ئامرىكىدا ھاراق-تاماكا
( بۇ يازما خېللو لايىفنىڭ «چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۈھبەت» دىگەن كىتاۋىغا كىرگۈزۈلگەن، شۇڭا كىتاپ نەشىردىن چىقىشتىن بۇرۇن باشقا يەردە كۈچۈرۈپ تارقىتىشقا بۇلمايدۇ. مەن بۈگۈندىن تارتىپ 10 نەچچە كۈنگىچە سىرتقا چىقىدىغان بۇلغاچقا تورغا چىقالمايمەن.شۇڭا مىھمانلارنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ بۇنى كۈچۈرۈپ قويدۇم)
ھاراق، تاماكىغا بولغان كونتروللۇق
”ئامېرىكا بىر ئەركىن دۆلەت، كىشىگە ھېچقانداق چەكلىمە يوق. بولۇپمۇ ھاراق، تاماكا، ۋە باشقا بۇزۇقچلىقلارنىڭ ماكانى. “ مانا بۇ بىزنىڭ كىنولاردىن ئالغان تەسىراتىمىز . لېكىن ئەمەلىيەت دەل بۇنىڭ ئەكسىچە ئىىكەن. بولۇپمۇ ھاراق، تاماكىغا بولغان كونتروللۇقى بەك قاتتىق بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى قانۇن- تۈزۈملەرنىڭ قاتتىقلىقىغا قاراپ، ”دۆلىتىمىزدە ھاراق، تاماكىغا چەكلىمە يوق ئىكەن، بۇ جەھەتتە جۇڭگودىن ئەركىن دۆلەت يوق ئىكەن“ دېگەن قاراشقا كەپ قالىدىكەن كىشى. گەرچە دۆلىتىمىزدە قورامىغا يەتمىگەنلەرگە ھاراق، تاماكا ساتماسلىق، ئۇلارنىڭ يېشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سورۇنلارغا كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە قانۇن، بەلگىلىمىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا بۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغانلارنىڭ سانى بەكلا ئاز، نازارەتمۇ يوق دېيەرلىك.
ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن شىتاتلىرىدا ھاراق – تاماكىنى خالىغانچە ئېلىپ سېتىش مەنئىي قىلىنىدىكەن. مەن تۇرۇۋاتقان ۋاسىنگتون شىتاتىدا پىۋىدىن باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى خالىغان دۇكانلاردا سېتىشقا يول قويمايدىكەن، ئۇلار مەخسۇس ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئورۇنلاردا سېتىلىدىكەن. ئادەتتە بۇلارنى سېتىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىجازەتنامە ئېلىشى كىرەك ئىكەن. ئادەتتە مەن تۇرۋاتقاندەك كىچىكرەك شەھەر بۇلسا ئىككى ياكى ئۈچ ئورۇندىلا سېتىلىدىكەن. دۆلىتىمىزدىكىدەك ئىشىكتىن چىقىپلا ھاراق تاپقىلى بولىدىغان ”قۇلايلىق شارائىت“ بۇ يەردە يوق ئىكەن. يەنە كېلىپ 21 ياشتىن تۆۋەنلەرگە تاماكا ۋە ئىسپىرت تەركىبلىك ئىچىملىكلەرنى، جۈملىدىن پىۋىنىمۇ سېتىشقا بولمايدىكەن، ساتسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدىكەن.
بىر قېتىم بىرەيلەن ئۆيىگە ئولتۇرۇشقا چاقىردى. ئۈيدە بىر نىمە قىلىپ بىرىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە پىۋا ئېلىپ بارماقچى بولۇپ، بىر تاللا بازىرىغا كىردىم. بىر ساۋاقدىشىم ماشىنىلىق مىنى ئالغىلى كەلدى. بىز ئالدى بىلەن بىر تاللا بازارغا كىردۇق. ئامېرىكا قانۇنى بويىچە ھاراق، تاماكا سېتىۋېلىش ئۈچۈن چوقۇم رەسىمى چاپلانغان ئىناۋەتلىك كېنىشكىسى بولۇشى كېرەك ئىكەن. دۇكاندار مەندىن كىملىك سورىدى. مەندە ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى بار ئىدى. بۇنىڭدا يېشىم يېزىلمىغاچقا ئېتىراپ قىلمىدى. مەن ئۇنىڭغا ”قارا، مەن ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتىمەن، نەدىمۇ 21 ياشتىن كىچىك ئاسپرانت بولسۇن؟ مەن 21 ياشتىن ئېشىپ كەتكىلى نەۋاخ“ دەپ چۈشەندۈردۈم، لېكىن ئۇ ”بۇنداق گەپلىرىڭنى قوي، قانۇندا پەقەت يېشى يېزىلغان، رەسىمى چاپلانغان، شۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلايدىغان كېنىشكىگە ئاساسەنلا سېتىش بەلگىلەنگەن شۇڭا كىملىك بولمىسا قەتئىي ساتمايمەن“ دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مېنى ماشىنىسىغا سېلىپ كەلگەن ساۋاقدىشىم:“ مىنىڭ كىنىشكەم بار، ئۇنداقتا مەن سېتىۋالاي“ دېدى، لېكىن دۇكاندار:“ ياق، ساڭا ساتساممۇ بولمايدۇ، بۇنى سەت سېتىۋالساڭمۇ لېكىن ھامىنى بۇ ئىچىدۇ، موشۇنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ. سەن ھاراقنى ئېلىپ دۇكاندىن چىقىپلا ئۇنىڭغا بېرىسەن. مەن بىلىپ تۇرۇپ ساختىپەزلىككە يول قويغان، يېشىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن بىر كىشىگە ھاراق ساتقان، قانۇننى كۆزگە ئىلمىغان ھېسابلىنىمەن. ”دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىز باشقا بىر دۇكانغا باردۇق. مەن دۇكانغا كىرمىدىم، ھېلىقى ساۋاقدىشىم كىرىپ كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ پىۋىنى ئەپ چىقتى، مەن ئۇنىڭغا پۇلنى بەردىم. مەن بۇ ئىشلارغا ھەيران قېلىپ ساھىپخانغا بۇ ئەھۋالنى دېدىم. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: ”ھەيران قالما، تېخى مەنمۇ موشۇنداق ئىشقا يولۇقتۇم“ دېدى ۋە ماڭا مونۇلارنى سۆزلەپ بەردى:
- سىلەر كېلىشتىن بۇرۇن ئازراق پىۋا ۋە باشقا ھاراقلارنى ئالاي دەپ بىر دۇكانغا كىردىم. بۇ دۇكاندا كارتا ئىشلىمەيدىكەن، نەق پۇل ياكى چەك ئىشلەيدىكەن. مەندە يا نەق پۇل يا چەك يوق ئىدى. شۇ ئارىدا مەن بىلەن بىللە بارغان 18 ياشلىق قىزىم :“دادا، مەندە پۇل بار، مېنىڭكىنى ئىشلىتىپ تۇر“ دەپ پۇلنى بەردى. بۇنى كۈرگەن دۇكاندار ھاراق سېتىشنى رەت قىلدى. مەن ئۇنىڭغا :“بۇ ھاراقنى قىزىم ئەمەس، مەن ئىچىمەن، ئۆيۈمدە مېھمان بارتى….“ دەپ چۈشەندۈرسەممۇ، ”مەيلى كىم ئىچسە ئىچسۇن، پۇلنى قىزىڭ تۆلىگەنكەن، مەن 21 ياشقا توشمىغان ئادەمگە ھاراق ساتقان بولىمەن“ دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدى. ئاخىرى ئۆيگە كېلىپ نەق پۇل ئېلىپ يەنە قايتىدىن شۇ دۇكانغا بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم.
بىر قېتىم يىغىلىشتا دوستۇم بىلەن چۈگىلەپ سىرتقا چىقساق بىر دوكان باركەن. بىرە تال تاماكا چىكەيلى دىدى. مەن ئادەتتە تاماكا چىكىپ كەتمەيمەن. يىغلىشلاردا تۇتسا ياق دەپمۇ كەتمەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ دۇكانغا كىرىپ تاماكا ئالماقچى بولدۇق. ئۇ يەردىمۇ كىملىك سورىدى، بىز كىملىك ئېلىۋالماپتىمىز. شۇنچە دىسەكمۇ ئۇنىمىدى. ئەمىلىيەتتە ئۇ دوستۇم 30 ياش ئىدى. دوكاندار چوقۇم كىملىك بولۇشى كېرەك دەپ تۇرۇۋالدى.
