Articles Archive for ئاپرېل 2011
توردىن تەمەچلەر »
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلى بولىدۇ!
ئاپتورى: ساپ ئۇيغۇر، بۇ تىما تارىم تورىدىن كۆچۈرۈلگەن.
(بۇ –ئويلىغانلىرىم ھەققىدىكى تىز يازما،ئىلمى ئەسەر قىلىشقا ياكى مىللەتنى تىللاشقا باھانە قىلىۋىشقا بولمايدۇ،پەقەت كاتتا كىتاب ياكى ئىلمى دوكلارنى سىستىمىلىق تەييارلىغۇچە،مۇناسىۋەتلىك ئىزدەنگۇچىلەرنى تىزرەك تۇرتكە بولسۇن،جىددى گەپلەرنى دوسىتلارمۇ ئاڭلاپ،ئىجتىمائى ئۇنۇم ھاسل قىلسۇن دىگەن نىيەتتە يازدىم،پايدىلىق مەسلىھەت-خەلقىمىزگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ)
مەسلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى،پايدا-زىينى،سەۋەبى،ھەل قىلىش تەكلىۋى
‹‹ ئۇيغۇر قىزلىرىمىز پات ئارىدا ئافرىقىلىق ئەرلەر بىلەن توي قىلسا،بىزنىڭ دۇنيادىكى ھەممە مىللەتتىن كۈيئوغلىمىز بولىدۇ››.
بۇ سۆزنى تۈركىيەدە ئۇزۇن يىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان،چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بىر دوستۇم دىدى.دوستۇمنىڭ دىيشچە، ئۇ بەش يىلدىن بىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسدا …
ئىلىم-پەن, خەۋەر »

1996 – يىلى گۈزەلنۇر تۇرمۇشنىڭ يېڭى بىر مىنۇتلىرىغا قەدەم قويدى .1998 – يىلى 5 – ئايدا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەن گۈزەلنۇر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمدى . ئەمما گۈزەلنۇر بىر چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلدى . بۇ بالىنى ئېلىش كېرەكمۇ ياكى ….؟؟ گۈزەلنۇر تېئىى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ بولالمىغان بولۇپ، يەنەتېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغۇسى بار ئىدى .(ئەينى چاغدا ئۇ غەربىي جۇڭگو تىببىي ئۇنېۋېرسىتىتىنىڭ چاقىرقىنى ئەمدى تاپشۇرۇپ ئالغان مەزگىللىرى ئىدى ) قانداق قىلىش كېرەك ؟ گۈزەلنۇر ئەگەر بۇ بالىنى ئالدۇرىۋەتسە يەنە بالىلىق بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى .28 ياش ھېلىمۇ بىر ئايال كىىشى ئۈچۈن خىلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ياش ھېسابلىنىدىغان تۇرسا! ئۇنىڭ نۇرغۇن دوست – يارەنلىرى ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇنى يەنە ئوقۇش نىيتىدىن يېنىشقا ، ئەمدى كۆڭلىنى ئائىلىسىگە قارىتىشقا دەۋەت قىلدى. پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك جۈپ بولۇشقا ، ھاياتلىق مۇساپىسىنى بىرلىكتە بىسىپ تۈگىتىشكە ۋەدە بەرگەن يولدىشى گۈزەلنۇرنىڭ بۇ ئويىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى ھەم ئۇنىڭغا ئىلھام – مەدەت بەردى . يىنىدىكى كۈچلۈك تېرىكىنىڭ قوللىشى ئالدىدا ، گۈزەلنۇر قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوپىراتسىيە كارىۋىتىغا چىقتى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ بەختلىك نىكاھىنىڭ تۇنجى مېۋىسى بولغان بۇ بالا مانا مۇشۇنداق بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى . 1998-يىلى گۈزەلنۇر مەملىكەتلىك دوكتۇر ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش ئىمتاھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ
ئوقۇش ئوچۇرلىرى »
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن گىئولوگىيە ۋە كومپيۇتېر كەسپىدە ئىتالىيىدە ماگسترلىقتا ئوقۇش پۇرسىتى
كامىرىنو ئۇنىۋېرسىتى (Università degli Studi di Camerino ) ئىتالىيىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇپ بولۇپ(http://web.unicam.it/international/welcome/index.asp) گەرچە كۆلىمى كىچىك بولسىمۇ ئەمما تەبىئي پەن تۈرلىرى بويىچە ئىتاليدە خىلى كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتىتلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتىت يىقىنقى يىللاردىن بىرى بىر قانچە ماگىسترلىق پروگراممىسىنى ئىنگلىزچە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ھەر يىلى بۇ پروگراممىلارغا خەلقئارالىق ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ كېلىۋاتماقتا.
مۇناسىۋەتلىك پروفىسسورلارنىڭ قىتىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئۇنۋېرسىتىتنىڭ گئولوگىيە ۋە كومپيۇتىر كەسىپلىرىدە ماگستىر پروگراممىسىدا ئوقۇش پۇرسىتى بېرىلگەن بولۇپ، بۇ چەتئەلدە ئوقۇش ئارزۇسى كۇچلۇك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇن ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت …
نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »

ۇرغۇن مۇھەممەد 1973-يىلى 3-ئايدا، تېكەس ناھىيەسىدە زىيالىي ئائىلىسىدە توغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى تېكەس ناھىيەسىدە تاماملاپ، 1991-يىلى 9-ئايدىن 1993-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر پەن-تېخنىكا سىنىپىدا ئوقۇغان.1993-يىلى 9-ئايدىن 1996-يىلى 7-ئايغىچە، داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى نازۇك خېمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان.1996–يىلى 9-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ئىلمى ۋە سانائىتى ئىنىستىتوتىدا ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا، ئۇ يەنە 1998-يىلى 9-ئايدىن 2001-يىلى 7-ئايغىچە، داليەن سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى نازۈك خېمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغان.2001-يىلى 9 –ئايدا، لېكتورلۇققا تەكلىپ قىلىنغان. 2003-يىلى 9-ئايدىن 2006-يىلى 12-ئايغىچە، شىنجاڭ تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستىر دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان. 2008-يىلى 3-ئايدا، ئىنىستىتۇتئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ يىلى 6-ئايدا، ئىنىستىتۇتنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچى
ئامرىكدىكى ئىشلار, ئىلىم-پەن »

2009-يىلى نويابىردا ئامرىكا CNN تېلىۋىزىيەسى ئىرسى كىسەللىك توغرىلىق بىر قىسقا مەخسۇس فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ بۇ فىلىمدە ئىرسى كىسەللىكلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ بۇ خىلدىكى كىسەللەرنى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقاتى نەتىجىلىرى ئارقىلىق داۋالاش مۇمكىنچىلىگى بارلىقى ئوتتۇرغا قويۇلغان. مەن يىقىندا بىر دەم ئېلىشتا شۆھرەتكامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەلگەن ئىدىم ۋە بۇ فىلىمى كۆرۈپ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ تارقىتايلى دىسەم «ماقۇل» دىدى. شۇڭا تەرجىمانلار ۋە خەتلىك فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسى قۇتيارغا ھاۋالە قىلىپ بۇ فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقتۇق. نورمال چىقسا بىۋاستە كۆرسەڭلارمۇ ياكى چۈشۈرۈپ كۆرسەڭلارمۇ بۇلىدۇ. قۇتيار گۇرۇپپىسى چۈشۈرۈش ئادېرسى بىلەن تەمىنلىدى. ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ ئامرىكا ئورېگون شىتاتى ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنۋېرسىتى غول ھۈجەيرە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولۇپ غول ھۈجەيرە، كۈپىيىش ۋە كىلون تەتقىقاتى ساھەسىدە خەلقارادا يۇقىرى نۇپۇزغا ئىگە.
ئامرىكدىكى ئىشلار, توردىن تەمەچلەر, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »
ئۇيغۇر كىمگە ئوخشىدى، كىمگە ئوخشايدۇ
گۈلەن
مەن ئامېرىكا تۇپرىقىغا قونۇپ يېرىم سائەتكە بارماي ئىئوردانىيىلىككە ئوخشۇتۇلدۇم. ئانامدەك بىر ئەرەب ئايال ماڭا قاراپ شۇنداق جىدىدىي بىر گەپلەرنى دەپ كەتتى. ماڭا قارىتىپ تۆكىلىۋاتقان سۆزلەر مارجانلىرىدىن ئۇنىڭ جوردان دېگەن گېپىنى ئايرىۋېلىپ، <مەن جوردان (ئىئوردانىيە) لىق ئەمەس> دەپ ئېنگىلىزچە جاۋاپ بەردىم-يۇ، بىر ئېغىز ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان بۇ ئايالنىڭ ئوكيان ئاتلىغان غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. مېنى بۇ ئايال نېمىشقا ئەرەب دەپ قالغاندۇ؟ قاراپ باقسام قولۇمدا كۆتۈرۈۋالغان سومكامدىن جەينامىزىمنىڭ ئۇچى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. خىيالمىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودا نېمە ئۈچۈن ئەرەبلەرگە ئوخشتىلىدىغانلىقى كەچتى. بۇرۇن مەن بېيجىڭدا ئەرەبكە ئوخشتىلاتتىم. 2001-يىلى لەنجۇدا تالىبانغا ئوخشۇتۇلغانىدىم. ئىچكىرىدە خەنزۇلار، …
توردىن تەمەچلەر »
ئامېرىكىچە قونداق ۋە ئۇيغۇرچە قەپەز
گۈلەن
«ئامېرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار» نىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرىنى يېزىپ بولۇپ ئاخىرىنى داۋام قىلمىدىم. سەۋەبى بىرى ۋاقتىم چىقمىدى، يەنە بىرى نېمىلەرنى كەم نېمىلەرنى ئارتۇق، نېمىنى ئۇتۇقلۇق، نېمىنى ئۇتۇقسىز يازغانلىقىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. يازمامنى ياقتۇرغانلاردىن سورىدىم، ئەمما ئېنىق جاۋاپ چىقمىدى. ئارىدا بىر ئىش ماڭا بەك تەسىر قىلدى. دېيىلىشىچە ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ 30 ياشقا كىرىپ قالغان، بىر بالىلىق بولغان بىر يىگىت ئۆيىنى گۆرۈكەشكە 80 مىڭ سومغا گۆرۈگە قويۇپ يوقاپ كېتىپتۇ. ئانا يىغلاپتۇ، قېرىنداشلار ئىزدىمىگەن يەر قالماپتۇ. بالا يوق. بالىنىڭ قېرىنداشلىرى نەچچە يىلدىن بېرى قىمار ئويناپ، ھاراق ئىچىپ، يوقاپ كېتىپ كۆپ جاپا …