باشبەت » Headline, ئۇختۇرۇش, ئۇنىۋېرسال, جەميەتكە نەزەر

ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسى ئۇيغۇر پۇتبۇلچى مىرەخمەتجاننى زىيارەت قىلدى. مىرەخمەتجان: دۇنيا لوڭقىسدا توپ تىپىش كىينكى نىشانىم. Mirakhmadjon dreams of a career in football

7 ئۆكتەبىر 2010 6,196 قېتىم كۆرۈلدى 8 ئىنكاس

ئاسييا پۇتبۇل  بىرلەشمىسىنىڭ مىرەخمەتجان توغرىلىق يازغان تىمىسى بۇ يەردە.
亚足联关注少数民族球员 买提江:期待能踢世界杯

يىقىنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبۇلچىلىقىدا خوشاللىنارلىق ۋەقەلەر  يۈز بىرىۋاتىدۇ. گەرچە مەن شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبولچىىقىدىن يىقىنقى كەلگۈسىدە چوڭ ئۈمىت كۈتمىسەممۇ لېكىن جۇڭگۇ ۋە خەلقارانىڭ ئاساسى ئېقىمىدا كۆزگە چېلىقالىغان ئۇيغۇر ۋە شىنجاڭ كوماندىلىرى بولۇپ قالسا خەۋەرلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇپ باقىمەن ۋە ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرى ئۈچۈن خوشال بۇلىمەن. بىر نەچچە يىل بۇرۇن ھەر ھەپتە ئاخرىدا ئاۋال قىلىدىغان ئىشىم ھۇررا كۇلۇبى ۋە جۇڭگۇ ب دەرىجىلىكلەر پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسى تور بېتىگە كىرىپ شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسىنى كۆرۈش ئىدى.  بۇ كوماندا مۇسابىقە ئوينىمايدىغان بولۇپ قالغاندىن كىيىن مەنمۇ بۇلارغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىدىم، تاكى بۈگۈن چەتئەلدىكى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تور بېتىدە مىرەخمەتجاننى ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ زىيارەت قىلىپ بەرگەن خەۋىرىنى كۆرگىچە.

شەندوڭنىڭ زىبو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۇۋاتقان  AFC U-19 Championship مۇسابىقىسىنىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش مۇسابىقىسدە جۇڭگۇ ياشلار كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى مەيدان ئۇتۇپ 8 كۈچلۇك قاتارىغا كىرگەن. مىرەخمەتجان 90 مىنۇت مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر جۇڭگۇ ياشلار  كوماندىنىڭ ئاساسلىق توپچىسى بولۇپ ھىساپلانغان  مۇزەپپەر مىرەخمەدجان ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە ئۇلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان. ئۇ مۇخبىرغا شىنجاڭدا تالانتلىق توپچىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىگىنى، لېكىن ھەرخىل شارائىتلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان توپچىلارنىڭ 16-17 يېشىدا پۇتبۇل ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىغىنى، ئۈزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدىنىڭ دۇنيا لوڭقىسدا توپ تىپىش ئىكەنلىگىنى ئېيتىقان. ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ بۇ خەۋىرى جۇڭگۇدىكى نۇپۇزلۇق تەنتەربىيە مېدىيالىرىدا بىرىلگەن ۋە خەۋەر قىلىنغان.

گەرچە مىرەخمەدجان ئۇيغۇر پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرىغا  ناتۇنۇش ئەمەس بولسىمۇ لېكىن پۇتبۇل خەۋەرلىرىنى دۇنيا لوڭقىسىدىن باشقا ۋاقىتتا كۆرمەيدىغانلار ئۈچۈن يىڭى ئىسىم ۋە يىڭى چىراي بولۇشى مۇمكىن.  مىرەخمەتجان بەلكىم  تۇنجى قېتىم ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسىنىڭ تور بېتىگە چىقىپ باققان ئۇيغۇر پۇتبۇلچى بولۇشى مۇمكىن.