ئامېرىكىدا 18 ياشتىن ئاشقان بالىلار ئاساسەن ئايرىم ئۆي ئىجارە ئېلىپ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان 18 ياشلىق بىر قوشنام بار. بىر قېتىم ئۇ ئۆيۈمگە بىر ئىچىملىكنى كۆتۈرۈپ كىرىپ :“ ئاكا، ماۋۇ ئىچىملىكنى ئىچىپ باق“ دېدى. مەن ئىچىپ باقتىم. خۇددى گاز سۈيىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئىچىملىككەن. چۈشەندۈرۈشىگە قارىسام ”3 پرسەنت ئىسپىرىت تەركىبى بار“ دەپ يېزىلىپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن “ ھە، نېمە دېمەكچى؟“ دەپ سورىسام، ئۇ“ مەن بۈگۈن دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرۇش قىلماقچىتىم، ھەممىمىز بۇنىڭغا ئامراق، ئازراقتىن ئىچەيلى دېگەن. بۇنى ئۆتكەندە دادام كەلگەندە ئالغاچ كەپتىكەن. دۇكاندار ماڭا بۇنى ساتقىلى ئۇنىمايدۇ. شۇڭا سەن ماڭا ياردەم قىلىپ ئېلىشىپ بەرسەڭ دېدى. مەن سەل ئىككىلىنىپ ھېلىقى ئىچىملىكنى يەنە بىرنەچچە ئوتلام ئىچىم باقتىم. بۇ مېۋە سۈيىدەكلا بىر تاتلىق ئىچىملىك بولۇپ، ماڭا ھېچبىر ئىسپىرت تەركىبى باردەك تۇيۇلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ”بوپتۇ، بىزنىڭمۇ كىچىك چاغلىرىمىز بولغان، ياردەم قىلساممۇ قىلاي“ دەپ ئۇنىڭ بىلەن سىرىتقا چىقتىم. ئۇ ماڭا پۇلنى بېرىپ، دۇكاننى كۆرسىتىپ قويدى، ئۆزى دۇكاندىن 50 مېتىرچە يىراقلىقتا ساقلاپ تۇردى. مەن كېنىشكەمنى كۆرسىتىپ ھېلىقى ئىچىملىكتىن بىر يەشىك (12 كىچىك بوتۇلكا) سېتىۋالدىم ۋە ئەپچىقىپ ئۇنىڭغا بەردىم. دەل موشۇ پەيتتە دۇكاندار بىزنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇ يۈگۈرۈپ كېلىپ ”سەن نېمە دەپ بۇنى بۇ بالىغا بېرىسەن؟“ دەپ سورىدى. مەن ”بىز بىللە كەلگەن، بۇ كۈتۈرۈشۈپ بەرمەكچى، لېكىن ئۇنى مەن ئىچىمەن“ دەپ چۈشەندۈرسەممۇ، ”مەيلى كىم ئىچسۇن، بۇنى قورامىغا يەتمىگەن بىرەيلەنگە كۆتۈرتۈپ قويدۇڭ. سەن مېنى ئالداپسەن، سەن بۇ ئىچىملىكنى قورامىغا يەتمىگەن بىرەيلەنگە ئېلىشىپ بېرىپسەن. بۇ بالا كېنىشكىسىنى كۆرسىتىپ ئۆزىنىڭ 21 ياشقا توشقانلىقىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، بولمىسا مەن سىلەرنى ساقچىخانىغا ئاپىرىمەن“ دەپ ئېسلىۋالدى. ”ۋاي نېمانچە قىپ كېتىسەن؟“ دېسەم، ئۇ ”بۇ دېگەن قانۇن! بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىۋالسام بولمايدۇ“ دەپ قايناپلا كەتتى ۋە ھېلىقى ئىچىملىكنى ئېلىۋېلىپ پۇلنى قايتۇردى.
ئۇ بالاماڭا ”خاپا بولما، سېنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم، مۇمكىن بولسا باشقا دۇكاندىن ئېلىپ بەرسەڭ“ دەپ ئۆتۈندى، لېكىن مەن بايىقى دۇكاندارنىڭ گەپلىرىدىن سەل قورقۇپ قالغانتىم. شۇڭا ئۇنىڭغا:“ئۇكام، بۇ قانۇنغا تاقىشىدىغان ئىشكەن. مەن ساڭا ياردەم قىلالمىغۇدەكمەن، ئەڭ ياخشىسى سەنمۇ ئىچمە، بىر نەچچە يىل چىدىسىاڭ 21 ياشقا كىرىسەن، شۇ چاغدا ئىچەرسەن“ دەپ تەربىيە قىلىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
بۇ يەردە ئادەتتە مەيلى كىچىسى ياكى كۈندۈزى بۇلسۇن قولىغا پىۋا ياكى ھاراق بوتۇلكىسى ئېلىپ يولدا ئىچىپ مىڭىشقا بۇلمايدىكەن.
ئامرىكىنىڭ مەيلى ھەرقانداق كۈڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بۇلسۇن 21 ياشقا توشمىغانلارنى كىرگۈزمەيدىكەن. نەچچە قېتىم ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىن تارقىغاندا بالىلار جيۇغا ياكى كۇلۇبلارغا بېرىپ ئولتۇرۇپ كىلەيلى دەپ مەسلەھەت قىلىشىپ مېڭىشتۇق. ئادەتتە مەن يۈتۈپ كەتمىسۇن دەپ كىملىكىمنى يېنىمغا سېىلىپ يۈرمەيمەن. شۇ ۋاقىتلاردا بىر بارىدىغان يەرگە بارغاندىن كىيىن مەن كىملىگىمنى كۈرسىتىپ يېشىمنى ئىسپاتلىيالمىغاندىن كىيىن مىنى ئۇ يەرگە كىرگۈزمىدى. مەنمۇ شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كەتتىم ياكى بىرسى بىلەن ئۈيگە قايتىپ كىملىك ئېلىپ كىلىشكە مەجبۇر بۇلدۇم.
