ھاياتلىق كۆۋرۈكىدىكى كۈچلۈك تېرەك: گۈزەلنۇر ئابلىز
جېك ئىلاۋىسى: مەن 5 يىل بۇرۇن يازغان مەن بىلىدىغان ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى نىڭ 16-سىدا گۈزەلنۇر توغرىلىق ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم. يىقىندا گۈزەلنۇرنىڭ ‹‹شىنجاڭ 4–ماي ياشلار مېدالى››غا نامزات بولغانلىغىنى كۆرۈپ خوشال بولدۇم ۋە ئەلكۈيى تورى تەييارلىغان بۇ ماتىرىيالنى كۆرۈپ بلوگغا كۆچۈرۈپ ئەكىلىۋالدىم. ئەلكۈيى تورىغا كۆپ رەھمەت.
ھاياتلىق كۆۋرۈكىدىكى كۈچلۈك تېرەك: گۈزەلنۇر ئابلىز
56 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بۇ باغرى كەڭ ئائىلىدە پورەكلەپ ئىچىلغان بىر گۈل بار ، ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاياللار ئۆسمە كىسەللىكىگە بىغىشلىغان ، ئۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بىر دوختۇر بولۇپلا قالماستىن ، يەنە تەلەپچان باغۋەن ، ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى ،ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىقىنى كېلىنكا ئىشلىرىغا ۋە تەتقىقاتىغا ئاتىغان ، ئۆزىدە بار بولغان بىلىم شەربەتلىرى بىلەن ئىلىمگە تەشنا دىللارنى سۇغۇرۇپ كەلگەن، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئاياللار ئۆسمە كىسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى گۈزەلنۇر. كىچىكىدىنلا ھەر خىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن جان تالىشىۋاتقانلارنى ئەزرائىلنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىشنى ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارمىنى قىلغان گۈزەلنۇر ئۆز تىرىشچانلىقى بەدىلىگە 1988-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ تىببىي ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىردى . 3 يىللىق ئاساسىي كەسپىي بىلىملەرنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىنكى شىنجاڭ ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئۆتۈلگەن بىر قېتىملىق ئەمىلىي ئۈلگە دەرسى گۈزەلنۇرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى.
ئاياللار ئۆسمە كىسەللىكلىرى بالىنىستىدا بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى بىلەن داۋالىنىۋاتقان ،ئەمدىلا 23 ياشلارغا كىرگەن ، ئەمما كېسەللىك سەۋەبىدىن ئورۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغاچقا يېشىدىن بۇرۇن قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدىغان بىر ئۇيغۇر قىزى ۋە ئوخشاش كېسەللىك بىلەن داۋالىنىۋاتقان 32 ياشلار چامىسىدىكى يەنە بىر ئايالنىڭ دوختۇرلارغا ئۈمىد – ئىلتىجا بىلەن باققان كۆزلىرى گۈزەلنۇرنىڭ كېيىنكى مۇساپىسىنى تاللىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالدى .
بالنىسىت ئىچىدىكى غەلىتە پۇراق گۈزەلنۇرنىڭ دېمىسى سىقاتتى .شۇ كۈنى گۈزەلنۇر بىر كېچە كىرپىك قاقمىدى . ئون گۈلىنىڭ بىرى ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان ياش ئاياللارنىڭ بۇ نىجىس كېسەللىكنىڭ دەردىدە ئازاپ چىكىشلىرى ، دوختۇرلارغا تەلمۈرۈپ بېقىشلىرى گۈزەلنۇرنىڭ ئىلگىرىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى تېخىمۇ يىلىنجاتتى . زادى بۇ بەدبۇي پۇراقلاردىن ، كېسەللەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئىڭراشلىرىدىن ، كىشى قەلبىنى تىترىتىدىغان نەزەرلەردىن ئۆزىنى قاچۇرسۇنمۇ ياكى بۇلارغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنسۇنمۇ؟؟زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت گۈزەلنۇرنى كېيىنكى يولنى تاللاشقا ئۈندەيتتى . كېيىنكى بىر قانچە قېتىملىق ئەمەلىي ئۈلگە دەرسىدىن كېيىن گۈزەلنۇر ئاخىرى ئۆزىنىڭ كېيىنىكى نىشانىنى __ ئاياللار ئۆسمە كىسەللىكلەر ساھەسى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن دوختۇر بولۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بۇ نىشاننى بىكىتتى . ئەينى ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى دوست يارەنلىرى ئاياللار كېسەللىكلىرى كەسپى ھەم مەينەت ، ھەم جاپالىق ،قېيىن خىزمەت دەپ قاراپ ، ئۇنىڭغا بۇ نىيتىدىن ۋاز كىچىش توغۇرلۇق كۆپ نەسىھەتلەرنى قىلدى ، ئەمما كۆز ئالدىدا ھەر ۋاقىت نامايەن بولۇپ تۇرىدىغان ئىلتىجالىق بېىقىشلار ئۇنىڭ بۇ ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ تۇردى .كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 17 يىل ئۆتۇپ كەتتى .
ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى بىر يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان پراكتىكا گۈزەلنۇرغا نۆۋەتتە ئۈگەنگەن مەزمۇنلەرنىڭ تولىمۇ ئازلىقىنى ، ئەگەر ئۆزىنىڭ كۆزلىەن نىشانىغا يەتمەكچى بولىدىكەن چوقۇم يەنىمۇ يۇقىرىلاپ ئوقۇپ ، كۆپلەپ بىلىم ئىگەللىشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلدۇردى.
گۈزەلنۇر ئەينى ۋاقىتتىكى ئائىلە شارائىتىنىڭ ئانچە ياخشى بولماسلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ چەكلىمىسىدىن ئىبارەت ھەرخىل توسالغۇلارنى يېڭىپ 1994 -يىلى مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانىتلىق بىر تۇتۇش ئىمتاھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ، تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك بىر تۇتۇش ئىمتاھاندىن ئۆتكەن كېلىنكا پەنلىرى بويىچە ئۇيغۇر ماگىستىر ئاسپىرانت بولۇپ قالدى ، بولۇپمۇ ئاياللار ئۆسمە كېسەللىكلىرى بويىچە تۇنجى ئۇيغۇر ئاسپىرانت ھېسابلىنىدىغان گۈزەلنۇر ئۆز زىممىسىگە قانچىلىك مەسئۇلىيەتنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتتى ، ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۇچۇن ئالدى بىلەن ئىنگىلىز تىلى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كىرەكلىكىنى بىلىپ يەتكەن گۈزەلنۇر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئۈگەنلىرىگە قانائەتلىنىپ قالماستىن ئۈزلۈكسىز تىرىشتى ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇردى …
1996 – يىلى گۈزەلنۇر تۇرمۇشنىڭ يېڭى بىر مىنۇتلىرىغا قەدەم قويدى .1998 – يىلى 5 – ئايدا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلگەن گۈزەلنۇر ۋە ئائىلىسىدىكىلەر ئالەمچە خۇشاللىققا چۆمدى . ئەمما گۈزەلنۇر بىر چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلدى . بۇ بالىنى ئېلىش كېرەكمۇ ياكى ….؟؟ گۈزەلنۇر تېئىى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ بولالمىغان بولۇپ، يەنەتېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغۇسى بار ئىدى .(ئەينى چاغدا ئۇ غەربىي جۇڭگو تىببىي ئۇنېۋېرسىتىتىنىڭ چاقىرقىنى ئەمدى تاپشۇرۇپ ئالغان مەزگىللىرى ئىدى ) قانداق قىلىش كېرەك ؟ گۈزەلنۇر ئەگەر بۇ بالىنى ئالدۇرىۋەتسە يەنە بالىلىق بولالماسلىقىدىن ئەنسىرەيتتى .28 ياش ھېلىمۇ بىر ئايال كىىشى ئۈچۈن خىلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ياش ھېسابلىنىدىغان تۇرسا! ئۇنىڭ نۇرغۇن دوست – يارەنلىرى ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ئۇنى يەنە ئوقۇش نىيتىدىن يېنىشقا ، ئەمدى كۆڭلىنى ئائىلىسىگە قارىتىشقا دەۋەت قىلدى. پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ئۆمۈرلۈك جۈپ بولۇشقا ، ھاياتلىق مۇساپىسىنى بىرلىكتە بىسىپ تۈگىتىشكە ۋەدە بەرگەن يولدىشى گۈزەلنۇرنىڭ بۇ ئويىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى ھەم ئۇنىڭغا ئىلھام – مەدەت بەردى . يىنىدىكى كۈچلۈك تېرىكىنىڭ قوللىشى ئالدىدا ، گۈزەلنۇر قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئوپىراتسىيە كارىۋىتىغا چىقتى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ بەختلىك نىكاھىنىڭ تۇنجى مېۋىسى بولغان بۇ بالا مانا مۇشۇنداق بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى .
1998-يىلى گۈزەلنۇر مەملىكەتلىك دوكتۇر ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش ئىمتاھانىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ ، غەربىي جۇڭگو تىببىي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاياللار ئۆسمە كېسەللىكلىرى كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بويىچە تەلىم ئالدى . بۇ جەرياندا ئۇ قانچىلىغان ۋاقتىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن سىچۈەن چىڭدۇ ئارىلىقىدا قاتنايدىغان پويىزدا ئۆتكەنلىكىنى ئەسلىيەلمەيدۇ . ئۇيەردىكى ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش شارائىتى ۋە ئۈگىنىش جەھەتلەردىكى قېيىنچىلىقلار گۈزەلنۇرنى تاۋلاپ چىقتى
كۈتۈش ۋە جاپاغا تولغان 3 يىلمۇ كۆزنى يۇمۇ پ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى . گۈزەلنۇر بىر قېتىملىق ماتىرىيال ئىزدەش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن خەنزۇ مىللىتى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقى ، مەملىكەت سىرتىدىكى تەتقىقاتلاردا بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ ئىرق (جەمەت) نىڭ ئىرسىيتىنىڭ ئاسان تارقىلىشچانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغانلىقىنى بايقىدى . بۇ ئۇنىڭغا بىر تۇرتكە بولدى ، شۇنىڭ بىلەن گۈزەلنۇر ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۇرۇش دىسىرتاتسىيسىنى << شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلىدىغان بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن سىچۈەن غەربىي جۇڭگو رايۇنىدىكى خەنزۇلار ئارىسىدا كۆرۈلىدىغان بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ{ } ۋە { } توغرىسىدا تەھلىل >> ناملىق تىما بويىچە ياقلىماقچى بولدى ۋە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاردا بالىياتقۇ بوينى راكى { }بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ سىچۈەن غەربىي جۇڭگو رايۇنلىرىدىكى خەنزۇلاردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى . 2001 – يىلى 7- ئايدا گۈزەلنۇر دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ، شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىىتىتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا ئىشقا چۈشتى . ئۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت جەريانىدا دوكتۇر ئاشتىلىق ئوقۇشىنى تاماملاپ پىرافىسسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى . ئۇ ھازىر شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ بۆلۈم مۇدىرى، ماگىستىر ئاسپىرانت يىتەكچىسى .
گۈزەلنۇر خىىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن شىنجاڭدا بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا بالىيتقۇ بوينى راكىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كىتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلەرىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قاراشلىق ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسداداۋالىنىۋاتقان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە كېسەللىكلىرى ئىچىدە بالىياتقۇ بوينى راكى كېسىلى بىلەن داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ ئاڭ يۇقىرى سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقى ، مىللەت ئايرىمسىى بويىچە قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى . شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا بالىياتقۇ بوينى راكىغا گرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە بۇ كىسەللىك بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى .تەخمىنەن %80.0- % 90.0 بىمار كېسەللىك ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچقا قەەم قويغاندا ئاندىن دوختۇرخنىلارغا كىلىپ دىياگنوز قويغۇزدىغان بولغانلىقتىن ، ئۇلار دائىم ئەڭ ياخشى بولغان داۋالاش ۋاقتىنى قولدىن بېرىپ قويغان بولىدۇ .يەنە بىر تەرەپتىن بۇ كېسەللىكنى داۋالىتىش ھەققىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ، دىن ، ئىقتىساد ، نىكاھ ۋە ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەر خىل چەكلىمىلەر بەلگىلىك دەرىجىدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كۆرۈلۈش ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ .
