدىن سورىسىڭىز شۇلار ياخشى بىلىدۇ. مىنىڭچە سىز يەنە بىرنى ئالسىڭىز بۇلامدىكى، نەزەرى 40 كويدىن سېتىۋاتىدۇ.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سالام جېك مۇئەللىم! جۇڭگونىڭ ماشىنا پىرۋىسى ئامرىكىدا ئۆتەمدىكەن؟
بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر ئىش، تورداشلار ياردەم قىلساڭلار. مۇشۇ بىلوگنىڭ ‹توردىن تەمەچلەر› قىسمىغا قۇيۇلغان ‹مىسىرغا قانداق يول بىلەن كىلىش›،‹ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىدا ئوقۇش› دىگەن ئىككى تىمىغا ئۇلىنىش قىلسام، بىلىك مۇنبىرىگە ئەزا بول، دەپ ئېچىلمايۋاتىدۇ، ھەپىلىشىپ ئەزامۇ بولالمىدىم، بۇ تىمىلارنىڭ مەزمونىنى كۆچۈرۋالغانلار بولسا ماڭا ئېلخەت كىلىپ ئەۋەتىپ بەرگەن بولساڭلا، رەخمەت!!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
mrjeck Reply:
فېۋرال 23rd, 2011 at 00:37
جۇڭگۇ پىراۋىسىنى دەسلەپ كەلگەندە ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ بىرەر يىللارغىچە، ئاندىن ئىمتاھان بىرىپ ئالماشتۇرۇش كىرەك.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى بىلوەىڭىزنى كرۈپ كىلىۋاتىمەن،مەنمۇ ئاللاھ خالىساتىرىشىمەن!!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
جېككە نېمە بولغاندۇ ؟ دەپ ، ھاپىلا – شاپىلا كىرىشىم ئىدى. قېنى يازمىنىڭ داۋامىغا قاراپ قالدۇق …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
سىلەرنىڭ پورتلەندمۇ خەتەرلىك يەر ئىكەن جۇمۇ…
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاۋۇ ئېلانلارنى دەسسىۋەتتىم!
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئۇيغۇر جېك ئەپەندى! مەن بلوگىڭىزغا ئەنچە ئېنكاس يازمىغان بىلەن لىكىن پات-پات كېلىپ تۇرمەن! دوسلار ئارا بلوگ پارىڭى بۇلۇپ قالسا سىزنىڭ بلوگىڭىزنى مىسال ئېلقپمۇ قۇيمەن تېخى! ھى..ھى.. گەپنىڭ پس كاللىسىغا كەلسەم . مىنىڭ ئېلگىرى بىربلوگۇم بارئىدى، ئىسمى دىلكەش613 بلوگەى ئىدى. 2009 يۈز بەرگەن ھېلقى دىشۋارچىلىقلار قاتارىدا مىنىڭ ئاۋۇ بلوگۇمغىمۇ كېلىشمەسلىك كەلدى. زىيارەت سانى 100000مىڭدىن ئاشقان ئىدى. ئەپسۇس تاقالدى. لېكىن كىيىن يەنە شۇ نامدا قۇرسام يەنە تاقىدى. شۇنۇڭ بىلەن ئەنئەنەبلوگى دەپ مۇشۇ نام بىلەن قۇردۇم! يېقىندا بۇ بلوگققا گوگېل ئېلانى قويغان ئىدىم ، ئېلاننى بىر خەنزۇ يولداشتىن ئالغان ، بىراق دۆلەت تەۋەلىكىگە ئامېركىنىڭ مەلۇم بىر ئادرىسىنى يېزىپ قۇيۇپتۇ. مەن دىققەت قىلماي ئېلى ۋېرىپتىمەن. 10 كۈن ئۈتۈپ يېقىندا pin نۇمۇرى تغۇرلۇق ئۇچۇر كەلدى. قارسام ئۇلار pin نۇمۇرىنى ئاشۇ ئادرىستىكى جايغا يەنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىۋىتىپتۇ. كېيىن ئاۋۇ خەن يولداش بىلەن ئالاقىلەشسەم گەپ قىلماي تۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئادرىسنى ئۆزگرتەي دىسەم دۆلەت تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدىكەن.