خەنزۇچە ۋە ئىنگلىسچە ۋىكىپېدىيا تۇنۇشتۇرلۇشىغا قارىغاندا مىرەخمەدجان قەشقەردە بىر پۇتبۇلچىلار ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ كىچىگىدىن باشلاپ پۇتبۇل ئويناپ چوڭ بولغان، 13 يېشىدا شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبۇل مەكتىۋىگە تاللىنىپ سىستىمىلىق تەربىيە ئالغان ۋە بۇ كوماندىنىڭ U15, U17 ئۈسمۈرلەر ۋە ياشلار كوماندىسىدا توپ ئويناپ كوماندا چىمپيۇن بولغان. لېكىن بۇ كوماندىلاردا توپ ئوينىغاندا ئىپادىسى قانداق بولغان، زاپاس ئەزا سۈپىتىدە ئوينىغانمۇ ياكى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدىمۇ بۇ ھازىرچە ماڭا نامەلۇم. ئۇ يەنە 2008 -يىلى ئۇ  شۇ كوماندىدىكى يەنە بىر سەپدىشى  پەرھاد قاتارلىقلار بىلەن شىنجاڭ لاتارىيە كوماندىسىغا ئارىيەتكە ئېلىپ كىلىنىپ ب دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى ئوينىغان. بۇ ۋاقىتتا لاتارىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى نورمال بولۇپ ئاخىرىدا 6-دەرىجىگە تىزىلغان. 2009-يىلى ئۇ يەنە شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ دۈلەتلىك تەنھەرىكەت يېغىنىغا قاتناشقان لېكىن كوماندا گۇرۇپپىدىن چىقالمىغان ئىدى.  ئۇ 2010- يىلى خېنەن قۇرلۇش كوماندىسىغا ئارىيەتكە ئېلىنىپ شۇ يەردە توپ تېپىۋېتىپتۇ. مىرەخمەتجان 2009-يىلدىن باشلاپ ئارقا ئارقىدىن دۈلەت ئۇلىمپىك كوماندىسىغا، دۈلەت كوماندىسىغا ۋە دۈلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللىنىپ جۇڭگۇغا ۋەكالىتەن توپ تەپكەن. توردىكى خەۋەرلەر ۋە ھۇررا كۇلۇبىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئۇ ئاستا- ئاستا غوللۇق ئەزاغا ئايلىنىقا باشلىغان.

جۇڭگۇدا ھۈكۈمەت تەرەپ  ھازىر جۇڭگۇ پۇتبۇل بىرلەشمسىنىڭ قاتتىق تۆزەۋاتىدۇ، جۇڭگۇ پۇتبۇلچىلىقىىنىڭ ئالدىنقى 10 يىلدىكى مۇھىم شەخىسلەردىن نۇرغۇنلىرى ھازىر تۇرمىدا. مىرەخمەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت توپچىلىرىنىڭ جۇڭگۇ كوماندىسىغا كىرىشى ھۈكۈمەتنىڭ پۇتبۇلنى تۈزەش جەريانىدا ئېلىپ بېېرىۋاتقان بىر قېتىملىك ئۆتكۈنچى سىناقمۇ قانداق ھازىرچە بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ پەقەت بىر قېتىملىق ئۆتكۈنچى شامال بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،  مىرەخمەتنىڭ پۈرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى، كوماندا تۈزۈمىگە ياخشى بويسۇنۇپ تالانتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. ئەگەر ئۇمۇخبىرغا  ئېىيتقان دۇنيا لوڭقىسىداتوپ تىپىش چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرماقچى بولسا ئۇنىڭ بىردنبىر يولى جۇڭگۇ كوماندىسدا ياخشى توپ تىپىش. ئۇيغۇرلاردىن پات پات ئۇ بۇ ساھەدە تۇيۇقسىز جۇڭگۇنىڭ ئاساسى ئېىقىمدا بەس بەس بىلەن خەۋەر قىلىنىدىغانلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ۋاي بۇ خېلى يامان تۇرىدۇ، كىيىنچە چوڭ نەتىجىلەر بار ئوخشايدۇ دەپ ئۈمىت كۈتسەك بىر نەچچە يىلغا قالمايلا سۇغا چۈشكەن تاشتەك يۇقاپلا كىتىدۇ. خەۋىرىنى ئىزدەپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.مىرەخمەتجاننىڭ شۇنداقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماسلىغىنى ئالدىن سەمىگە سېلىپ قويىمەن.