بالىياتقۇ بوينى راكى شىنجاڭدا ئىنتايىن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئاممىۋىي ساغلاملىق مەسىلىىسى . شۇنداقلا كەڭ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ ھاياتىغا ، ئائىلىگە ،جەمىئەتكە ئېغىر تەھدتلەرنى ئىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم بىر ئامىل .شۇڭلاشقا بالدۇر بايقاش ، بالدۇر دىياگنوز قويۇش ، بالدۇر داۋالاش ، بۇ ئارقىلىق بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئىنتايىن زۆرۈر . گۈزەلنۇر ئاستا – ئاستا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكى بويىچە دەسلەپكى تەتقىقاتقا كىرىشىپ كەتتى .بەزىدە ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايتى ھېرىپ – چارچاپ كەتكەنلىكىنى سەس قىلىپ ، بۇ يولدىن چىكىنىپ چىقىشنىمۇ ئويلاشتى ، ئەمما بالىياتقۇ بوينى راكىدىن ئىبارەت بۇ يۇشۇرۇن جان ئالغۇچى قاتىل ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت يېڭى مەسىلەرنى ، يېڭى تەتقىقات تدمىنىلىرىنى << تەقدىم >> ئېتىپ تۇردى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلىپ بىرىۋاتقان تەتقىقاتلىرىدا كۆرۈلىۋاتقان نەتىجىلەر گۈزەلنۇرغا ھېرىش – چارچاشلىرىنى ئۇنتۇلدۇراتتى . گۈزەلنۇر كۆپ قېتىملىق ماتىرىيال ئىزدەش ، تەتقىق قىلىش جەريانىدا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىدا كۆرۈلگەن بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى تەتقىقات ماقالىلىرىدە ئېيتىلغانلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغۇرلۇق ئۈزلۈكسىز بولغان مۇكەممەل، سېستىمىلىق بولغان بىر تەتقىقاتنىڭ يوق ئىكەنلىكى بايقىدى .گۈزەلنۇريەنە 2003 – يىلى ،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا بالىياتقۇ بوينى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ شۇ يەردىكى خەنزۇ ، قازاق ، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە سىلىشتۇرغاندا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، بۇ نىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرسيەت ئالاھىدىلىكى ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆرسەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر يەكۈن كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىيتىدە ، ئۆزنىڭ كۆپ يىللىق كۆزىتىش ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندىغا << HPV (ئەمچەك بېزى ۋىروسى ئۆسمىسى) ۋە HLA-DRB1 قاتارلىق ئورۇن گېنىنىڭ كۆپ ھالەتلىكى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى >> توغرىسىدا ئىلتىماس سۇندى .ئەينى ۋاقىتتا گۈزەلنۇر ھامىلدار بولغىلى 9 ئاي بولغان بولۇپ ، كۈنلىرى كۈندۇزى بالىنىستتا 60-70 ئايالنى تەكۈرۈش ، كەچلىرى كومپىيوتىر ئالدىدا سائەت -سائەتلەپ ماتىرىيال كۆرۈش ، ماتىرىيال ئىزدەش بىلەن ئۆتەتتى .2003 يىلى 4- ئاينڭ 8- كۈنى يەنى يۇقارقى تەتقىقات ئىلتىماسىنى سۇنۇپ بىر ھەپتىىدىن كېيىن گۈزەلنۇرنىڭ سالامەتلىكىدە ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىپ بالىسى بالدۇر تۇغۇلدى ، 33 ياشقا كىرىپ قالغان گۈزەلنۇر ئۈچۈن بۇ پەرزەنتى جىنىدىن ئەزىز ئىدى . ئەمما ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى ، دوختۇرلار شۇنچە تىرىشقان بولسىمۇ ، بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالمىدى ، ئۇنىڭ بىردىنبىر پەرزەنتى يورۇق دۇنياغا كۆز ئىچىپ ئۇزاق بولمايلا بۇ بىر جۈپلەرنى داغدا قويۇپ ئۇدۇنياغا سەپەر قىلىدى .بۇ گۈزەلنۇرغا زور روھىي زەربە ئېلىپ كەلدى.تۇغۇت دەم ئىلىشىنى ئېلىۋاتقان گۈزەلنۇر بۇ سەۋەپلىك خامۇشلۇق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى . بۇ كۆڭۈلسىزلىك يۇز بىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر خشاللىق يۇز بەردى ، ئۇ بولسىمۇ گۈزەلنۇرنىڭ مەملىكەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندىغا سۇنغان تەتقىقات تىمىسى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى .ئۇ ۋاقتىنچە بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن ، پۈتۈن زېھنىنى كىيىنكى تەتقىقاتىغا قاراتتى . كۈندۇزلىرى ئوپىراتسىيەگە كىرىش ، ئەۋرىشكە يىغىش بىلەن ، كەچلىرى ماتىرىيال ئىزدەش ، تەجىربىخانىلارغا بىرىش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى .
2005 – يىلى گۈزەلنۇر يەنە بىر قېتىم ھامىلدار بولدى . بۇ كىچىككىنە ھياتلىقنىڭ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە قەدەم قويمىقى تولىمۇ تەسكە چۈشتى ،ئەمما تەتقىقات تىمىسىنىڭ ئىھتىياجى تۈپەيلىدىن گۈزەلنۇر يەنە تەكشۈرۈش ، داۋالاش ئەترىتى تەشكىللەپ ، خوتەن ۋاىلايىتى قارىقاش ناھىيسىنىڭ ھەر قايسى يېزا – بازارلىرىدا ھەقسىز تەكشۈرۈش ، داۋالاشتا بولدى .كۈندە نەچچە يۈزلىگەن ئاياللارنى تەكشۈرۈش خىلىلا جاپالىق بولسىمۇ ، شۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى كەمبەغەل ، يىمەك ، ئىچمەك ، تازىلىق شارائىتى ناچار ، بەزى ئاياللارنىڭ تاكى ھازىرغىچە بىرەر قېتىممۇ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىلىپ بارمىغانلىقى ، ھامىلدار بولغىنىغا 4 ئاي بولغا گۈزەلنۇرغا قىلچە جاپالىق بىلىنمەيتتى . ئۇ كۈندە 8 سائەتتىن 10 سائەتكىچە ئۆرە تۇرۇپ خىزمەت قىلاتتى . كېسەللەر كۆپ، تۇرمۇش شارائىتى ئانچە ياخشى بولمىغانلىقتىن ھەمدەكۈنلىرى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتكەچكە گۈزەلنۇر ئادەتتە ھامىلە ئاسراشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمىدى . ئاخىرى گۈزەلنۇر ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى يۇقىرى قان بىسىم ئۇنۋېرسال كېسىلى ، قاندا ئاقسىل تۆۋەنلەپ كېتىش ، ئوتتۇرا دەرىجىدە كەم قانلىق كېسىلى قاتارلىق بىر قاتار كېىسەللىكلەرگە گېرىپتار بولۇپ قالدى .تۇغۇت بۆلۈم دوختۇرلىرى ۋە گۈزەلنۇرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى تىزراق قايتىپ كىىلپ داۋالىنىشغا ئۈندىگەن بولسىمۇ ، گۈزەلنۇر بۇ يەردىكى بىمارلارنى تاشلاپ قويۇپ قايتقۇسى كەلمىدى … 5 ئايغا يېقىن تەكشۈرۈش ، داۋالاش جەريانىدا ، گۈزەلنۇر تەتقىقات تىمىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ ھەمدە يېڭى نىشانلارنى بېكىتىپ قايتىپ كەلدى . ئۇ بۇ قېتىم ياخشى كۈتۈنۈپ ئائىلىسىگە قەدەم باسماقچى بولغان كىچىككىنە ھاياتلىقنى يورۇق دۇنياغا ساق – سالامەت كۆز ئاچقۇزماقچى بولغانىدى . لېكىن ئۇزاق مەزگىللىك ھىرىپ – چارچاش سەۋەبىدىن گۈزەلنۇردا بالىياتقۇ يىرىلىپ قاناش ئەھۋالى كۆرۈلدى . بەختكە يارىشا بالىنىڭ ھاياتى ساقلاپ قىلىندى …
<< جاپانىڭ تېگى راھەت >> دېگەندەك گۈزەلنۇر مەملىكەتلىك تەبىئىي پەنلەر فوندىنىڭ ئۈچ تۈرىگە، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكىنى بالدۇر دېئاگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاشنىڭ بىر تۈرىگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي مەكتەپلەر تەتقىقات پىلانىنىڭ چوڭ تۈرىدىنى بىرىگە ، ئىلمىي تەتقىقات تۈرىدىن ئۈچ تۈرگە يېتەكچىلىك قىلدى . بالىياتقۇ بوينى راكى كېسەللىكىگە ئائىت 40 پارچەماقالە ئېلان قىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە بىر پارچە ئىلمىي ماقالە 2009 – يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ 10 – نۆۋەتلىك تەبىئىي پەنلەر مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .بىر پارچە ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇكاپاتىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
بۇنىڭدىن باشقا 2010-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇپ باھالاندى .
