Articles in the ئۇنىۋېرسال Category
Headline, ئۇنىۋېرسال, خەۋەر, رەسىم, چەتئەلدە كۆرگەنلىرىم »

سەنئەت ساھەسىدە ئۆز-ئۆزىنى يېتىشتۇرىۋاتقان فرانسىيەدىكى ياش ناخشىچىمىز ژانىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى ئەلى ئىسمائىل بولۇپ، ژانى ئۇنىڭ سەنئەت تەخەللۇسى. 2004-يىلىنىڭ بېشىدا فرانسىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن ژانى ھازىرغا قەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق لىئون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر تىپتىكى سەنئەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرچە ۋە فرانسۇزچە ناخشىلارنى يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى فرانسۇز سەنئەتكارلار ۋە سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بولۇپ، ژانى بۇ سورۇنلاردا ئۇيغۇر ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى فرانسۇزلارغا تونۇتۇشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلىپ كەلدى. بۇلاردىن سرت، ژانى يەنە بىر نەچچە قېتىم يالغۇز كىشىلىك ناخشا كېچىلىكى ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىئوندىكى فرانسۇزلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. فرانسىيە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى-ئوغۇز ئورۇنلاشتۇرغان فرانسىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت فېستىۋاللىرىدىمۇ، ژانى ئاساسلىق ناخشىچى سۈپىتىدە ئاساسلىق رول ئويناپ كەلدى. رانسىيەگە كېلىشتىن بۇرۇن ئاقسۇ سەنئەت مەكتىۋىنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان ژانىنىڭ سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئېيتقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئۇيغۇر ئاممىباپ ناخشىلىرى قۇلاققا يېقىپلا قالماستىن،
Headline, ئۇنىۋېرسال, خەۋەر, چەتئەلگە چىقىش »

ياپونىيە ئەزەلدىنلا پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئەل، ياپونىيە زىمىنى ياكى ياپون مىللىتى تىلغا ئېلىنسا، تەبىئىيلا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرى ئىلغار، تېخنىكىسى دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شۇنداق بىر «تەمتۇزى كۈچلۈك» مىللەت ئوبرازى نامايان بولىدۇ.
مەيلى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلىرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە قارشى ئېلىنىشىدىن بولسۇن ياكى ماشىنىسازلىق جەھەتتە ياپونىيە ئاپتوموبىللىرنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە يېتىپ بارالىشىدا بولسۇن، ياپونىيە خەلقىنىڭ تىرىشچان، ئىجتىھات بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى ۋە كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەس مۆجىزىلەرنى يارىتالىشى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپلا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ياكى قەۋمنىڭ دىققەت ئېتىبارىغا سازاۋەر بولغان. ياپونىيەلىكلەرنىڭ كۈچلۈك ئۇيۇشچانلىقى، ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ يۇز ئابرويىنى قوغداشىتىكى ئۆزگىچە ئۇسۇلى، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداشىتىكى تۇغما خاراكتېرى دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتپەرۋەر كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىماي قالمايدۇ. يېقىنقى ئون نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە، ياپونىيە يەنە ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلىنىپ قالدى. بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن خىزمەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، پەقەت تىرىشىش ئىرادىسى بولسىلا ئوقۇش پۇرسىتىنىڭ بولىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان ياش ئىزدەنگۈچىلەردە ياپون تىلى ئۆگىنىپ، ياپونىيەگە بېرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ، دۆلتىمىز ياشلىرى ئۈچۈن
ئۇنىۋېرسال, جەميەتكە نەزەر, نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار »
مۇسابايوۋ ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى
شىرىپ خۇشتار
1. شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان سودىسى توغرىسىدا قىسقىچە بايان
19-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمى يەنى 1848-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سودا-سانائەتچىلەر ئىگىلىك تىكلەشتە دۇنياغا يۈزلىنىپ، تىجارەت پائالىيىتىنى رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كېڭەيتىپ، تاشكەنت، ئالمۇتا، ئەنجان، سىرۋالىسكى، زەيسەن، موسكۋا، قازان قاتارلىق شەھەرلەردە سودا سارايلىرىنى قۇردى.ئۇنىڭدىن باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىمۇ نەزەر سېلىپ، تيەنجىن، چېڭدۇ، سۇجۇ، خاڭجۇ، شىئەن، لەنجۇ، ۋۇۋىي، جۈچۇەن قاتارلىق شەھەرلەردە ماگىزىنلار ئېچىپ، ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇلار سودا تىجارىتىنى تۈركىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىگە ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىغىچە يەتكۈزدى. ئەنە شۇ زامانلاردا مۇساھاجىم(كېيىنرەك مۇسابايوۋ دەپ ئاتىلىپ دۇنياغا تونۇلغان)، باھاۋۇدۇن …
Headline, ئۇختۇرۇش, ئۇنىۋېرسال, جەميەتكە نەزەر »

شەندوڭنىڭ زىبو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۇۋاتقان AFC U-19 Championship مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسدە جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى مەيدان ئۇتۇپ 8 كۈچلۇك قاتارىغا كىرگەن. مىرەخمەتجان 90 مىنۇت مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر جۇڭگۇ ياشلار كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بولۇپ ھىساپلانغان مۇزەپپەر مىرەخمەدجان ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا شىنجاڭدا تالانتلىق توپچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىگىنى، لېكىن ھەرخىل شارائىتلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان توپچىلارنىڭ 16-17 يېشىدا پۇتبۇل ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىغىنى، ئۈزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا توپ تىپىش ئىكەنلىگىنى ئېيتىقان.