ھۇررا كۇلۇبىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ھازىر ئىچكىردە كەسپى كۇلۇپلاردا توپ تىپىىۋاتقانلاردىن يەنە  بارى، يەھيا، ئەكرەم، ۋەلى قاتارلىقلار بار بولۇپ بۇلاردىن بۇلتۇر ئەكرەم خۇنەن كوماندىسىنى جۇڭگو ئا دەرىجىلىك مۇسابىقىغا چىقىشىغا چوڭ رول ئوينىغان ھەم شۇ يىللىق جۇڭگو ب دەرىجىلىك مۇسابىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىسى ، ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  يەھيا ۋە ۋەلى ھازىر ئىككيلەن لىياۋنىڭ شەرق يولۋىسى كوماندىسىدا غوللۇق كوماندا ئەزاسى ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىكى تۇنۇلغان توپچىلارنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى بۇرۇن ھۇررا كۇلۇبىدا بار بولۇپ ھازىر كۆرۈنمىدى.

بۇلاردىن باشقا يەنە بۇ يىل 6-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتى پۇتبۇل كوماندىسى جۇڭگۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبۇل بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا چىمپيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، ئاپتۇنۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت 100مىڭ يۈۋەن خەلق پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىغان.

ماتىرىىيال ھىساۋىدا ئۇيغۇر بالىلارئۈچۈن  ھازىر پۇتبۇلغا ئائىت خەۋەر ۋە قىززىقىشىرىنى ئورتاقلىشىدىغان تور بەتلەردىن ھۇررا كۇلۇبى، پۇتبۇل تۇرى، پۇتبول مۈنبىرى ، 11 ئادەم پۇتبۇل كۇلۇبى، ئۈزغان مۇنبىرى قاتارلىقلار بار. ئۇيغۇرچە پۇتبۇل ئاتالغۇلىرى: مەيدان ئۈستىدە، ھەرىكەتلەردە،  مەيدان سىرتىدا ۋە تەشكىلدە.  ئۇناىن باشقا يەنە قىززىقسىڭىز ئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبۇل تارىخى. شىنجاڭدىكى 100يىللىق پوتبۇل كەنتى، شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇتبول كوماندىسى قاتارلىقلارنى ئوقۇڭ. CCTV يىقىندا ئىكساق كەنتى ئۈچۈن رىۋايەتلەردىكى شىنجاڭ پۇتبۇل كەتنى ناملىق قسىقا ڧىلىمنى ئىشلىگەن. ئۇندىن باشقا 2008-يىلى شىرزات ياقۇپ رىژىسسورلىقىدا ئىشلەنگەن مەمەتنىڭ 2008-يىلى ئىكساق كەنتدىكى پۇتبۇل قىزغىنلىغىقىنى ئارقا كۈرۈنۇش قىلىپ ئىشلەنگەنىكەن.

ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلارنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى ۋە رەسىملەر توغرىلىق مەزمۇنلار بولسا بۇ تىمىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللاپ قويساڭلار مەن يىڭىلاپ قويىمەن.


8 ئىنكاس بار »

  • تورباجىن :

    خۇشاللىنارلىق ئىشكەنغۇ بۇ!

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • Jeck Blog » Blog Archive » بارىنىڭ بىر توپ بىلەن داڭ چىقىرىشى (رەسىمى FIFA تور بېتىدە) :

    [...] 2-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىرىدىن خوش-خەۋەرلەر توختىماي كىلىۋاتىدۇ. مىرەخمەتجان دۆلەت ئۇلىمپىك كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىدا يىڭى بىر نامايەندە ياراتقانغلىنى ئوقۇپ خوش بۇلۇپ ئولتۇرسام، ئۇ ياقتىن ئۇنى گوللاندىيەدىكى ئامىستېردام پۇتبۇل كۇلۇبى ئاجاكىس ( AFC Ajax)كىلىپ سىناق مەشىقىدىن ئۆتۈپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىپتۇ.  يىڭىدىن يىتىشكەن نوتا ئۆتكۇر دۆلەت ياشلار كوماندىسىدا كاپىتان بولۇپ روسىيەدە مۇسابىقە ئويناپ ئىككىنچى بولۇپ كەپتۇ. بۇنىڭدىن خوش بولۇپ تېخى ھەزىم قىلىپ بۇلالماي ئولتۇرسام تۈنۈگۈن خاڭجۇ لۈچىڭ كوماندىسىدىكى بارى يىڭىدىن باشلانغان بۇ يىللىق ئاسىيا پۇتبۇل كۇلۇبلىرى چىمپيۇنلۇق ئايلانما مۇسابىقىسىدا( Asian Champions League) «بىر پاس، بىر توپ» بىلەن ياپۇننىڭ داڭلىق J مۇسابىقە چىمپيونى ناگويا(  Nagoya Grampus) كۇلۇبىنى 2 دە 0 بىلەن تولۇق مەغلۇپ قىلىپ بىر كىچىدە جۇڭگۇدا تۇنۇلۇپتۇ. جۇڭگۇدا تەنتەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق تېلىۋىزىيە،تور ۋە گىزىت ژورناللاردا ھەممىسىدە بارىنىڭ گەپلىرى باردەك قىلىدۇ.  bali maimaitiyili دەپ ئىزدەپ باقساڭلار چەتئەلدىمۇ نېيوركتا چىقىدىغان گىزىتتىن تارتىپ ھىندىستاندا چىقىدىغانغىچە خەۋەرلەر باركەن. ئۇندىن باشقا بۈگۈن يەنە خەلقارا پۇتبۇل بىرلەشمىسى FiFa نىڭ تور بېتىدە Asian Champions League گە ئائىت خەۋەرلىرىدە بارىنىڭ توپ ئويناۋاتقان رەسىمىنى چىقىرىپتۇ. ھوزۇرلانغايسىلەر. ئۆتكەندە مىرەخمەتجان ئاسىيا پۇتبۇل بىرلەشمىسنىڭ تور ب…. [...]