يۇقارقىدەك تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بىرىش جەريانىدا گۈزەلنۇر نۇرغۇنلىغان ئەھۋاللارغا دۇچ كەلدى . بىر ئۇيغۇر دوختۇرى بولۇش سۇپىتى بىلەن ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ توپتا ئەنە شۇنداق كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ، كىشى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولالمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۇنىڭغا ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەنىئىيەتتە ئوينايدىغان رولىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى .بولۇپمۇ خوتەننىڭ قارىقاش ناھىيسىدە تەكشۈرۈشۋە داۋالاشتا جەريانىدا ئۇ ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئېغىر مەسئۇلىيەت ۋە نەقەدەر ئۇلۇغ بۇرۇچنى ئۆز زىممىسىگە يۈكلىگەنلىكىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتى .شۇنىڭدىن كېيىن گۈزەلنۇر ۋاقىت تاپسىلا مۇشۇنىڭغا ئائىت ماتىرىياللارنى كۆرىدىغان ، تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بارىدىغان، مۇناسىۋەتلىك ماقالىلارنى يازىدىغان بولدى . نۆۋەتتە شىنجاڭدا ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدا نەشىر قىلىدۇرۇلغان ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرىگە ئائىت تىببىي ماتىرىياللار ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ ، گۈەلنۇرنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى كەڭ خانىم – قىزلارغا تەشۋىق قىلىشىغا ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىگە ناھايتى چوڭ بىر توسالغۇ ھېسابلىناتتى . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇچۇن گۈزەلنۇر <<شىنجاڭ ئاياللىرى >> ژورنىلىدا ئارقىمۇ ئارقا 12 ماقالە ئېلان قىلىپ ، بىر قەدەر ئاممىباب تىل ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ كۆرۈلىدىغان ،كۆپ قوزغۇلىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ياخشى -يامان سۈپەتلىك ئۆسمە توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ ، پەننى ئوموملاشتۇرۇش خىزمىتىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋاستىلەرنىڭ تەشۋىقات رولىدىن ئۇنۇملۇك پايدىلاندى ، كۆپ قېتىم شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ، ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق بىرقانچە تېلىۋېزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە قانىلىدا يولغا قويۇلىۋاتقان ساغلاملىق مەزمۇنىدىكى مەخسۇس پىروگراممىلارغا قاتنىشىپ ، ھەرخىل ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ساغلاملىق بىلىملىرى توغرىسىدا كەڭ كۆرۈرمەنلەرگە ساۋات بەردى .بۇنىڭ ئۈنۈمى قىياس قىلغاندىكىدىنمۇ ياخشى بولدى، چەت ،يىراق رايۇنلاردىكى ئاياللار بۇ تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن ، ئارىلىقنى يېراق كۆرمەي دوختۇرخانىلارغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغان بولدى . گۈزەلنۇر يىزىپ چىققان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى <<دائىم كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسەللىكلىرى ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرى >> ناملىق كىتاب بۇ يىل يىل ئاخىرىدا نەشىردىن چىقىدىغان بولۇپ ، نۆۋەتتىكى ئېغىر كېسەللىكلەر توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ، ئاياللارنىڭ ئۆز ساغلاملىقىنى قوغداش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش خىزمىتدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .
قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى :
HPV ۋە HLA-DRB1 قاتارلىق ئورۇن گېنىنىڭ كۆپ ھالەتلىكى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ بالىياتقۇ بوينى راكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەتقىقاتى ھەم جىنسىي مۇناسىۋەت، چۈشىنىش ئارىلاشما تەتقىقاتى. ئاپتونوم رايونلۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇكاپاتىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ HPV تەتقىقاتى ›› بۇ ئىلمىي ماقالە 2009 – يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ 10 – نۆۋەتلىك تەبىئىي پەنلەر مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛
2003 – يىلى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ياش تايانچ، تۆھپىكار شەخس بولۇپ سايلانغان؛
2008 – يىلى ‹‹ شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مۇنەۋۋەر ياش ۋىراچ ›› بولۇپ سايلانغان؛
2009 – يىلى ‹‹ شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتچىسى ›› بولۇپ سايلانغان؛
2009 – يىلى ‹‹ ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى 20 يىللىق تۆھپىكار تىببىي ئىشلار خىزمەتچى ›› بولۇپ سايلانغان؛
2008 – يىلى ‹‹ ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتچىسى ›› بولۇپ باھالانغان؛
2006 – 2010 يىلى ‹‹ ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتچىسى ›› بولۇپ باھالانغان؛
2004، 2006، 2008. 2010 – يىلى ‹‹ ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى مۇنەۋۋەر ئىلمىي تەتقىقات خىزمەتچىسى ›› بولۇپ باھالانغان ؛
2009 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان؛
گۈزەلنۇر ئابلىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر ۋە بايانلار
گۈزەلنۇر ئابلىز ھامىلدارغا بولغىنىغا ئالتە ئاي بولغىنىغا قارىماي خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى يېزا- قىشلاقلىرىغا بېرىپ شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كېسىلىنى كۆرمەكتە
گۈزەلنۇر ئابلىز بېمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە
گۈزەلنۇر ئابلىز ئۆزى تەربىيلەۋاتقان ئاسپىرانتلارغا تەلىم بەرمەكتە
گۈزەلنۇر ئابلىز ئوپىراتسىيەدە…
Hi there, I found your blog approach Google whereas looking for first assist for a heart attack and your publish looks very interesting for me.
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
نىمە ئۇ بالا ئېلىش دىگەن؟
ماۋۇ تېمىنى تۇنجى كومپىيۇتېردا باسقۇچى بالىنى دۇكاندىن ئالامدۇ يا يەكشەنبە بازاردىن ئالامدۇ بۇنى بىلمىدۇق، ماقالىدا تۇغۇش ياكى ئالدۇرۇۋېتىش، پەرزەنتلىك بولۇشتىن ۋاز كېچىش دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى،نەدىن چىقتى بۇنداق ماز گەپلەر……
[بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]
پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!
تەبرىكلەر
ئۇختۇرۇش
يېقىنقى يازمىلار
ئۇلىنىش ئەۋەتىش
يىقىنقى ئىنكاسلار
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك ئەلى ھېسامىدىن ئاكا، ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟ ئائېلىدىكىلەر سالامەتمۇ ؟ ئالدى بىلەن مەن سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزنى ھەم سىزنى تونىماي ...
مۇشۇ مەسىلىلەرنى يېقىنقى 300يىلدا شەكىللەنگەن دېسە گۇمان قىلىمەن. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئۇيغۇر تارىخدىن مۇشۇ توپنىڭ دۇنيا قارىشى،تۇرمۇش قارىشى، ...
رەخمەت ئاكا،شۇنداق جاپالارنى چېكېپسىز،ئاللاھ ئەجرىڭېزنى بەرسۇن.
War of Independence is the best proof.銆侰arney unemployment rate is expected to achieve this goal takes 3 years銆侻eeting noted that ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار : ئالدى بىلەن قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دوستلىرىمىزغا ئىككى دۇنيالىق ياخشىلىق ...
تۇرسۇنجان ئەپەندىم ئالاقىلىشىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن تېلىفۇن چ چ ياكى ئۈدىدار نۇمۇرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم، قېرىنداشلىرىم ئاللاھ سىلەرگە رەخمەت قىلسۇن. مەن ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونۋېرسىتىنىڭ كومپىيۇتېر ...
@مەھمۇد, خەتلەر ئالدى كەينى چىقىپ قالدى بايامقى قالدۇرغان خىتىمدە
شىنلاڭ مىكروبلوگىمغا ئەگىشڭ
ئارخىپلار
كاتېگورىيىلەر
ئاكتىپ بلوگلار
ئۇلانما بېتى
تور بەتلەر
توردىكى قۇراللار
خەتكۈچلەر