يول كۆرسەتسىڭىز pin بىر قېتىم ئاشۇ ئادرىسقا ئەۋەتىپ بولدى. پۇل تاپشۇرۇش ھالىتىنى ھازىر ۋاقتىنچە توختىتىپ قويدۇم! سېتىۋەتسەم ئالدىغان ئادەم بارمۇ ياكى پۇلىنى ھەم pin نۇمۇرىنى بىر ئامال قىلىپ ئالغىلى بولارمۇ ؟ سىزنىڭ چە قانداق قىلسام بۇلا؟
كۆپ گەپ قىلىپ ۋاختىڭىزنى ئېلىپ قويدۇم! جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن! ئېلخەت :
331496482@qq.com
barquktekn@yahoo.cn
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
داۋامىغا تەشنامەن ، مىنىڭ مۇشۇنداق تېمىلارنى ئوقۇسام ، چەتكە بولغان قىزىقىشىم بەكمۇ كۈچىيىدۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر ، قورققاندەك ھېس قىلىمەن . قارىغاندا مەن بەك قورقۇنچاق ئوخشايمەن !~
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ۋاي جىك مۇئەللىمگە نېمە بولغاندۇ دېسەم ، ئەتىگەندە ئەدەمنى قورقۇتۇپ ….
ئېلان چىكىشكە كەلسەك ، مەن بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي ….
داۋامىنى كۇتىمىز …
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم فونۇن ئەپەندى: سىز سۇئال سوراشتىن بۇرۇن سورىماقچى بولغان سۇئاللىرىڭىز ھەققىدە مەلۇم دەرىجىدە بىلىم ئىگەللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. چۈنكى سىز ...
بۇ ماقالىڭىز بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىپتۇ شۇنداق ئەتراپلىق ھەم ھەقىقى تورماقالىسى سۈپىتىدە شۇنداق تەپسىلى خۇلاسىسىمۇ ھەقىقى پەلسەپەگە قىممىتىگە تويۇنغان . يەنە ...
قىززىق خەخكەنمىز ئۇ ئامىركىلىقلار يالغان ھىجىيىپ يالغان چىراي ئىپادىسى چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنى ياخشى كۆرىمەن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىمەن دىسە شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ھەتتا ...
@جەلىپكار, يىڭىلىق يوقمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جىك يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم بەك ياخشىكەن .ئاللا ئىشلىرڭىزنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن.
ئەسسالام ئەلەيكۇم ! جېك ئەپەندى ، مەن بۇيىل غەربىي جەنۇپ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسېتېتىنىڭ ئېلىكتىرون ئۇچۇرقۇرلۇشى كەسپىنى پۈتتۈرگەن ، چەتئەلگە ...
مەن كومپىيۇتېركەسپىنى پۇتتۇرگەن،داۋاملىق ئوقۇغۇم بار،بۇيىل ئوقۇشقا چىقىشنى قاتتىق ئويلاپ تۇراتتىم.
ناھايىتى ياخشى يازما ئىكەن، ئۇلارنىڭ بىزگە ماس كەلگەن تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بولىدۇ، بىراق بىزنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۆرۈپ ئادىتىمىز، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ...
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر
Jeck ۋە بلوگ ھەققىدە
مەزكۇر بلوگنىڭ ئاساسلىق يازغۇچىسى Jeck نىڭ ئەسلى ئىسمى تۇرسۇنجان ئابلېكىم، ھازىر ئامرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتىتدا ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. Jeck توغرىلىق كۆپراق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، بلوگ توغرىلىق بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى، Jeck بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.
ئالاقە باغلاش تورلىرىدا Jeck نى قېتىۋېلىڭ: Facebook، RenRen. يەنە ئۇنىڭ شىنلاڭ مىكروبلوگىغا(新浪微博) ئەگىشىڭ. QQ غا قېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇچۇر ئەۋەتىڭ.
كۆپ ئالقىشلانغان يازما
كۆپ كۆرۈلگەن يازما
Powered by WordPress | كىرىش | Entries (RSS) | Comments (RSS) | theme by Michael Jubel