  • ئاتابېك :

    ئەكرەم «ئۆزبېك»! ئۇيغۇر ئەمەس~

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ئابابەكرى :

    巴力进球了!这是中超历史以来维吾尔球员的第一个进球

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • ناماتمان :

    مەن مىزرەخمەت بىلەن شەندۇڭ لۇنىڭدا بىر كوماندىدا تۇرغان بىرسىنى تونۇيمەن . ئۇنىڭ ئىسمى مەمەتئىلى . لۇنىڭ تەيشەندىكى ئۇيغۇر توپچىلىرى ئىچىدە ئەڭ نوچىسى شۇ ئىدى . ئۇ ھەتتا مىلوشىۋىچقىمۇ ياراپ كەتكەن . ئەپسۇس بىر قېتىمىلىق مۇسابىقىدە ئېغىر يارلىنىپ ، توپ مەيدانىدىن ئايرىلدى .

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • بىدار قۇتلان :

    پۇتبول تارىىىمىزغا دائىر ياخشى بىر ئەسەرنى ئېلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويغان ئىدىم، ھەم بۇ كىتاپقا توردىن چۈشۈرىۋالغان بىر تارىخى رەسىمنى قىستۇرغان ئىدىم، خالىسىڭىز تۇرايىڭىزغا قوشۇپ قويۇڭ، كىتاپنىڭ ئادىرىسى:
    http://ishare.iask.sina.com.cn/f/9990874.html
    http://ishare.iask.sina.com.cn/f/9990768.html

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • قاينام :

    بىز تىخى بىلمەيدىكەنمىز تېمىڭىزنى ئوقۇپ خىلى بىلىمگە ئگە بولدۇم

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

  • شاپۇر :

    شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى توغرىلىق خەۋەرلەر ئاز ئەمەس .
    تۆۋەندە مەن ئۇزغان پۇتبول تورىدىكى شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇللانمىنى . جىك خالىسا مەزمۇن ۋە سۈرەتلەردىن پايدىلانسا بولىىدۇ .
    پىداەوگىكا ئۇزغا بولدى :
    http://xjgoal.com/fm/forum.php?mod=viewthread&tid=85&extra=page%3D1

    [بۇ پىكىرگە ئىنكاس يېزىش Reply to this comment]

پىكرىڭىزنى بايان ئەيلەڭ!

تۆۋەنگە ئىنكاس يېزىڭ, ياكى تور بېتىڭىزدىن قايتىلىما ئەۋەتىڭ. بۇ ئىنكاسلارغا RSS ئارقىلىق مۇشتىرى بولۇپ قويسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

ياخشى،پاكىز، ئىخچام ئىنكاس يېزىڭ. ئىنكاس تىمىغا مۇناسىۋەتلىك بولسۇن.
To type in English press CTRL-K. 要输入中文先按CTRL-K, 再按CTRL-SHIFT

 تۆۋەندىكى خەتكۈچلەرنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ:

تېخىچە باش سۆرەت بېكىتمىدىڭىزمۇ؟ بولۇڭ تىز،باش سۆرەت بېكىتىڭ..