مىنىڭ بىر قوشنام بەزىدە يىغىلىش قىلىپ قالىدۇ. ئۇ ئۈزى 24 ياش. ئۇنىڭ قىز دوستى بار، ئۇ ئۈتكەن يىلى شۇ ۋاقىتلاردا 20 ياش ئىكەندۇق. نەچچە قېتىم بۇلار يىغىلىش قىلىپ سائەت 11 لەر بۇلغاندا شۇنداق يەرلەرگە بارىمىز دەپ ماڭغاندا ئۇنىڭ قىز دوستى خاپا بۇلۇپ سىلەر كەتسەڭلار مەن نىمە ئىش قىلىمەن دەپ قاخشاپ كەتتى.
شۇڭلاشقا بۇ يەردە ياشلارنىڭ 21 ياشقا تولغان كۈنى بىر قەدەر چوڭ ئۈتكۈزىلىدىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ھەممە شىتاتلىرىدائاساسەن بىنالاردا ئىچىدە تاماكا چىكىش چەكلەنگەن. مۇشۇ ئادەت بۇيىچە بۇلار ئۈيىدىمۇ تاماكا چەكمەيدىكەن. چىكىشكە توغرا كەلسە سىرتقا چىقىپ چىكىدىكەن. يولدا ماڭسىڭىز قايسىدۇر بىر بۈرجەكلەردە خەقلەرنىڭ تاماكا چىكىپ تۇرغانلىغىنى كۈرگىلى بۇلىدۇ. تاماكا چىكىمەن دىسە باشقىلار بىر خىل يىرگەنگەندەك قاراپ قويىدىكەن. مەن تۇرۋاتقان شىتات مەن كىلىپ 1 ئايدىن كىيىن تاماكا چىكىش توغرىلىق يىڭى قانۇن چىقاردى. بۇ قانۇن بۇيىچە ھەر قانداق ئاممىۋى سورۇندا تاماكا چىكىشكە بۇلمايدۇ. بىنا، ئۇيلەر بولۇپ قالسا بىنانىڭ ھاۋا ئالمشىدىغان ئىشىك دەرىزە دىگەندەك ئورۇنلاردىن 8 مىتىر يىراقتا تۇرۇپ چىكىش كىرەك. قاۋاقخانىلاردىمۇ، كۇلۇبلاردىمۇ تاماكا چىكىشكە بۇلمايدۇ. شۇ يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ قاۋاقخانىلاردىكى تاماكا چىكىدىغان كۈلدانلار ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىلدى. بۇ قېتىم كالىفورنىيەگە بارسام ئۇ يەردىكى كۈپ قىسىم شەھەرلەردە ھەتتا يول بويىدا تاماكا چىكىشكىمۇ بۇلمايدىكەن.
باشقىلاردىن سوراپ باقسام ئامرىكىنىڭ نىۋادا شىتاتىدىن باشقا بارلىق شىتاتلاردا بۇ تۈزۈملەر ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن. نىۋادا شىتاتىدىكى لاس ۋىگاستىلا ئەركىنلىك باركەن.
ئۈتكەن جۈمە كۈنى كەچ سائەت 7 دە ئىمتاھان تۈگىدى، ئىككى ئۈچ ھەپتىنىڭ ياقى ئاز ئۇخلاپ بېسىم ئىچىدە بەك ھېرىپ كەتكەنىدۇق. ئىمتاھاندىن چىقىپ ياخشى ئۈتىدىغان بالىلار ياخشى تاماق قىلىپ كەچتە يىغىلىش قىلىپ تەبرىكلەيلى دىيىشتۇق دە ئۇدۇل بازارغا بېرىپ لازىملىق نەرسە كىرەك ئالدۇق. ئىچىدىغانغا پىۋا ئالدۇق. بىر نەچچەيلەننىڭ ۋىسكى دىگەندەكلەرنى ئىچكۇسى باركەن، شۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى بەلگىلەنگەن كۈچلۈك ھاراقلارنى ساتىدىغان يەرنى ئىتىۋېتىتۇ، قوشنا شەھەردىن ھەپتىلىك نەرسە كىرەك سېتىۋالغاچ ئۇ يەرنىڭكىگە بارساق ئۇ يەرنىڭكىىنىمۇ تاقىۋېتىپتۇ. بۇ ئىككى شەھەردە ھە ربىرسىدە پەقەت بىرلا يەردە ساتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن تاپالماي يېنىپ كەلدۇق.
[...] قانداقكەن ئامرىكىدا ھاراق-تاماكائامرىكىدا خوتۇننى ئۇرۇش ئامرىكىدا بالا بېقىش ۋە [...]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!